+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-6-1 22:48 4177 قېتىم كۆرۈلدى 39 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-1 22:51  

ھازىرقى بالىلارغا كومپىيۇتېر، ئايپەد ئويناش ئادەتتىكى ئىش. 70-80-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭمۇ ئاشۇنداق ئېسىل ئويۇنلىرى بار ئىدى. ئىشەنمەمسىز، قېنى تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭ.

1. ئالقان ئويۇنچۇق ماشنىسى
80-يىللاردا ماۋۇنىڭدەك ئويۇنچۇق بار ئىدى. توك تۈگەپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيسىز، ھەقىقى 3D


90-يىللاردا ماۋۇ ئويۇنچۇق مودا بولدى.


ماۋۇ ھازىرقى ئالقان ئويۇنچۇق  PSV ، مەشغۇلاتى يوقارقى ئويۇنچۇقلاردىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ.


2. تاختا كومپىيۇتېر
ماۋۇ بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان تاختا كومپىيۇتېر   ، بۇنىڭغىمۇ توك كەتمەيدۇ، تور كەتمەيدۇ، كۆزگە زىيىنى يوق.


ماۋۇ ئالما iPad Pro ، تازا دىققەت قىلساق يوقارقى ئالدىنقى ئەسىردىكى «تاختا كومپىيۇتېر» نىڭ سايىسىنى كۆرەلەيسىز.


3. ‏VR مەۋھۇم رىئاللىق ئۈسكۈنىسى
مانا بۇ بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئويناپ بولغان VR ، ئۇنىڭغا قارىساق باشقا بىر دۇنيا كۆرۈنەتتى.



بۇ ھازىرقى زاماندىكىسى


4. ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان
ماۋۇ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى ياساپ، ئويناپ باقمىغان بالا ۋە دادا يوققۇ ھە. بۇنىڭغىمۇ توك، يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، سۇقۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيسىز، يەنە كېلىپ ئۆزىڭىز ياسىيالاسىز.


ماۋۇ ھازىرقى زاماندىكى ئويۇنچۇق ئۇچقۇچىسز ئايرۇپىلان


5. ‏FPS ئېتىشىش ئويۇنى
بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان ئېتىشىش ئويۇنى
بەزى يۇرتتا ئالامباي، بەزى يۇرتتا مەرمەر دەپ قويىمىز.


رەگەتكە


ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلاردا چالما جەڭ، مۆكۈشمەك دېگەندەك ھەقىقى 3D، 4D ئويۇنلىرىنى ئوينايتۇق. ئوق تەگسە قاڭشا يېرىلاتتى.

ماۋۇ ھازىرقى زاماندىكى ئېتىشىش ئويۇنى. كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئوينايدۇ. بىز كىچىك ۋاقتىدىكىدەك ھەقىقى ئۈنۈمى يوق.


بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +47 يىغىش سەۋەبى
0903XAX + 2 ياخشى يازما
rasqel + 20 ياخشى يازما
lirika + 5 كىچىك ۋاقىتلار شۇنداق.
hezine + 20 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن20 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

39ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
15509974200 ۋاقتى: 2016-7-30 21:30:03
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   15509974200 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-7-30 21:39  

