+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2016-11-25 10:55 4243 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي Mate 9 ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خۇاۋېي يانفون مەھسۇلات لىنىيىسنىڭ دېرىكتورى لى شاۋ لوڭ جەزملەشتۈرۈپ، خۇاۋېي Mate 9 ھەممە تور 3.0 نى قوللايدۇ، ئەمما قوش كارتا قوش يولنى قوللىمايدۇ دېدى.  Mate 8 ھەممە تور 3.0 نى قوللىمايدۇ، قوش كارتا قوش يولنى قوللايدۇ.

لى شاۋ لوڭ مۇنداق چۈشەندۈردى: قوشۇمچە كارتا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G WCDMA نىڭ يەتتە چاستوتا بۆلىكىنى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش / بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G GSM  نىڭ تۆت چاستوتا بۆلىكىنى قوللايدۇ. بۇنچە كۆپ چاستوتا بۆلىكىنىڭ ئانتېناسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يانفون لايىھىسىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردۇ ھەم ئاساسى، قوشۇمچە كارتىلارنىڭ ئوخشاش چاستوتا بۆلىكىنىڭ بىر بىرىگە دەخلى قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
خۇاۋېي Mate 9 دىن باشقا خۇاۋېينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن چىقىردىغان يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى قوش يولنى قوللىمايدۇ. لى شاۋ لوڭ تۆنۈگۈن مىكروبلوگدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،  بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز قوش كارتا قوش يوللۇق يانفون چىقارمايمىز. Mate 8 ۋە  P9 يانفونىلا خۇاۋېي ماركىسىدىكى قوش كارتا قوش يوللۇق يانفون بولۇپ قالىدۇ. (荣耀 V8 مۇ بار)
لى شاۋ لوڭ يەنە قوش كارتا قوش يوللۇق يانفونغا ئېھتىياج بولسا  Mate 8 ۋە  P9 دىن كۆپرەك زاپاس سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلدى (خۇاۋېيدىن باشقا يانفون يوقتەك)
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئوماق ۋاقتى: 2016-11-25 11:07:52
ھى ھى  قىززىق ھە  باشقا يانفۇنلامۇ  تولا  گەپ
گىلەم
aplisin ۋاقتى: 2016-11-25 11:34:58
ئەمسە خۇئاۋىيمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگىدەك ،،،
ئورۇندۇق
0998alxah ۋاقتى: 2016-11-25 11:46:48
مەن ئاندىروئد تىلفۇن ئىشلىتىشنى مۇشۇ خۇۋاۋىدىن باشلىغان ئىدىم  بەك بەلەن چىققانئىدى بۇ كاساپەتنىڭ تېلېفونى
5-قەۋەت
uyghurr007 ۋاقتى: 2016-11-25 12:23:45
راس زاۋال تاپىدۇ ئۇنداق قىلسا
6-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2016-11-25 12:57:26
ھازىر ھەرقايسى شىركەتلەر قوش كارتىلىق تىلفون چىقىرۋاتسا بۇلار ۋاز كىچىپتىغۇ
7-قەۋەت
tatligim1288 ۋاقتى: 2016-11-25 13:42:07
بۇلارنىڭ ۋاز كىچىشى ھازىرغا نىسپەتەن بىر ئەخمەقلىق ئەمما خەلقارا چوڭ بازاردا قوش كارتىلىق يانفۇن ياساشنىڭ ئۈزى بىر ئەخمەقلىق   بۇلارنىڭ يىراقنى كۆزلىگىنى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ   ئاددى بىر مىسال سىز ھازىر نەچچە كارتا ئىشلىتىسىز سەۋەبى نىمە تەرەققى قىلغان ئەللەردە بىر ئادەم نەچچەۈكارتا ئىشلىتىدۇ سەۋەبى نىمە  سىز بىر كارتىدا سۆزلىشىسىز بىردە تورغا چىقىسىز شۇڭا سىز ئىككى كارتىلىق يانفۇن ياكى ئىككى يانفۇن  ئىشلىتىسىز بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟  سەۋەبى شۇكى مۇنۇپۇللۇققا چۈشۈپ قالغان تىلگىراف ئالاقە ئىشلىرىنىڭ بىزگە قىلغان سوۋغىسى  ئۈچ  چوڭ ئالاقە شىركەتلىرى بىلەن دۆلىتىمىز يانفۇن تىجارەتچىلىرىنىڭ  بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئىلىشىدىكى ياخشى بىر چارە  بىز بولساق شاخمات ئۈستىدىكى پىشكىلار ئۇلار بولسا شاخمات ئوينىغۇچىلاردۇر  
شۇڭلاشقا يىقىن كەلگۈسىدە قوش كارتىلىق يانفۇن ئىشلىتىشنىڭ ئۈزى بىر ئەخمەقلىق بۇلۇپ قالىدۇ  سىزدە خەجلەپ تۈگۈتۈپ بۇلالمىغۇدەك پۇل بولسا بۇ باشقا گەپ
8-قەۋەت
خاقانى ۋاقتى: 2016-11-25 14:35:37
مەن  بۇرۇن خۇاۋى  ئىشلەتكەن  ھازىر   شاۋمى   ماكىس   ئالغان  تور   سۇرتى   ناچاركەن   خۇائاۋى   تىلفۇنۇمغا   يەتمەۇدەك   بۇ  شاۋمى   
9-قەۋەت
خىلۋەت ۋاقتى: 2016-11-25 15:27:30
ئاخىردىكى تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان يىرى قىززىقكەن…
10-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-11-25 17:35:39
خۇاۋېينىڭ قېتىپ قېلىشىنى ھېسابقا ئالمىغادا توكى بەك بەلەن يىتەتتى.
11-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 2016-11-25 17:50:19
ئەخلەت خۇاۋىي بەك  ئەخلەت نەرىنى ۋاي دەيدىغاندۇ ھىچ يىرى ياخشى ئەمەس  تور سۈرئىتى ياخشى ئەمەس قىرىندىشىم، بۇلارنىڭ تىلفۇنىدىن 360 ياكى مىيزۇنىڭ تىلفۇنى خىلىلا ياخشى  360يېڭى يانفۇن كەسپىگە يۈزلەنگەن تۇرۇپ بۇ ئەخلەتلاردىن خىلىلا ئۈستۈن،
12-قەۋەت
yusup383 ۋاقتى: 2016-11-25 18:33:39
تىلفۇن ئەخلەت ئەمەس ئىشلەتكەن ئادەم ئىشلىتىشنى ئۇخمىغاندىكىن ئىشلەتكەن ئادەم ئەخلەت ،  خۇاۋېيدەك قاتتىق دىتاللىرى ئۇزۇن پايلايغان تىلفۇن ساناقلىق،  مېيزۇ 360 نىڭ ئۈزى بىر ئەخلەت بۇلۇپمۇ مېيزۇنىڭ بەك ناچار  سىگنالى ياخشى ئەمەس  ئاستىدا بىرلا كۈنۈپكا  با  چچ ئۈندىدارنىڭ بىۋاستە قايتۇرۇش ئىختىدارىنى يەنە نۇرغۇن ئەپلەنىڭ  قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى تەڭشەش نى بىۋاستە چىقارغىلى بولمايدۇ مۇشۇ يىرى بەك ناچار مېيزۇنىڭ،  شىاۋمى خۇڭمىنىڭ كۇنۇپكا ئىختىدارىنى خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ تېخى ئۇيغۇرچە سېستىمىسى ،
13-قەۋەت
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-11-25 19:28:01
0998alxah يوللىغان ۋاقتى  2016-11-25 11:46
مەن ئاندىروئد تىلفۇن ئىشلىتىشنى مۇشۇ خۇۋاۋىدىن باشلىغ ...

