+تېما يوللاش
uyghur-svip يوللانغان ۋاقتى:2015-10-26 23:24 2396 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur-svip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-26 23:52  

ئون يىللار بۇرۇن «ئۇچۇر دەۋرى» دېگەن ئاتالغۇ تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە سىڭىپ كىرگەن ئىدى. ئەمدى يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن «چوڭ مەلۇمارتلار دەۋرى» دېگەن ئاتالغۇ «ئۇچۇر دەۋرى» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بولدى(ئامېرىكا – ياۋروپا ۋە بىر قىسىم تەرەققىي قىلغان رايونلاردا). «ئۇچۇر دەۋرى» دەۋرى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت تورى… دېگەنلەردە مەشغۇلات قىلىشنى كۆرسىتەتتى. ئەمدى ھازىر بولسا يۇقارىقىلارغا ئەقىللىق يان تېلېفون، ئەقىللىق سائەت، تاختايچە(تاختا كومپيۇتېر)… دېگەندەك يېڭى ۋە تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر قېتىلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەنئەنىۋىي تور سودىسى، بانكا كەسپىدە 180 گىرادۇس بۇرۇلۇشلار بارلىققا كەلدى. ئالدىنقى ئۇچۇر دەۋرىدە تېڭشۈن، ئەلى بابا، 360 دېگەندەك دۆلەت IT ماگىناتلىرى بارلىققا كېلىپ ئۇچۇر-تېخنىكىسىدىن ئىبارەت قورال بىلەن جۇڭگونىڭ بازار ئىقتىسادى، سودا تۈزۈلمىسى، بانكا كەسپى، خەۋەرلىشىش كەسپى ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىدى. كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا تاۋباۋ قاتارلىق سودا توربېكەتلىرىدىن ماس سېتىۋالالايدىغان؛ چ چ ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق تېلېفونىدا تۇرۇپلا پاراڭلىشالايدىغان، مال سېتىۋالالايلايدىغان؛ 360 نىڭ ھەقسىز ۋىرۇس تازىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى ۋە يۇمشاق دېتال، سىستېما كاشىلىلىرىنى ناھايىتى تېز ۋە ئاسانلار ھەل قىلىۋالالايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە تور سودىسى ئەنئەنىۋىي سودىنى ھالاكەت گىردابىغا ئەكىلىپ قويغىلى تۇردى. ئۇنىڭغا قېتىلىپ بانكا كەسپىمۇ چوڭ خىرىسقا ئۇچرىدى. ئەلى بابا، تېڭشۈن، جىندوڭ قاتارلىقلار توردا ماس سېتىۋالسا، بانكا كارتىسىدىن باشقا ھېساباتقا پۇل ئاغدۇرسا مۇلازىمەت ھەققى ئالماسلىقتەك نىزام بىلەن بانكىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. لېكىن بۇ قەررەر يۈز بېرىشى ئېنىقلا ئىشتە.
ھەر ئىشنىڭ بىر ياخشى تەرىپى بولغىنىدەك بىر يامان تەرىپىمۇ بولىدىكەن.

2000- يىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلغىچە ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا QQ بىر پۈتۈن ئىنتېرنېت تورىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان سىموۋول ئىدى. شۇ ئارىدا كۆپلىگەن مىكروبىلوگ، چايخانا، مۇنبەرلەر قۇرۇلغانمۇ بولدى، ئەمما ھەممىدىن ئالقىشقا ئېرىشكىنى يەنىلا QQ بولۇپ قالدى. 2007-يىلى 1-ئاينىڭ9-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ جوبس باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا iPhone ئىبارەت دەۋر بۆلگۈچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيا خارەكتېرلىك تېخنىكا ئىنقىلابىغا ئوت پىلتىسى بولدى. يېغىنچاقلىغاندا ستېۋ باشچىلىقىدىكى ئالما شىركىتى دۇنيانى ئۆزگەرتىۋەتتى. كېيىنكى قەدەمدە ئاندرويىد ۋە Windows يادروسىدىكى WindowsPhone لار ئېلان قىلىنغانمۇ بولدى.


