+تېما يوللاش
ilterish يوللانغان ۋاقتى:2015-10-25 02:16 1330 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ ئەھلى كەمىنە ئىلتەرىشدىن ھەممىڭلارغا سالام .

شۇ تاپدا يېرىم كېچە بولسىمۇ مەزكۇر تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولماقتىمەن چۈنكى ئىككى كۈن ئىلگىرى  بىر دانە پىروگرامما ئەندىزىسى كاللامغا كەلگەن ئۇنى يېزىۋىتەي دىسەم visual studio 2015 قەتتتتتتتتتتتتتتتى قاچىلانمىدى ، شۇ تاپدا ئەشۇ ئەندىزە ئۇچۇپ كىتەيمۇ دەپ قالدى.
قاچىلاش ئۈچۈن قىلمىغان ئىش ، مۇراجەت قىلمىغان بەيدۇلا قامماي يەنە قىلمىغان بىرەر ھۈنەر بارمىدۇ دەپ سىلەرنى ئاۋارە قىلىش ئۈچۈن كەلدىم .
ھە راس مەن چىققان خاتالىقنى كۆرسىتىشدىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى قاچىلاش جەريانىمنى دەۋىتەي.
1.تۇنجى بولۇپ توردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلايدىغان نۇسخسىنى نەچچە رەت قاچىلىدىم بوممىدى.
2.يەنە بوممماي  iso  ھالەتدىكى قاچىلاش بولىقىنىمۇ سىناپ باقتىم چىققان خاتالىق ئوخشاش.
پەرىزىم :
1.ۋىندۋوس 10 دا مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاندا ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ئوخشايدۇ،ئالىم ئەھەت مۇئەللىممۇ ۋىندوۋس 10 غا قاچىلاپتۇ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ھىچ بىلەلمىدىم....
چىققان خاتالىق تۆۋەندە :

ئەمسە  جاۋابىڭلارنى ساقلايمەن ؛

ئەسكەرتىش:دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يوللىنىدىغان قۇرۇق ئىنكاس ۋە بەزى بىر تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بولۇنماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uyghurdetal ۋاقتى: 2015-10-25 11:58:17
قاچىلاش بولىقىدا مەسىلە كۆرۈلدى دەپ چىقىپتىغۇ. مەنمۇ win10 غا vs2015 نىڭ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. بولاقنى يىشىپ، قاچىلاش پروگراممىسىنى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيەتتە سىناپ بېقىڭ. يەنە بولمىسا سىستېمىنىڭ يېڭىلانمىلىرىنى يېڭىلاپ، ئاندىن سىناپ بېقىڭ.
گىلەم
شەرەر ۋاقتى: 2015-10-25 11:59:02
     مەنمۇ بۇ دېتالنى قاچىلىغاندا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققان، ھەل قىلىش ئۇسۇلى كومپىيوتېرىڭىزنى مۇقىم تورغا ئۇلاپ بىرىنچى تۈر(بولاقنى Internetتىن چۈشۈرۈش)نى تاللاپ قايتا سىناش دېسىڭىز، دېتال ئۆزى لازىملىق نەرسىلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ باسقۇچقا سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىدۇ. يەنە بىرگە بۇ ئارلىقتا تورنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا كېرەكلىك بولاقنى قايتا چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
     ئاخىرىدا سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
ئورۇندۇق
rixtam ۋاقتى: 2015-10-25 12:00:50
مەنمۇ مۇشۇ مەسلىگە يولۇققان ،ئىنتىرنىتتىن چۈشۈرۈشنى تاللىساممۇ خاتالىق چىقىپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم.
5-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2015-10-25 13:54:26
مەن  Windows7 گە  قاچىلسام  مۇشۇنداق  چىقىۋىلىپ  Windows8 گە  ئالماشتۇرۇپ  قاچىلسام  نورمال  قاچىلانغان .
6-قەۋەت
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2015-10-25 16:20:33
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىر دەرسىدە كۆرگەندەك قىلغانىدىم مەن. ئاشۇ دىتالنى قاچىلاشنى.
7-قەۋەت
alptegin ۋاقتى: 2015-10-25 19:21:04
ئاۋۇ نەرسىنى D دىسكىغا قاچىلىمايلا، جەزمەن C دىسكىغا قاچىلاشلىرى كېرەك.
8-قەۋەت
kainam ۋاقتى: 2015-10-26 19:55:13
ئالىم مۇئەللىم دەرسىلىكنىڭ بېشىدا قاچىلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپتىكەنغۇ ئىلتەرشكا
9-قەۋەت
ilterish ۋاقتى: 2015-10-28 22:14:20
kainam يوللىغان ۋاقتى  2015-10-26 19:55
ئالىم مۇئەللىم دەرسىلىكنىڭ بېشىدا قاچىلاشنىڭ قەدەم با ...

بولدى  ھەل بولدى رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部