+تېما يوللاش
qeqnus يوللانغان ۋاقتى:2017-12-14 13:49 6590 قېتىم كۆرۈلدى 32 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qeqnus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-14 13:52  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپداشلار .
مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيۈمنىڭ تورى توختاپ قېلىپ كومپىيۇتېردا تورغا چىقىش قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى . يانفۇنۇم خوشنامنىڭ تورىغا ئۇلىنىدىغان بولغاچقا يانفۇنۇمنىڭ ‹ كارى  يوق ›
تورغا پۇل تۆلەي دېسەم ماۋۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئۆيلەرنى چېقىلىدۇ دەپ يېزىپ قويغىلى يېرىم يىل بولدى ، يەنە كېلىپ تۆمۈر يول خەۋەرلىشىشنىڭ تورى قۇلۇلە كەبى ئاستا شۇڭلاشقا خىيالىمدا ئۆزۈمدە بار بولغان سىمسىز تور كارتىسى ئارقىلىق خوشنامنىڭ تورىنى ئىشلەتمەكچى بولدۇم ئۇ تورغۇ ئۇلاندى ، لېكىن سىمسىز تور كارتام 150 مىگالىق بولغاچقىمۇ تور يەنىلا تاشپاقا ...
شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆزىمىزدە بار بولغان روتېرنى ( لۇيوۋچى ) تور كۈچەيتكۈچ ئورنىدا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن بىر كۈن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئالىپقا خاتىرە ئورنىدا ساقلاپ قويۇش ۋە مۇھتاجلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىم :

روتېرنى سىمسىز تور كۈچەيتكۈچ ئورنىدا ئىشلىتىش :
كېرەكلىك ماتىرياللار :
1- سىمسىز تارقاتقۇچ روتېر
2- WIFI مەخپىي نومۇرى  ياكى WIFI مەخپىي نومۇرىنى كۆرگىلى بولىدىغان يانفون .
مەشغۇلات :
1.سىزدە ئۆزىڭىز ئۇلىماقچى بولغان سىمسىز تورنىڭ پارولى بولىشى كېرەك . ئەگەر پارولنى بىلمىسىڭىز WIFI پارولى تەكشۈرگۈچ بىلەن پارولغا ئېرىشىڭ .
2. روتېرنى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ، كومپىيۇتېر تور كۆرگۈچ سىتونىغا 192.168.1.1   ياكى 192.168.0.1 ( روتېرنىڭ ئارقىسىدىكى قەغەز ماركىدا تەپسىلاتى بار ) .

روتېر باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئۆتكەندىن كېيىن - باشقۇرغۇچى ئىسىم پارولى بىلەن باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ : ( روتېرنىڭ ئارقىسىدىكى قەغەز ماركىدا تەپسىلاتى بار ).


3. روتېرنىڭ سىمسىز تور تەڭشەك رايونىغا 无线设置 كىرىپ ، ئاساسى تەڭشەك 基本设置 غا كىرىڭ . ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز ئاساسىي تەڭشەك پارامېتىرلىرى بار .


ئاۋال 开启WDS نى تاللاپ WDS نى ئېچىڭ ( بۇ ئىقتىدار يانفۇنىڭىز ئەتراپتىكى سىمسىز تور سېگنالىنى ئىزدەپ تاپقانغا ئوخشاش - روتېرمۇ ئەتراپتىكى سىمسىز تورنى ئىزدەش ئىقتىدارى ) . ئاندىن ئاستىدىكى 扫描 نى بېسىپ سىمسىز تورنى ئىزدەشنى باشلاڭ .


رەسىمدىكىدەك بىر قاتار سىمسىز تورنى ئىزدەپ تاپىدۇ . شۇلار ئارىسىدىن سىز ئۇلىماقچى بولغان ، يەنى سىز پارولىنى بىلىدىغان سىمسىز تورنى ئۇلاشنى 连接 بېسىڭ .



يۇقارقىدەك كۆزنەكتە شۇ سىز ئۇلىماقچى بولغان تورنىڭ پارولىنى كىرگۈزۈپ ‹ ساقلاش › نى باسقاندىن كېيىن ئەگەر خاتالىق ئۇچۇرى چىقسا شۇ ئۇچۇرغا دىققەت قىلىڭ ، ئۇچۇر مەزمۇنىدىكى سېگنال يولى 信道 پارامېتىرى قانچە ئىكەن ، شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋېلىپ ، يۇقارقى رەسىمدىكى 信道 دىگەن ئورۇنغا شۇنچىنى تاللاپ بېرىڭ ، ئاندىن ‹ ساقلاش › نى بېسىڭ .
بۇ ۋاقىتتا روتېر قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، رەت قىلىڭ ئاندىن DHCP服务器 غا كىرىپ بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋېتىڭ ! چوقۇم تاقىۋېتىشىڭىز كېرەك !
بۇ يەردە بىر قايتىلانما مەزمۇن بار . ئەگەر سىز ئۆيىڭىزدىكى روتېرنى ھەم سىمسىز تور سېگنالى قوبۇل قىلىپ ھەم تارقىتىپ بەرسۇن دىسىڭىز 开启无线功能     开启SSID广播 لارنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇيڭ ، ئەگەر سىمسىز تور تارقاتمىسۇن دېسىڭىز توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىڭ .يەنى ئاستىدىكى رەسىمدىكى 3 - رايۇن :