يېقىندا Windows10 مەشغۇلات سىستېمىسى ئېلان قىلىنىپ، مىكروسوفت تارىخىدا بىر نەچچە رېكورتلارنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھەممىدىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بولدىنى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە Windows 8 دىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسىدىن ئورۇن ئالدى.
Windows 10 نى ھەقسىز يېڭىلىيالىدۇق. ئۇندىن بۇرۇنقى Windows مەھسۇلاتلىرى خېلى قىممەت بولغاننىڭ ئۈستىگە نەشر يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ پۇل سەرپ قىلاتتۇق. بۇ قېتىم مىكروسوفت Win7/Win8 ئىشلەتكۈچىلىرىگە ھەقسىز ھالدا Windows 10 سىستېمىسىغا يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلىدى. بۇنداق بولغاندا ئۇلار زىيان تارتماسمۇ؟ ئەلۋەتتە تارتمايدۇ! چۈنكى ئۇلار سىستېمىغا ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز، يان تېلېفون نومۇرىڭىز، تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز، خىزمىتىڭىز ۋە قىزىقىشىڭىز قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۇلارغا تەمىنلەش ھېسابىغا Windows 10 سىستېمىسىغا ئېرىشتىڭىز. بۇ بەلكىم كۆپۈنچە كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما مىكروسوفت شىركىتى ئۈچۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان «بەشىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى دەۋرى» گە ئېلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇنلىغان پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. خوش، قېنى «بەشىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى دەۋرى» قانداق دەۋر؟
ھەممە نەرسە تور ئارقىلىق. مەسىلەن سىز تاۋباۋ تورىدىن كۈزلۈك كىيىم سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ كىيىم كۆرۈۋاتقان بولسىڭىز نەچچە مىنۇتقا قالمايلا تاۋباۋ تورىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە ئەڭ سېتىملىق بولغان كۈزلۈك كىيىم ئۇچۇرى پەيدا بولىدۇ(بۇ ئىقتىدارنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئىككى ئۈچ يىلچە بولدى). سىز كىيىمنى سېتىۋالدىڭىز، دۇكان سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى دەلىللەپلا سىزنىڭ ئادرېسىڭىزغا مال سېلىۋېتىش تالونى كېسىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن سىزنىڭ سېتىۋالغان كىيىمىڭىزگە قوشۇلۇپ ئوماق قىزىڭىز ياكى ئوغلىڭىزنىڭ نامىغا ئاتاپ ئەۋەتىلگەن سوۋغاتنى بىللە تاپشۇرۇۋالىدىغان بولىسىز. چۈنكى سىز ئىنتېرنېت تورىغا چىققانلا بولسىڭىز ئۆزىڭىز، ئائىلە ئەزالىرىڭىز، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرى مەلۇم بىر مۇلازىمتېردا ساقلىنىپ، سىزگە ۋە سىزنىڭ تونۇشلىرىڭىزغا باغلانغان بىر مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل مۇلازىمەتنى قانداق شىركەتلەر يىغىدۇ دەپ سورىسىڭىز: مىكروسوفت، گۇگۇل، ئالما، تېڭشۈن، تاۋباۋ، 360 قاتارلىق شىركەتلەر يىغىدۇ. ئاندىن ھەربىر يىغىلغان ئادەمنىڭ ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەت تورى چەمبىرىكىنى نەچچە يۈندىن، ھەتتاكى نەچچە يۈز يۈنگىچە كېرەكلىك بولغان سودا تور بېكتى، سودا دۇكىنى… ئەلەي-بەلەي، مېتال-قەلەيلەرگە سېتىپ بېرىلىدۇ. بۇغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن.


ئالما شىركىتى iPhone تېلېفونىغا تېلېفون ئىگىسىنىڭ بارماق ئىزى ئارقىلىق تېلېفون قۇلۇپىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى قوشتى. قارىماققا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقاندەك، ئەمما بۇنىڭ كەينىگە «ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى» نىڭ قارا قولى يوشۇرۇنغان. يوشۇرۇنغان دېيىش سەل سىپايە بوپ قالدىمۇ قانداق؟ ئېنىقلا بۇ «ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى»غا كىشىلەرنىڭ بارماق ئىزى ئۇچۇرى ۋە سالاھىيىتىنى توپلاپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئاشكارە جاسۇسلۇق! يەنە ئېلىپ ئېيتساق ئۈندىدار توپلىرىدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە نەچچە كۈنلەردىن بېرى بىر ئۇچۇر دىقىتىمنى تارتىپ قالدى. ئاساسلىقى 20 سومنى سىزگە بىكارغا بېرىدىكەن. نېمەدېگەن ياخشى ئىش بۇ! جان بېقىش تەسلىشىپ كېتىۋاتسا مۇشۇنداق جۇڭگونىڭ FaceBook بولغان ئۈندىداردا بۇنداق ئۇچۇر تارقىلىۋەرسە، بۇنىڭغا ئالدىنىدىغان ئادەم نەچچە مىليونغا يەتسە ھېسابلاپ كۆرۈڭ، قانچە مىليوننى چېچىۋەتكەندۇ؟ نەدىمۇ بۇنداق كالۋالىق بار؟!!! بىلسىڭىز ئەسلى كالۋا ئۇلار ئەمەس، دەل ئاشۇ 20 سومنى ئېلىشنىڭ قەستىدە بولغان سىز. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇنداق 20 سومنى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىڭىز نومۇرى ۋە ئىم(پارول)ىنى ئۇلارنىڭ بىلىۋېلىشى تامامەن مۇمكىن. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرەيلى: ئاۋۇلار ئىمنى ئوغۇرلىمىدى دەيلى، بىراق بانكا كارتىڭىز سىزنىڭ كىملىكىڭىزگە ۋە يان تېلېفون نومۇرلىرىڭىزغا باغلانغان. بېشىدا دېگىنىمىزدەك سىزنىڭ ئۇ ئۇچۇرلىرىڭىز ۋاقتى كەلسە پۇل دېگەن گەپ. چۈنكى ھازىرقى «چوڭ مەلۇماتلار دەۋرى»دە كىمدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇر بولدىكەن، ئۇ ئەڭ باي ۋە كۈچلۈك! يەنە تېخى قىزىل بولاق(红包)-خوڭباۋ دەيدىكەنسىلەرغۇ، شۇنىڭدىمۇ ئاز بولمىغان توزاقلار يوشۇرۇنغان. قىزىل بولاقنى دوست بۇرادەرلىرىڭىز ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ ئەۋەتسە ئىشىنىڭكى، ھەرگىزمۇ ئانداق كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان قىزىل بولاقچىلارنى ئېلىشنىڭ قەستىدە بولماڭ.

