+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-17 11:54 3411 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
iPhone دا مۇستەقىل قايتا قوزغىتىش بۇيرۇقى تەمىنلەنمىگەن. ئايفوننى تاقاپ ئاندىن ئاچىدۇ. ئايفوندىن باشقا يانفونلاردا ئاساسەن دېگۈدەك قايتا قوزغىتىش ئىقتىدارى بار. يانفوننى تاقاپ ئاندىن ئېچىش بىلەن قايتا قوزغىتىشنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار.



يانفوننى تاقاپ (关机) ئاندىن ئاچسا قاتتىق، يۇمشاق دېتاللار ئومۇميۈزلۈك قايتا قوزغىلىدۇ. كومپىيۇتېرغا ئوخشاش قاتتىق دېتاللىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. قاتتىق دېتال ۋە سىستېمىسى تولۇق تاقىلىدۇ، ئېچىش كۇنۇپكىسنى باسقاندىن كېيىن سىستېما ۋە بارلىق سانلىق مەلۇماتلار قايتىدىن يۈكلىنىدۇ. بۇ جەريانغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ، خورىتىدىغان توكمۇ كۆپرەك بولىدۇ. ئەمما سىستېمىنىڭ راۋانلىقى تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ. سىستېما تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئەخلەت ھۆججەتلەر تازىلىنىدۇ.
يانفوننى قايتا قوزغاتسا (重启 نى بېسىپ) پەقەت سىستېمسى قايتا قوزغىلىدۇ. قاتتىق دېتال تاقالمايدۇ. نۇرغۇن جەرياندىن ئاتلاپ ئۆتۈپ بىۋاستە سىستېمىغا كىرىدۇ. بۇ خىل قايتا قوزغىتىش جەريانى تېز، خورىتىدىغان توكمۇ ئازراق بولىدۇ. ئەمما سىستېمىنىڭ راۋانلىقى تولۇق ئەسلىگە كەلمەيدۇ. يانفوننى قايتا قوزغىتىش مەخسىتىگە تولۇق يەتكىلى بولمايدۇ. بىر قىسىم سىستېما قەۋىتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆچمەيدۇ.



ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوننى قايتا قوزغىتىشتىكى مەخسەتمۇ شۇ، سىستېما راۋانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. يانفون قېتىۋالغاندا، قىزىپ كەتكەندە، توك خورىتىش ئەھۋالى تېزلىشىپ كەتكەندە تاقاپ بىرەر مىنۇت ساقلاپ ئاندىن ئېچىش كېرەك. نورمال ئەھۋالدىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم يانفوننى تولۇق تاقاپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتا ئاچسا يانفوننىڭ راۋانلىقى ۋە قاتتىق دېتاللارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە پايدىلىق.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
mihman1 ۋاقتى: 2017-6-17 12:18:15
ياخشى بىلمكەن   دىققەت قىلساق   بولغۇدەك
گىلەم
siythan ۋاقتى: 2017-6-17 12:40:02
رەھمەت سىزگە مەن  داۋامىلق قايتا  قوزغىتاتتىم  ئەمدى ئۇنداق قىلمايمە
ئورۇندۇق
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-6-17 12:47:33
بۇرۇنلاردا يانفوننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرسا  ناھايىتى زىيانلىقكەن دەپ ئاڭلاپ ئۇيىل بۇ يىل يانفون ئېغىرلىشىپ كەتسىمۇ زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرماي ئىشلىتىپتىكەنمىز ، ئەسلى بۇمۇ بىر ئاقماس گەپكەن ئەمەسمۇ.
5-قەۋەت
tog_rak ۋاقتى: 2017-6-17 12:51:34
ياخشى تېمىكەن   چۈشىنىشلىك بولدى    رەھمەت
6-قەۋەت
siythan ۋاقتى: 2017-6-17 12:52:00
يانفۇننى ئايدا بىرە قىتىم زاۋۇت ھالىتىگە قارتۇرسا زىيىنى يوقتۇ؟
7-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2017-6-17 13:11:49
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2017-6-17 12:47
بۇرۇنلاردا يانفوننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرسا  ناھايىتى  ...

ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىكەن، بەزى تاغتۇرا يانفۇنلارنى زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرگەندا ماركىسى چىقىپ قېتىپ قالدىغان ئىشلار كۆرۈلىكەن، سېستا قاچلىمىسا ئېچىلمايدىكەن، شۇڭا تاغتۇرا يانفۇنلارنى ئامالبار بەك كۆپ قېتىم زاۋۇت ئەسلى تەڭشىكىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىكەن!
8-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-6-17 14:15:01
ياخشى بىلىمكەن رەھمەت
9-قەۋەت
18040880200 ۋاقتى: 2017-6-17 14:47:56
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ياخشى بىلىمكەن
10-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2017-6-17 16:16:40
تىلفونى زاۋۇت ھالتىگە قايتۇرۇش بىلەن سىستىمىنى قايتا قاچىلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار ،قايسىنى قىلسا تىلفونغا پايدىلىق .
11-قەۋەت
ask ۋاقتى: 2017-6-17 21:08:38
رەھمەت بىلىۋالدۇق،  ياخشى بىلىمكەن
12-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-6-17 22:38:06
رەھمەت  بىلۋالدىم
13-قەۋەت
@بەخىت ۋاقتى: 2017-6-18 20:22:37
مەن تىخى قايتا قوزغاتساقمۇ تىلپۇن ئىتىلىپ ئىچىلدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن،ئەسلى قاتتىق دىتال يەنىلا خىزمەت قىلىشتىن توختىمايدىكەن ئەمەسمۇ،بۇمۇ بىلۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن.
14-قەۋەت
amin9959 ۋاقتى: 2017-8-6 21:28:32
رەھمەت ياخشى چۈشەنچە بىرىپسىز دوستۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部