+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-10-25 10:45 3867 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوننىڭ توكىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن يېتىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا ئەڭ ئاۋال يانفون باتارىيەسىنىڭ سىغىمى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. يەنى، كۆپىنچە كىشىلەر يانفون باتارىيەسىنىڭ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا توكى شۇنچە ئۇزۇن يېتىدۇ دەپ قارايدۇ.

يېقىندا خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلىپ بارغان سىناق بۇ قاراشنى ئاغدۇرۋەتكەن. تۆۋەندىكىسى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئورگىنى سىناق ئېلىپ بارغان نۆۋەتتە خەلقئارا بازاردا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان داڭلىق ماركىلىق يانفونلارنىڭ توكىنىڭ يېتىش دەرىجىسى.

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، خۇاۋېي Mate 9 بۇ تىزىملىكتە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان. Mate 9 نىڭ باتارىيەسى 4000 مىللىي ئامپىر. توكى 12 سائەت 14 مىنۇت يەتكەن؛ ئەڭ كەينىدە تۇرغىنى LG G6، توكى  6 سائەت 9 مىنۇت يەتكەن. باتارىيە سىغىمى 3000 مىللىي ئامپىردىن تۆۋەن يانفونلار ئىچىدە iPhone 8 Plus نىڭ توكى ئەڭ ئۇزۇن يەتكەن. باتارىيە سىغىمى ئاران 2675 مىللىي ئامپىر ؛ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يانفون توكىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن يېتىشى يالغۇز باتارىيە سىغىمىغىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن يەنە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئېكران قاتارلىق قاتتىق دېتاللىرىغا ۋە سىستېمىسىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

بۇ تەكشۈرۈش ئورگىنى يەنە ھەر قايسى يانفونلارنىڭ زەرەتلىنىش سۈرئىتىنىمۇ تەكشۈرگەن. تۆۋەندىكىسى يانفونلارنىڭ زەرەتلىنىش سۈرئىتى دەرىجىسى

بۇنىڭدا شىياۋمى MIX2 ئالدىدا تۇرغان. يەنى 88 مىنۇتتا زەرەتلىنىپ بولغان. ئەڭ كەينىدە تۇرغىنى iPhone 8 Plus بولۇپ، 178 مىنۇتتا زەرەتلىنىپ بولغان.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

18ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
رۇھ ۋاقتى: 2017-10-25 11:20:02
بەرھەق تۇغرا دەپتۇ
گىلەم
890 ۋاقتى: 2017-10-25 11:35:02
小米max بۇ تىزىملىكتە يوقمىدۇ؟
ئورۇندۇق
1869985 ۋاقتى: 2017-10-25 11:59:50
خوڭمى 4xتلفۇنى ئشلتىپ باققانلا بارمۇ توكى قانداقراق يىتە يىقىندا سىتۋالاي دىگەنتم
5-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-10-25 13:51:54
قارىغاندا lg v11توك قاچلاش ۋە توك ئۇزاق يىتىشتە ئالدىدا تۇرغۇدەك ،
6-قەۋەت
灬XaX灬 ۋاقتى: 2017-10-25 14:39:31
باشقىسىنى بىلمەيمەن لېكىن ئالىپ تورىنى تولا ئېچىپ مىنىڭ تىلىفۇنۇمنىڭ توكى پەقەت ئۇزۇن يەتمەيدۇ
7-قەۋەت
tursun84900 ۋاقتى: 2017-10-25 14:44:04
مەن oppo ئىشلىتىۋاتقا،  بۇ تىزىملىككە چۈشۈپمۇ قالماپت، ئۇزۇن يەتكىنى huawei mta9 ئاران 12 سائەت ئىكەن ·
8-قەۋەت
سانغۇن ۋاقتى: 2017-10-25 14:53:30
باتارىيەنىڭ ئۇزۇن قىسقا يىتىشى يەنىلا ئىشلەتكۈچىنىڭ باتارىيەگە بولغان بېسىمىغا باغلىق. ئەگەر ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا نەچچە ئاي تۇرىشى مۇمكىن . ھەممىسى باتارىيەگە يۈكلەنگەن يۈككە باغلىق. شۇڭا جىق پىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
9-قەۋەت
سانغۇن ۋاقتى: 2017-10-25 14:53:31
باتارىيەنىڭ ئۇزۇن قىسقا يىتىشى يەنىلا ئىشلەتكۈچىنىڭ باتارىيەگە بولغان بېسىمىغا باغلىق. ئەگەر ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا نەچچە ئاي تۇرىشى مۇمكىن . ھەممىسى باتارىيەگە يۈكلەنگەن يۈككە باغلىق. شۇڭا جىق پىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
10-قەۋەت
uyghurum131 ۋاقتى: 2017-10-25 15:24:04
   قەبىلىلەر توقۇنۇشىنى بىر ئاي ئويناپ باقسا ئاندىن رەسمي ئايرىلاتتى، مەن ئىشلەتكەن ئەپلەرنىڭ ئىچىدە توكنى ئەڭ بەك يەيدىغىنى شۇ ئىدى، يانفونۇمغا باتارىيەنى تولا ئالماشتۇرۇپ بولالماي تاشلىۋەتتىم ئۇ ئويۇننى، ھەم تورغا بولغان تەلىپى يۇقىرلاپ كەتتىمىمۇ، ياكى كارتامنىڭ سىگىنالى ئاجىزلاپ كەتتىمۇ بىلمىدىم بىريىلدىن ئاشتى ئوينىمىدىم.
11-قەۋەت
AXEK007 ۋاقتى: 2017-10-25 18:30:50
tursun84900 يوللىغان ۋاقتى  2017-10-25 14:44
مەن oppo ئىشلىتىۋاتقا،  بۇ تىزىملىككە چۈشۈپمۇ قالماپت، ئ ...

oppo تىخى خەلىقئارالاشمىدى
12-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-10-25 19:57:39
مېنىڭ بىر پىلۇس 5 تېلېفونۇمنىڭ دەرىجىسىمۇ خېلى يامان ئەمەسكەن.
13-قەۋەت
mingyil2013 ۋاقتى: 2017-10-25 20:17:45
ئوپپو ۋىۋو دىگەن مۇشۇ جۇڭگۇدىكى تىشى پال پالنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا ئىشلەنگەن  3000 يۈەنگە سىتىۋالغان يانفۇنندا ئۈندىدار ئويناش ۋە رەسىمگە چۈشۈش بۇ پەقەت بىكارچىلارنىڭ چۈشىدىغان ئۆلچەم
14-قەۋەت
844900 ۋاقتى: 2017-10-25 21:23:22
ياخشىمۇ سىلەر دوستلار ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىلەردىن سورايدىغان بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى بۇرۇنقى كونۇپكىلىق نوكىيا يانفونلىرىنىڭ تاشقى قېپى ئالماشتۇرۇلمىغان يۇەنجاڭ يانفونلىرىدىن تاپقىلى بولارمۇ بولسام ماڭا بىر يول كۆرسەتسەڭلا
15-قەۋەت
سەنسىز. ۋاقتى: 2017-10-25 21:54:02
844900 يوللىغان ۋاقتى  2017-10-25 21:23
ياخشىمۇ سىلەر دو ...

تاپقىلى بولىدىغۇ   ، توردا كەڭرىچىلىك ،
جىڭدوڭ تورىدىن سىتىۋالسىڭىز ھەممىسى يېڭى بازارغا سالغان قاپ ئالماشتۇرمىغان ئىشەنچىلىك چىقىدۇ ،
تاۋباۋدىكى ئىشەنچىسىز ،
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部