+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:2015-9-8 22:17 1444 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قېرىنداش تور دەرسخانىسى قۇرۇلماقچى

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
  قېرىنداش پروگرامما گۇرۇپپىمىز يۇمشاق دىتال شۇنداقلا قاتتىق دىتال ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ھەر قايسى كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان شۇنداقلا ھەرقايسى كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك ياشلاردىن تەشكىل تاپقان. مۇلازىمەتلىرىمىزدىن قوللىنىشچان دىتال تۈزۈش، تەييار ئۈسكۈنە، يەككە ئۆزەك ئارقىلىق كونترول قىلىش ۋە بۇلۇت تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلگەن سىستېمىلارنى لاھىيلەش، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى ۋە تەييار ئۈسكۈنىلەرنى ئاپتۇماتىك كونتروللاشقا ئۆزگەرتىش... قاتارلىقلار بار. يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاتتىق دىتالنى كونتروللاش ۋە بۇلۇت تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يوقىرى بىخەتەرلىكتىكى سىستېمىلارنى تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
يوقىرى بېسىملىق توك ۋە ئاجىز توكنى كونتروللاش جەھەتتە كەسپىي سالاھىيتى بولغان ئەزالىرىمىز بار بولۇپ، يەككە ئۆزەككە پروگرامما تۈزۈش، سىمسىز كونتروللاش
جەھەتتە مەلۇم تەجرىبىگە ئىگە.
  نۆۋەتتە مەزكۇر يۇمشاق دىتال تۈزۈش ۋە قاتتىق دىتالغا پروگرامما تۈزۈش جەھەتتە تەربىيلەشنى ئاساس قىلىپ، تور دەرسخانىسى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق:
  1-ئەمەلىي پروگرامما تۈزۈش سىنىپى:
   VisualBasic.NET پروگرامما تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ، Microsoft SQL Server ۋە Access ساندانىنى ئىشلىتىش، تۈر ئانالىز قىلىش، ساندان لاھىيلەش، مۇستەقىل تۈر ئېچىش، بىخەتەر ساندان مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى مۇستەقىل تۈزىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزىلىدۇ.
  2- قاچىلاش پروگراممىسى ياساش سىنىپى:
  InnoSetup ئارقىلىق پروگرامما بولاقلاش تېخنىكىلىرى، Pascall تىلى گىرامماتىكىسى، Asturm ئارقىلىق پروگرامما بولاقلاش، VB6.0 ئارقىلىق ۋە .NET دا يېزىلغان پروگراممىلارنى بولاقلاش تېخنىكىلىرى، .NET دا ياسالغان پروگراممىلارنى .NET بولمىغان مۇھىتتا ئىجرا قىلدۇرۇش(Report ۋە Chart كونتروللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
نۆلدىن باشلاپ قاچىلاش پروگراممىسىنى ئۆزى يېزىپ چىقىشنىڭ ئاساسىي تېخنىكىسى (قېرىنداش قاچىلاش پروگراممىسى ياسىغۇچنىڭ كودى تەمىنلىنىدۇ). قاتارلىقلار
سۆزلىنىدۇ.
3-يەككە ئۆزەككە پروگرامما تۈزۈش ۋە توك يولى تاختىسى لاھىيلەش مەخسۇس سىنىپى:
C تىلىدىن ئاساس، توك يولىنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە ھېساپلاش ئۇسۇللىرى، ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىنىشى، ئاددىي توك يولى تاختىسىنى
لاھىيلەش ۋە ئۇنى ئەمەلىي ياساش ئۇسۇللىرى، يەككە ئۆزەك بىلەن تونۇشۇش، يەككە ئۆزەككە پروگرامما يېزىش، ئاددىي بولغان كونتروللاش توك يولى لاھىيلەپ چىقىش... قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.(ئوقۇش ماتىريالى ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ)
  ئوقۇش پۇلى ۋە ئوقۇش باشلىنىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. دوستلارنىڭ پۇرسەتتى چىڭ تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىزىملىتىش ئۇسۇلى:
ئىسىم فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە قاتنىشىدىغان تۈرنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش QQ  ۋە ئۈندىدار نومۇرى: 1482152356
ھۆرمەت بىلەن قېرىنداش پروگرامما گۇرۇپپىسى
تور بېكەت: http://www.kerindax.net
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2015-9-8 23:05:36
ياشاپ كىتىڭلار...
مەن قىلىشنى كىچە كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان، گەرچە ئارزۇ قىلغانلىرىمنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالىغۇدەك قابىلىيىتىم بولغان بولسىمۇ شارائىت، ئىقتىساد سەۋەپلىك چەكلىنىپ قالغان ئارزۇيۇمنى سىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇپسىلەر،

