+تېما يوللاش
xatyurak يوللانغان ۋاقتى:2017-2-10 00:18 4288 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىپ تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار ، مەن بىر قانچە يەردە يۇقىردىكى قۇرۇلما بىلەن  سۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان تەجىرىبىنى كۆردۈم ، بىر دوستۇم بىلەن مەلۇم ماركىدىكى سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىۋاستە سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قالدىم . بۇ ئۈسكۈنىنىڭ باھاسى 6800 يۈەن ئىكەن . بۇ يەردە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ راسلا شۇنداق ئۈنۈمى بارمۇ يوق ، بۇنى مۇھاكىمە قىلمايمىز ، چۈنكى قولىمىزدا ئاساس يوق تۇرۇپ سۆزلىسەك بولمايدۇ . پەقەت شۇلار ئىشلەپ كۆرسەتكەن تەجىرىبىنىڭ قانداق قىلىپ ئادەم ئالدايدىغانلىقىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى . نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئالدام خالتىغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن بۇ تېما يوللاندى . نەق گەپكە كەلسەك بۇلار ئىشلەتكەن سۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۈسكۈنە ئىككى خىل بىرى TDS-3 تىپلىق سۇنىڭ قاتىقلىقىنى ئۆلچەيدىغان قەلەم (بۇتوغىرلىق كۆپ توختالمايمىز ، بۇپەقەت سۇدىكى ئېرىگەن ئومۇمىي قاتتىق ماددا مىقدارىنىلا ئۆلچەپ بېرەلەيدۇ، قىزىققۇچىلار بەيدۇدىن TDS-3 دەپ ئىزدەپ كۆرگەي ، تاۋباۋدا بۇخىلدىكى قەلەم 10 يۈئەندىن 50 نەچچە يۈئەنگىچە باركەن ) . يەنە بىرى سۇنى ئېلىكتىرولىزلاپ سۇنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ، خەنزۇچە 电解水质检测器  دەيدىكەن بۇمۇ تاۋباۋدا 20 نەچچە يۈئەندىن 60 نەچچە يۈئەنگىچە ئىكەن  ، بۈگۈن نەق مۇشۇ تەجىرىبىنىڭ قانداق ئادەم ئالدايدىغانلىقىنى سۆزلىمەكچىمەن .
سۇ سۈپىتىنى ئېلىكتىرولىزلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ئېلىكتىرولىزلاش قۇرۇلمىسى ، ئىشلەش پىرىنسىپى سۇنى ئېلىكتىرولىزلاش تەجىرىبىسىگە ئوخشايدۇ . سۇنى ئېلىكتىرولىزلىغاندا ، توك ئۆتكەندىن كېيىن سۇدىكى ھىدىروگېن ئىئونى (+H) مۇسبەت زەرەتلىك بولغاچقا ئانود ( توك مەنبەسىنىڭ مەنفى قۇتۇبىغا ئۇلانغان مېتال تاياقچە) تەرەپكە قاراپ يۆتكىلىدۇ ، ھەم ئانودتىن ئېلىكترونغا ئېرىشىپ ، ئوكسىدسىزلىنىپ ھىدىروگېن گازىغا ئايلىنىدۇ . سۇدىكى ھىدىروكسىد قالدۇق ئىئونى (-OH) مەنفى زەرەتلىك بولغاچقا ، كاتود (توك مەنبەسىنىڭ مۇسبەت قۇتۇبىغا ئۇلانغان مېتال تاياقچە) تەرەپكە يۆتكىلىپ ، كاتودتا ئېلىكتىرون يوقىتىپ ئوكسىدلىنىپ ئوكسىگېنغا ئايلىنىدۇ . سۇ سۈپىتىنى ئېلىكتىرولىزلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ كاتود قۇتۇبى تۆمۈر تاياقچە ، تۆمۈر بولسا ھىدىروكسىد قالدۇق ئىئونىغا قارىغاندا ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ . كاتودتىكى رېئاكسىيە بولسا تۆمۈر تاياقچە توختىماي ئېلىكترون يوقىتىپ ئوكسىدلىنىپ ئۈچ ۋالېنىتلىق تۆمۈر ئىئونى (+Fe3) ھاسىل قىلىدۇ ، ھەمدە بۇ ئۈچ ۋالېنىتلىق تۆمۈر ئىئونى مۇسبەت زەرەتلىك بولغاچقا ئانود تەرەپكە قاراپ يۆتكىلىدۇ . مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە ئانود قۇتۇپمۇ بېكار تۇرمايدۇ . ئانود قۇتۇپتا ھىدىروگېىن ئىئونى سەرىپ بولىۋەرگەچكە ، ھىدىروكسىل قالدۇق ئىئونىنىڭ قويۇقلۇقى نىسپىي ئۆرلەيدۇ ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە كاتود قۇتۇپتا ھاسىل بولغان تۆمۈر ئۈچ ۋالېنىتلىق ئىئونى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ تۆمۈر ھىدىروكسىد چۆكمىسىگە ئايلىنىدۇFe(OH)3 ، تۆمۈر ھىدىروكسىد چۆكمىسىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە . سۇدىكى كۆپ خىل مېتال ئىئونلىرى تۆمۈر ھىدىروكسىد بىلەن خېمىيىلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ بىر تەرەپتىن كۆپۈكچە چىقارسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرخىل رەڭلىك بىرىكمە ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ ، سۇدىكى مېنىرال ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، سۇيۇق ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارىشلىقى قانچە كىچىك بولسا ئۇنىڭدىن بەلگىلىك بېسىمدىكى توك