+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-17 11:13 2445 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى قېتىم «جەڭ بۆرىسى 2»《战狼 2》دىكى قايسى يانفون دەپ بىر تېما يازغان ئىدۇق. تۆنۈگۈن شۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان يانفون AGM X2 رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«جەڭ بۆرىسى 2» نىڭ تۆنۈگۈنگىچە بولغان بېلەت كىرىمى 4 مىليارد 815 مىليونغا يېتىپ بېلەت كىرىمى جەھەتتىكى رېكوردنى بۇزۋەتتى. دۆلىتىمىز كىنوچىلىق تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق يۇقىرى بېلەت كىرىمى بولۇپ باقمىغان.
مۇشۇ كىنودىكى باش قەھىرمان ۋۇجىڭ AGM X2 يانفونىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان.

بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى «ئۈچتىن مۇداپىئە» . بازاردىكى باشقا IP68 دەرىجىسىدىكى ئۈچتىن مۇداپىئە يانفونغا ئوخشىمايدىغىنى، AGM X2 ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ MIL-STD-810G دەللىشىدىن ئۆتكەن. بۇ ئادەتتىكى سىناق ئەمەس، ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپنىڭ GJB 150A دەرىجىلىك قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بىر خىل كۈچلۈك ئۈچتىن مۇداپىئە (سۇدىن، چاڭ توزاندىن، چېقىلىشتىن مۇداپىئە قىلالايدىغان) يانفوندۇر. بۇ يانفونغا يەنە ھاۋا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سېنزورى، ھاۋا نەملىكىنى، ھاۋا بېسىمىنى تەكشۈرۈش سېنزورى ... قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار قوشۇلغان. ھەر خىل ناچار مۇھىتتا نورمال ئالاقىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.



ئۈچ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، يانفون گەۋدىسىگە ماگنىي-ئاليۇمېن قېتىشمىسى، ئەينەك، قاتتىق پىلاستىر قاتارلىق تۆت خىل ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، C شەكىللىك قوغداش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغان، چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا ئېكراننىڭ بىۋاستە زەربە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ.
سەپلىمە جەھەتتە بۇ يانفونغا 5.5 دىيۇملۇق 1080P AMOLED ئېكران، سىناپدراگون 653 بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئەڭ چوڭىغا 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، باتارىيەسىنىڭ سىغىمى 6000mAhغا يەتكۈزۈلگەن.
سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىدا بۇ يانفونغا 12 مىليون پىكسىللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن، رەڭسىز+رەڭلىك كامېرا لايىھەسى قوللىنىلغان، ئالدىغا 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا ئورنىتىلغان.
باھاسى: قوش ئەينەكلىك تىپىنىڭ باھاسى 3699 يۈەن (6+64) ۋە 4199 يۈەن (6+128).
تىمساھ تېرىسى تىپىنىڭ باھاسى 3999 يۈەن (6+64) ۋە 4699 يۈەن (6+128).
يۇقىرى دەرىجىلىك تىپىنىڭ باھاسى 7999 يۈەن، بۇ تىپىغا 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق ساقلىغۇچ سەپلەنگەندىن باشقا، يەنە يەتتە تىكەن سۈنئىي ھەمرا مودۇلى سەپلەنگەن.
ئورگان تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەتتە تىكەن يۇلتۇزى مودۇلى سەپلەنگەن AGM X2دا ئادىمىزاتسىز رايوندىمۇ خەۋەرلىشىشكە بولىدىكەن (خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇنارى، سىگنالى يوق ئەھۋالدا يەتتە تىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ دېگەنلىك) سۇدا لەيلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتوماتىك ھالدا قۇتقۇزۇش ياردەم تەلەپ قىلىش قىسقا ئۇچۇرى يوللىيالايدىكەن، باتارىيەسىنىڭ سىغىمىمۇ 8000mAh ئىكەن.
يۇقىرى دەرىجىلىك تىپى 10-ئايدا بازارغا سېلىنىدۇ.

بۈگۈن ئەتىگەن HMD شىركىتى نوكىيا 8 يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، دېمەك نوكىيانىڭ ھەقىقىي بايراقدار يانفونى قايتىپ كەلدى!

نوكىيا 8 يانفونىغا سنەپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ كۆپ خىل ئىلغار تېخنىكىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، تېز سۈرئەتلىك 4G LTE تورىنى قوللايدۇ.

