+تېما يوللاش
e-chewendaz يوللانغان ۋاقتى:2016-12-15 17:30 2469 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-15 18:14  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكترون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا  "ئىدراك ئەترىتى"دىكى ئېلېكتر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن!
بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە بىر دانە فىلىم ئىلىپ كەلدىم،يەنى ئاردىينونىڭ ئەمىلىي قوللىنىلشىغا ئائىت بۇ فىلىم كۆپچىلىككە يېڭى ئىلھام بەخىش ئەتسە ئەجەپ ئەمەس،بۇ فىلىمنى ئۈندىداردىكى:"ئالىمجان"  نامىلىق قېرىندىشىمىز تەۋىسىيە قىلغان بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېرىندىشىمىز بىزنىڭ "ئىدراك ئەتىرىتى"مىزگە يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك تەكىلىپ-پىكىرلەرنى بەردى،بۇ يەردە مەن ئەترەت ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن بۇ قېرىندىشمىزغا چىن-كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،رەھمەت سىزگە!
بۇفىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىنىڭ رەسىمى:

بۇ فىلىمدا ئاساسلىقى كونا ئوپتىكا دىسكا قوزغاتقۇچتىن پايدىلىنىپ خەت ياكى رەسىم سىزىش ئىقتىدارىغا ئىگە رەقەملىك كونتىرول سۇپىسى يەنى 3 ئۆلچەملىك پرىنتىرغا ئوخشاش قۇرۇلمىنى ياساپ چىقىش جەرىيانى سۆزلەنگەن،توك يولى،كىتەرلىك دىتاللار  ئۈستىدە تەپسىلى توختالغان،بىراق پروگرامما جەھەتتىكى بىلىملەر بىزنىڭ ئىزدىنىشمىزغا قالدۇرۇلغان،ئەترەت ئەزالىرىمىزمۇ مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىشنى باشلىۋەتتۇق،كۆپچىلىكىنىڭمۇ بىزگە قىتىلىپ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى مۇشۇ تېما ئاستىدا ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز!

فىلىم بۇ يەردە چىقمىسا يوۋكۇ تورىدىن كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.ئادرىسى:http://v.youku.com/v_show/id_XMTg2NDg4NzcwNA==.html
بۇ فىلىم يەنە ئىدراك ئەترىتى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت چ چ توپى بوشلۇقىغىمۇ يوللاندى،شۇ يەردىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
فىلىمدە كىتەرلىك دىتاللار ۋە توك يول ئۇلىنىشى تەپسىلى كۆرستىلگەن،شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە كىتەرلىك دىتاللارنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم:





سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئاردىينۇ ھەۋەسكارى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  تەلىپى بويىچە يېڭىدىن "ئىدراك ئاردىينو ئۈگىنىش يۈرۈشلۈكى" ئالي نۇسىخىدىن بەش يۈرۈش تەييارلىدۇق(ئالي يۈرۈشلۈكنىڭ سۇلىياۋ قۇتىسى قالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قۇتىنىڭ ئورنىغا بىر دانە ئاردىينو نانو تىپىلىق تاختا قىتىپ سوۋغا قىلىنىدۇ)،ئۆزىمىزدە دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەر نۇسخسىدىن تۆت يۈرۈش قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى 9 يۈرۈش يۈرۈشلۈك قالدى،شۇڭا ئىھتىياجى بار قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىتىدا ئالاقىلىشىپ سېتىۋىلىشنى ئەسكەرتىمىز،يېڭى يىلدىن باشلاپ بىردەك يۈرۈشلۈك سېتىشىنى توختىتىمىز.باھاسى بۇرۇنقى باھاسى بىلەن ئوخشاش تەمىنلىندۇ.
يۈرۈشلۈك توغرىسىدا بىلمەكچى بولساڭلار بۇ تېمىنى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ.
سېتىۋىلىشتا مەن بىلەن ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئىدراك ئەتىرىتى ئەزاسى ئەيساجان بىلەن ئالاقىلەشسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ئېلېكتېر چەۋەنداز،يانفۇن:15199881220،چ چ :1401560381،ئۈندىدار:udroid
ئەيساجان، يانفۇن:15299189787،چ چ:409766792

