+تېما يوللاش
hades يوللانغان ۋاقتى:2017-2-2 20:49 3185 قېتىم كۆرۈلدى 61 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
31-قەۋەت
mr.obolkasim ۋاقتى: 2017-2-3 11:39:23
گەرچە سالونچىلارنى قوللىمىساممۇ ھەم ئەشەددىي ياقتۇرمىساممۇ لېكىن تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇنبەر - دەرسلىكلەرنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنى نوقۇل سالونغا دۆڭگەپ قويۇش پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراش دەپ قارايمەن .
مىسال ئالايلۇق : دىيارىمىزدا باش بولۇپ مۇنبەر سېستىمىسىنى ئېچىپ ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىدە ماتور - قوزغاتقۇچ باش رولىنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان نۇرقۇت مۇنبىرى ، مائارىپ - تېخنىكا ئۆگىنىشنى ئاساسى نىشان قىلغان روھلان مۇنبىرى ۋە شۇنىڭدەك  …  قاتارلىق ئەڭ نوپۇزلۇق ئەڭ ئىلمىي مۇنبەرلىرىمىزنىمۇ پەقەت سالونلا ئۆلتۈردى دىسەك چوڭ خاتالاشقان بولىمىز .
يىغىنچاقلاپ قىسقىچە قىلغاندا بىر نەچچە سەۋەپنى قوشۇپقې ئۆتۈش زۆرۈر ، بۇنداق بولمىغاندا بەزىلەرگە ئۇۋال شۇنداقلا بىر قىسىم كۆز قارشى سۇبىكتىپ تور زىيارتچىللىرىگە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشى ئېنىق !
مەسىلەن :
1. دىيارىمىز ۋەزىيىتى - تور ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ( ئەلۋەتتە بۇ شامالغا ئۇچىرىمىغان بېكەتلىرىمىز ياكى ئاران دالدىنىپ يۈرگەن بېكەتلەر دەردىنى ئۆزى بىلىشىدۇ )
2. ئۈن - سىن ، مېدىيا ۋە باشقا ماتىرىيال ساقلاش بوشلۇقلىرى ( بۇ تۈردىكى باشقۇرۇشنى دۆلىتىمىز - دىيارىمىز تور بەتچىلىكىدىكى ھازىرغا قەدەر ئەڭ چىڭ شۇنداقلا مۇكەممەللىشىۋاتقان باشقۇرۇش دىسەك ئارتۇق كەلمەس )
3. ئىقتىساد مەسىلىسى ( ئۆزىڭىزنى بەزلەپ ياكى ئۇنداق ئەمەس دىيىشنى ئويلىماڭ ، مەيلى ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئىقتىساد مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردا ھەممەيلەن ئويلىنىشقا قايتا - قايتا ئويلىنىپ قەدەم ئالىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى )
4.
5.
6.
7.
8.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

32-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-2-3 11:43:14
ما گەپ تازا جايىدا بوپتۇ ،داداممۇ ئۈندىدار ئوينايدۇ چەمبىرىكىگە قارىسام ئۇيغۇر بولسڭىز تارقىتىڭ دىگەن مەزمۇنلار بەك كۆپكەن بولسا سالونچى دوسلار مۇشۇ ئىشلارغا بىر سەل قارىمىساڭلا ،رەھمەت تېما ئېگىسى !!
33-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2017-2-3 11:49:54
mr.obolkasim يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 11:39
گەرچە سالونچىلارنى قوللىمىساممۇ ھەم ئەشەددىي ياقتۇرم ...

مەن ماۋۇ پىكىرىنى قوللايمەن.
سالونلارنىڭ كۆپ قىسىمى تور بەتلەردىن كۆچۈرىدۇ، قالغىنى بىر-بىرىسدىن كۆچۈرىدۇ. تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى تاقالسا سالونلارنىڭ نېمىنى يوللايدىغىننى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئاز ساندا ئىجادىي يازمىلارنى يوللايدىغان، پاكىز سالونلارمۇ بار.
34-قەۋەت
hades ۋاقتى: 2017-2-3 11:52:31
salaydin. يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 00:31
مەنچە بولغاندا ئۈزىمىزنىڭ ئىدىيسىنى باشقىلارغا تاڭم ...