بۇ يانفوننىڭ ئالدى ۋە ئارقا كامېرالىرى بىردەك Zeiss نىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن، قوش كۆرۈش سېزىمى ھاسىل قىلالايدۇ، ئالدى ۋە ئارقا كامېراسىدا بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتقىلى، بۇنى بىر كۆرۈنۈشكە بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. HMD بۇنى ئۆز-تارتىم ئەمەس، بەلكىم «قوش كامېرادا سۈرەتكە  تارتىش» دەپ چۈشەندۈردى.

قىزىقارلىق يېرى، نوكىيا 8 يانفونىنىڭ ئالدى يۈزىگە 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، فازا ئىز قوغلاپ ئاپتوماتىك فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. كۆپ ساندىكى يانفونلارنىڭ ئالدى كامېراسى پەقەت مۇقىم فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغىلا ئىگە بولۇپ، فازا ئىز قوغلىيالمايدۇ، دېمەك، نوكىيا 8 يانفونىدا ئۆزىمىزنى سۈرەتكە تارتساق، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىدىن بەھرىمان بولىمىز.
سۈرەتكە تارتىش باشقا، نوكىيا 8 يانفونىغا OZO Audio ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۈچ دانە مىكرافون بىلەن «نوكىياغا خاس بولغان ئاۋاز ئالگورىفمىسى ئارقىلىق ئاۋاز تۇتۇش ۋە چىنلىقى يۇقىرى 360 گىرادۇسلۇق بوشلۇق ئايلانما ئاۋاز ئۈنۈمى» نى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئورگان تەرەپنىڭ دېيىشىچە، OZO Audio تېخنىكىسى قوللىنىلمىغان تەقدىردىمۇ، يۇقىرى چىنلىققا ئىگە ئاۋاز ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.

نوكىيا 8 يانفونىغا سنەپدراگون 835 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB/128GB ساقلاش بوشلۇقى (ئەڭ چوڭ بولغاندا 256GB لىق ساقلىغۇچ كارتا چۈشىدۇ)، سۈزۈكلۈكى 1440P بولغان 5.3 دىيۇملۇق LCD ئېكران، 13 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا، 13 مىليون پىكسېللىق ئارقا قوش كامېرا (بىرى رەڭلىك، بىرى رەڭسىز) ۋە 3090mAh لىك باتارېيە سەپلەنگەن.
نوكىيا 8 يانفونىنىڭ گەۋدىسى 151.5×73.7×7.9 ئۆلچىمىدە لايىھەلەنگەن، ئەڭ نېپىز قىسمى 4.6 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 160 گىرام كېلىدۇ. بۇ يانفوننىڭ باھاسى 599 ياۋرو (تەخمىنەن 4718 يۈەن) بولۇپ، پارقىراق كۆك، پارقىراق مىس رەڭ، مېتال تۈسى قوشۇلغان كۆك رەڭ ۋە تىتان ئالتۇن رەڭ قاتارلىق تۆت خىل رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي سېتىلىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى ئەن تۇتۇ دا قويغان نومۇر
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
dana2013 ۋاقتى: 2017-8-17 11:40:14
نوكىيانىڭ بايراقدار تېلېفونى ئاخىرى بازارغا چىقىپتۇ دە،ھەقىقەتەن بەك سىپتا،كۆركەم چىقىپتۇ بۇ تېلېفون،بۇلارمۇ يۇقىرى باھالىق ئسىتىمالچىلارنى نىشان قىلدىمۇ نىمە باھانى سەل يۇقىرى قىلۋىتىپتۇ،
گىلەم
ئابدۇللا ۋاقتى: 2017-8-17 11:47:10
باھاسى نوكىيا 6 دىن خېلى بەك قىممەت چىقىپتۇ
ئورۇندۇق
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-17 11:58:17
ھەقىقەتەن  سەپلىمە جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى جەھەتتىن بولسۇن ، نوچى چىقىپتۇ .
5-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-8-17 12:05:00
مەن تېخى بۇ تېلفۇننى 10000 يۈەن ئەتىراپىدا  بولىدۇ  دەپ ئويلىغان ، ئويلىغىنىمدىن خېلىلا ئەرزان ئىكەن
6-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-8-17 12:08:47
بەزى يانفۇن ھەۋەسكارلرنىڭ  بۈركى  ساق قالدغان بۇلدى (چاق  چاق ھە)جەڭ بۈرسدكى يانفۇننىڭ باھاسى  مۇۋاپققەن ھە  سەپلمسى خلى يۇقرى باھاسى  تەخمنەن4000مىڭ
7-قەۋەت
520艾热提 ۋاقتى: 2017-8-17 12:58:30
سەپلىمسى قىلىشمايدىكەن ئىككىسىنىڭ
8-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-8-17 14:56:37
بۇ فىلىمنى ئىككى قىتىم كۈرۈپمۇ قايسى تەرپى مىليارت بىلەت كىرىمى ياراتقانلىقىنى بىلمىدىم ھازىرغۇ بۇ فىلىم شاپاق نەرقى بوپكەتتى بولمىسا تىلۋىزۇردىمۇ خەنزۇچە قانالدا قۇيۇلۇپ بولدى سىنارىيەسى ،فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى ئارتىس ھەممىسى ئادەتتىكىچە بولمىسا
9-قەۋەت
uyghur ۋاقتى: 2017-8-17 15:02:21

سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز جەڭ بۆرىسى 1 ئوخشايدۇ. 2 تېلۋىزوردا قويۇلمىدى؛ تورغىمۇ سۈزۈك نۇسخىسى چىقمىدى. بۇنداق يېڭى چىقىپ كىنوخانىلاردا قويۇلۋاتقان كىنونى تېلېۋىزوردا قويمايدۇ؛ نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى بار. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزنىڭ كىنولىرى تېخىمۇ شۇنداق.
10-قەۋەت
گۈللە ۋاقتى: 2017-8-17 16:05:18
نوكىيا تىلفۇننىڭ سەپلىمىلېرى خېلى يۇقۇركەن لىكىن باھاسى يۇقۇركەن، يىڭى بازار تېپىۋاتقان بولغاندىنكىن سەل ئەرزانراق قىلغان بولسا  
11-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-8-17 22:00:06
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2017-8-17 15:02
سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز جەڭ بۆرىسى 1 ئوخشايدۇ. 2 تېلۋىزوردا  ...

تايلاندلىق بىلەن بىللە چىقىدىغىنى جەڭ بۆرىسى1شۇما
12-قەۋەت
kabil001 ۋاقتى: 2017-8-17 22:40:13
بۇ ئىككى يانفوننىڭ سىستېمىسى توغرۇلۇق مەزمۇنلارنىمۇ بىلىۋالغان بولساق ؟ ئاندرويدمۇ ياكى ۋىندوۋسمۇ ؟ نەشىرى …
13-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-8-18 01:14:29
AGM X2 نىڭ 7000 كويلۇق يانفونى بولىدىكەن، سۈنئىي ھەمراھتىن سىگىنال قوبۇل قىلالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالامدىغاندۇ...
14-قەۋەت
سەنسىز. ۋاقتى: 2017-8-18 03:11:53
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-17 22:00
تايلاندلىق بىلە ...

تايلاندلىق بىلەن چىقىدىغان كىنو جەڭ بۆرىسى بىرىنجىسىمۇ ئىككىنجىسىمۇ ئەمەس ،
ئۇ ۋۇجىڭنىڭ باشقا كىنوسى بۇ باشقا كىنو ،
جەڭ بۆرىسى بىرىنجى بۆلىمى ھەقسىز  توردا بار ، لىكىن ئىككىنجى بۆلىمى تىخى تورغا يوللانمىدى ، ھازىرغىچە كىنوخانىلاردا قويىلىۋاتىدۇ ،
يوۋكۇدا بەش مىنۇتلۇق ئىلانى بار ، ھىچ بولمىسا شۇ ئىلانىنى كۆرۇپ باقسىڭىز بىلىسىز قانداراق ئىشلەپ قويغانلىقىنى
15-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-8-18 07:41:45
مىنىڭ كۆرگۈنۈم 杀破狼2كەن.پىلاستىنكا دۇكىنىدا 战狼2دەپ باركەن سورىسام دەل شۇ كىنو دەيدۇ . ئەكىلىپ كۆرسەم ئۇنىڭدا sonyيانفونى چىقىدىكەن.ما تېمىدىكى يانفون يوق. شۇنىڭ بىلەن كىنودىن گۇمانلىنىپ توردىن ئىزدەپ باقسام 2015-يىلدىكى 杀破狼2كەن.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部