+تېما يوللاش
misken يوللانغان ۋاقتى:2017-5-9 23:37 1775 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

بۇلۇت چىقىمدانى (云支付) «بىنورمال تىجارەت قىلىش تىزىملىكى»گە كىرىپ قالدى 
ئاپتورى : شيوڭ شۆخۇي 
تىللا شىركىتى تەرجىمىسى 

«ئىستېمال قىلغان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز» دېگەن شوئار بىلەن «پۇل مۇئامىلە ئىستېمالىدىكى يېڭىلىق ياراتقۇچى» بۇلۇت چىقىمدانى (يۈنجىفۇ-云支付) پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئەزا ۋە ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ «نىشانى» بولسا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە 1000 كارخانىغا 100 مىليارد دەرىجىلىك كىرىم يارىتىش، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ 10 مىلياردلىق كىرىم يارىتىشىغا ياردەم قىلىپ، «دۇنيا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان جۇڭگو كارخانىسى» بارلىققا كەلتۈرۈش ئىدى، سىز بۇنىڭغا ئىشەندىڭىزمۇ؟ نۇرغۇن كىشى بۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىدى، «جۇڭگو مالىيە گېزىتى» (中国财经报)نىڭ مۇخبىرى بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆرگەن: نەق مەيداندا قىزىل رەڭلىك مايكا كىيىۋالغان نەچچە يۈزلىگەن ئەزالار سەھنىدىكى ھاياجانلىق لېكسىيەنى ئاڭلىغىنىدا توختىماستىن ناھايىتى قىزغىن چاۋاك چالغان، ئەگەر «ھەمكارلاشقۇچى» بولماقچى بولسا يۈنفۇتوڭ چىقىمدانى تېخنىك (شېنجىن) شىركىتىگە (مەزكۇر ماقالىدە قىسقارتىلىپ يۈنفۇتوڭ دەپ ئېلىنىدۇ) 50 مىڭدىن 5 مىليونغىچە بۇ قوشۇنغا قېتىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. 
ئىگىلىنىشچە، بۇلۇت چىقىمدانىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن يۈنفۇتوڭ (云付通) بولۇپ، بۇ شىركەت 2015-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان. باش لېدىر خۇاڭ چيۇجىن (黄秋锦)نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇلۇت چىقىمدانى بىر يىل ئىچىدە 2 مىليارد يۈەنلىك سودا قىلغان، مەۋھۇم بۇلۇت پۇل سودا سوممىسى 13 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 
خۇاڭ چيۇجىن مۇخبىرغا بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ پايدا شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى دېمىگەن، پەقەتلا بۇلۇت چىقىمدانى ئەنئەنىۋى ھەق تۆلەش ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، يۈنفۇتوڭنىڭ كەسىپ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەلى چىقىمدانى (支付宝)، سەيفۇتوڭ (财付通)غا ئوخشاش «ئەنئەنىۋى ھەق تۆلەش سىستېمىسى»نىڭ كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. 
لېكىن، خۇاڭ چيۇجىن مۇنداق بىر ئەمەلىي مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، يۈنفۇتوڭنىڭ تېخىچە ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش ئىجازەتنامىسى يوق، «ئىستېمال چىقىمى تولۇق قايتۇرىدۇ» دېگەن بۇ شوئار تالاش-تارتىشتا قالدى. بۇنىڭغا قارىتا خۇاڭ چيۇجىن مۇنداق دەيدۇ: بۇلۇت چىقىمدانى «ھەق تۆلەش سۇپىسى ئەمەس»، يىباۋ چىقىمدانى (易宝支付) قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھەق تۆلەش، چىقىم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 
ئىستېمالدىكى «پايدىنىڭ قايتىشى» 
ماتېرىياللاردىن بىلىشىمىزچە، يۈنفۇتوڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شېنجىندىكى چىيەنخەيدە قۇرۇلغان، تىزىملاتقاندىكى مەبلىغى 100 مىليون يۈەن، تىجارەت باش مەركىزى گۇڭجۇدا، تىجارەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان بۇلۇت چىقىمدانىنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەۋلاد تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە سۇپىسى دەپ ئاتىغان. 
