+تېما يوللاش
rixtam يوللانغان ۋاقتى:2015-9-18 00:29 5439 قېتىم كۆرۈلدى 122 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ۋىندوۋىسفۇننى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ئىشىنىمەنكى ئارىمىزدا ۋىندوۋسفۇننى چۈشۈنۈپ بىقىشنى خالايدىغانلار جىققۇ دەيمەن؟ ۋىندوۋىسفۇن توغۇرلۇق نۇرغۇن ئاڭلاپ كەتتۇق، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قوشۇلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق ئەلۋەتتە داۋاملىق ساقلايمىز چۈنكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ قوشۇلىشى مۇقەررەر پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بار خالاس.
جۇڭگۈدىكى ۋىندوۋسفۇن ئىشلەتكۈچىلەر نىمىشقا شۇنچىلىك ئاز؟بىز ئۇيغۇرلاردا قانچىلك ئادەم ۋىندوۋسفۇن ئىشلتىدۇ؟قانچىلىك ئادەمنىڭ ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ؟قانچىلىك ئادەمنىڭ ئاندىرويىد ۋە iosدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىستىمىدىن ۋاز كەچكىسى يوق؟  مەن ئۆزمنىڭ بىلگىنىچە يۇقارقى مەسلىلەرنى تەھلىل قىلىپ باقاي خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزۈتۈپ بىرەرسىلەر.
1.        ۋىندونسفۇننىڭ سىستىمىسى بەك مۇرەككەپ
ۋىندوسفۇننىڭ سىستىمىسى ھەقىقەتەن مۇرەككەپمۇ؟ مىنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق دەپ ئويلايدۇ. نەچچە يىللىق يانفۇن رىمۇنتچىلىق ۋە سىستىما يېزىش بىلەن شۇغىنلىنىپ پەقەت بىر يىلدا نەچچە قىتىملا ۋىندوسفۇن ئىشلىتىۋاتقانلارنى كۆردۈم.بەلكىم ناھىيىمىز كىچىكتۇ ۋە بەلكىم بۇ ئومۇمىي ئەھۋالدۇر.سىسىتمىنى شۇنداق يىنىك دەيدىيۇ ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن مەن مۇرەككەپكەن دەيدۇ.ئەمسە ۋىندوسفۇن شۇنچىلىك  پەقەت جۇڭگۈدا پەقەت ئىككى پىرسەنت ئادەم ئىشلىتەلىگىدەك مۇرەككەپمۇ؟ياق، مۇرەككەپ ئەمەس،پەقەت سىز كۆڭۈل قويسىڭىزلا بەك ئاسان بولۇپمۇ ھازىرقى يانفۇن سىستىمىسى بىلەن كومپىيۇتېر سىستىمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. سىز كومپىيۇتېر سىستىمىسىنى ئىشلىتەلىسىڭىزلا تىلىفۇننىمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيسىز .
2.        ئەپلىرى بەك ئاز ۋە سۈپەتسىز.
ھەقىقەت شۇنداق دەپ قارايمەن.ئەپلىرى ئاز  بۇنى ئەپ ئاچقۇچىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ۋىندوۋسفۇنغا ئەپ ئاچقاندىن ئاندىرويىدقا ئەپ ئاچسا جىقراق تاپالايدۇ. ئەپ ئاچقۇچىلار ئىشلەتكۈچىلەر ئاز دەپ ئەپ ئاچمايدۇ ياكى بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ،ئىشلەتكۈچىلەر بولسا ئەپلىرى ئاز دەپ ئىشلەتكۈسى كەلمەيدۇ. ۋىندوسفۇن ئەپلىرىنىڭمۇ كۆرۈنمە يۈزى ئىقتىدارى ئاندىرويىد ئەپلىرىگە قارىغان چىرايلىق ئەمەس ۋە تولۇق ئەمەس.شۇ سەۋەپتىن ۋىندوسفۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئاز دەپ قارايمەن.مىنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ۋىندوسفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا بەزىلەر ھەتتا ئۈندىدار چۈشۈرۈنىمۇ بىلمەيدىكەن.
        ئەمدى ئەپلىرى ئاز دەپ غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.windows10mobile سىستىمىسىدىن باشلاپ ۋىندوۋسفۇن دا ئاندىرويىد ئەپلىرى ئىجرا بولىغان بولدى.گەرچە بۇنداق قىلغاننى ئانچە قوللاپ كەتمىسەممۇ بۇمۇ ۋىندوسفۇننىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىر ئۇسۇلىمىكىن دەپ ئويلىدىم.
       مىنىڭ مەقسىتىم سىلەرگە ۋىندوسفۇننى داڭلاش ئەمەس،ئىشلىتىڭلار ياكى ئىشلەتمەڭلەر دىمەيمەن. ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىنى سىلەرگە تاڭغىم يوق. بىراق، سىلەرنىڭمۇ بولۇپمۇ قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ بىزگە قىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا  بىلەت تاشلاپ باققان بولساق قانچىلىك ۋىندوۋىسفۇن ئىشلەتكۈچى بار،قانچىلىك قىزىققۇچى بار بىلىپ باققان بولساق.

يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس دەپتىكەن. ھەۋەسكارلار قىزىققۇچىلار پىدائىلار چىچىلىپ كەتمەي بىر يەرگە يىغلساق. ئەپ تەرجىمە قىلىش دېتالى ياسىلىۋاتىدۇ(يۇمشاق دېتال ئەپەندى ئاشكارلىۋەتتىم ھە  ، يۇمشاق دېتال ئەپەندىنىڭ خىزمەت ئىشى تۈپەيلى كىچىپ قالىدىكەن)شۇڭا تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلارمۇ كەلسەڭلار.
ئالپ مۇنبىرى ۋىندوسفۇن سەھىپىسى
ۋىندوسفۇن ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى
ۋىندوۋىسفۇن ھەۋەسكارلىرى بىلوگى
ۋىندوۋىسفۇن ھەۋەسكارلىرى ئۈندىدار سالونى

ۋىندوۋىسفۇن مۇنازىرە توپى:  169141566  
يالغۇز تاللاشلىق سايلام , قاتناشقانلار

بېلەت تاشلاش ئاياغلاشتى

37.38% (40)
43.93% (47)
18.69% (20)
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +4 يىغىش سەۋەبى
ئاباخۇن + 2
mamatezizjan + 2 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن9 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
[img]http://www.xjgsm.xyz/template/veikei_dz_news_20130915_win8/images/logo.png[img]

122ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ゞ灬OKYA╰→ ۋاقتى: 2015-9-18 00:36:45
لۇميا928

باھا سۆز

ئەمدى 928نى ئىشلەتمەكچى  ۋاقتى: 2015-9-18 00:52
باشتا لۇمىيا 800نى ئىشلەتكەن ھازىر 822نى ئىشلىتىۋاتىمەن،ئەمدى 928نى ئىشلەتمە...  ۋاقتى: 2015-9-18 00:43
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

گىلەم
alim047 ۋاقتى: 2015-9-18 00:43:23
مۇشۇ چاغقىچە تولا ئاڭلاپ كەتتىم بىرەر قېتىم ئىشلىتىپ باقماپتىمەن تونۇش بىلىشلىرىمنىڭ ئارىسىدا ۋىندۇۋىس تېلىفۇن ئىشلىتىدىغانلانمۇ يوق دىسە تۇتۇپ كۆرۈپ باقاي دىسەم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
سەنسىز. ۋاقتى: 2015-9-18 00:45:45
بەك ياخشى تەھلىل قىپسىز ، مەنمۇ ئۆتكەن يىلى  نوكىيا 920 925 638 520 قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ باقتىم ، سىستىما راۋانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ ، ئاپراتمۇ بەكلا سۇزۇك ،  ئەمما شۇ تېمىدا دىگەندەك ئەپ مەسىلىسى مىنى زىرىكتۇردى ، شۇنداق قىزقىپ ئالىمەن بىر ئايغا قالماي ئەپلىرى بىلەن كىلىشەلمەي ساتىمەن ، سىتىپ بولۇپ يەنە سىغىنىمەن ، ھازىر ئاندىرويىدنىڭ ئەپلىرى  بەكلا خىللىشىپ كەتتى ، ھەرقانداق بىر توربەتنىڭ ئاندىرويىد ئەپ دىتالى بار ، ئىشلىتىش قولايلىق ، شۇڭا ئاندىرويىدقا بەكلا كۆنۇپ كەتتۇق ،
ھازىر ۋىپ 10 تىخىمۇ كۆركەم ھەم ئىسىل چىقىپتۇ ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ قالسا ئارىمىزدا ئىشلىتىدىغانلار خىلى كۆپ ، ھازىرمۇ ۋىندوۋىس تىلفۇندىن بىرنى ئىلىش نىيىتىم بار ، ۋىپ10 نى بىر كۆرۇپ بىقىش نىيىتىدە ئالاي دەتىمەن ، نەچچە كۇننىىڭزى ۋىپ ساتىمەن دىگەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۇزىتىۋاتىمەن ، نوكىيا 930 929 دىگەندەكلەرنى ساتىدىغانلار بولسا پاراڭلىشىپ باقساق بولىدۇ ،
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5-قەۋەت
rixtam ۋاقتى: 2015-9-18 00:45:50
alim047 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 00:43
مۇشۇ چاغقىچە تولا ئاڭلاپ كەتتىم بىرەر قېتىم ئىشلىتىپ ب ...

