+تېما يوللاش
alqutcom يوللانغان ۋاقتى:2017-5-27 13:47 5129 قېتىم كۆرۈلدى 54 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفۇنى S8 /S8+ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمى سېتىلىشقا باشلىدى. مەنمۇ بۇ يانفۇننىڭ مودىلىنى بىر كۈرۈپلا ياقتۇرۇپ قېلىپ 10 نەچچە كۈن بۇرۇن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان ئىدىم. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى قىزىل بايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تەرەپتىكى سامسۇڭ دۇكىنىدىن ئەتە كىلىپ يانفۇننى ئېلىۋېلىشىمنى ئۇقتۇردى. ھامان ئالغاندىكىن چوڭىنى ئالغان ياخشى دەپ S8+ نىڭ 128 گىگابايتلىق نۇسخىسىنى ئالدىم.

يانفۇن ئىنتايىن سىپتا ۋە سىلىق چىققان بولۇپ، يانفۇننى تۇتقان ئادەمگە ئىنتايىن راھەت تۇيغۇ بىرىدۇ. (بۇ يانفۇننىڭ ئالدىدا ئالما 8-9 لار چىقسىمۇ نېمىگە ھېسابتى) بۇ يانفۇننى قولىغا ئالغان ئادەم ھەقىقەتەن ئامراق بولۇپ قالىدىكەن. مەنمۇ تۇنجى قېتىم سىناق مودىلىنى كۈرۈپلا دەرھال زاكاس قىلغان ئىدىم.

يانفۇننىڭ كىشىگە بىرىدىغان تەسىرى خېلىلا ياخشى، ئىشلەتكەن ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ. سۈرئەت، رەسىم، كۈرۈنۈش، .... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن بىر ھۇزۇر.

بولۇپمۇ ئېكراندىكى ئاۋۇ يۇلتۇزغا ئوخشايدىغان چىكىتلەر يانفۇن مىدىرلىغاندا تەڭ مىدىرلاپ خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆرسەتكەندەك ھېس قىلدۇرىدىكەن.
بۇ يانفۇننى قولۇمغا ئېلىپلا ئەڭ ئاۋۋال قىلغان ئىشىم نېمە دېگەندە كۈنۈپ قالغان ئادىتىم بويىچە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇتۇش بولدى. ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى روت ئالماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تۇنتىۋالدىم.
ناۋادا بۇ يانفۇندىن سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرچە تۇنۇتماقچى بولغانلار بولسا مەن ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىمەن. لېكىن، ئېسىڭىزدە بولسۇن، قەتئىي روتنى ئېچىپ سالماڭ. بولمىسا سامسوڭ پاي نىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىرى يىتىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى يانفۇنلار ۋەي دىيىشىش ئۈچۈنلا ياسالمايدۇ، تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان مەزگىلىدە يانفۇننىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك دە! بۇ يانفۇن ھەققىدە سورايدىغان سوئاللىرىڭىز بولسا ھەر ۋاقىت جاۋاب بىرىمەن. سىناق قىلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ مەيلى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

54ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
abdilwaris ۋاقتى: 2017-5-27 15:51:55
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ! دوستۇم ، مەندە s7edge بىرسى باتتى . باشتا 7.0 كۈتۈرگەن چېغىمدا سالۇن ئىچى تاشقى كۈرۈنۈش ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى نۇرمال ئىدى . بىر ئاينىڭ ئالدىدا 100 مىگالىق يېڭىلاش يامىقى چىقىپتىكەن يېڭىلىغانتىم كۈرۈنۈشى ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق تۇنۇيدۇ ئەمما سالۇن ئىچى نۇرمال ئەمەس شۇڭا سىز دىكى s8 گە ئىشلەتكەن ئۇيغۇرچە فۇنىت يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز سىناپ باقاي دىگەن .
تەۋسىيىلەش
salkin158 ۋاقتى: 2017-5-28 11:41:16
باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مۇشۇ يانفۇننى سۇدىن ھەم سىلكىنىشكە بەرداشلىق بىرىشى بەك ياخشى دەيدۇ ، بولسا مۇشۇ توغرىسدا ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز يەنى بىر مىتىر ئىگىزلىكتىن سىمۇت يەرگە چۇشكەندىن كىيىنكى ئىنكاسى قانداق دىگەندەك چۇ ،،،،،
تەۋسىيىلەش
alqutcom ۋاقتى: 2017-5-27 16:24:03
1217 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 14:25
ھە راس مۇشۇ بارماق تونۇيدىغان سېنزور ئارقىغا ئورۇنلاش ...

بۇ `S8 كە كۆز رەڭدار پەردىسىنى تۇنۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولغاچقا بارماق ئىزىنى تۇنۇش ئىقتىدارىغا ھازىرچە ھاجىتىم چۈشمىدى. ماۋۇ كۆز رەڭدار پەردىسىنى تۇنۇش ئىقتىدارى بەك ياخشى ئىكەن.

ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇتۇش توغرىسىدا ئايرىم تىما يوللىسام بولغۇدەك.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن S تىپىدىكى يانفۇن ئىشلەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى My Knox ناملىق بىر ئەپنى ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، بۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سامسۇڭ تىلفۇنلىرىغا قارىتا چىقارغان بىخەتەرلىك دىتالى ئىدى. بۇ قېتىمقى S8 كە بۇ ئىقتىداردىكى دىتالنى قاچىلىساقمۇ نورمال ئىجرا بولمايدىكەن. ھەپىلشىپ يۈرۈپ بىخەتەر ھۆججەت قىسقۇچ (安全文件夹) ناملىق بىر ھۆججەت قىسقۇچنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ھۆججەت قىسقۇچ دەل يۇقىرىدىكى Knox نىڭ ئۈزى شۇ ئىكەن. شۇڭا بۇ يانفۇننى سېتىۋالغاندىن كېيىن knox نى ئىشلىتىپ كۆنگەنلەر مۇشۇ ئىقتىدارنى ئېچىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدىكەن. ئېچىش ئۇسۇلى:
设置-》锁定屏幕和安全-》安全文件夹
مۇشۇ ئورۇنغا كىرىپ تەڭشىۋالساڭلار بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفۇننىڭ ئېكران قولۇپلانغان ھالەتتە home كۇنۇپكىسىنى بارماق بىلەن چىڭراق باسقاندا ئاندىن باش ئېكرانغا كىرىش ئىقتىدارىغا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم. ئىش قىلىپ ئىقتىدار جەھەتتە خېلى ئىلگىرلەشلەر بولۇپتۇ.
تەۋسىيىلەش
alqutcom ۋاقتى: 2017-5-29 23:08:00
salkin158 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-28 11:41
باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مۇشۇ يانفۇننى سۇدىن ھەم سىلكىن ...

مۇشۇ تىما ئاستىدىكى بارلىق سۇئاللارغا قىسقارتىپلا جاۋاب بىرەي:
بۇ يانفۇننى سامسۇڭ شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق سېتىش دۇكىنى (قىزىل بايراق كومپيۇتېر بازىرىنىڭ جۇڭشەن تەرەپ كىرىش ئېغىزى) دىن 6988 يۈئەنگە زاكاس قىلىپ ئالغان ئىدىم. بۇ يانفۇن پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 5-ئاينىڭ 22-كۈنى سېتىشنى باشلىغان. مەنمۇ دەل 22-چىسلا قولۇمغا ئالدىم.

يانفۇننى سىمونىت يەرگە تاشلاپ سىناپ بېقىئش مەسىلىسىگە كەلسەك: يانفۇننى ئېلىپ 3-كۈنى ئېھتىياتسىزلىقتىن 1 مىتىر 25 سانتىمىتىر ئېگىزلىكتىن چىنە خىش ئۈستىگە تىك چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى يانفۇنۇم تۈگەشتى دەپ قاتتىق ئازاب ئىچىدە قولۇمغا ئېلىپ قارىسام، يان گىرۋىكى ئازراق سۈرلۈپ كىتىپتۇ. باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. يانفۇننىڭ ئىكرانى چېقىلىپ كەتكەن ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى. بىراق سىز دىگەندەك سىمونىت يەرگە تاشلاپ سىناپ باقمىدىم.

ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى لازىم بولغانلارغا مەن يانفۇنۇمدىكى ئۇيغۇرچە فونت تۇنىتىش ماتېرىيالىنى تەييارلاپ ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ بىرەي.
6-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-27 14:24:45
روت ئالماي قانداق تونۇتتىڭىز ئۇيغۇرچە فونتنى، شۇنىمۇ تونۇشتۇرۇۋاتسىڭىز بولار ئىكەن. يەنە بىرسى تىل تاللاشتىن ئۇيغۇرچىنى تاللاپ ئاندىن فونتقا قاراپ بېقىڭ يەنە نورمالمۇ؟ مەن روت ئېلىپ فونت ئالماشتۇرغان ئىدىم خەنزۇچە تىل ئاساس بولسا نورمال، ئۇيغۇرچە تىل ئاساس بولسا بىر قىسىم يەرلەردە نورمال ئەمەس.
7-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-27 14:25:58
ھە راس مۇشۇ بارماق تونۇيدىغان سېنزور ئارقىغا ئورۇنلاشقىنى بەك ئەپسىز بىلىندى ماڭا، باشقا ھەممە يەرلىرىدە سو يوق.
8-قەۋەت
nurali55 ۋاقتى: 2017-5-27 14:28:55
1217 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 14:25
ھە راس مۇشۇ بارماق تونۇيدىغان سېنزور ئارقىغا ئورۇنلاش ...

