+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-3 10:40 2347 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بارماق دېسكا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ساقلاش ئۈسكۈنىسى. خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈچۈن زۆرۈر قورال. بارماق دېسكىدىن بەزىدە ھەر خىل مەسىللەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئاچقىلى بولمىسا يەنە بەزىدە فورماتلىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندە مۇشۇنداق ھەر خىل مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىمىز.


1. بارماق دېسكىنى فورماتلاڭ دەپ چىقىۋېلىپ ئاچقىلى بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چېتىپ ئاچساق 无法打开,需要进行格式化 دەپ چىقىۋېلىپ ئاچقىلى بولمايدۇ. فورماتلاشنى بېسىپ فورماتلىۋەتسىڭىز ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ئۆچىدۇ. ئىچىدە مۇھىم ھۆججەت بولسا فورماتلىماي ئېچىشقا بولامدۇ؟


ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بارماق دېسكىنى چاتقاندىن كېيىن 驱动器f中的磁盘未被格式化 دەپ چىقىۋالسا «否» نى بېسىپ فورماتلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ. بۇيرۇق ھالىتى cmd نى ئېچىپ، chkdsk x:/f  نى كىرگۈزۈپ ئېنتېر كۇنۇپكىسنى باسسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردىكى x بارماق دېسكىڭىزنى بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. كۇنۇپكا تاختىسىدىن ۋىندوۋس كۇنۇپكىسى بىلەن R كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 运行 نى (win+r) ئېچىپ، cmd دەپ كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرسىڭىز  cmd بۇيرۇق ھالىتى ئېچىلىدۇ.

2. بارماق دېسكىنىڭ سىغىمى 0 بايت دەپ كۆرۈنىۋېلىپ، فورماتلىغىلى بولمىسا قانداق قىلىمىز؟
بارماق دېسكىنىڭ سىغىمى 0 دەپ كۆرۈنىدۇ، فورماتلىسىڭىز «文件系统是raw» دەپ خاتالىق چىقىۋېلىپ فورماتلانمايدۇ.

ھەل قىلىش ئۇسۇلى: كومپىيۇتېرنى تاقاپ، بارماق دېسكىنى چېتىپ ئاندىن كومپىيۇتېرنى ئېچىپ، ئۈستەل يۈزىدىكى «بۇ كومپىيۇتېر » نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ، «管理» نى تاللاپ، «计算机管理» نى ئېچىڭ. (كونترول تاختىسىدىن ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ) كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى “存储” نى ئاندىن “磁盘管理” نى چېكىڭ. بۇ چاغدا كومپىيۇتېردىكى بارلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرۈنىدۇ. مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا  (磁盘1(可移动 (بارماق دېسكىنى) چېكىپ «新建分区» (يېڭى رايون قۇرۇش) __ “FAT32”/“NTFS” نى باسساق يېڭى رايون قۇرۇلىدۇ. ئاندىن بارماق دېسكىنى فورماتلىسىڭىز نورمال فورماتلىنىدۇ.

3. بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرگىلى بولمىسا قانداق قىلىمىز.
بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرمەكچى بولغاندا كۆچۈرگىلى بولمايدۇ.





ھەل قىلىش ئۇسۇلى: بارما دېسكىنى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ «属性» خاسىلقنى تاللايمىز. خاسلىق كۆزنىكىدىن “工具” نى ئاندىن “开始检查” نى بېسىپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن 修复错误 نى باسساق خاتالىق ئوڭشىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن “共享” بەتكۈچىنى ئېچىپ 高级共享” نى بېسىپ “共享此文件夹” نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز. ئەمدى ھۆججەت نورمال كۆچۈرۈلىدۇ.

4. بارماق دېسكىدىكى ۋىرۇسنىڭ كومپىيۇتېرغا كىرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بارماق دېسكا كومپىيۇتېرلار ئارا ۋىرۇس يۇقتۇردىغان ئەڭ چوڭ جاسۇس. بولۇپمۇ ئوپچە ياتاق، كۆپ ئادەم بار ئىشخانىدا كومپىيۇتېر ۋىرۇستىن قۇتۇلالمايدۇ. تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ قويسىڭىز ھەر قانداق بارماق دېسكىدىكى ۋىرۇس كومپىيۇتېرغا كىرەلمەيدۇ.
win+r نى بېسىپ «ئىجرا» نى ئېچىپ، «regedit» نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرۇپ تىزىملاش جەدىۋىلىنى ئېچىڭ. ئاندىن HKEY_CURRENT_USER → Software → Microsoft →
Windows → CurrentVersion → Explorer → MountPoints2 نى تەرتىپ بويچە ئېچىپ، MountPoints2 نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چېكىپ 权限 نى ئېچىڭ.