كامالى ئىھىتىرام بىلەن:
ئىدراك ئەترىتى
Idrak team
易达科团队
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
hakanbiz49520. ۋاقتى: 2016-12-15 18:56:24
بۇنىڭ قۇرۇلمىسنى ياسىۋالسا ،پىروگراممىسنى نەقىش ئۇيۇش ماشىنىسنىڭكىدە لاھىيەلەپ بۇيرۇق بەسە بۇلدىغاندەكلا تۇرىدۇ ،بۇ خۇددى نەقىش ئۇيۇش ماشىنىسغا ئوخشايدىكەن مىنىڭ پەرزىمچە شۇ پىروگراممىدا بۇيرۇق بەسە بۇلامىكى ،ئاشۇ نەقىش ئۇيۇش ماشىنىسىمۇ كومپىيوتېر ئارقىلىق بۇيرۇق بىرىپ ئۈسكۈنىگە يوللاپ ئاندىن ئۇيىدۇ
گىلەم
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-12-15 19:13:26
مېنىڭ ئويلىغانلىرىم:
بۇ قۇرۇلمىدا بىرەر رەسىم سىزدۇرۇشتا سىزماقچى بولغان رەسىمنى ئاۋال كودتا سىزامدىغاندۇق ياكى ھەرقانداق رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇق-كەڭلىكلىرىنى بۇ نەرسە سىزالايدىغان ئەڭ چوڭ يۈزگە ماسلاشتۇرۇپ پىلازما ئېكراندەك ئۈستى قۇردىن ئاستى قۇرغا ياكى ئوڭ تەرەپ تىك قۇردىن سول تەرەپ تىك قۇرغا قارتا تۈز سىزىق بويىچە سىزىدىغان قىلىپ يازساق بولغۇدەك.
ئورۇندۇق
ماھىدە ۋاقتى: 2016-12-15 19:56:49
مانا قول ھۈنەر سەنئىتى دىگەن  مانداق ئادەم ھەيران قالدۇرماڭلا
5-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2016-12-15 20:09:28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-15 20:11  

مىنىڭ كاللامغا كەلگەن دەماللىققا كەلگەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ باقاي،

1. ئاۋال بىز سىزماقچى بولغان رەسىمنى ئاق ۋە قارا رەڭ ئىنىق ئايرىلغان بىر رەسىمگە يەنى رەڭسىز رەسىمگە ئايلاندۇرۋالىمىز، ئەلۋەتتە بۇ جەرياننى ئۆزىمىز تاماملىساقمۇ ياكى بىر پروگرامما تۈزۈپ شۇ پروگراممىغا تاشلاپ بەرسەكمۇ بولىدۇ،
2. Android ياكى PC دا رەسىمنى مەلۇم خىل مۇشۇ رەسىمنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۋالىمىز،
بۇنىڭدا PC  نى مىسال قىلسام C# دا سىستېما تەرەپ تەمىنلىگەن Bitmap دىن پايدىلىنىپ رەسىمنىڭ ھەر بىر پىكسىل نۇقتىسىدىكى رەڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ رەڭسىزلەشتۈرۈپ مەلۇم قائىدە بويىچە بارلىق پىكسىلنى ئەمەس بەلكى يۇقارقى قۇرۇلمىدىكى قەلەم بويلاپ ماڭىدىغان تەرتىپلىك قىرلارنى ئىپادىلەپ ئۇنى Arduino غا Com ئىغىزى ياكى كۆكچىش ئارقىىق ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كىرگۈزىمىز،
ئەلۋەتتە بۇ يەردە مۇمكىن بولسا كۆپرەك ئىشلارنى PC ياكى Android تەرەپتە بىر تەرەپ قىلىۋالساق Arduino ئۆزىكىگە چۈشىدىغان بسىىم خىلى تۆۋەنلەيدۇ ھەم شۇنداق قىلىش ياخشى،

ئاندىن Arduino تەرەپتە سىرىتقى ئۈسكۈنىدىن كەلگەن  X, Y, Z قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ IO پۇتلىرىغا ئۇلانغان ماتورلارنى ماس قەدەم بويىچە تەرتىپلىك كونتىرول قىلساق بولىدۇ،