开启SSID广播 نىڭ سىمسىز تور نامىنى ئاشكارىلاش ۋە يۇشۇرۇش رولى بارلىقىنى بىلىسىز ھەقىچان ، ئەگەر تورنى يۇشۇرۇپ قوياي دەپ ئويلىسىڭىز 开启SSID广播 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ ، يانفۇنىڭىزدا سىمسىز تور ئۇلاش رايۇنىدا 其他  دىگەننى بېسىپ ، يۇشۇرۇپ قويغان سىمسىز تورىڭىزنىڭ نامىنى كىرگۈزۈپ ئۇلاشنى باسسىڭىز ئۇلىنىدۇ .
... ئەمدى روتېرنى قايتا قوزغىتىڭ ......
كومپىيۇتېر ۋە يانفۇنىڭىز تورغا ئۇلاندى ....

فورماتلانماس بولۇپ قالغان بارماق دىسكا ، كارتىلارنى فورماتلاش :




مەن بۇنداق فورماتلايدىغان دېتاللارنى كۆپ ئىشلىتىپ ، بەزىللىرىدە فورماتلىيالماي ... دېگەندەك بولۇپ تاشلاپ قويغان ئىككى بارماق دىسكا ۋە نەچچە تال كارتا بار ئىدى . تۆنۈگۈن سېستىمىنى كۆتىرىش ئۈچۈن كۆپ ئېتىشىپ خىلمۇ خىل دېتاللارنى قاچىلاپ 16گىگابايتلىق بارماق دىسكىدىن يەنە بىرنى نىمجان قىلىپ قويدۇم . سېستىما قاچىلاشنى بەيدۇدىن ئىزدەپ يۈرۈپ Ultra ISO نى سىناپ بېقىش خىيالىدا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قوزغىتىپ بارماق دىسكىغا ھېلىقى نىمجان بولۇپ قالغان بارماق دىسكىنى سالسام سانلىق مەلۇماتلار ئوڭۇشلۇق يېزىلىپ ، ئاخىرىغا كەلگەندە مەغلۇپ بولدى . شۇنىڭ بىلەن Ultra ISO نىڭ ئۆزىدىكى فورماتلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ نىمجان بارماق دىسكىنى فورماتلىسام ئوڭۇشلۇق فورماتلىنىپ بارماق دىسكام ئېچىلدى . شۇ ھەيرانچىلىقتا باشقا بۇزۇق بارماق دىسكا ۋە كارتىلارنى سىنىسام ھەممىسى فورماتلىنىپ ئېچىلدى . شۇ خۇشاللىقىمدا مەندەك بېشى قاتقانلار پايدىلانسۇن دەپلا يۈگرەپ كىرىشىم .




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش73 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن13 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

32ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
uqkun77 ۋاقتى: 2017-12-14 17:15:03
ساقلاپ قويغۇدقويغىدەك بىلىم ئىكەن، رەھمەت سىزگە
گىلەم
13070082338 ۋاقتى: 2017-12-14 17:28:34
سىز دېگەن سىمسىز روتىرى ھەر قانداق روتېر بولسا بولىۋېرەمدۇ ، ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلەتكەن سىملىق تورنى سىمسىز تورغا ھەم كۆپ كومپيۇتېرغا ئۇلىغىلى بولىدىغان روتېر دېمەكچىمۇ يا؟ياكى باشقا خىلدىكى روتىر بولسا ئاندىن بولامدۇ ياكى ھەر قانداق روتېردا شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ،ئىرنمەي دەپ بېرىڭە ، ئۆيدىكى روتېرنى بولسا شۇنداق قىلىپ ئىشلىتەتتىم.
ئورۇندۇق
ITboss ۋاقتى: 2017-12-14 18:18:55
بۇنىڭدا تىلىفۇندا قۇبۇل قىلغاندىكىدىن يىراقراق يەردىكى سىمسىز تورلارنىمۇ قۇبۇل قىلغىلى بولامدىكەن
5-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-12-14 18:25:43
13070082338 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-14 17:28
سىز دېگەن سىمسىز روتىرى ھەر قانداق روتېر بولسا بولىۋېر ...