ئەرزانلىرىدىن ئىلىپ سىناق ئىشلىتىپ بىقىڭ بولمىسا
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6-قەۋەت
qinar120 ۋاقتى: 2015-9-18 00:56:17
ئۈندىدار چۈشۈرۈنىمۇ بىلمەيدىكەن. دەپ  مۇرەككەپ بولمىغان ئالماتىلفۇندىمۇ ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرەلمەي پۇلغا چۈشەگۈزۈپ قاچىلاتقۇزغاننى كۆرگەنمەن .

باھا سۆز

ئاشۇ پۇل ئېلىپ قاچلىلاپ بېرىۋاتقان ئادەمنىڭ بىرسى مەن..........  ۋاقتى: 2015-9-18 00:59
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7-قەۋەت
eli5048 ۋاقتى: 2015-9-18 01:05:38
سىز دىن ئىككى ئىشتا ياردەم سوراي.بىرىنجىسى مەندە نوكىيا925يانفۇنىدىن بىرى بار ئىدى توكقا چىتىپ قويسام زەرەتكىگۇچنىڭ بىشى ئىتىلىپ كىتىپتۇ تىلفۇنمۇ قوزغالمايدۇ .بۇ نىمە سەۋەپتىن(بەنزىسى كويدىمىكىن دەپ قالدىم ئۆزەمچە)راس كويگەن بولسا تاۋباۋ دا باركەن ئىشەنچىلىكمىدۇن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8-قەۋەت
eli5048 ۋاقتى: 2015-9-18 01:13:21
يەنە بىر ئىش ئۇ تىلائۇن كويگەندىن كىيىن خ ت س 6990 يانفۇنىدىن بىر ئالغان بۇ تىلفۇنغا  ھىساپ نۇمۇرۇم پەقەت باغلانمىدى ياردەم قىلغان بولسىڭىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9-قەۋەت
rixtam ۋاقتى: 2015-9-18 01:13:31
eli5048 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 01:05
سىز دىن ئىككى ئىشتا ياردەم سوراي.بىرىنجىسى مەندە نوكىي ...

توك قاچىلغۇچ كۆيۈپ كېتىپ تېلىفۇن ئىچىلمىغان بولسا تېلىفۇن ئاساسىي تاختىسىنىڭ كۆيۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ يوقىرى.
تاۋباۋدىكى ئاساسىي تاختىنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنىچىلىك ئەمەسلىكىگە كەلسەك مىنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا(چوڭلاردەك دەۋالاي) دۇكاننىڭ دەرىجىسى ، ئىنكاسلارنىڭ ئەھۋالى،دۇكان ئىچىلغاندىن بۇيانقى ئەرز شىكايەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلسڭىز بولىدۇ. دۇكان ئىشەنچىلىك بولسىلا سىتىلغان مالدىن چاتاق چىقمايدۇ چاتاق چىقسىمۇ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەرزان شۇڭا ھەر جەھەتتىن دىققەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئالسىڭىز چاتاق چىقمايدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10-قەۋەت
eli5048 ۋاقتى: 2015-9-18 01:16:03
rixtam يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 01:13
توك قاچىلغۇچ كۆيۈپ كېتىپ تېلىفۇن ئىچىلمىغان بولسا تې ...

مەن تاۋباۋ غا يېڭى ئەزا بولغان سىز دىگەن يەرلىرىنى چۇشەنمەيدىكەنمەن ياردەم قىلالاسىزمۇ  سىز مالنى تاللاپ ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز.

