+تېما يوللاش
611 يوللانغان ۋاقتى:2017-7-19 15:11 2780 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش



ئاتام تىجارەتچى بولۇپ ، يىقىندا كىسەل سەۋەبلىك قازا قىلدى . ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئانامنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەنىدى ، چۈنكى ئاتامنىڭ ئۈندىدارىغا بىرقانچە بانكا كارتىسى باغلاغلىق بولۇپ ، خىرىدارلار ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا ئاشۇ بانكا كارتىسى نۇمۇرىغا مال پۇلىنى سالاتتى . يۇقۇرقىدەك ئەھۋالاردا ، ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرىنى باشقىلارغا ھەدەدىيە قىلىشقا بولامدۇ ؟ ھەدىيە قىلىشقا بولمىسا ، ئۈندىدار ھەميىنىدىكى قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ ؟ مەسلىھەت بېرىلسە .

ئېلدار ئەپەندى : تېڭشۈن شىركىتىنىڭ   ئۈندىدار ئەپ دېتالى ئىجازىتى ۋە مۇلازىمەت كېلشىمى   نىڭ 7-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن : بارلىق ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى تېڭشۇن شىركىتىگە تەۋە ، ئىشلەتكۈچى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن ، ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىنىڭ پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىرىشىدۇ ھەمدە بۇ پايدىلىنىش ھوقۇقى دەسلەپتە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان شەخىسكىلا تەۋە بولىدۇ .
دەسلەپتىكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈندىدار ھېسابات نۇمۇرىنى ئىجازەت ئالمىغانلارغا ھەدىيە قىلىش ، ئارىيەت بىرىش ، ئىجارە بىرىش ۇاكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ياكى سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ .
دەسلەپكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىغانلار ھەدىيە ئىلىش ، ۋارىسلىق قىلىش ، ئىجارە ئىلىش قاتارلىق باشقا ھەر قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ . دىمەك ئاتىڭىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى ئىشلەتمىسەڭلار يۇيۇۋەتساڭلار بولىدۇ ، لىكىن ئانىڭىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، ھەرقانداق بىرىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ، ئادەتتە ئۈندىدار نۇمۇرى ئىگىسى تەرىپىسىن ئۈچ ئاي ئىشلىتىلمىسىلا ئىگىسى يوق نۇمۇر دەپ قارىلىپ ،ھىسابات نۇمۇرىنى تېڭشۇن شىركىتى قايتۇرىۋالىدۇ . يۇقىرىدىكى بەلگىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا ، ئاتىڭىز ئۈندىدار نۇمۇرى بىلەن شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن چىقىم راسخوتى نۇمۇرى ئۆز - ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ئايرىم بولمايدۇ . ئاتىڭىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى ئۆچۈرۋىتىلسە ، ئالاقىدار چىقىم ھىساباتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆچۈرلىدۇ .
سىلەر بۇ ئۈندىدار نۇمۇرى ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەيسىلەر . مۇنداقچە ئېيقاندا ، ئۈندىدار ھىسابات نۇمۇرى قايتۇرۇۋىلىنغاندىن كىيىن ، ھەمياندىكى پۇلنى ئالغىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۈندىدار ساقلانغان پۇلى كۆپرەك بولسا ، تېڭشۇن شىركىتى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە پۇلىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ .

بۇ يازما:  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى   سالونىدىن ئېلىندى .
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى .

