+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-29 13:57 3157 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
12-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو تېلېگىرافى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو تېلگىراف گورۇھى شىركىتىنىڭ شىركەت تۈزۈمى، نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كارخانا تىپى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىدىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇستەقىل مەبلەغلىق شىركەتكە ئۆزگەردى. شىركەت نامى ئەسىلدىكى «中国电信集团公司» (جۇڭگو تېلگىراف گورۇھى شىركىتى) دىن «中国电信集团有限公司» (جۇڭگو تېلگىراف گورۇھى چەكلىك شىركىتى) گە ئۆزگەردى. كارخانىنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق كەسپى ، مۈلۈكى، ئەقلىي مۈلىكى، ھەقدارلىق - قەرزدارلىق ئىشلىرىغا بىردەك تۈزۈلمە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋارىسلىق قىلىدىكەن.



12-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گورۇھى شىركىتىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شىركەت تۈزۈمىنى، نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كارخانا تىپى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىدىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇستەقىل مەبلەغلىق شىركەتكە ئۆزگەردى. شىركەت نامى ئەسىلدىكى «中国移动通信集团公司» (جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گورۇھى شىركىتى) دىن «中国移动通信集团有限公司» (جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گورۇھى چەكلىك شىركىتى) گە ئۆزگەردى.  كارخانىنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق كەسپى ، مۈلۈكى، ئەقلىي مۈلىكى، ھەقدارلىق - قەرزدارلىق ئىشلىرىغا بىردەك تۈزۈلمە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گورۇھى چەكلىك شىركىتى ۋارىسلىق قىلىدىكەن.



نېمىشقا بۇنداق ئۆزگەرتىدۇ؟ بۇنداق ئۆزگەرتىشنىڭ ئىستىمالچىلارغا قانداق پايدىسى بار؟
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇستەقىل مەبلەغلىق شىركەتتە (国有独资公司) مۇدىرىيەت ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىن كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلگىراف خەۋەرلىشىشنىڭ CEO، باش مۇدىرلىرىنى شىركەت مۇدىرىيىتى تەكلىپ قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىمەيدۇ.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازارنى يېتەكچى قىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان  CEO، باش دېرىكتورلار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالمىسا مۇدىرىيەت تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدۇ. ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئازلايدۇ، بازار كەيپىياتى قۇيۇقلىشىدۇ.

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 2009-يىلى جۇڭگو ۋاڭتوڭ شىركىتى بىلەن بىرلەشكەندىلا مۇشۇ خىلدىكى شىركەت تۈزۈلمىسىنى قوللانغان. ھەمدە 3G تورىغا ئاۋۋال مەبلەغ سېلىپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، 3G تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، تېزلىكى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-12-29 14:19:52
بۇنىڭ ئىستىمالچىلارغا قانداق پايدىسى با
گىلەم
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-12-29 14:28:34
ۋاھ ناھايتى ئىسل ئىشتىن بىرنى قىپتىغۇ ھېي،بۇنۇڭدىن كىيىن ئەمدى كۆچمە خەۋەرلەشىشىنىڭ كارتىسدا يىزا قىشلاقلاردىمۇ 3G چىقارمۇ يا؟
ئورۇندۇق
كىيىك ۋاقتى: 2017-12-29 18:46:52
مەن ئۆيگە تور ئەكرەي دەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىغا كىرگەن ئىدىم، كىرسەم ھازىرقى ئۆزۈم ئىشلىتۋاتقان كارتىىنى 78يۈەنلىك يۈرۈشلۈك توۋسەن مۇلازمىتنى بىجرىدىكەنمەن، يېڭى يىلدىن باشلاپ بىجىرسەم 78يۈەنگە كارتىغا 700مىنۇت سۆزلىشىش 1جى تور بىردىكەن، ئۆيدە تور تىلۋىزيەسى چەكسىز ئىكەن، مەن بۇ  باھانى مۇۋاپىق كۆردۈم، يېڭى يىلدا بىجرەي ئەمسە دەپ يېنىپ چىقتىم، ئەمما تور سۈرئىتى نەچچە جى چىقدىغاندۇ سورۋالماپتىمەن، مۇشۇ تور تىلۋىزيەسىنى ئەكىرگەنلەر تەسىراتىڭلارنى بىر دەپ بەرسەڭلار كىنو كۆرسەك قېتىپ قالدىغان تور ئۈزلۈپ كىتدىغان ئەھۋاللار كۆرلۈپ قالدىغان ئىشلار مەۋجۇتمۇ يوق شۇنى بىر بىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم،
5-قەۋەت
于于于于于 ۋاقتى: 2017-12-29 20:10:10
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 18:46
مەن ئۆيگە تور ئەكرەي دەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى ...

