+تېما يوللاش
begtash يوللانغان ۋاقتى:2015-8-29 15:28 2419 قېتىم كۆرۈلدى 20 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
360 شىركىتى يېڭى تېلېفون ئېلان قىلدى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى 360 شىركىتى، تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەپلىمىلىك ئۈچ خىل نۇسخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىكۇ (奇酷) يان تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1199 يۈەن، 1999 يۈەن ۋە 3599 يۈەن بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ توردا ئالدىن زاكاز قىلىشقا بولىدىكەن.
360 چىكۇ يان تېلېفونى ئاندىرويىد ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇلغان OS 360 سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى يۇقىرى، ئەمەلىي پىروگراممىلارنىڭ ئەقلى تازىلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئېكران ئۆچكەن ھالەتتە ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەرنى تاقىۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت سىستېما بىلەن بىرگە كەلگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئىچكى سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىكەن.
چۈنكى 360 شىركىتى ئىزچىل بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى شۇغۇللىنىپ كەلگەچكە، بۇرۇندىن توپلاپ كەلگەن بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى يان تېلېفون سىستېمىسىغا ئىشلەتكەن. سىستېمىسىغا بىخەتەر بولغان مال-مۈلۈككە دائىر ئەپ سەپلەنگەن، 360 شىركىتى چىكۇ مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى بىلەن بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 120 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
360 چىكۇ تېلېفونىغا يەنە شەخسى سىر ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئايرىم شىفىرلىغىلى بولىدىكەن، 360 تېلېفونىدا يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۈندىدار ئېچىش ئىقتىدارىمۇ بار.
خەۋەر مەنبەسى: ئەرقال تورى
http://erqal.com/uyghur/html/2015/0826/8143-30.html
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

20ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ahmat520 ۋاقتى: 2015-8-29 16:24:01
ياخشى بوپتۇ ، بۇلار ھەقسىز يانفۇن ئىشلەيدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ئۇ خەۋەر يالغان ئوخشىمامدۇ ؟
گىلەم
2595922642 ۋاقتى: 2015-8-29 16:28:51
ياخشى بۇپتۇ
ئورۇندۇق
BIZLAKIM ۋاقتى: 2015-8-29 16:49:29
جاھاندا ھەقسىز نىم با
5-قەۋەت
Uyhackerjan ۋاقتى: 2015-8-29 18:16:28
بىخەتەرلىكنى بىرنچى ئورۇندا قويغان بولسىلا ياخشى،رەھمەت...

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
6-قەۋەت
سودىگەر1 ۋاقتى: 2015-8-29 18:32:35
سەپلىمىسى قانداراقتو؟شۇنى بىلسەك بولاتتى .
7-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2015-8-29 18:51:58
سىسىتىما قانداق بۇلىدۇ ئەمدى ئۇنىڭ ،،
8-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2015-8-29 19:31:08
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ بۇ يانفوننى، ھەممە كارتىنى 4G قوللايدىغىنىمۇ باركەن تېخى.
9-قەۋەت
sidik007 ۋاقتى: 2015-8-29 19:38:09
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sidik007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-29 19:39  

سەپلىمىسى:
ئېكران: 6دىيوملۇق 2560x1440 ئېنىقلىقتىكى ئېكران

مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ: 64 بىتلىق باتۇر ئەجدىھا 810 سەككىز يادرو

تور شەكلى : بىرلەشمە ،كۆچمە ،تېلگىراف 4g
قوش كارتا :قوش 4g
سېستىمىسى :360os 5.1

ئىچكى ساقلىغۇچ: 4g

rom: 64g   
sdكارتا سېلىشنى قوللايدۇ

باتارىيە : 3700mah  ئىچكى باتارىيە (تېز زەرەتلەش ۋە يېڭى سوۋۇتۇش سېستىمىسى )