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
oyqan1 ۋاقتى: 2017-7-19 16:09:26
بۇمۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن
گىلەم
①↘彡びQぴñ/ ۋاقتى: 2017-7-19 16:43:32
بىلىپ قويسا بولغۇدەك
ئورۇندۇق
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-7-19 18:06:51
دىمەك ئۈندىدارنى 3 ئايغىچە ئاچمىساق  ئۈندىدار قايتۇرۋېلىندۇ ،   ھەمياندىكى پۇللارمۇ تىڭشۈنگە كىرىدۇ  ئىگىسىگە ياكى ئائىلە ئەزالىرىغا قايتۇرۇلمايدۇ دىمەكچىكەندە .
ھەريىلى مۇشۇ ئىشتىنلا نۇرغۇن كىرىم بولىدىكەن
5-قەۋەت
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-7-19 18:16:00
ياخشى تىمىكەن
6-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-19 18:39:53
بۇمۇ بىر ھېساپتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ شۇڭا بىرسى ئىشلەتكەن ئۈندىدار نومۇرىنى بىرسى ئۆز نامىغا يۆتكىگىلى بولمايدىغان قىلىپتۇ،بۇمۇ ياخشى ئىشكەن
7-قەۋەت
weli ۋاقتى: 2017-7-19 22:59:16
ئۈچ ئاي ئىلەتمىسە ئۈندىدار نۇمىرى بىكار قىلىنىدۇ دىگەن گەپ تازا ئىشەنچىلىك ئەمەسمۇ قانداق؟
8-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-7-20 09:36:42
ئەگەر ئۈنددار ھساباتغا بانكا كارتسى باغلاغلق بۇسا  لكن ھەمياندكى پۇلنى كارتغا ئاغدۇرمغان بۇسا  ئۈنددار تۇڭلاپ قاسا پۇل  كارتغا ئاغدۇرلامدغاندۇ يا ئۇنمۇ  يۇتۋالامدغاندۇ
9-قەۋەت
azmat.. ۋاقتى: 2017-7-20 14:09:46
ئۇ بۇنداق بولسا ئادىل بوممايدۇ ،ئەگەر ئۇندىدارنىڭ ئەسلى ئىگىسى مەلۇم سەۋەپ بىلەن دوختۇرغانىغا ياكى مەلۇم تەربىيەلەش ئىشلىرى بېلەن ئۇندىدارنى ئاچالمىسا ،.ئۇنىڭ ئۇندىدارىدىكى پۇللار تېڭشۇن شىركىتى تەرپىدىن يوق بوپ كەتسە كىيىن .ئۇ ئادەم بۇ پۇللارنى قايتۇرۇش ئۇچۇن بىھۇدە ئاۋارچىلىق بوپ كەتمەمدۇ ،3 ئاي بەك قىسقا 24 ئاي ياكى 36 ئاي بولسا مۇۋاپىق
10-قەۋەت
13040494496 ۋاقتى: 2017-7-20 21:59:53
مۇشۇ بانادا  مەنمۇ ئاكامنىڭ ئۈندىدارى توڭلاپ قىلىپ ئىھتىياتسىز لىقتن ئۈندىدار نى يېڭىدىن ئېچىپ قۇيۇپ ئىچىدىكى 2مىڭ كويدىن كۆپرەك پۇل يوق بۇنىڭغا ئامال بارمىدۇ تىڭشۈننىڭ مۇلازىمىتى بىلەن
الا قىلاشسا بولاتتىكەنتۇق لىكىن خەنزۇچە سەۋىيە يوق  ئالا قىلقشاممىغان ئۇندىن باشقا ئامال بارمىدۇ  دوسلا
11-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-7-20 23:23:59
3ئاي دىگەن بىكا گەپ ، مىنىڭ ئەجەپ يۇيلۇپ كەتمىدىغۇ ، مەن ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى يۇيۋىتەلمەي ئاۋارە ، باشقا ئامال يوقمىدۇ
12-قەۋەت
Uyhackerjan ۋاقتى: 2017-7-27 12:02:54
ئۈندىداردا قالغان پۇلغا نىسبەتەن چوقۇم بىر قانۇن چىقىرىشى كىرەك.
يا ساخاۋەت ئورنىغا ھەدىيە قىلىش
......دېگەندەك ئىشلەتكۈچى تاللايدىغان قانۇنىي تۈر چىقىرىپ ،ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ۋەھاكازا....
شۇ تاللىغان تۈر بويىچە قانۇنلۇق بىرتەرەپ قىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.
بىرەيپەننىڭمۇ 3000يۈەن پۇلى يوق شۇ سەۋەپتىن.
بۇ تېڭشۈننىڭ قانداق ھىيلىسى.
قوغدايمىز دەپ مۇشۇنداق چالا ئىش قىلسا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部