بۇيەردە ئىددىيە تاڭغان ئىش يوق ،قىرىندىشىم كىرزىس مەسىلىسى بار ،ھازىر باشلانغۇچ سەۋيەسى بار ئادەممۇ ياخشىراق ئىززدەنسە سالۇن باشقۇرۇشنى 2سائەتتە ئۇجۇر بۇجۇرلىرىگىچە ئۈگۇنۇپ ۋايىغا يەتكۇزەلەيدۇ ،لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن
نىمە ئىش يۇز بىردۇ بىلەمسىز ؟
بۇرۇنقىغا ئوخشاش كىچىكنە ئىزدىنىپ توربىكەت قۇرالايدىغانلار ۋە مول بىلىمنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ تۇرۇپ مۇلازىمىتىر ۋە توربىكەت تىخنىكىسىدا يامان ئەمەس بىلىملەرنى ئىگىلىيەلەيدىغان ئازلايدۇ ياكى توربىكەتچىلىك كىرزىسقا پاتىدۇ ،
سالۇن قۇرۇش يامان ئىش ئەمەس مىنىڭچە ياخشى تەرەققى قىلسا ھىچ بولمىغاندا ئىقتىسادى كىرىم يارتىدۇ .
ئەمما بۇرۇنقىغا ئوخشاش يالاڭ ئاياق تىخنىكا ماھىرلىرى ئازلاپ كىتىدۇ ،
مەنمۇ دۆلەت 3-دەرىجىنىڭ كىنىشكىسىنى شۇ بۇرۇنقى توربىكەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۇگۇنۇپ ئالغان ،لىكىن ھازىر ئۆزلىكىڭىزدىن ئۇگىنىمەن دىسىڭىز 1-دەرىجە ئىنتاھاننىڭ دەرسلىرىنى ئاران ئىزدەپ تاپىسىز قالغانلىرى پۇتۇن خەنزۇچە ،،
ئۇيغۇرچە مەنبەلەر مۇشۇنداق بارلىقتىن يوقلۇققا قاراپ يۇزلەنسە يەنە 2يىلغىچە نىمىلەر قىلىپ نىمىلەر يوقايدۇ ؟
ماھىيەتتە تەرەققىيات ياخشىدەك كورۇنگەن بىلەن تىڭشۇن تۇزۇپ بەرگەن قىلىپتىن چىقالماي ماڭىسىز !
لىكىن توربىكەتچىلىكتە كىچىككىنە تىرىشچانلىق كورسەتسە پىرۇگراممىرلىقنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆزنىڭ ئاندىرويىد ئەپلەرنى ياسىغالىغۇدەك باللارنىڭ چىقىشىغا ئىشىنىمەن ،ئۆزىمىزنىڭ تەرەققى قىلسا تىخمۇ گۇزەل بولدۇ دەپ قارايمەن ،
35-قەۋەت
hades ۋاقتى: 2017-2-3 11:58:50
14799682185 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 10:52
ئادەتتە سالونچىلارنىڭ كىرىمى قانداق بولىدۇ؟ بىلىدىغا ...

بۇرۇنقىدەك ئەمەسقۇ دەيمەن ھازىر ئۇمۇ پەس كويغا چۇشتى ،،،ئەزا قانچە كۆپ بولسا كىرىم شۇنچە ياخشى ...!
36-قەۋەت
OTLUK0998 ۋاقتى: 2017-2-3 12:10:47
ھازىرقى نەخ گەپنىلا يىزىپسىز،نۇرغۇنلىغان دوسلار شۇندا ياخشى ئىجابى پىكىرلەرنى بىرىپتۇ،دىمسىمۇ سالونلىرمىزنىڭ تەرەققىياتى ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسلە بوپ قالدى،بەزى سالونچى دوسلارمۇ ئۆز سالونلىرنىڭ كۆرلىش ساننى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،بىكەت مۇنبەرلەردىكى جاپاكەشلەرنىڭ ئەسەر، تىمىللىرنى ھەرخىل قىزىقتۇردىغان سۆز ئىبارىلەر بىلەن يوللاپمۇ ئۈلگۈردى.رۇخسەتسىز ياكى يول قويغان ئاساسىدا سالونغا چىقارسۇن،بۇنىڭ تور بىكەت ۋە مۇنبەرلەر تەرەققىياتىغا تەسىرى بولماسمۇ………
37-قەۋەت
alptegin ۋاقتى: 2017-2-3 12:12:57
hades يوللىغان ۋاقتى  2017-2-3 11:52
بۇيەردە ئىددىيە تاڭغان ئىش يوق ،قىرىندىشىم كىرزىس مە ...