ئۆتكەندىكى توك كۈچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ، بۇ توك كۈچىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشقا سەرىپ بولىدۇ (بۇ قۇرۇلمىدا تەكشۈرگەن تۇرۇبا سۈيى بار ئىستاكاننىڭ سىرتىنى تۇتساق روشەن ئىسسىقلىق چىققانلىقىنى سېزەلەيمىز ) ،  كۆپچىلىككە ئايانكى ئىسسىقلىق خېمىيىلىك رېئاكسىيەرنى تېزلتىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۈچ ۋالېنتلىق تۆمۈر ئىئونى قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭدە ، ئىككى ۋالېنىتلىق تۆمۈر ئىئونى (+Fe2) يېشىل رەڭدە ، ئىككى ۋالېنىتلىق مىس ئىئونى(+Cu2) كۆك رەڭدە ، كالتىسىي(+Ca2) ، ماگىنىي(+Mg2) چۆكمىلىرى ئاق رەڭدە ، دېمەك مۇشۇ رەڭلەرنىڭ ھەممىسى ئارلىشىپ ئەبجەش رەڭ ھاسىل قىلىدۇ .
ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ساپ سۇ قاچىلانغان ئىستاكاندا سۈزۈك سۇس سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ھاسىل بولىدۇ ؟جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي ، يەنى سۇيۇقلۇق توك ئۆتكۈزگەندە تەركىبىدىكى ئەركىن ئىئونلارغا تاينىدۇ . ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا توك ئۆتكۈزۈشى شۇنچە ياخشى ، ساپ سۇدا بولسا ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇقى ئىنتايىن تۆۋەن ، ھەتتا يوق دېيەرلىك ، سۇنىڭ تەركىبىدىكى ھىدىروگېن ئىئونى ۋە ھىدىروكسىد ئىئونى ئىئونلىنىش مۇۋازىنىتى سەۋەبلىك ئەركىن ھىدىروگېن ئىئونى ۋە ئەركىن ھىدىروكسىد ئىئونىنىڭ  سانى مىكرو مىقداردا  ، شۇڭا توك ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن ناچار ، ئېلىكتىرولىزلىغاندا توك كۈچى ئىنتايىن كىچك بولىدۇ (چۈنكى قارىشلىقى ناھايىتى ناھايىتى چوڭ) شۇڭا ئىسسىقلىق ھاسىل بولمايدۇ(ئىسسىقلىق كۆپ ساندىكى خېمىيىلىك رېئاكسىيەلەرنىڭ كاتالىزاتورى ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بەدىنمىزدىكى مىلياردلىغان خېمىيىلىك رېئاكسىيەلەر 37 سېلىتسىيە گىرادۇستا ئېلپ بېرىلدۇ ) ، شۇنىڭ بىلەن تۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىنىشى ناھايىتى مىكرو مىقداردا چەكلىنىدۇ . مۇشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى تۆمۈر ئۈچ ۋالېنىتلىق ئىئونلىرى سۇدىكى ھىدىروكسىد ئىئونى بىلەن خېمىيىلىك رېئاكسىيەگە كىرىشىپ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك تۆمۈر ھىدىروكسىد چۆكمىسىگە ئايلىنىدۇ ، بىراق مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا سۇغا تەكشى تارقىلىپ سۇس سېرىق رەك ھاسىل قىلىدۇ .
دېمەك بۇ تەجىرىبە بىزگە سۇنىڭ سۈپىتىنى ئەمەس ، پەقەت سۇدىكى ئەركىن ئىئونلارنىڭ قويۇقلۇقىنىلا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدىكى كۆپ قىسىم مېنىرال ماددىلار ئادەم بەدىنگە پايدىلىق ، سۇدىكى ئاز بىر قىسىم ئېغىر مېتال ئىئونلىرى ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنگە زىيانلىق ، مەسىلەن قوغۇشۇن ئىئونى  (Pb2+) سىماب ئىئونى (Hg2+)ئارسېىن ئىئونى(As3+) قاتارلىقلار بىراق بۇلارنىڭ يەر پوستىدىكى مىقدارى ناھايىتى ئاز ، سۇنى قايناتساق كۆپ قىسىم ئېغىر مېتال ۋە كالتىسىي ماگىنىي ئىئونلىرى چۆكمىگە چۈشىدۇ ، شۇڭا سۇنى قاينىتىپ ئىچىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، سۇدىكى ئىئونلارنىڭ سانى كۆپ بولسىلا بۇلغانغان سۇ بولمايدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز 农夫山泉 مېنىرال سۈيىنى بۇ ئۈسكۈنە بىلەن تەكشۈرۈپ بېقىڭ ،بازاردىكى كۆپ قىسىم مېنىرال سۇلار پەقەت دېستىرلەنگەن سۇ (ساپ سۇ) خالاس ، بۇنى مېنىرال سۇ دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ .
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ تەجىرىبىگە قايمۇقۇپ قالماسلقىنى ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى پەرىق قىلالايدىغان ئۆتكۈر كۆز بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +110 يىغىش سەۋەبى
muhter23 + 10 ياخشى يازما
alip + 100 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
xatyurak ۋاقتى: 2017-2-10 00:22:47
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xatyurak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-10 00:49  