MountPoints2 نىڭ ھوقۇق كۆزنىكى ئېچىلغاندىن كېيىن ھەر بىر ئىشلەتكۈچىنى ئايرىم-ئايرىم تاللاپ “完全控制” نى 拒绝 قىلىپ تەڭشەپ جەزملەش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: بارماق دېسكا ئۆزىكىدە فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولسا يۇقارقى ئاماللار كارغا كەلمەيدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش63 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
kutluk2 ۋاقتى: 2017-7-3 12:50:52
بەك ياخشى تىما بوپتۇ  رەھمەت ،يەنە بىرمەسىلە بارماق دىسكىغا بىرنەرسە  قاچىلىسام نۇرمال قاچىلايدۇ لېكىن بارماق دىسكىنى  كومپىيوتىردىن ئېلىپ يەنە سالسام يۇقاپ كىتىدۇ ئىچىدە بۇرۇن باربولغان نەرسىلەرنى يۇيۋاتسام  يەنە ئەسلىگە كەپ قالدىدۇ  بۇ قانداق ئىشتۇ بىلىدىغانلا  ياردەم قىلىڭلا
گىلەم
oguzhan ۋاقتى: 2017-7-3 11:17:37
تېمىڭىزغا رەھمەت، ھەقىقەتەن نەپ تېگىدىغان ياخشى تېما بوپتۇ، مەن داۋاملىق يولۇقىدىغان مەسىلە ئىدى، ئەمدى تېنىمەيلا ئوڭشىۋالىدىغان بولدۇم، داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى بىلىملەرنى يوللاپ تۇرغايسىز!
ئورۇندۇق
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-3 12:10:19
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
5-قەۋەت
13139740360 ۋاقتى: 2017-7-3 13:20:28
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز
6-قەۋەت
uyghur ۋاقتى: 2017-7-3 13:44:31
kutluk2 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-3 12:50
بەك ياخشى تىما بوپتۇ  رەھمەت ،يەنە بىرمەسىلە بارماق دى ...

بارماق دېسكىڭىز ساختىكەن، يەنى ئەسلى 2 جىلىق بارماق دېسكىنى 8 ياكى 16 جىلىق دەپ كۆرسىتىدۇ، شۇڭا 2 جىدىن كۆپ ھۆججەت كۆچۈرسىڭىز باشقا كومپىيۇتېردا كۆرۈنمەيدۇ
7-قەۋەت
841529931 ۋاقتى: 2017-7-3 14:50:35
سوراپ باقسام ،تۇنۇماي قالعان بارماق دىسكنى ئوڭشعلى،بۇلامدۇ
8-قەۋەت
感觉 ۋاقتى: 2017-7-3 14:51:11
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز مېنىڭمۇ بارماق دىسكا ئىچىدە سەككىز جىدەك كىنو بار ئىدى بارماق دېسكا ئوتتۇزئىككىجى ئىچىگە باشقا نەرسە قاچىلىسام كۆچۈرۈلىدۇ فورماتلىغاندىن كېيىن  كېيىن قاچىلىغان ماتېرىياللارئۆچىدۇ.لېكىن بۇرۇنقى سەككىزجى كىنو پەقەت ئۆچكىلى ئۇنىمىدى بۇنىڭغا قانداق ئامال بارىدۇ؟ياردەم قىلسىڭىز بولۇپتىكەن.
9-قەۋەت
purkat ۋاقتى: 2017-7-3 17:11:57
بەك ياخشى تىمىكەن مەن ساقلىۋالدىم
10-قەۋەت
kusanbiz88 ۋاقتى: 2017-7-3 21:22:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار ،ئۆيدىكى تورنى توكتىن ئاجىرىتىپ چاتسام  تىلۋىزىيە چىقىدۇ ، تورغا چىقمايدۇ ،كوم يوق ئىدى، سىمسىز تورغا چىقاتتىم ،ئەمدى بۇ نىمىشتۇ ،ياكى ھىساۋات نۇمۇرى ،سالامدۇق ،ھىچ ئۇخمۇدۇم ،ياردەم قىلىڭلار ،تور ئىشلىرىغا تېخى ،يېڭى ئىدىم ،
11-قەۋەت
DOLAN多浪 ۋاقتى: 2017-7-4 00:43:35
بىزنى دەپ كۆپ جاپا تارتىپسىز ،سىزگە رەھمەت
12-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-7-4 01:46:31
  مۇشۇ باھانىدە سوراپ باقسام؛ بارماق دىسكىغا بىزدىن باشقىلار ماتىرىيال قاچىلىيالمايدىغان ياكى كۆچۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل-چارىلەرمۇ بارمۇ؟
13-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-4 09:36:53
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
14-قەۋەت
2643952619 ۋاقتى: 2017-7-4 21:05:42
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلا ssk 64G 3.0 بارماق دىسكىدىن بىرسى باتى كومپىيوتۇرغا چاتسام  فورماتلاڭ دەپ چىقىدۇ  يا فورمات لىغىلى بولمايدۇ دىسكىدا تۇنۇيدۇ   بومىسا بۇزۇلغانمىكى دىسەم  cmdبۇيرۇقنى بەسەم  سانسىپىرلار مېڭىپ 完成دەپ چىقىدۇ بارماق دىسكىغا كىشىدۇ بەرمە قاچلىسام پاتمايتۇ   خاسلىقىغا كىرسەم 0 مىگابايىت دەپ چىقىتۇ  دىسكىدا جى سانى چىقىتۇ قىلمىغان ئامال  قالمىدى  دوسلا   ئوڭشىغىلى بولمامدۇ يا ئارىم دىتالى بامۇ
15-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-6 00:45:07
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部