مەنمۇ كۆچمەخەۋەرلىشىشنىڭ.تورىنى.9-ئايدا تارتقان.ئايلىقى 58يۈەن580مىنۇت سۆزلىشىش.800مېگابايت ئېقىم مىقدارى بار.  كىنو فىلىم كۆرسە ھېچقانداق قېتىۋالىدىغان ئىشلار يوق.خاتىرجەم تارتقۇزىۋىرىڭ
6-قەۋەت
于于于于于 ۋاقتى: 2017-12-29 20:48:33
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 18:46
مەن ئۆيگە تور ئەكرەي دەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى ...

مەن سىزگە بىر تەكلىپ بېرەي.سىز ئاشۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورنى تارتقۇزۇشتىن بۇرۇن.يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە.بولسا سىز كارتىڭىزنىڭ تاۋسەننى.ئەڭ تۆۋەن يەنى بولسا.18كويلۇق تاۋسەنگە چۈشۈرىۋېلىڭ.مېنىڭ ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز.كۆچمىنىڭ تورىنى بىر كۈندىلا تارتقۇزغان..مېنىڭمۇ شۇ ئون سەككىز كويلۇق تاۋسەن كارتا ئىدى.مېنىڭكىدىن ئايدا ئەللىك سەككىز كوي تۇتتى
لېكىن ، ئاغىنەمنىڭ تور تارتقۇزۇشتىن ئاۋۋال..58تاۋسەنلىك كارتا ئىكەنتۇق.ئۇنىڭ كارتىسىدىن.ھەرئايدا.116كوي.تۇتىۋتىپتۇ.ئۇ ئاغىنەم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىجارەت زالىغا بېرىپمۇ؟پەقەتلا ھەل قىلالمىدى.ئۇمۇ ئامال يوق ئايدا ئاشۇنداق.116كوي تۆلەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
7-قەۋەت
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2017-12-29 20:55:46
مەن دەل 78كويلۇقنى ئىشلىتىۋاتىمەن.  تور تېزلىكى سىكونتغا 4-6مىگاغىچە  تېزلىكتە ، بوپ قالىدۇ.
8-قەۋەت
abdut ۋاقتى: 2017-12-29 21:00:12
دىيەنشىن كارتىلاردا شەھەرئىچىدە توك بولمىسا سىگنال يوقاپ كىتىدىكەن مايەردە غەلىتىلا ئىشقۇ   ،لىكىن لىيەنتۇڭ   يىدۇڭنىڭ  نورمال ھالەتتە
9-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-12-29 21:47:23
abduxkur0998 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 14:28
ۋاھ ناھايتى ئىسل ...

شىركەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتسە تور 3g چىقمايدۇ . ئەسلىدە بۇ ئىككى شىركەت دۆلەت تارمىقىدىكى شىركەت ئىدى ، شۇنداق بولغاچقا شىركەت زىيان تارتسىمۇ پايدا ئالسىمۇ ھەممىسىگە دۆلەت ئىگە ، شۇڭا مائاش ئىلېپ كۈن ئۆتكۈزسىلا بولاتتى . لىكىن ئەمدى ئۇنداق قىلاممايدۇ ، چۈنكى شىركەتنىڭ پايدا زىيان ھەممىسگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ ، ئەگەر خىرىدارنى ياخشى رازى قىلماي رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويسا خىزمىتى يوق بولىدۇ . يەنى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارسىدىكى رىقابەت تىخىمۇ كۈچىيدۇ .
10-قەۋەت
begtash ۋاقتى: 2017-12-30 12:44:06
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2017-12-29 18:46
مەن ئۆيگە تور ئەكرەي دەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى ...

مەنمۇ خوتەندە مۇشۇ يۈرۈشلۈكنى ئىشلىتىۋاتىمەن، تورنىڭ سۈرئىتى خىلى ياخشى،  لىكىن كەچ ۋاقتى تورنىڭ كىچىكىش ۋاقتى سەل يۇقىرى، قەھرىمانلار ئىتىپاقى دىگەندەك ئويۇنلارنى ئوينىغاندا قىتىۋالىدىغان ئەھۋال بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部