مۇنىسىۋەتلىك رەسىىملەرنى ئايرىم يوللاپ قويدۇم .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ تېمىدا مەن سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا توختالمىدىم . چۈنكى بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرى كۆپ ، بۇنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا . مەن پەقەت مۇشۇ تەجىرىبىنىڭ خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىغانلىقىنىلا سۆزلەپ ئۆتتۈم . ھەر بىر مەسلىنى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ ، مۇشۇنداق ساختا تەجىرىبىلەرنىڭ ساددا قېرىنداشلارنى ئالدىشىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىىدىم . بۇ توغىرلۇق ماتىرياللاردىن ۋە بەيدۇ تورىدىن ئىزدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ .
سەمىمىي تەكىلىپ پىكىر ۋە ئىنكاسلارنى قارىشى ئالىمەن . ھەمىمىز بىرلىكتە بىلىم ئالساق دېگەن ئۈمىدتىمەن

1111901613_14068802488241n.jpg (99.34 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

1111901613_14068802488241n.jpg

2.JPG (54.29 KB, چۈشۈرۈش سانى: 9)

2.JPG
گىلەم
15599976892 ۋاقتى: 2017-2-10 11:48:37
تىمىنى مۇلاھىزە قىلىش تۈگۈل بەزى ئاتالغۇلانىمۇ چۈشنەلمىدىم ،خېمىيەنى ياخشى ئۇقۇمىغاننىڭ پايدىسى  بەلكىم چوڭ زاۋۇتلانىڭ مېنىرال سۈيى ساپتۇ ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇ
ئورۇندۇق
Qiwer ۋاقتى: 2017-2-10 11:58:17
مەنمۇ خېلى كۆپ ئاتالغۇلارنى چۈشەنمىگەن بولساممۇ يەنىلا يازما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ خىلدىكى ئۈسكۈنىلەر يەنىلا ماڭا ئوخشاش مەدىنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تاينى يوق ،چالا ساۋاتلارنى نىشان قىلىدىغۇ دەيمەن،مۇشۇ يازما ئارقىلىق خېلى كۆپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋالدىم. رەھمەت
5-قەۋەت
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-2-10 12:02:59
رەھمەت سىزگە بۇ ئۈسكەنىلەرنىڭ ئىش پىرىنسىپى ۋە تەجىربىنىڭ ماھىيتىنى بىلىۋالدۇق
6-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-2-10 12:20:52
ناھايىتى پايدىلىق تىمىكەن    بىز تەرەپكىمۇ ئېلىپ كەپتىكەن  نەخ مەيدان تەجىربە دەپ  بىز ئىچىۋاتقان سۇغا ئۇ ئۈسكىننى سالسا غەلىتە بىر نەرسىلەر ئۆرلەپ چىققىلى تۇردى  مىنرال سۇغا سالسا رەڭگى ساغۇچ رەڭگە ئۆزگەردى  ئۇ رەڭنى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق نەرسىلەر دەپ چۈشەندۈردى مەنمۇ ئۇ ئۈسكىندىن ھەيران قالغانتىم
7-قەۋەت