پىروزا (دەيزە) ، پىرقىرغۇچ ، ھەربىي-دۈشمەن ، قاشما توپ ، مۆكۈشمەك ، چەمبەر ، قارىغۇ چاشقان ، ئاق تېرەك ، چانا ئويناش ، نۇر چۆرگىلتىش ، رەگەتكە ئويناش ، دۆڭ  تالشىش ، بۇلۇڭ  تالشىش ، قوغلاشماق ئويناش ، سۇغا چۆمۈلۈش ، سارنىڭ چۈجە ئېلىشى ، ئىشەك مىنىپ ئويناش (تەنھەركەت ئۇيۇنى ) ، تىز سۇقۇشتۇرۇش
(جورىمەندى) ، سوقماق (پاق-پاق) ئويناش ، ئانىكاچ (مۆكۈشمەكنىڭ بىر تۈرى) ، رېزىنكە ئويناش (قىزلارنىڭ) ، قۇتا ئويناش (قىزلارنىڭ) ، لام -جىم،.....................................................................................................................................................................................................كەم قالغىنىنى تۇلۇقلاپ قويارسىلەر!
تەۋسىيىلەش
anas1589 ۋاقتى: 2016-6-2 22:44:48
كىچىك چېغىمدا ئوينىغان بىر قېتىملىق «چالما جەڭ»ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ،ئۇيۇندىگەن ئاشۇنداق ئەمەلى بولسا،ئاندىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھازىرقى ئويۇنلارنىڭ ئەمەلىياتچانلىقى يوق،ھەر قانچە يېڭىلىپ قالسىمۇ كومپىئوتېر،يانفوننىڭ بىرەر يېرى ئاغرىمىغاندىكىن…!
تىما ئىگىسىگە رەھمەت!
5-قەۋەت
قايناق ۋاقتى: 2016-6-1 23:25:00
كىچىك ۋاقتىمنى ئەجەپ ئەسلەتتى
6-قەۋەت
تادان ۋاقتى: 2016-6-1 23:31:38
يانىلا بىزنىڭ بالىلىقىمىز تەبىئي ئۆتۇپتىكەن دىسە مەۋھۇم نەرسىلەر ئاز...
7-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-6-1 23:31:57
كىچىك ۋاقتىمنى ھەجەپ ئەسلەتتى كاساپەت
8-قەۋەت
Baghwen11 ۋاقتى: 2016-6-1 23:34:02
ھەقىقەتەنمۇ
9-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-6-1 23:35:40
ھا ھا ھا ئويلىسام كۇلگۇم كىلىدۇ ئەشۇ چاغلانى راسلەم كىچىك چاغلىرىم كۇڭۇللۇك ئۇتەتتى ، ھازىرقى ئۇرۇمچىدىكى بالىلار نۇر چوگۇلتۇش قەغەزدىن كەپتەر ياساش دىگەندەك ئۇيۇننى ھىچ قايسىنى بىلمەيدۇ
10-قەۋەت
taxna0908 ۋاقتى: 2016-6-2 00:08:38
كىچىك ۋاقتىمنى ھەجەپ ئەسلەتتى كاساپەت
11-قەۋەت
atiwa23 ۋاقتى: 2016-6-2 00:30:34
ھەي…شۇ ئۇيۇنلارنى ھازىرمۇ ئوينىغۇم كىلىۋاتىدۇ
12-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2016-6-2 00:41:05
بىز ئوينايدىغان ئوغىرى دۈشمەن ئۇيۇنى بەك قىزىقكەنتۇق تېخى ۋېلىسپىتنىڭ چاقلىرنى قاسقانلىرنى ئىتتىرىپ ئويناپ ئۇنۇڭدىن زىرىكسە تىپشىپ ئويناپ بەك پەيزى ھە ما تىما بىر خىل تاتلىق ئۇماق تىما بوپتۇ رەھمەت
13-قەۋەت
xax888 ۋاقتى: 2016-6-2 00:52:42
ھەي بالىلىق ، ھەجەپ  بالىلىق  ۋاقتىمغا  قايتقۇم  كەپ كەتتا ،
14-قەۋەت
power ۋاقتى: 2016-6-2 00:56:02
كىم يوللىدى ماۋۇ تىمىنى، ساراڭدەك ئۇيۇمدە يالغۇز يېتىپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ بىر ھازا كۈلۈپتىمەن بۇلۇپمى ئاۋۇ چالما جەڭ 3d 4d دىگەن قۇرلارنى ئۇقۇپ ئۇزۇمنى تۇتۋالالماي بىر ھازا كۈلۈپتىمەن ،ھەي شۇ سەبى بالىلىقىمنى ھەجەپ ئەسلەتتى دىسە، ھازىرمۇ دوسلىرىم بىلەن سۇغا چۈمۈلگىلى بارساق كىچىك ۋاقتىمىزدىكىدەك بىر بىرىمىزگە لاي ئېتىشىپ قوغلۇشۇپ ئويناپ كىتىمىز، يىزىدا بەزى ئۇيۇنلارنى بىزدەك 90 يىللاردا تۇغۇلغان بالىلىقىنى تاشلىمىغان ۋاقتى ئۇتۈپ كەتكەن شۇمتەكلەر ئويناپ كىلۋاتىمىز،ئاشۇ بالىلىقىمنى ئەسلەتكەن  تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
15-قەۋەت
ۋاپا3038 ۋاقتى: 2016-6-2 01:07:45
مەنمۇ كىچىك چېغىمدا ئاۋۇ VRئۈسكىنىسىنى تولا ئوينايتتىم
16-قەۋەت
ۋاپا3038 ۋاقتى: 2016-6-2 01:12:45
مەن ئىنكاس يازسام ئۆزۈم كۈرەممەيمەنغۇ دوستلار  نىمە ئىش بۇ
17-قەۋەت
elijan2 ۋاقتى: 2016-6-2 01:39:01
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتڭ بالىلىق ۋاقىتلارنى ئ‍ەسلەتتى تىما ئ‍ىگىسىگە كۆپ رەھمەت
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部