+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2016-1-27 22:05 1972 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2015-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالما باھار پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا Apple Watch نى بازارغا سالغان. شۇ چاغدا ئۈندىدار، ئالىپاي قاتارلىق خەنزۇچە ئەپلەرنى تۇنجى قېتىم تەستىقلىغان. ئەمما WP نەشىردىكى ئالىپاي ئىزچىل يېڭىلانمىدى. نۇرغۇن ھالقىلىق مەسىللەر ساقلاندى. ئالىپاينىڭ iOS ۋە Android نەشىرى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاندى.
WP ئىشلەتكۈچىلىرى ئالىپاينىڭ ئىگە تەرەپ مىكروبلوگىدا تىللىغان خەنزۇچە ئىنكاس 270 مىڭ دىن ئاشتى. WP نىڭ جۇڭگدىكى بازار ئۈلۈشى %1 ئەتراپىدا، ئىشلەتكۈچىلەر تىللاۋەرگەندىكىن ئالىپاي ئامالسىز WP ئەپ ئاچقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئانچە-مۇنچە تۈزەشتۈرگەندەك قىلدى، ئەمما ئالىپاينىڭ WP نەشىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا تېڭشۈن Windows 10 Mobile سۇپىسدا بارلىق ئەپ ئېچىش خىزمىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. QQ ، ئۈندىدارنىڭ Windows 10 Mobile سۇپىسىدا ئەپ ئېچىش گۇرۇپپىسىنى تارقىتىۋېتىپ، باشقا خىزمەتكە يۆتكىۋەتتى. دېمەك بۇندىن كېيىن Windows 10 Mobile دىكى كىيۇكىيۇ، ئۈندىدار يېڭىلانمايدۇ دېگەن گەپ.
تېڭشۈن ۋە ئەلى بابا Windows 10 Mobile گە ئەپ ئېچىشنى توختىتىۋەتسە، ئۇنداقتا WP جۇڭگودا مەغلۇب بولامدۇ يوق؟

دەسلەپ WP نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ دەپ خېلى قىزىققان ئىدۇق. ئاران ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپ توختاپ قالدى. كىيىن قانداق بولىدۇ، Windows 10 Mobile مىكروسوفىتنىڭ دەۋر بۆلگۈچ يېڭىلىق يارىتىشىغا مۇھتاج.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2016-1-27 22:15:41
ھازىر WPنى ھېچقانداق  سېستىما ياكى يانفۇن كارخانىسى ئ‍ۈزىنىڭ رىقاەتچىسى دەپ ھېساپلىمايدۇ .
گىلەم
alipalim ۋاقتى: 2016-1-27 22:16:35
ئ‍ەستا، ئ‍ەمىسە wap قا ئ‍ۇيغۇرچە تىل بۇلۇقى قۇشۇلىدۇ دىگىنى
قۇرۇق خام خىيالكەندە   ھەي !!!!
ئورۇندۇق
KONA ۋاقتى: 2016-1-27 22:46:11
ئەمدى ۋ پ ھەۋەسكارلىرى قۇرۇق خىيال قىلمىساڭلا بولغۇدەك
5-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2016-1-27 23:07:03
ھەرقانچە بولسىمۇ windows10mobileنى ئېلان قىلغاندىكىن ئۇيغۇرچە قىتىلسۇن ياكى قىتىلمىسۇن ئاخىرنى چىقىرىپ ھەقىقى نەشىرنى ئېلان قىلار.بىر نەشىردە بىر كەمچىلىكنى يۇقاتسا يەنە بىر كەمچىلىك پەيدا بۇلىدۇ بەك جىلە قىلۋەتتى بۇلار؟ مەن ئەڭ بۇرۇن چىققان 29 نى ياختۇرغان ئۇنىڭدىن كىيىنكى 36بىلەن 63 قەتئى ياختۇرمىدىم.
6-قەۋەت
zufar01 ۋاقتى: 2016-1-27 23:10:17
مەن ئۇيغۇرچە قېتىلسا سېتۋالىمەن
7-قەۋەت
arkan886 ۋاقتى: 2016-1-27 23:19:26
ئۇيغۇرچە قېتىلمىسىمۇ ئايفۇن ئەپلىرىنى قوللايدىقان بولسا ۋپقا كۆچىدىقانلار كۆپلەپ كىتىدۇ. بەلكىم ئايفۇن ئەپلىرىنى قوللايدىقىنى راس بولسا تېڭشۈن بىلەن ئالى بابا چ چ بىلەن ۋېيشىن ئالىپاينى يېڭلاش توختاتقان بۇلىشى مۇمكىن.
8-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2016-1-27 23:31:53
ئۇيغۇرچىنى قوشارمىكىن، ئاندىروئىدنىڭكىنى قوللامىكىن، ئالمىنىڭكىنى قوللامىكىن، ئەپلىرى يېڭىلىنارمىكىن،... دەپ ئۆزۈڭلارنى ئالداپ يۈرمەڭلار، مەنمۇ بىر يىل ئۆزۈمنى بەزلەپ يۈرۈپتىكەنمەن.
9-قەۋەت
arman731 ۋاقتى: 2016-1-28 00:29:28
ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ كەسكىن رىقابەتلىشىشى بىز ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش،قانچە كەسكىن بولسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايمەن ئۈزەمچە!!!
10-قەۋەت
mastana0 ۋاقتى: 2016-1-28 01:01:49
arkan886 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-27 23:19
ئۇيغۇرچە قېتىلمىسىمۇ ئايفۇن ئەپلىرىنى قوللايدىقان بو ...