كامېرا :1300تۈمەن 1.8يورۇقلۇق چەمبىرىكى (lg g4)غا ئوخشاش
ئالدى كامېرا :800تۈمەن 2.4 يورۇقلۇق چەمبىرىكى
بارماق ئىزى قوللايدۇ.
10-قەۋەت
newstar ۋاقتى: 2015-8-29 19:55:31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-29 19:58  

يانتېلفون ئىشلەپ بازارغا سېلىپ باقمىغان مەن قالدىم بۇ جاھاندا.
سېتىۋالاي دېسە تېلفون ئاز ئەمەس، يانچۇقتا پۇل ئاز. كارتىدىمۇ ئاز.
11-قەۋەت
i9502 ۋاقتى: 2015-8-29 20:24:25
360 چىكۇ يانفونى ئېلان قىلىندى: بىخەتەرلىكى يۇقىرى, باھاسى 1199 يۈەندىن باشلىنىدۇ

360 نىڭ بايرىقى ئاستىدىكى چىكۇ يانفون شىركىتى بۈگۈن بېيجىڭدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ, تۇنجى نۇسخىدىكى 360 چىكۇ ناملىق يانفونىنى ئېلان قىلغان. بۇ يانفون ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسى, بايراقدار دەرىجىلىك نۇسخىسى ۋە ياشلار نۇسخىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ, سېتىلىش باھاسى 1199 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

چىكۇ يانفونىنىڭ گەۋدىسى مېتالدىن ياسالغان, تار رامكىلىق لايىھە قوللىنىلغان, رامكىسىنىڭ كەڭلىكى ئاران 1.4 مىللىمېتىر كېلىدىكەن, ئېكران ئاستى تەرىپىگە چەكمە كۇنۇپكا سەپلەنگەن. سىرتقى شەكلىدىن قارىغاندا, بۇ يانفون لېشى دەرىجىدىن تاشقىرى يانفونى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ قالىدىكەن. يانفوننىڭ ئارقا يۈزىگە قوش كامېرا كۆزى ئورنىتىلغان, بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
360 چىكۇ يانفونىغا 6.0 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ, 2K ۋە 1080p دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېنىقلىق دەرىجىسىگە ئايرىلىدىكەن, ئېكران تەمىنلىگۈچى ياپونىيەدىكى شارپ شىركىتى بولۇپ, ئېكراننىڭ يانفون يۈزىدە ئىگەللەيدىغان ھەجىم نىسبىتى %83 گە يېتىدىكەن, يانفون چوڭلۇقى iPhone 6 Plus بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن.
قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك, چىكۇ يانفونىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K بولغان ئېكران, كۇۋالكوم سىنەپدىراگون 810 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى, 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ, 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ ۋە 3700 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن, بارلىق شەكىلدىكى 4G تورىنى ۋە قوش كارتىنى تەڭ قوللايدىكەن. بۇ يانفوننىڭ بايراقدار دەرىجىلىك نۇسخىسىغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080p بولغان ئېكران, كۇۋالكوم سىنەپدىراگون 808 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ, 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
ياشلار نۇسخىسىغا بولسا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080p بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران, سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ, 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە سەككىز مىليون پىكسىللىق تاق كۆزلۈك كامېرا سەپلەنگەن.