ئەسلى مەن 3 يىل توكچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان، كىيىن س شارىپ پروگرامما تىلىنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۈگەنگەن، يەنە ئاردۇينونىمۇ ئۆزۈم ئۈگەندىم،
ئەگەر تور بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولسا سىلەر بىلەن ھەمكارلىشاتتىم.
گىلەم
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2015-9-9 00:20:39
ۋاھ ياخشى ئىشلار بارغانچە چىقۋاتىدۇ ، يەنىمۇ تىرشىڭلار دوسلار ..
ئورۇندۇق
uygur-vip ۋاقتى: 2015-9-9 02:24:11
ۋاھ قالتىس بوپتۇ مەنمۇ   قاتنىشىمەن

باھا سۆز

قايسى تۈرگە قاتناشماقچى؟  ۋاقتى: 2015-9-9 08:56
5-قەۋەت
abdulla156 ۋاقتى: 2015-9-9 07:55:49
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپ بارمۇ؟ مەسلەن مەلۇم سەۋىيەگە ئىگە ياكى ۋاھاكازالار ؟
6-قەۋەت
kerindax ۋاقتى: 2015-9-9 08:39:46
abdulla156 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-9 07:55
ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپ بارمۇ؟ مەسلەن مەلۇم سەۋىيە ...

دەرسلىك ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىن باشلىنىدۇ. ئەمەلىي يۇمشاق دىتال تۈزۈش سىنىپىددا نۆلدىن باشلاپ مۇستەقىل بىر سىستېمىنى تاماملىيالايدىغان سۋىيەگە يەتكۈزىلىدۇ. ئاساس بولسا ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى تېز ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
7-قەۋەت
yawaghaz ۋاقتى: 2015-9-9 12:25:25
قانچە پۇل؟
8-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-9-9 12:52:16
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  قېرىنداشلار  باشلىماقچى  بولغان  ئ‍ۇقۇتۇش  ئ‍ىشىڭلارغا  ياراتقۇچىمىز  بەرىكەت   بەرسۇن  
كۆكلەپ  كىتىڭلار  ،،،،
9-قەۋەت
شەرەر ۋاقتى: 2015-9-9 15:34:41

بۇ توغرىسىدا ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
10-قەۋەت
15384905783 ۋاقتى: 2015-9-9 21:44:47
مەنمۇ قاتنىشاي ئەمسە  بەك قىزىقىمە  قاندا شارائىتلا كىتىدۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
11-قەۋەت
kerindax ۋاقتى: 2015-9-10 00:22:27
15384905783 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-9 21:44
مەنمۇ قاتنىشاي ئەمسە  بەك قىزىقىمە  قاندا شارائىتلا كى ...

قايسى تۈرگە قاتنىشىسىز؟ چوقۇم تورغا ئۇلانغا كومپىيوتېرىڭىز بولىشى كېرەك، ئوتتەك ئىشتىياقىڭىز، ۋاز كەچمەس ئىرادىڭىز ئۆگەنگۈدەك ۋاقتىڭىز بولسا كۇپايە.
12-قەۋەت
esmet ۋاقتى: 2015-9-10 17:50:40
kerindax يوللىغان ۋاقتى  2015-9-10 00:22
قايسى تۈرگە قاتنىشىسىز؟ چوقۇم تورغا ئۇلانغا كومپىيوت ...

تور بىكەت ياساشنى ئۇگەنسەم بۇلاتتى شۇنىمۇ ئۇگىتەمسىلە
13-قەۋەت
adil ۋاقتى: 2015-10-6 02:47:50
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部