+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-1 19:14 2104 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئايفوننىڭ توكى تېز تۈگەپ كېتىپ ئىچىڭىز پۇشىۋاتامدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئامالنى ئىشلەتسىڭىز ئايفوننىڭ توكى بىر ھەسسە ئۇزۇن يېتىدۇ.


1. «ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلىنىشى» نى تاقاش
ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلاش (后台应用刷新) يانفوننىڭ توكىنى ئەڭ تېز خورىتىۋېتىدىغان باش «جىنايەتچى» . ئۇنى تاقىۋەتسىڭىز نورمال ئۇچۇر قۇبۇللاش ۋە باشقا مەشغۇلاتقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەكسىچە توك خوراش ۋە بايلىقنى خورىتىش زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يانفوندىكى ئەپلەر بەك كۆپ سىغىمنى ئىگىللىۋالغان بولسا، ئارقا سۇپا ئەپ يېڭىلاشنى تاقىۋەتسە خېلى كۆپ بوشلۇق بىكار بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ 通用 ] -› [ 后台应用刷新 ] گە كىرىپ تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


2. «دائىم بارىدىغان يەر» نى تاقاش
«دائىم بارىدىغان يەر» (常去地点) سىستېمىنىڭ سىزنىڭ نەگە بارغانلىقىڭىزنى ئۇدۇللۇق خاتىرلەپ تۇردىغان بىر خىل ئىقتىدارى. ئۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەكسىچە توك ۋە تور ئېقىمىنى خورىتىدۇ. ياكى يامان غەرەزدە شەخىسىي ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشۋالغانلارغا دائىم بارىدىغان يېرىڭىزنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ 隐私 ] -› [ 定位服务 ] گە كىرىپ، ئەڭ ئاستىدىكى  " 系统服务 " نى چېكىپ، 常去地点 نى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


3. ئارقا سۇپىدا ئاپتوماتىك چۈشۈرۈشنى تاقاش
ئەپ يېڭىلاش توك ۋە تورنى بەك خورىتىۋېتىدۇ. ئەپلەرنىڭ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىشنى تاقىۋېتىپ، يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، تور، توكتىن غەم قىلمايدىغان شارائىتتا  App Store غا كىرىپ قولدا يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تاقاش ئۇسۇلى: [ 设置 ] -› [ iTunes Store 和 App Store ] گە كىرىپ، 自动下载的项目 نىڭ ئاستىدىكى 应用, 图书与有声读物, 更新  دېگەن ئۈچ تۈرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.



قولدا يېڭىلاشنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلسىڭىز يۇقارقى رەسىمدىكى  [ 使用蜂窝移动数据 ] نى تاقىۋەتسىڭىز پەقەت ۋايفاي بار مۇھىتتىلا يېڭىلىنىدۇ، كۆچمە توردا يېڭىلانمايدۇ؛ ئېقىم تىجىلىدۇ.

4. «AirDrop ھەمبەھر» نى تاقاش
بۇ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بىر ئىقتىدار. بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ ئالما ئۈسكۈنلىرى ئارا تېز سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىيال يوللاشقا بولىدۇ. ئەمما ئىشلەتمىگەندە ھەمىشە ئۇچۇق تۇرسا ئەتراپتىن باشقا ئالما ئۈسكۈنلىرىنى ئىزدەپ توكنى تېز خورىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا ئېچىپ، باشقا ۋاقىتتا تاقاپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تاقاش ئۇسۇلى: ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىپ  控制中心 كونترول مەركىزىنى ئېچىپ، AirDrop 共享 نى چېكىپ،  停用 نى بېىسپ توختىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-8-1 20:08:03
مەن نۇر تورىدا كۆردۈممۇ  شۇنداقراق، بىرسى تىم كۇكقا ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرنى تازلاش توك تىجەشكە پايدىسى بۇلامدۇ دەپ سورىسا پايدىسى يوق دەپتىكەن،  
دوسلار 2000ئەتراپىدا ئالما ئالتە ئەس پىلاس ئالغىلى بۇلامدۇ
گىلەم
ئەنسارىm ۋاقتى: 2017-8-1 22:34:44
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-1 20:08
مەن نۇر تورىدا كۆردۈممۇ  شۇنداقراق، بىرسى تىم كۇكقا ئا ...

2000يۈەن ئەتىراپىدا 6s plusئەمەس،6plusئالالايسىز
ئورۇندۇق
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-1 23:46:01
مەن سىناپ كۆرەي مەن تىلفۇننى كۆپرەك ئىشلىتەتتىم           
قانداق قىلساق app store دىكى ئەپلەنى كارتىنىڭ تورىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ
5-قەۋەت
xirali537 ۋاقتى: 2017-8-2 00:58:47
تېما ئىگىسى جاپا چەكتىڭىز، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىسىل تېما  بوپتۇ.رەھمەت سىزگە
6-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-8-2 01:40:42
100مىگادىن ئاشسا   سىمسىز  توردىن  چۈشۈرسىز
7-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-8-2 20:42:42
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-2 01:40
100مىگادىن ئاشسا   سىمسىز  توردىن  چۈشۈرسىز

100مىگابايىتتىن ئاشقىنىنى كارتىدىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان ئامال بولسا بولاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部