renat0999 ۋاقتى: 2017-2-10 13:58:07
ياخشى تىما بۇپتۇ  
8-قەۋەت
ablizt ۋاقتى: 2017-2-10 14:42:44
مىنېرال سۇ  بىلەن ساپ سۇنىڭ پەرقى نېمە.  تەركىبىدە مېنېرال ماددىلار كۆپ بولغان سۇ مىنېرال سۇ دەپ ئاتىلامدۇ.ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە مېنېرال ماددىلار، ئەڭ تۆۋەن بولامدۇ.ئىنساننىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان سۇ ساپ سۇ مۇ ياكى مېنىرال سۇمۇ.مۇشۇ توغرىسىدا.بىلىدىغانلار ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلار.رەھمەت سىلەرگە.
9-قەۋەت
فەخرىي ۋاقتى: 2017-2-10 15:00:42
ئوغۇل بالىدەك تېما بوپتۇ ، مەنمۇ بەك كۆپ ئۇچراپ تۇرىمەن بۇ ئىشلارغا ، ئەلمىساقتىن بۇيان يەر ئاستى قۇدۇق سۈيىنى ئىچىپ كېلىۋاتقان ئاتا بوۋىلىرىمىز ھېلىمۇ زەبەردەس تۇرۇپتۇ ، 80 ياشقا كىرگەن چوڭ داداممۇ مەن تەستە كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنى ھېچ كۈچىمەيلا كۆتۈرىۋېتىدۇ، ئىچىدىغىنى ئادەتتىكى قۇدۇق سۈيى .... ئەمما پايدىلىق دەپ ھەر ۋاقىت مېنرال سۇ ئىچىدىغان كىشىلىرىمىز ھەر خىل كېسەللەر تۈپەيلى دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدۇ ، سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىنى ساتىدىغانلار مۇشۇ سۇنى ئېلىكترولىزلايدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەجرىبە قىلىپ سۇنىڭ رەڭگىنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ مېنرال سۇ ئىچمىسە ئەتىلا ئۈلۈپ قالىدىغاندەك بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ مەھسۇلاتىنى ساتىدۇ ... ھەتتا ‹‹ داڭلىق شەخىس ›› لىرىمىزمۇ شۇنداق خاتا تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمما مۇشۇ چىققان ئاتالمىش كېرەكسىز ، زىيانلىق ماددىلار زادى نىمە نەرسە دەپ سورىسا ھېچنىمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ ، پەقەتلا شۇ ‹‹ بەدەنگە زىيانلىق ›› ماددا دەپلا گەپنى تۈگىتىدۇ خالاس ، مەنمۇ مۇشۇ تېمىنى كۆرگەنگە قەدەر بۇ تەجرىبىنىڭ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئەمما ئىلمىي قۇرۇلمىسىنى بىلەيتتىم ... رەھمەت تېما ئىگىسى ، نان تەگكۈدەك تېما ئىكەن...
10-قەۋەت
تەشنا0997 ۋاقتى: 2017-2-10 15:08:28
ئالتۇن قۇياشنىڭمۇ بارغۇ سۇ تازلاش ئۈسكىنىسى
11-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2017-2-10 15:46:46
بىلۋىلىشناتىگىشلىك ئىشلاكەنبۇ،
12-قەۋەت
xatyurak ۋاقتى: 2017-2-10 15:59:56
ablizt يوللىغان ۋاقتى  2017-2-10 14:42
مىنېرال سۇ  بىلەن ساپ سۇنىڭ پەرقى نېمە.  تەركىبىدە مېنې ...

