+تېما يوللاش
Sebiybeg يوللانغان ۋاقتى:2015-12-7 13:57 2724 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار …!
بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە ، ئالما يانفونلىرىنى تۇرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز …!
ئەمىسە دەرسىمىزنى باشلاپ كەتسەم …
خۇش يەنىلا تۇرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن باشلايلى :
يەنى سىز ئالما يانفونلىرىنى تۇرمىدىن قاچۇرغان ۋاقىتتا ، بۇ يانفونغا سىز خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايسىز ، ۋە ئۈچۈنجى تەرەپ سىستېمىلىرىنى قاچىلىيالايسىز، ئەلۋەتتە بىز بىلىدىغان بىر مىسال ئالسام ، سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ ، نۇمۇر تاپىدىغان قىلالايسىز ، ۋە ھەرخىل چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونتلارنى قۇشالايسىز، ھەتتا ئۇيغۇرچە خەت يازىدىغان قىلالايسىز ( ئەلۋەتتە IOS 8 دىن باشلاپ ئالما يانفونلىرىغا ئۈچۈنجى تەرەپ ، كونۇپكا تاختىسى قاچىلىغىلى بولىدىغان بولدى، يەنى سىز تۇرمىدىن قاچۇرمىغان يانفونلاردىمۇ ئۇيغۇرچە يازالايسىز ، لېكىن IOS 8 دىن بورۇنقى سىستېمىلاردا چۈقۈم تۇرمىدىن قاچۇرمىساق بولمايتتى ) .
ۋە يەنە دەپ ئۆتسەم، سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە قىلالايسىز ، ۋە ئۆزىڭىز خالىغان يەرلىرىنى، يەنى سىگىنال رايۇنىغا شەكىل چىقىرىش، ئىسىم يېزىش ، باتارىيە شەكلىنى ئۆزگەرتىش ، تەڭشەك رايۇنىنىڭ تەگ رەسىمىنى ئۆزىڭىز خالىغان رەسىمگە ئالماش تۇرۇش ، ئەپلەرنى يۇشۇرۇش ، تېلېفون ئۇرۇش رايۇنىنى ئۆزگەرتىش، ۋە يەنە ھەر خىل شەكللىك ( 主题) لارنى قۇيالايسىز ، ۋە ئۆزىڭىز ياسىۋالغانلىرى بولسىمۇ بولىدۇ ، يەنە سۆزلىسەم بەك جىق يەنىلا بولدى قىلاي بېكار – بېكاردىن تۇرمىدىن قاچىمەن دەپ تۇتۇلۇپ قالماڭلار يەنە ھى ھى ھى
خۇش تۇرمىدىن قاچۇرساق بولۇمدۇ نېمە ، يانفوننى ئالامەت قىلىۋەتكىلى بولىدىكەن دىسە ھى ھى ھى
تۇرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئالما يانفونىمىزغا بولىدىغان پايدىز تەرەپلىرى :
خۇش ئەمدى بۇ ئالما يانفونلىرىنى تۇرمىدىن قاچۇرساق ، يانفونغا زىيىنى بارمۇ يوق دېگەن مەسىلىگە كەلسەك ، ئەلۋەتتە ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بىر ياخشى تەرىپى بولسا يەنە بىر پايدىسىز تەرىپى ھەم بولىدۇ ، ئەمىسە مەن تۇرمىدىن قاچۇرغان يانفونلارنىڭ ، پايدىسىز بولغان تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئۇتسەم …
ئالما يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسى يېپىق ھالەتتىكى سىستېما بولۇپ ، خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ . لېكىن تۇرمىدىن قاچۇردىڭىز دېگەنلىك بولسا ،ئالما يانفونلىرىنىڭ يېپىق ھالەتتىكى سىستېمىسىنى ئېچىۋېتىش دېگەنلىك بولىدۇ ،

1، ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، تولۇق بولغان يەنى ھەممە ماتېرىيال يۇيىلىدىغان زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرالمايسىز ، ( چۈنكى بۇنداق قايتۇرسىڭىز ، يانفوننىڭىزنىڭ نورمال ئېچىلىش نىسبىتى 100 دە %10 بولىدۇ ، )
2، ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، يانفونىڭىزنىڭ سىستېمىسىنى سىمسىز تور ئارقىلىق ، نورمال يېڭىلىيالمايسىز ( يەنى يانفونىڭىز تەڭشەكتە يېڭىلاش ئۇچۇرى بار ، لېكىن يېڭىلاش رايۇنىغا كېرسىڭىز ، يېڭىلاش بولىقىنى تاپالمايدۇ ، ئەگەر يېڭىلاش بولىقىنى تاپتى دەيلى ۋە نورمال چۈشۈردى ، لېكىن يېڭىلاۋېتىپ خاتالىق چىقىشى ، يەنى ئاق ئالما بولۇپ قىلىش ئىھتىمالللىقى 100دە 30% بولىدۇ )
3، ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، يانفونىڭىزنىڭ سىستېمىسىدىن كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر كۆپ بولىدۇ ، ( يەنى يانفوننىڭ تۇكى يەتمەسلىك ، ئۆزلىكىدىن قوزغۇلۇپ كىتىش ، تەڭشەكنىلا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندا ، تېلېگراف ( 电信 ) كارتىلىرىدا نورمال ئۇرغىلى بولىدىغان ، لېكىن نورمال تورغا چىققىلى بولمايدىغان بولۇپ قىلىش ، ۋە ھەتتا يانفونىڭىزدىكى قىسمەن ئەپلەر يەنى سىستېما بىلەن بىرگە كەلگەن ئەپلەر يوقاپ كېتىش ، ۋە ئېچىلمايدىغان بولۇپ قېلىش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار كۆرىلىشى ، 100 دە 50% بولىدۇ )
4، ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىزنى تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، ماتېرىيالىڭىز يەنى رەسىم ، نۇمۇر دېگەندەك مۇھىم ماتېرىيالىڭىز يوقاپ كىتىشى مۇمكىن ، ( ئادەتتە يانفوندىكى ماتېرىيال يوقاپ كېتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ ، لېكىن يوقاپ كەتكەندە ئاھ دېئەئەن بىلەن بېكاردە ، ماتېرىيال يوقاپ كېتىش ئەھۋالى 100 دە 5% بولىدۇ )
5، ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىز تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز ، يەنە سىز ئۆيلاپ باقمىغان ۋە كۆرۈپ باقمىغان خاتالىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن ( بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭ ، سىز ، بىز ، ۋە مەن ئۆيلاپ باقمىغان خاتالىقلىقلار چىقىشى 100 دە 20% بولىدۇ )

ئەمدى ياخشى تەرەپى بىلەن يامان تەرەپلىرىنى ئايرىپ بولدۇق ، قالغان تاللاش سىزدە قالدى ئەمىسە سىزگە ئامەت تىلەيمەن …!
ئەسكەرتمە : يۇقۇردا مەن ئوتتۇرغا قويغان سان – سېپىرلار پەقەت مەن كۆپ ئۇچۇرغان خاتالىقلارغا قارىتا قويۇلغان ، مەن مۇتلەق ياكى شۇنداق بولىدۇ دىيەلمەيمەن ، شۇڭلاشقا تورداشلار توغرا چۈشەنگەي رەھمەت !

خۇش شۇنىڭ بىلەن دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ئەمدى يەنە دىسەم يەنە شۇ مەن سۆزلىگۈچى بولغاندىن كېيىن خاتالاشقان ، ۋە ياكى چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بولىشى مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا چۈشەنگەيسىلەر …!


ئەسلى مەنبە : http://www.tizyol.cn/525.html

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 يىغىش سەۋەبى
nawa + 3 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش8 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

5ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
boptula ۋاقتى: 2015-12-7 14:17:53
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ  رەھمەت سىزگە
تۈرمىدىن قاچۇرغان ئالما يانفۇنىنى قايتا بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالىتىگە ئەكەلگىلى بولمامدۇ يەنى  تۈرمىگە يەنە سولاپ قويغىلى بولامدۇ
گىلەم
dana2013 ۋاقتى: 2015-12-7 14:29:23
boptula يوللىغان ۋاقتى  2015-12-7 14:17
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ  رەھمەت سىزگە
تۈرمىدىن قاچۇر ...

ئەڭ يېڭى نەشىردىكى سېستىمىنى قايتا يازسىڭز بولىدۇ.
ئورۇندۇق
Uyghur0795 ۋاقتى: 2015-12-7 19:01:57
boptula يوللىغان ۋاقتى  2015-12-7 14:17
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ  رەھمەت سىزگە
تۈرمىدىن قاچۇر ...

8.3~8.4  لەرنى ، قىستۇرما ئارقلىق تۈرمىگە سولىغىلى بۇلىدۇ.
قىستۇرما ئىسمى:    Cydia impactor
5-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-12-7 22:10:17
ئ‍ەڭ  ياخشىسى  تۈرمىدىنمۇ  قاچۇرماي  ، تۈرمىدىن  قاچۇرۇپ  يەنە  تۈرمىگە  سۇلىماي ،،، تۈرمىدىن  قاچۇرماي   نۇرمال  ئ‍ىشلەتكەن   ياخشىمىكىن  دەيمەن
6-قەۋەت
mur ۋاقتى: 2015-12-8 02:37:58
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مەن ئھتىياتسىز لىق قىلىپ cydia يۇيۇپ سالدىم يەردەم  قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭ لا ئالىپ تىن ئز دىسەم ئەسلىگە كەلتۇرۇش دەپ باكەن لىكىن ئەسلىگە كەلمىدى يا مەن توغرا قىلال مىدىم مۇ سۇرەت لىك بولمىغان دىكىن قاچلاي دىغان يەرگە توغرا قاچلىيال مىدىم مۇ يا ياردەم قىلساڭ لا قىرىن داشلا چچ 1697102777
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部