20140311103215-1188336222.jpg (59.76 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

20140311103215-1188336222.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +121 يىغىش سەۋەبى
15001544754 + 20
بونجۇق + 30
elijan628 + 30
ئۆمەرجان + 21 مەن قوللايمەن
قانخور731 + 20

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
لەغمەن ۋاقتى: 2015-10-27 00:13:35
ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىگە بولغان تەپسىلىي چۈشەنچە بولۇپتۇ  رەھمەت
گىلەم
Uyghur0795 ۋاقتى: 2015-10-27 00:32:38
ياخشى تېمىكەن
ئورۇندۇق
008 ۋاقتى: 2015-10-27 00:36:12
ئ‍وۋ تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز ئەمما ناھايىتى توغرا تەھلىل قىلىپسىز
5-قەۋەت
boptula ۋاقتى: 2015-10-27 00:42:09
ياخشى تېما بوپتۇ رەھمەت سىزگە ، خېلى جىق بىلىملەرنى بىلىۋالدىم
6-قەۋەت
sabatlik ۋاقتى: 2015-10-27 01:48:04
ياخشى تىما
7-قەۋەت
0996faruk ۋاقتى: 2015-10-27 07:58:01
تەسەۋۇرغا ھەقىقەتەن بايكەنسز مەن  بۇنداق ئىنچىكىلەپ ئويلاپ كەتمەپتكەنمە دىگەن لىرىڭىزتوغرا.  بىكادا  ئىش يوق يوق. تۇخۇدا چىش يوق .دىگەن گەپ  با  ئەمەسمۇ  
8-قەۋەت
قانخور731 ۋاقتى: 2015-10-27 10:39:37
ھەقىقەتەن بىر ياخشى تېما بولۇپتۇ سىز گە رەھمەت
9-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2015-10-27 10:55:49
ھەقىقەتەن توغرا تەھلىل بوپتۇ رەھمەت سىزگە كۈزمىزنى بىرئېچىپ قويدىڭىز ،ھەممە قېرىنداشلىرىم ئ‍ەمدى كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى ھازىر بىكادىن بىكاغا داداڭلىمۇ پۇل بەمەيدۇ ئ‍ۇنداق ئ‍انچە پۇل بىردىكەن مانچە پۇل بىردىكەن قۇرۇق ياۋداق گەپلەرگە ئ‍ىشەنمەيلى خۇراپىلىقنى تاشلايلى بۇ ئ‍ۈزمىز ئ‍ۈچۈن پايدىلىق
10-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2015-10-27 12:03:30
ئىش سز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددى ھەم مۇرەككەپمۇ ئەمەس. بەزى سۆزلىرىڭىز سىزنىڭ پەقەتلا تەسەۋۋۇرىڭىز خالاس. قىسقىسى بۇ تېما سۆزلەشكە ئەرزىمەيدىغان تېما
11-قەۋەت
uyghur-svip ۋاقتى: 2015-10-27 12:05:14
سىزدەك نادان ئادەمگە جىق گەپتىن سۈكۈت ئەلا
12-قەۋەت
穿越火线 ۋاقتى: 2015-10-27 13:11:28
تېمىدا دىيىلگىنى ھەقىقەتەن توغرا،،،ئەمما لىكىن   «بەشىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى دەۋرى»    ماۋۇ  مىنىڭچە بىكا گەپ
13-قەۋەت
tanha8828 ۋاقتى: 2015-10-27 13:27:52
شۇنداق شەخسى ئۇچۇرلىرىمىزغا دىققەت قىلساق بولغۇدەك... ھەممە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ يامان تەرىپىمۇ باردە ...
14-قەۋەت
ھەسەلچى ۋاقتى: 2015-10-27 17:06:33
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار تۆنۆگۈن ئالىپ تورىنى قوزغاتسام يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى كەپتىكەن ، يېڭىلىسام خەنچە بوپ قالدى . ئۇيغۇرچى يېڭىلانمىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
15-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-10-27 17:10:56
قاتتىق  دىققەت   قىلساق  بولغۇدەك ، جاھاندا  ھېچ قاچان بىكالىق  نەرسە  يوق !
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部