ھە      ما    كوز   قاراشنى    نەزەردىن   ساقىت     قىلىشقا     بولمايدۇ   جۇمۇ،،،،  
11-قەۋەت
akbarelyas ۋاقتى: 2016-1-28 01:26:11
مىكرو سوفىتنىڭ ۋىن دوستەك مۇھىت دىتالى بولمىغان بولسا تىڭشۈننىڭ چى چى سى نىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى،،،،تىڭشۈننىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى،ئەمدىلىكتە مىكروسوفىتنىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە يۈز ئۆرىگەن بولسا ،،،،،بۇنى تۈزكورلۇق دەيمىز ،،مىكرو سوفىتنىڭ قىتىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ،،،،پەرۋايىم پەلەك دىيىشى مۇمكىن ،،،،ئۇلار قىلغاننى بىز قىلمايلى قىرىنداشلا،،،،،،دۇنيادىكى ھىچ قانداق شىركەت قۇللىمىغان ئانا تىلىمىزنى مۇشۇلار قوللىدى،،،،،سىز ياختۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان گوگىل ئاندىروھىت ۋە ئالما سىستىمىسى ئورگان تەرەپتىن قوللاپ باقتىمۇ ،،،،،،بەزىلەر چۈش كۆرمەڭلار دەپ كىتىپسىلەر
12-قەۋەت
Xperia ۋاقتى: 2016-1-28 01:36:10
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xperia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-28 02:03  

iosۋە android ئەپلىرىنى قوللىسمۇ يەنىلا ياخشى بوپ كىتىشى ناتايىن. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى ماسلىشىدۇ. blackberry ئىشلەتكەنلەر ئوبدان چۈشىنىدۇ .
13-قەۋەت
osal017 ۋاقتى: 2016-1-28 08:44:29
akbarelyas يوللىغان ۋاقتى  2016-1-28 01:26
مىكرو سوفىتنىڭ ۋىن دوستەك مۇھىت دىتالى بولمىغان بولسا  ...

ھەقىقەتەن توغرا……..
15-قەۋەت
سەنسىز. ۋاقتى: 2016-1-29 12:50:32
yoluqi-arwah يوللىغان ۋاقتى  2016-1-28 11:16
مەنمۇ 930ئىشلىتىپ سەت تويۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمدى ھەرگىزم ...

مەن تىخى 930 ياكى 830 دىن بىرنى ئالايمىكى دەپ ئولتۇرسام نىمە دەيدىغانسىز ئەمدى ،
مەنمۇ سىزدەك سەت تويۇپ كەتمەي
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部