سىمسىز تور  تارقىتىش ئىقتىدارى بار ھەر قانداق روتېردا  بولىشى مۇمكىن ،  مەن  سىنىغىنىم    تىپى لىنك   بىلەن   شۈيشىڭ
6-قەۋەت
bulbulla ۋاقتى: 2017-12-14 19:14:03
مەن بۇلتۇر tenda نىڭ روتىرىنى 无线网نىڭ ئانتىنا قېپىغا سېلىپ روتىرنىڭ ئانتىناسىنى 无线网نىڭ ئانتىناسىغا ئۇلاپ چوڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە قارىتىپ قۇيۇپ ئاندىن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۆزىسىگە usbتور كارتىسىنى قوللايدىغان روتىرلىك قۇبۇللىغۇچ ئارقىلىق قۇبۇللاپ كومپىيوتىرئىشلەتمەيلا سىمسىز تارقىتىدىغان قىلغان ئىدىم.ئارلىقنىڭ 600مېتىر كېلىشىگە قارىماي چۈشۈرۈش سۈرئىتى 4مىغا غا چىقاتتى خۇددى چوڭ ئۆيدىكى سىمسىز تورنى بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندەكلا تىز ئىدى كېيىن چوڭ ئۆيدىكى تورنىڭ ۋاقتى توشۇپ توختىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزۈم تور ئەكىرىۋالدىم ھازىز ئۇ بىرنەرسىلەر بىكار تورىدۇ.ئىھتىياجلىقلار بولسا ياردەمدە بولىمەن,مەن ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر



7-قەۋەت
يەكەن520 ۋاقتى: 2017-12-14 19:20:16
ياخشى تىما بوپتۇ
8-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 2017-12-14 19:57:07
قىقۇنۇس  بۇرادەر مەن توردىن بىر تال ئون ئالتە جى لىق بىر تالئەسدى كارتا سېتىۋالغان ئىدىم.ساختا كارتامۇ قانداق ئىچىلىدۇ ، فىلىملەرنى قاچىلىسام بەزىلىرى ئېچىلىدۇ ، بەزىلىرى ئىچىلمايدۇ ، سۈرەتلەرنى مۇشۇنداق،قاچىلىغان نەرسىلەرمۇ بىر دەمدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇئوڭشىغىلى بولارمۇ سىغىمى ، لېكىن نورمال.
9-قەۋەت
买提如孜。微 ۋاقتى: 2017-12-14 21:44:48
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن، ئۆگۈنۈپ قويساق چۇقۇم پايدىسى تىگىدۇ، رەھمەت تېما ئىگىسى،
10-قەۋەت
mamatali ۋاقتى: 2017-12-14 21:48:48
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
11-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-12-14 21:52:03
سىناپ بېقىڭ ، مەن سىنىغان سۆرەتتىكى 16 گىگالىق بارماق دىسكىمۇ  تاللا 9 يۈەن دۇكىنىدىن 9 يۈەنگە سېتىۋالغان بارماق دىسكا ئىدى ( ساختا دىمەكچىدە بۇ يەردە ) ئاشۇمۇ ئوڭۇشلۇق فورماتلىنىپ يېزىش تېزلىكىمۇ نورمال ھالەتكە قايتتى ...
12-قەۋەت
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-12-14 21:56:31
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-12-14 19:57
قىقۇنۇس  بۇرادەر مەن توردىن بىر تال ئون ئالتە جى لىق بى ...

ئۇنداقتا بۇكارتىڭىز سىغىمى كىڭەيتىلىپ فورماتلانغان ساختا كارتا ئىكەن
13-قەۋەت
1993sawda ۋاقتى: 2017-12-14 22:37:56
كورك تاللا تىلۋىزىيەسىنىڭ سىمسىز تورىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى قانداق قىلسا ئاچقىلى بولىدىغاندۇ بىلدىغانلار ياردەم قىلساڭلار ئۈدىدار نۇمۇرۇم 18139112794
14-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-12-14 22:39:45
ئەتراپتىكى  سىمسىز تورنى  كۈچەيتىپ يەنە تارقىتىپ بېرىدىغان ئۈسكىنە بارمىدۇ، كومپيوتىر بولمىسىمۇ ئۈزى يەككە ھالدا ئۇلاپ يەنە تارقىتالايدىغان دىمەكچى
15-قەۋەت
تەشنا4433 ۋاقتى: 2017-12-14 22:44:49
رەھمەت سىزگە ياخشى تىما بوپتۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部