+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-28 12:15 3243 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتى،  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئىبارەت دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى  9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەسىلدىكى پىلاندىن بىر ئاي ئالدىغا سۈرۈلدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىنژېنېر جاڭ فېڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى : سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇش پىرىنسىپى بويچە ئۈچ ئاساسىي خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ھازىر سىستېمىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرماقچى.
بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگو تېلېگىراف شىركىتى،  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىرلىكتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ۋە كەزمە ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردىغانلىقىنى ئېيتقان.
دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق كەزمە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېفون ئۇرۇشتا كەزمە ھەققى ياكى ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بويچە ھەق ئېلىنىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

28ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tog_rak ۋاقتى: 2017-7-28 12:52:43
چاڭتو دىگەن گەپ يوقامدىكەن ئەمدى؟
گىلەم
这不是梦想 ۋاقتى: 2017-7-28 12:59:49
بۇ ياخشى سىياسەت بوپتۇ
ئورۇندۇق
AXEK007 ۋاقتى: 2017-7-28 13:21:16
بۇ سىياسەت بەك ياخشى يۇلغا قۇيۇلۇپتۇ
ئەمدى شەھەر ئچى شەھەر سىرىتى دىمەي سوزلىشىدىكەن مىز دە ئەمدى
5-قەۋەت
تىلەك ۋاقتى: 2017-7-28 13:21:35
تور باھاسىنىمۇ تۆۋەنلەتسە بولاتتى
6-قەۋەت
ئۆتكور ۋاقتى: 2017-7-28 13:21:40
نىمە ئۇ چاڭتۇ دىگەن؟
7-قەۋەت
fffffffffffffff ۋاقتى: 2017-7-28 13:40:31
تىما ئىگىسى تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ كەچۈرگەيسىز، ھازىر ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە كىملىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كىرسەك، بەكلا ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلايدىكەنمىز، دىتال ياسايدىغان ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ كىملىك قەرىزىنى تەكشۈرەلەيدىغان ئەپتىن بىرەرنى ياسىغان بولساڭلار ھەممەيلەنگە بەك ياخشى بۇلاتتى
8-قەۋەت
elbilge ۋاقتى: 2017-7-28 14:23:12
كىملىك قەرزى دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ؟
9-قەۋەت
1473232480 ۋاقتى: 2017-7-28 14:35:20
ئۇنداقتا شەھەر ئىچى شەھەرسىرتى دىمەيدىكەندە   ياخشى بوپتۇ
10-قەۋەت
fffffffffffffff ۋاقتى: 2017-7-28 14:50:38
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2017-7-28 14:23
كىملىك قەرزى دىگ ...

سىز ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە كىرىپ ، كىملىكىڭىزنى بىرىپ ، كىملىكىمنى تەكشۈرۈپ بىرىڭ دىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ نامىدا قانچىلىك كارتا بىجىرگەن، قانچىلىك قەرىزى بارلىقى چىقىدىكەن
11-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-7-28 16:39:11
     ئۇنداق كىملىككە قانچە تال كارتا بىجىرىلگەن؟ قانچىلىك قەرزى بار؟… دىگەندەكلەرنى تەكشۈرىدىغان ئەپنى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئىگە بولۇپ چىقارمىسا شەخس چىقىرالامدۇ؟…

     تورداشلاردىن كىچىككىنە بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام، بىلىدىغانلار جاۋاب بەرسەڭلار !!!     گولدباخ قىياسى دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟
12-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-28 16:48:04
دۆلىتىمىزدە مۇشۇ ئۈچ خەۋەرلىشىشتىن باشقا  خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى يوقمۇ
13-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-7-28 18:47:30
بار، تۆمۈريول خەۋەرلىشىش، تور خەۋەرلىشىش،    يەنە بىر چاغدا چىققان  ئۇيغۇر تور  خەۋەرلىشىش 维通 قاتارلىقلار بار،
14-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-29 01:03:34
3131446363 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-28 18:47
بار، تۆمۈريول خە ...

لېكىن تەرەققى قىلالمىغان ئوخشايدۇ ھە
15-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-7-29 01:57:42
مىنىڭ كىملىكىمنى تەكشۈرتكەن ئىدىم  ئىككى دانە كارتا مەن ئىشلەتكەن چىقتى قالغان يەتتە سەككىز كارتا مەن ئىشلەتكەن بىجىرگەن ئەمەس  ھىساپلاپ باقسام ئۇمۇمىي سوممىسى سەككىز مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىپتۇ  بىلدىغانلار بولسا ئىنكاس يېزۋەتسەڭلار قايسى ئورۇن دەردىمىزنى تىڭشار؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部