+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-7 10:28 2214 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى ئايدا نوكىيانىڭ توكى 8 ئاي يېتىدىغان، 1448 يۈەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى بازارغا سېلىنغان ئىدى. كۆپ ساندىكى تورداشلار باھاسى قىممەتكەن دەپ ئىنكاس يازغان. بۇ ھەقتىكى تېما بۇ يەردە. باھاسى ئەرزان ئىقتىدارى نوكىيا سائىتىدىن قېلىشمايدىغان مىدوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىمۇ بازارغا سېلىندى.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى خۇامى پەن تېخىنكا شىركىتى (华米科技) مىدوڭ تەنھەرىكەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنى بازارغا سالدى. بۇ سائەتنىڭ ئېغىرلىقى 32 گىرام؛ توكى ئۇدا ئىشلەتسە 45 كۈن، كۈتۈش ھالىتىدە  (پەقەت سائەتنى كۆرسىتىش، تەنھەرىكەت ۋە ئۇيقۇنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتسە)  تۆت ئاي يېتىدۇ. (توك تۈگىگەندىن كېيىن يانفونغا ئوخشاش زەرەتلەيدۇ) تۆت خىل رەڭدىكىسى بار. جىڭدوڭ، تىيەنماۋ ۋە خۇامى تور سودا بازىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى. باھاسى 399 يۈەن.



بۇ سائەتكە سونىينىڭ 28 نانومېتىرلىق تۆۋەن قۇۋەتلىك GPS ئۆزىكى ۋە GLONASS ئۆزىكى سەپلەنگەن بولۇپ، قوش ھالەتتە سۈنئىي ھەمراھ سىگنالىنى ئىزدەپ تېز سۈرئەتتە ئورۇن بېكىتەلەيدۇ. ماڭغان مۇساپە، قەدەم سانى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، تېزلىك... قاتارلىق كەسپى سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا خاتىرلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىرتتا يۈگۈرۈش، ئۆي ئىچىدە يۈگۈرۈش، ۋېلىسپىت مىنىش، مېڭىش قاتالىق تۆت خىل تەنھەرىكەت ھالىتى تەمىنلەنگەن. قايسى خىل مۇھىتتا چېنىقسا شۇ ھالەتتە تېزلىك،ئەڭ يۇقىرى تېزلىك، مۇساپە ئارىلىقى، ۋاقتى، يۈرەك رېتىمى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرلەيدۇ.



رادىئاتسىيە قايتۇرۇش شەكىلىدىكى ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىمۇ ئېكراندىكى ئۇچۇرلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ. يەنە ھاۋا بېسىمى سېنزورى، كومپاس سېنزورى سەپلەنگەن. IP68 دەرىجىسىدە سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ.
بۇ سائەت يانفون بىلەن ئۇلىنىپ، كەلگەن تېلېفوننى ئەسكەرتىش، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر، كىيۇكىيۇدىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۆرسىتىش، يانفون ئېكران قۇلپىسىنى ئېچىش؛ قۇڭغۇراقلىق سائەت، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتسىڭىز ئەسكەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.



بۇ سائەت يەنە شىياۋمى تەنھەرىكەت 小米运动 3.0 دېگەن ئەپ بىلەن ئۇلىنىدۇ. شىياۋمىنىڭ بۇ ئەپى بىلەن ئۇلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى جارى قىلدۇرالايدۇ ۋە بەزى ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى قوشالايدۇ.
خۇامى پەن تېخىنكا شىركىتى شىياۋمى شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، شىياۋمى بىلەيزۈكى قاتارلىق شىياۋمىنىڭ تاقىما ئۈسكۈنىلىرىنى مۇشۇ شىركەت ياسايدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
hotan09032 ۋاقتى: 2017-7-7 11:08:36
ما سائەت خېلى بۇپ قويامدۇ نېمە
گىلەم
18139177171 ۋاقتى: 2017-7-7 11:58:24
ئىقتىدارىغا  قارىغاندا پۇلى بەك ئەرزانكەن ئېپ ئىشلەتسەك بۇلغىدەك
ئورۇندۇق
2501005820 ۋاقتى: 2017-7-7 14:03:58
ئىلىپ ئىشلىتىپ باققانلا بامىدۇ دوسلا
5-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-7-7 14:42:41
دوسلار ... 华为荣耀9 قانداقراق چىقار ... nfc,توك قاچىلاش سۈرئىتى. باتارىيە سىغىمى  قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تولۇقمىدۇ. ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلارنى دەپ باقساڭلار.  
مەن بۇرۇن ئوپپو r9 ئىشلەتكەن .ئارقا سۇپىدىكى ئەپلەرگە پەقەت ئارام بەرمەيدىكەن.  ئويۇن ئوينىسام تىلىفۇن كەلسىلا  ئويۇننى يەنە قايتىدىن باشقاشقا توغرا كىلىدىكەن. شۇڭا ياخشىراق يانفۇن ئىشلىتەي دىگەن ئىدىم.
6-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-7-7 15:37:45
بۇ يانفۇننىڭ  سۇدىن مۇداپىئەلىنىش،  چاڭ توزاندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارلىرى قانداقراق ...
7-قەۋەت
ghaye ۋاقتى: 2017-7-8 01:48:18
3131446363 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-7 15:37
بۇ يانفۇننىڭ  سۇدىن مۇداپىئەلىنىش،  چاڭ توزاندىن مۇداپ ...

小米 دىن باشقىسى بىكار مەنچە ئۇيغۇر  تىلنى قوللىدى سىستىما گۇزەللىكىدىم ھوزۇر ئالالايسىز باھاسى ئەرزان يۇقىرى سەپلىمە  پات يىقىندا MIUI 9 چىققۇدەك
8-قەۋەت
muhammat211 ۋاقتى: 2017-7-8 02:29:49
بۇ سائەتنى باشقا تېلپۇندا كونتىرول قىلغىلى بۇلارمۇ؟ شۇنداق بولسا مەن سىڭلىمغا ئېلىپ بىرەتتىم
9-قەۋەت
eltugh ۋاقتى: 2017-7-8 09:42:13
كارتا چۈشەمدىغاندۇ؟قايسى خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى چۈشىدىغاندۇ؟مەن تېلېگرافنىڭ كارتىسى چۈشىدىغاندىن ئالاي دىگەنتىم .
10-قەۋەت
3131446363 ۋاقتى: 2017-7-8 11:57:45
توغرا.  كارتا چۈشسە بەك ياخشى بولاتتى
11-قەۋەت
subat118 ۋاقتى: 2017-7-10 16:38:07
3131446363 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-7 14:42
دوسلار ... 华为荣耀9 قانداقراق چىقار ... nfc,توك قاچىلاش سۈرئىت ...

荣耀9,荣耀V9  بوبرا كىيىك 960  بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن ،  ھەر قانداق ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ ، مەيلى ئويۇن ئوينامسىز ، رەسىم تارتامسىز ، ئىشقىلىپ ھەرقايسى جەھەتتىن بولىدۇ ،  华为EMOTION يىنى EMIUI  سىستېمىسى ناھايىتى يېنىڭ ، تۆت جى   ياكى ئالتە جى رام  ئىشلىتىشىڭىزگە خاتىرجەم ھالدا يېتىدۇ     
ئىشقىلىپ  رازى بوپ قالسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部