باھا سۆز

qqدا پاراڭلىشايلى.  ۋاقتى: 2015-9-18 01:22
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11-قەۋەت
rixtam ۋاقتى: 2015-9-18 01:17:01
eli5048 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 01:13
يەنە بىر ئىش ئۇ تىلائۇن كويگەندىن كىيىن خ ت س 6990 يانفۇن ...

قانداق خاتالىق ئۇچۇرى بار قالدۇرۇپ قويۇڭ ھەم 2237732951 نى قېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەتە تەڭ ئىزدىنەيلى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12-قەۋەت
eli5048 ۋاقتى: 2015-9-18 01:18:07
rixtam يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 01:13
توك قاچىلغۇچ كۆيۈپ كېتىپ تېلىفۇن ئىچىلمىغان بولسا تې ...

مەن باشتا توك زەرەتلەيدىغان يىرى كويگەن ئوخشايدۇ دەپ شۇنى سالدۇرغان  ئۇنى سالساممۇ ئوخشاش  سىمنى چاتساملا زەرەتلىگۇچنىڭ چىرىقى ئۆچۇپ قالىدۇ  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13-قەۋەت
eli5048 ۋاقتى: 2015-9-18 01:19:45
rixtam يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 01:17
قانداق خاتالىق ئۇچۇرى بار قالدۇرۇپ قويۇڭ ھەم 2237732951 نى ...

ماقۇل رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14-قەۋەت
abdilwaris ۋاقتى: 2015-9-18 01:35:19
مەن ئادەتتە ئاندىرۇيد ئىشلىتەتتىم . بۇ ۋىندوۋسفۇنغا بەك قىززىقىش بىلەن lumia 928 دىن بىرنى ئالدىم . بىرئايچە ئىشلەتتىم .تازا كۈنەلمەي ئەپلىرىنىڭ ئازلىقى ماڭا لازىملىق ئەپلەرنىڭ يوقلىقىنى كۈرۈپ 650 ئالغان تىلفۇننى 400 سېتىپلا قۇتۇلدىم .يەنە بىر ئايدىن كىيىن يەنە ھەۋىسىم كىلىپ ھەم ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قېتىلىدۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ خوشلۇقۇمدا يەنە lumia 929 دىن بىرنى ئالدىم مەردانجاندىن بۇتىلفۇنغۇ ياخشى چىقتى . ھەم ئاندىرويىد ئەپلىرىنى قوللايدىغىنىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم .ئەمما پەقەت قاچىلالمىدىم ئاندىرويىد ئەپلىرىنى . يەنە بۇتىلفۇنغا ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قېتىلىپ قالسا ئۆيدىكىلەرگىمۇ بىردىن ئالىمەن . ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قېتىلسا بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ئىشلار بۇلىدۇ . چۈنكى بۇ windows 10 ئازكۈنگە قالماي ھەممە ئادامنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن  . بۇدۇنياۋىي سىستىمىغا بىزنىڭ ئانا تىلىمىز قېتىلىشى مىنىڭچە چوڭ ئىش . بۇئىشلارغا كۈچ چىقىرىۋاتقان دوسلىرىمغا ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە تەشەككۈر ئېيتىمەن . ئالپ تورىدىكى دوسلارغا windows 10 ,8.1 ئىشلىتىۋاتقان دوسلۇرۇمنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئۇدۇللاپ ئىشلىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

15-قەۋەت
خوراز ۋاقتى: 2015-9-18 02:06:03
ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەيدۇ ئىزدەش ماتۇرىغا كىرىشى ئۈچۈن بىلەت تاشلاپ قويۇڭ...  بەك ئاسان  ماۋۇ ئادىرستىن كىرىپ ئەڭ ئۈستىدىكى دوپپا كىيىۋالغان بالىنىڭ رەسىمىنڭ ئۇدۇلىدىكى خەنزۇچە خەتنى باسسىڭىزلا بولىدۇ..  كۈندە بىر بىلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ. يانفۇندا يوللىغاچقا ئادىرىسىنى تەھرىرلىيەلمىدىم كومدا چىققانلار تەھرىرلەپ قويساڭلار
http://wenku.baidu.com/huyanglin?from=timeline&isappinstalled=0
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部