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق مەسىلە قەلەمنىڭ ئىزى سىزىلىدىغان ئىزلارنى قانداق قىلىپ ئەڭ ياخشى ھالەتتە پروگراممىدا ئوبرازلىق ئىپادىلەش، بۇ باسقۇچنى ياخشى ئورۇندىمىساق پۈتۈن بىر قۇرۇلمىنىڭ ئىش سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ،
يۇقارقى تورداش دىگەندەك قۇرمۇ-قۇر، رەتمۇ-رەت سىزىدىغان قىلساق بىر تال چىكىتنى سىزىش ئۈچۈن پۈتۈن قەغەزنىڭ يۈزىدە مىڭىشى كىرەك، ئەڭ مۇھىمى دەل نۇقتىدا توختاپ ۋە قوزغىلالماي رەسىمنىڭ چاپاق بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنى رەسىمنىڭ سىزماقچى بولغان يىرىنىلا مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە ساقلىۋالساق ياخشى،

ھەم مۇنداق قىيىنچىلىقلار بار،
قەدەملىمە ماتور يەنى ماس قەدەملىك ماتورنىغۇ سۈرئىتى ئايلىنىش قىتىم سانىنى دەششەت توغرا كونتىرول قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، لىكىن بىماس قەدەملىك ماتور بولۇپ قالسا سۈرئەت ۋە ئايلىنىش قىتىم سانىنى قاتتىق كونتىول قىلىش مۈشكۈل ئىشنىڭ بىرى،

بۇلاردا Arduino C, C++ تىللىرىغا پىششىق بولمىسىڭىز، كومپىيۇتېر ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەردە قوللىنىشقا بولىدىغان بىرەر پروگرامما تىلىنىڭ رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قىسمىنى پىششىق بىلمىسىڭىز ھەم ئاز پاز ماتېماتېكا بىلمىسىڭىز، تىخى ئىلىكتىروندىنمۇ مۇئەييەن سەۋىيەرىڭىز بولمىسا، ماس قەدەملىك، بىماس قەدەملىك ماتورلارنى چۈشەنمىسىڭىز بۇلارنى قىلغىلى بولمايدۇ

چوقۇم Arduino شەرىت ئەمەس، 8051 بولامدۇ ياكى باشقا ئۆزەك بولامدۇ، Node MCU, Raspberry ياكى Espruino بولامدۇ قايسىسى بولسا بولىۋىرىدۇ.

ئەمدى دىمەككە مۇشۇنداقراق بولغىنى بىلەن ئاسان ئىش ئەمەس ھەم بەك قىلالمىغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن بۇ،
ئويلاپ باقسام يۇقارقىلار مەندە بار ئوخشايدۇ،
خىزمەت ئالدىراشچىلىقى تۈگىگەندە ئۆزۈمنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم ئۆزۈم بىرنى ياساپ باقىمەن،
6-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-12-15 22:58:48
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم  مەن پىراگىرامما يېزىشنى بىلمەيمەن لىكىن بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ باقاي بۇ مۇدىلنىڭ  ئىش ئىشلىشى   خۇددى   كومپىيوتۇرلۇق  كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئىش ئىشلىشىگە ئوخشايدىكەن  كۇرۇپ باقىمەن دىسەڭلا يۇكۇغا   خەنزۇچە  گۇل ئىشلاش كىيىم تىكىش ماشىنىسى ياكى  كومپىيوتۇرلۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسى دەپ يېزىپ ئىزدەپ باقساڭلار بۇلىدۇ  بۇ كىيىم تىكىش ماشىنىسىغىمۇ  مەلۇم دىتال بىلەن تىكىش يولىنى تەھرىرلىۋېلىپ ئاندىن  ماشىغا كىرىگىزدۇ  دىمەكچى بولغىنىم  پىراگىراما يازىدىغان دوسلارنىڭ شۇ گۇل ئىشلەش ماشىنىسىنىڭ گۇل تەھرىرلەيدىغدن دىتالنى ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن  ياكى تىتالنى يەشكىلى بولسا كوتىنى ئىشلەتكىكى بولامدۇ دىگەندەك ، ئالدىنقى بىر قېتىم روھلان تورىدا  دىققان ئوغلى دىگەن ئۇستاز  بىر ماتىريال ئىۋەتىپتىكەن لىكىن ئىسىمدە قالماپتۇ ئەتىگىچە ئىزدەپ باقاي ئۇمۇ دەل شۇنداق دىتالغۇ دەيمان ئەتىگىچە يەنە پىكىرلىشەمىز ،
7-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-12-15 23:14:38
مۇشۇدىتالدەك دىتالنى دىمەكچى توپىدىكى تېلفۇن نۇمىرى دىققان ئوغلى دىگەن ئۇستازنىڭ نۇمىرى ئوخشايدۇ روھلان تور بىتىدىن ئەپكەلدىم بو رەسىمنى بەلكىم كومپىيوتۇرلۇق كىيىم تىكىش دىتالى باشقا دىتال بۇكىشى مۇمكىن  بىلىمىم كوپ بولمىغاچ سىلەرگە شۇنچىلىك لا دىيەلدىم  ئۇستاتلىق قىلغىنىم يوق شەخسى قارىشىم خاتا گەپ قىلغان بولسام ئەپۇ سورايمەن،