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا, 360 شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جوۋ خوڭيى يانفوننىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرغان. 360 نىڭ بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتاللىرى جەھەتتە توپلىغان تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن, چىكۇ يانفونىنىڭ ئىچكى قىسمىغا مال-مۈلۈك سۇغۇرتا سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ, پۇل-مۇئامىلە ۋە مال-مۈلۈك تۈرىدىكى ئەپلەرگە قارىتا قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن, بۇندىن باشقا, ياغاچ ئات ۋېروسىدىن مۇداپىئەلىنىش, دەلىللەش كودى قىسقا ئۇچۇرى مەزمۇنىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغىمۇ ئىگە ئىكەن.
جوۋ خوڭيى سۆزىدە 360 نىڭ ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يىنىك ۋە راۋان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئۈگىنىپ, ئاندىرويىد يانفونلىرىدىكى قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى تۈپ-يېلتىزىدىن ھەل قىلماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. 360 OS سىستېمىسى ئەپلەرنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىشىنى تىگىدىن توسۇپ قالىدىغان بولۇپ, بۇ ئارقىلىق ئاندىرويىد سىستېمىسىدىكى ئەپلەرنىڭ ئارقا سۇپىدا ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ, سىستېمىنىڭ قېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى مىش-مىش خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك, 360 يانفونىدا ئىككى ئۈندىدار نۇمۇرىنى تەڭ ئېچىش ئىقتىدارىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان, ئۇنىڭغا "ئۈندىدارنى ئىككىگە بۆلۈش" دەپ ئىسىم قويۇلغان, بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئىككى ئۈندىدار نۇمۇرىنى تەڭ ئىشلىتىش, شۇنداقلا تەڭ ئىشلەتكەندە بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
دائىم چەتئەلگە چىقىدىغان دوستلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن, 360 يەنە چىكۇ كەزمە مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ, ئابونتلار چەتئەلدە تورغا چىققاندا بەش يۈەنگە 20 مىگابايت ئېقىم مىقدارى, 26 يۈەنگە بىر كۈنلۈك ئېقىم مىقدارى بىلەن تەمىنلەيدىكەن (شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن رايونلىرىدا بىر كۈنلۈك ئېقىم مىقدارىنىڭ باھاسى 15 يۈەن بولىدىكەن).
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا, جوۋ خوڭيى يەنە چىكۇ يانفونىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىمۇ ئاشكارىلىغان, بۇنىڭ ئىچىدە, ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 3599 يۈەن, بايراقدار نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1999 يۈەن, ياشلار نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1199 يۈەن بولىدىكەن. بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىدىكەن, 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي سېتىلىدىكەن.

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
12-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2015-8-29 22:21:07
بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەلەي بەلەي دىگەنلەرگە ۋاي دىيىشنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھاجىتى يوق بىر ئىش.
13-قەۋەت
akbulut ۋاقتى: 2015-8-30 12:15:30
قىززىق ئادەملەر بادە، دۇنيانى مىنىڭ كۆزۈمدىلا كۆرۈڭلا دەيدىغان. مەھسۇلاتلارنىڭ مۇشۇنداق كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ياخشى ئىش، بۇ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىخەتەرلىك بىزگە لازىم ئەمەس  ئىقتىدار دىمەڭ! سىز ئۇقمايلا بىرەر ئۇيۇننى ئويناۋاتقاندا ياكى بىرەر دىتالنى چۈشۈرگەندە ، تۇيدۇرمايلا قىسقا ئۇچۇر يوللىنىپ، تېلىفۇن ھەققىڭىزدىن پۇل تۇتۇلغاندا ئاندىن بىخەتەرلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ قالىسىز. توختىماي توردىن بىر نەرسە چۈشۈرۈپ، تور ئېقىمىڭىزنى خوراتقان ئەپلەرگە يولۇققاندا ياغاچ ئات ۋىروسىنىڭ ئەسكىلىكىنى تۇنۇپ يېتىسىز. قىسقىسى كالتە پىكىر قىلمايلى
14-قەۋەت
abdullam ۋاقتى: 2015-8-30 12:29:20
سامسوڭنىڭ 250 كويلۇق تىلفونىغا يەتمەيدۇ يەنە
15-قەۋەت
shungqar ۋاقتى: 2015-8-30 13:14:00
بىخەتەرلىكى بەك يۇقرى تېلېفۇنلار بىزگە ماس كەلمەسمىكى ، چۈنكى كۆپىنچى ئۇيغۇچە ئەپ ۋە روملار خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنىدۇ، بەزىلىرىگە تەلەيلىك يەشكۈچى ئارقىلىق بۇيرۇق بەرمىسە قاچىلىغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بۇنداق بىخەتەرلىكنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىۋالىدىغان يانفۇننى ئىشلەتسەك بەزى ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قىلىشىمىز مۇمكىن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部