مېنىرال سۇ دېگىمىز تەركىبىدە ھەرخىل سۇدا ئېرىيدىغان ماددىلار بار سۇنى كۆرسىتىدۇ . سۇدا ئېرىگەن ماددىلار ئادەتتە ئىئون شەكىلدە مەۋجۇد بولىدۇ . مەسىلەن بىز تاماققا ئىشلىتىدىغان تۇز ناتىرىي خىلور (NaCI) سۇدا ئېرىگەندە  مۇسبەت زەرەتلىك ناتىرىي ئىئونى بىلەن مەنفىي زەرەتلىك خىلور ئىئونىغا ئايرىلىدۇ ۋە سۇدا تەكشى تارقىلىدۇ . ساپ سۇ (دېستىرلەنگەن سۇ) تەركىبىدە ھىچقانداق ماددا ئېرىمىگەن سۇنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتىكى سۇنى قاينىتىپ چىققان ھورنى يانا قايتا سۇغا ئايلاندۇرساق بۇ دېستىرلەنگەن سۇ يەنى ساپ سۇ بولىدۇ. ئادەتتە سۇنىڭ تەركىبىدە بىزنىڭ بەدىنمىزگە زۆرۈر بولغان نۇرغۇنلىغان  مېنىرال ماددىلار بار مەسىلەن كالتىسىي ، كالىي ، قاتارلىقلار ، يەنە ئاز ساندا زىيانلىق مېنرال ماددىلارمۇ بار مەسىلەن سىماب ، قوغۇشۇن قاتارلىقلار . سۇنى قايناتقاندا يۇقىرىقى مېنىرال ماددىلارنىڭ كۆپ قىسمى چۆكمىگە چۈشۈپ كېتىدۇ . شۇڭا سۇنى قاينىتىپ ئىچىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
13-قەۋەت
شەمشەر ۋاقتى: 2017-2-10 17:02:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى رەھمەت سىزگە مەنمۇش مۇشۇ خىل قايمۇقۇشتا يۈرىۋاتقىلى نەچچە يېللار بولغان ھازىر بۇ چىگىش ئويلار يىشىلگەنمۇ بولدى . مەن سىز سۆرىتىنى يوللىغان ئۈسكىنىنىڭ تەجىربىسىنى بۇندىن بەش يىل ئىلگىرىلا كۆرگەن ، لېكىن مەن يەنە بۇ يىللىرى شۇ بەش يېلى ئىلگىركى سۇ ساپلاشتۇرۇش ئۈسكىنىسى ساتىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەجىربىسىگە قاتناشتىم . بۇ قىتىمقى تەجىربىدە بولسا ، سىز سۆرىتىنى يوللىغان ئۈسكىنىسىنى سۇنىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى ئەمەس دەپ چۈشەندۈردى ۋە ئۇ ئۈسكىنىنى ئىشلەتمەيدىكەن ،

بۇ قىتىمقى تەجىربىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىغىنە سۆزلەپ ئۆتەي ، بۇنىڭغىمۇ بىلسىڭىز توغرا جاۋاپ بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى تولىمۇ ئۈمىت قىلىمەن

بۇ تەجىربىدە بولسا ئۈسكىنە مەلۇم ماركىدىكى سۇ ساپلاشتۇرۇش قالپىغىنى كىيىۋالغان ئۈسكىنە باھاسى 6980 يۈەن  سۇنى ساپلاشتۇرالامدۇ يوق سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىن بىلىشكە بولىدۇ

تەجىربە

ئۈسكىنىدە تازىلانغان سۇ يېرىم ئىستاكان
مىنرال سۇ دەپ ئاتالغان دىستىرلەنگەن خالىغان ماركىلىق سۇ يىرىم ئىستاكان
يەنە دوختۇرلار ئاسما ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان سۇيۇقلۇق ئوكۇل (شىكەر تۈرى ) يىرىم ئىستاكان

سۇغا سالسا يانىدىغان بىرخىل قەلەم
يەنە شۇ TDS قەلەم
PH سۇيۇقلىغى + PH ئۆلچەم قەغىزى

1- باسقۇچى يانىدىغان قەلەمنى ، ھەممىسىگە نۆۋەت بىلەن چۆكۈرىدىكەن ،
تازىلانغان سۇدا شوخ يانىدىكەن ، سۇيۇقلۇق گىلىكوزىدا ناھايتى پەرىق ئىتەلمىگۈدەك يانىدىكەن . دىستىرلەنگەن سۇدا بولسا بوش يانىدىكەن ، بۇ يەردە شوخ يانغىنى سۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىكەن ئەڭ ئاجىز يانغىنى بولسا سۇ سۈپىتىنىڭ ناھايتى ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن

2- باسقۇچ TDS قەلەم ھەممىسىگە نۆۋەن بىلەن چۆكۈرىدىكەن
تازىلانغان سۈيىدىكى TDS ئۆلچەم خوتەن سۈيىدە 600 دىن يۇقىرى ، قەشقەر سۈيىسدە 500 دىن يۇقىرى تازىلاشتىن ئىلگىركى ھالىتى جۆمەك سۈيى

گىلىكوزىدىكى TDS ئۆلچەم 9 ،

دىستىرلەنگەن مەلۇم ماركىلىك بازار قۇتىلىق سۈيى خوتەننىڭ 8 دىن 30 غىچە ئىكەن ، نۇڭفۇ ماركىلىق سۇنىڭ 100 دىن 130 غىچە ئىكەن

ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ  PH قىممەتنى ئۆلچەش  


تازىلانغان سۇ  8.0 ۋە 9.0 ئۆلچەم بىلەن دەل سۈرەتتىكى كۆك رەڭلىك سۇدەك گىلىكوزا سۇيۇقلىقى 5.0 ئۆلچەم بىلەن

دىستىرلەنگەن سۇ خوتەننىڭ 6.0 ۋە 6.6  ئەتراپىدا ھەرخىل ماركىلىردىكى.  نۇڭفۇ ماركىلىق سۇ نى ياخشى سۇ دەيدىكەن ئۆلچىمى 7.0ۋە 7.6 ئۆلچەم يەنى ئاجىز ئىشخارلىق دەپ ئاتايدىكەن

ئاخىرىدا دەيدىغىنى ئادەم بەدىنى ئىشخارلىق بولسا ياخشىمۇ ياكى نىترال ھالەتتە بولسا ياخشىمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئىشخارلىق ھالەتتە بولسا ياخشى دەيدىكەن  

نىترال ھالەتتىكى بەدەن كىسەل بەدەن ، ئىشخارلىق ھالەتتىكى بەدەن ياخشى ساغلام بەدەن دەيدىكەن ، ئەمدى ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلار ئۇنداقتا قايسى سۇنى ئىشسەك ياخشى بولىدىكەن ؟ دەپ گىپىنى تاماملايدىكەن  . بىز بۇ تەجىربىلەرنى كۆرگىنىمىزدىن كېيىن ئەلۋەتتە تازىلانغان سۇ ياخشى ئىكەن دەيدىكەنمىز



ئەمدى خولاسە ، مەن بۇ يەردە بۇلارنى ئوتتۇرغا قويىشىمدىكى سەۋەپ يۇقىردىكى سۇنىڭ ساپلىقى تەكشۈرۈش تەرتىپلىرىدىن قايسىسى ھەقىقى سۇنىڭ سۇنىڭ ساپلىقىنى تەكشۈرۈشكە كىرىدۇ؟
PH قىممەتكە ئىشىنىشكە بولامدۇ يوق ؟

بۇ يەردىكى گىلىكوزىنىڭ PH قىممىتى زادى ناچارمۇ؟

نىرال ھالەتتىكى PH قىممەت بىلەن، ئىشخارلىق ھالەتتىكى قىممەتننىڭ نىمە پەرقى بار ؟

ئىشخارلىق بولسا راسلا ياخشى بولامدۇ ؟

نىترال بولسا راسلا زىيانلىقمۇ ؟


مۇشۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ ئىزدىمەكچى ۋە بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى، قايسىسى توغرا-قايسىسى خاتا ئىكەنلىكىنى يۇرۇتماقچى تېما  ئىگىسى سىز بۇ ساھەدە خىلى بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە ئىكەنسىز ، شۇڭا مۇشۇ ئىشلارنى بىر يۇرۇتۇپ بەرسىڭىز




14-قەۋەت
uYuX ۋاقتى: 2017-2-10 19:43:51
فەخرىي يوللىغان ۋاقتى  2017-2-10 15:00
ئوغۇل بالىدەك تېما بوپتۇ ، مەنمۇ بەك كۆپ ئۇچراپ تۇرىمە ...

جانلىق ئىنكاس بوپتۇ،
15-قەۋەت
almas2 ۋاقتى: 2017-2-10 20:34:49
ئېشقارلىق بولسا ياخشى ئادەمنىڭ تىرىسمۇ ينىك كىسلاتالىق، شۇڭلاشقا ئىشقارلىق سۇ ئىچكەندە تەڭشىلىدۇ، لىكىن ئىشقارلىق ياخشى دەپ ئىشقارلىق سوپۇننە سۇيىنى ئىچىشكە بولمايدۇ جۇمۇ ھې ھې،يىنىك ئىشقارلىق بولىدۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部