سالونلارنىڭ مۇنبەرلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بىر نەچچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن...
1-ئاكتىپ ئەزا ئامىلى. بۇرۇن توربېكەتلەرگە يازما يوللىساق كۆرۈلۈشى ئ.ئاران نەچچە يۈز، ئاشسا مىڭ ئەتراپىدا بولاتتى. ۋېچەت تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندىن باشلاپ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ئېڭىمىز ناھايىتى تېزلا ئۆزگەردى. ھېسابلاپ كەلسەم ئۆزۈم 2006-2007- يىللىرى تور بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ چاغلاردا كۆچمە ئىنتېرنېت ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق يازمىلارنىڭ قىممىتى ۋە كۆرۈلۈشى ئىنتايىن ياخشى ۋاقىتلار ئىدى. 2009-يىللىرىغا كەلگەندە بىلوگباستىن بىلوگ ئېلىپ، بىلوگ ھاياتىمنى باشلىدىم. 2011-يىلى ۋوردپرەسكە كۆچتۈم. شۇ داۋاملاشتۇرغانچە ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا تاقىغان بولدۇم. سەۋەب، توربېكەت ئېچىش ئىجازەتنامىسى بولغان رويخەت ئېلىش تەسلەشتى؛ توختىماي مەزمۇنلارنى يېڭىلاپ تۇرساممۇ كۈندىنلىك زىيارەت 100 دىن 200 ئارىسىدا؛ كەسپچانلىقى يۇقىرى بولۇپ كېتىش؛ ھەممە ئادەم ئۈندىدار سالونىغا ئېغىپ كېتىش تۈپەيلى بىلوگچىلىقتىن ۋاز كەچتىم.
2-ئىجتىمائىي تەرەققىيات تۈپەيلى. يەنى جەمئىيتىمىزنىڭ كۆچمە ئىنتېرنېتقا يۈزلىنىشىنىڭ تېزلىقى تۈپەيلى سالونلار ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى بولدى. سالوننى سال چاغلىماڭ، ئۇ بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۇ بىر رادىيو ئىستانسىسى، ئۇ بىر ژۇرنال، ئۇ بىر نەشرىيات.
  ئۆزۈممۇ ھازىر بىر «ھەمدەم» دېگەن ئەپىمنىڭ ئالما-ئاندرويد نۇسخىسىنى ياساپ بولدۇم، ئەمما ئۇ ئەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ يەنىلا ئېلان قىلمىدىم. چۈنكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ ئەپنىڭ تەقدىرى بېكىتىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بىر بولسا ئۇ ئەپنى ئۆزگەرتىۋېتىشىم ئىككى بولسا بىراقلا ئەسلىي كود ۋە ئەپنىمۇ بىراقلا يۇيۇۋېتىشىم مۇمكىن. ئۈچ ئايلىق قان-تەر كەلگۈسىنى ياخشى مۆلچەرلىمەسلىك تۈپەيلى يۇقارىقىدەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى...
  يىغىنچاقلىسام، كىشىلىرىمىز ھەقىقىي بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگەندە توربېكەت، مۇنبەرلىرىمىزگە مۇراجىئەت قىلىدۇ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