رەڭدار پەردىنى تۇنۇيدىغان تۇسا بارماقنى تۇنتۇپ نىمە كەپتۇ.
9-قەۋەت
چۇمۇلەم ۋاقتى: 2017-5-27 14:51:49
samsung 6 Edgeيېڭى چىققاندىمۇ ،يانفۇن بۇلا مۇشتا بۇلا ھەرگىز بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس،ئەمدى ئالمىنى ھىچكىم ئالماس ،دىگەندەك گەپلەر بۇلۇنغان ،مىنىڭچەكۆپچىلىكنىڭ قىزقىدىغىنى باتارىيەسنىڭ يىتىش ئەھۋالى،تورغابولغان ئېنكاسنىڭ تىزلىكى،بىرنەچچە سائەت ئىچىدە قىززىش ئەھۋالى دىگەندەك ئامىللار ھەرگىزمۇ سىلىقلىقى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ مىدىرلىشى ئەمەس.
ئىشلتىش جەرياندا ھىس قىلغانلىرىڭىزنى يەنە يوللاپ تۇراسىز رەھمەت.
10-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2017-5-27 15:21:10
تورداشلا يېقىندا تلفۇنۇم يۇتىپ كەتتى ياخشىراق تېلفۇن ئېلىپ بولغىچە ئۆيدە بالام ئۇيۇنچۇق قىلىپ ئويناۋاتقان تېلفۇندىن ئىككىسى بار ئىدى شۇنىڭدىن بىرنى تۇتۇپ تۇراي دەپ ئويلاپ قالدىم لىكىن ئىككى تېلفۇننى سىناپ قايسى ياخشى دەپ يۇرگەندىن مۇشۇ تېلفۇننىڭ ئېپى چېپىنى بىلدىغان تورداشلاردىنلام سوراپ باقاي دەپ ئويلىدىم بىرى مىيزۇ مىيلىيەن نوت ئىككى بىرى سامسون جى بەش  ئادەتتە ئۇيۇن ئوينىمايمەن تور بەت زىيارەت قىلىپ كىنو  كۇرىمەن قايسى تور سۇرىتى ياخشىراق چىقا بەك قېتىۋالماي بىرە ئىككى ئاي ئىشلىتىپ تۇرسام باشقا تېلفۇن ئالاتتىم،
11-قەۋەت
ئابلىز1 ۋاقتى: 2017-5-27 15:25:14
قانچە پۇلغا سېتىۋالدىڭىز؟
12-قەۋەت
ئەنسارىm ۋاقتى: 2017-5-27 15:37:43
ئۈرۈمچىدە سەنشىڭنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى باما؟
13-قەۋەت
abdilwaris ۋاقتى: 2017-5-27 15:57:35
ھە راس ئالپتىكى رىمۇنىتچى دوسلار مەندىكى s7  edge تاشقى سەزگۈسى چېقىلىپ كەتتى ھەم ئىچى ئېكرانغا سىزىقتىن بىرسى پەيدا بۇلۇپ قالدى . قايسىڭلادا ئىككىنچى قول ئېكران بار بىر تۇ چىقىدىغان . يېڭىسىنى ئالاي دىسەن 1600گىپىنى قىلىدۇ رىمۇنىتچى بالىلار . بىرەسىڭلىدا بولسا خەۋەر قىلغان بولساڭلار  . ئۈندىدار 867842409
14-قەۋەت
alim510 ۋاقتى: 2017-5-27 15:59:03
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تېما ئىگىسى مەنمۇ مۇششۇ تىلفۇندىن بىرنى ئېلىشنى ئويلىشۋاتقان قايسى يوللار ئارقىلىق ئالسا ئىشەنچىلىك چىقىدۇ ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بۇپتىكەن ئۇندىدار ياكى چچ نۇمۇرڭىزنى قالدۇرسىڭىز ياكى مىنى جالىسڭىزمۇ بۇلدۇ ئۇندىدار نۇمرۇم 1846197921ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم رەھمەت
15-قەۋەت
mht ۋاقتى: 2017-5-27 15:59:52
ياخشى بوپتۇ، سائەتنى بەك چىرايلىق قىلىۋاپسىز ، قالتىس!
16-قەۋەت
pcchi ۋاقتى: 2017-5-27 16:04:30
ئا گەپنى كۈرۈڭ ئالما 8 - 9چىقسىمۇ نىمىگە ھىساپتى دەڭ مەنمۇ ئالما مەستانىسى ئەمەس شىياۋمى ئىشىلتىمەن لىكىن  سىزنىڭ بۇ گىپىڭىزمۇ ئوخشاشلا ھىشنىمگە ھىساپ ئەمەسقۇ دەيمەن ھى ھى ھى
17-قەۋەت
1217 ۋاقتى: 2017-5-27 16:12:48
abdilwaris يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 15:51
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ! دوستۇم ، مەندە s7edge بىرسى باتتى . ب ...

مۇشۇ يېڭى سېستىمىسىغا قۇتيارنىڭ فونت قاچىلىغۇچىسى ماس كېلىدۇ، شۇنى سىناپ بېقىڭ. مەن شۇنى ئىشلەتكەن.
18-قەۋەت
13689995859 ۋاقتى: 2017-5-27 16:14:41
ئادەتتە سەنشىڭ تېلفۇنلار نەشىرى 5.0دىن سېستىملارغا روت ئالماي تۇرۇپ ئويغۇرچە فونىت قاچىلىغىلى بولمايتتى ،بولسا بىزگە ئۆگىتىپ قويسىڭىز بۇلۇپتىكەن قېرىندىشىم بىزمۇ ئۆگىنۋالايلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部