8-قەۋەت
Machine_Cat ۋاقتى: 2016-12-16 23:00:24
كۈندە نەچچە خىل ئۆزگۈرۈيدىغۇ ئالىپ ،بۇنداق نەرسىلەردە ئاساسلىقى «يۇمشاق دىتال»ئېيتقاندەك ئاۋال سۈرەتنى رەڭسىز «bmp»شەكىلدە ساقلايمىز ،ئاندىن بۇلارنى ئىككى ئۆلچەملىك ماترىكىسقا ئايلاندۇرۇپ ،ئاندىن مەخسۇس پىروگراممىلار قەلەمنىڭ ئىز ئۇچۇرلىرىنى ئاردىيونوغا يوللاپ بەرسە بولىدىكەن دەپ ئويلىغان مەن ،لىكىن ھەممە يەردە ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچتىن چىقىدۇ دەپتۇ ،مەن نەچچە دىسكا ئوقۇغۇچنى چۇۋۇدۇم ئادەتتىكى ماتور چىققاننىدى ،شۇڭا تىخىچە سىناپ باقمىغانتىم ،ھازىر تاۋباۋنى ماتىلىسام بەش سوم دەپتۇ ،ۋاقتىم چىققاندا سىناپ باقامەن .
9-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-12-16 23:20:45
مىنىڭچە بۇ قۇرۇلمىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قېرىنداش(ماي قەلەم) نىڭ  ئورنىغا ئېرىتىلگەن سۇلياۋ قۇيۇش بېشى ۋە سۇلياۋ ئېقىشىنى كونترول قىلدىغان باش قوشۇپ، كودلارنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرساق 3 ئۆلچەملىىك (3D) پرېنتىر پۈتكۈدەك،
10-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2016-12-20 14:09:06
ماۋۇ خىلى بوپ قالىدىكەن ، قۇرۇلمىسىنى ياساپ باقاي ، كودىغا كەلگەندە ھە-ھۇ دىيىشەرمىز .
11-قەۋەت
xjera ۋاقتى: 2016-12-23 22:54:40
ئۆتكەن يىلى ياساپ باققان ئىدىم، قەلەم قىستۇرۇپ خەت يازدۇرساق يازغان خەتلىرى شۇنداق چىرايلىق چىقىدىكەن،  لازىر نۇر بىشى ئورناتساق قارا رەڭلىك قەغەز، سۇلياۋ...قاتارلىق نەرسىلەرگە خەت ئويساقمۇ شۇنداق نەپىس چىقىدىكەن،ئەسلى 3D پىرىنتىرغا ئۆزگەرتىپ سىناپ بداقماقچى ئىدىم،ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم، 1يىل بولدى، توپا بىسىپ تۇرىدۇ .
12-قەۋەت
hoxbulah ۋاقتى: 2017-1-16 03:53:02
بۇ ماشىنانىڭ پىروگىراممىسى لازىممۇ؟
مەن بۇ ماشىنانىڭ پىروگىراممىسنى تاپتىم!
13-قەۋەت
hoxbulah ۋاقتى: 2017-1-16 04:10:37
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2016-12-15 20:09
مىنىڭ كاللامغا كەلگەن دەماللىققا كەلگەن ھەل قىلىش ئۇس ...

توغرا ئويلاپسىز شۇ سىز دىگەندەك بىر قانچا دىتال بىلەن تاماملايدىكەن!
دىتالىنى ھەم ئشلىتىپ سىنىغان سىنلىق دەرسلىكى بار ئكەن!
14-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2017-1-20 16:00:23
hoxbulah يوللىغان ۋاقتى  2017-1-16 04:10
توغرا ئويلاپسىز شۇ سىز دىگەندەك بىر قانچا دىتال بىلەن ...

يوللىڭە كۆرۈپ باقىلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部