华为 نىڭ سىرتقى قېپى سۇلياۋ ماتېريال …خېلىلا چىداملىق    مەن دەسسپمۇ چاقالمىغان
14-قەۋەت
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-11-25 19:32:23
yusup383 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-25 18:33
تىلفۇن ئەخلەت ئەمەس ئىشلەتكەن ئادەم ئىشلىتىشنى ئۇخمىغ ...

مەن مېيزۇ ئىشلىتىۋاتىمەن…قارىغاندا سىز مېيزۇ ئىشلىتىپ باقمىغان ئوخشايسىز…مېيۇنىڭ بىرلا كۇنۇپكىسى با…لىكىن   ئاشۇ بىر كۇنۇپكا ھەممىگە ئىشلەيدۇ…مىنىڭ شۇنداق نورمال ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ، قاتىدىغان قىززىيدىغان ئىشلامۇ يوق…
15-قەۋەت
biparwa1 ۋاقتى: 2016-11-25 20:18:49
tatligim1288 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-25 13:42
بۇلارنىڭ ۋاز كىچىشى ھازىرغا نىسپەتەن بىر ئەخمەقلىق ئە ...

قوللايمەن ئورۇنلۇق ئىنكاس يېزىپسىز، خۇۋېي راسلا ئۇزاقنى كۆزلىگەن بولسا كىرەك
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部