38-قەۋەت
manguluk ۋاقتى: 2017-2-3 12:47:51
ئاشۇنداق سالونلاردىن بەك بىزار بولدۇم ئانچە كويغا ئانچىلىك تور مانچە كويغا ئاندا كارتا ھەقسىز ئىقىم قىزىل بولاق …… نىم دىگەن يالغان قۇرۇق گەپلە بۇ شۇنداق سالونلا بوسا راسا تىللاپ ھەپتىلەپ كۈندە ئۈچ تۆت قىتىمدىن پاش قىپ تۇرمەن
39-قەۋەت
manguluk ۋاقتى: 2017-2-3 12:54:36
دىمىسىمۇ ئىلگىرى بىرە نەرسە ئىزدىسەك ئاسانلا تاپالايتۇق ھازىر ئەخلەت نەرسىلا با ھەم تاپقىلمۇ بوممايدۇ ھازىر مەنمۇ بىرە نەرسە ئىزدىسەم خەنچە سالونلادىن مۇنبەرلەدىن ئىزدەيدىغان بولدۇم ئۇلادىنمۇ تاپماق تەسكەن قىرىشقاندەك تاپسىمۇ شىنجاڭدا بەيدۇ تور دىسكىسى ئىشلىمەيدىكەن يەنە سالپىيدىغان گەپكەن
40-قەۋەت
koltekin ۋاقتى: 2017-2-3 13:51:19
نۇرغۇن سالونچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بەك تۆۋەن ، مەزمۇن كۈچۈرۈشنى بىلىۋالسىلا بولدى ، مەقسەت پۇل تېپىشىش ، راس يالغان ، مەسئولىيەت نىكەن كارى يوق ، بۇ مەن مەلۇم بىر سالونچىلار تۇپىدا ھىس قىلغانلىرىم
41-قەۋەت
sarwazx ۋاقتى: 2017-2-3 14:07:23
مىنىڭچىمۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ .مۇشۇ ئۈندىدار سالونىدىكى ماز ئۇچۇرلارنى نىرۋام قىرىق گەز ئۆرلەيدۇ .قولومدىن كەلسە ئاشتا: كىچىكلە كۆرمەڭ ھاي ھاي .قىلىقسزلا كوچىدىلا... دىگەندەك يەنە مۇنچە توپقا دوسلا چەمبىرەككىگە يوللاڭ بولاق بىرمىز يەنە بەزى ئەپلەرنى چۈشۈرۋىلىڭ دەيدۇ، چۈشۈرەي دىسە مۇنچە توپقا يوللاڭ چەمبىرەككە يوللاڭ .ئالاھىدە ئەزالار كۆرەلەيدۇ ئەزا بولاڭ دىگەندەك نەسىلەنى يوللايدىغان سالونلانى تاقاپلىۋەتسەم دەيمە
42-قەۋەت
mawlan11 ۋاقتى: 2017-2-3 15:34:37
15199755016 يوللىغان ۋاقتى  2017-2-2 22:29
ئوغۇل  بالىدەك  گەپ قىپسىز   ھەممىسى  كۆڭلۈمدىكى  گەپلەر ...

روھلان تورى رەتلىنىۋاتىدۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەسلىگە،كىلىدۇ
43-قەۋەت
Yasinniyaz ۋاقتى: 2017-2-3 17:14:27
مەنمۇ ھازىر ئاساسەن ئۈندىدار ئىشلەتمەيمەن ، بۇرۇن ئىزدىنىشتىن تېما كۆرەتتىم ، شۇنداق ياخشى مەزمۇنلار يوللىنتى بىزمۇ ئۆزئارا بەس مۇنازىرە قىلىشاتتۇق . شۇنداق  بىر تور بېكەتنىڭ بارلىققا كېلىشگە تىلەكداشمەن ، ئالىپ تورىغىمۇ كۆز تەگمىگەي .
44-قەۋەت
15599976892 ۋاقتى: 2017-2-3 17:26:31
باغداش تۇرى قاچانلىققا ئەسلىگە كىلدۇ
45-قەۋەت
dilaram ۋاقتى: 2017-2-3 17:30:09
نەخ گەپنى قىپسىز،دىمىسىمۇ سالونچىلار بۇلالمىدى ھازىر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部