مۇخبىر بۇلۇت چىقىمدانىدىن بىر «ئاق تاشلىق كىتاب»  ۋە بۇلۇت چىقىمدانى تىجارەت شەكلى، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشتى. مىسال ئۈچۈن «بۇلۇت قايتۇرما ماشىنا شەھەرچىسى»نى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئىستېمالچى ئەگەر بۇلۇت ماشىنا شەھەرچىسىدىن 200 مىڭ يۈەنلىك بىر ماشىنا سېتىۋالسا، 200 مىڭ «بۇلۇت سوممىسى»غا ئېرىشەلەيدۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئونمىڭدا بەش نىسبەت بويىچە پۇلى قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ،  بۇنداق بولغاندا كۈنىگە 88 يۈەندىن قولىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ھەر ئايدا 2460 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، تاكى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشكىچە داۋاملىشىدۇ. 
بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ پايدىنى قايتۇرۇپ بېرىش شەكلىنى ئېنىقراق چۈشىنىش ئۈچۈن مۇخبىر گۇاڭجۇ پەنيۈدىكى بۇلۇت پايدىنى قايتۇرۇش ماشىنا شەھەرچىسىدىن ئەھۋال ئىگەللىدى، بۇلۇت شەھەرچىسىدە سېتىۋالغان ماشىنىلار 4S دۇكىنىدىكى ماشىنىلاردىن %15 قىممەت بولۇپ، ئەمما خېرىدارلار قىممەت باھادا سېتىۋېلىشنىڭ «پايدىسى» بولسا داۋاملىق تۈردە پايدىسى قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، نورمال ئەھۋالدىكى قايتۇرۇلۇش ۋاقتى 7-8 يىلغىچە بولىدۇ. 
مەسىلەن خېرىدار بازاردا 1 مىليون يۈەنگە سېتىۋالالايدىغان ماشىنىنى بۇلۇت ماشىنا بازىرىدىن 1 مىليون 150 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالىدۇ، يەنە ئوخشاش سوممىدىكى «بۇلۇت تەڭگىسى»گە ئېرىشەلەيدۇ. بۇلۇت چىقىمدانى نورمال باھاغا قوشۇپ ساتقان %15 ماشىنا باھاسىنىڭ پۇلى كۈن بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، بۇ 150 مىڭ يۈەن قايتۇرۇپ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، قالغان 1 مىليون يۈەن داۋاملىق خېرىدارغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 
لېكىن، ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىشقا ۋە سېتىشقا مەبلەغ لازىم، زاۋۇت ۋە سېتىشقا مەسئۇل ئورۇنلارغا پايدا لازىم، ئۇنداقتا خېرىدارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بۇ بىر مىليوننى زادى كىم چىقىرىدۇ ؟ سېتىشقا مەسئۇل كىشىلەرمۇ ياكى ماشىنا ياسايدىغان زاۋۇتمۇ؟ بۇنى ھېچكىم مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن، بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ خېرىدارلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان پۇلى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇ بىر مەسىلە. 
«بىزنىڭ سېتىش خادىملىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەممىسى مەخسۇس تەربىلەنگەن خادىملاردۇر» دەيدۇ خۇاڭ چيۇجىن مۇخبىرغا، بۇ خۇددى بىر قاچا تاماق ئايرودرومدا 40 يۈەن بولسا، شەھەرنىڭ باشقا يەرلىرىدە 14 يۈەن بولغىنىغا ئوخشاش، خېرىدارلار ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ ئوخشىمىغان باھاسىنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇلازىمەت ھەققى بار. 
ئىگىلىنىشچە، بۇلۇت چىقىمدانى نەزەرىيەسى «ئىستېمال كاپىتالى» ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كارخانا بىر قىسىم پايدىنى ئىستېمالچىغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئىستېمالچى بۇنىڭ بىلەن «مەبلەغ سالغۇچى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەردە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولسا : قانچىلىك پايدىنى چىقىرىپ قانداق نىسبەتتە، قانچىلىك ۋاقىتتا ئىستېمالچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؟  
خۇاڭ چيۇجىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇلۇت چىقىمدانى بولسا "قانداق قىلىپ بايلىقنى تېز سۈرەتتە ئاشۇرۇش جەريانىدا بايلىقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا يېتىش"نى ھېسابلايدىغان ماتېماتىكىلىق قوللىنىش قورالىدۇر، بۇ ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىلغان. بۇ خىل پۇل مۇئامىلە يېڭى شەكلى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن دېيىشكە بولىدۇ، خەجلىۋەتكەن پۇلىغا قايتا ئېرىشىش ھەرگىزمۇ خام خىيال ئەمەس.» 
ئەندىزە تالاش-تارتىشى 
ئەمەلىيەتتە، ئىستېمالچىلار «ئىستېمال پايدىسىنى قايتۇرۇش» ئەندىزىسىگە نىسبەتەن ئانچە ناتونۇش ئەمەس، بازاردا تەشۋىق قىلىپ ساتقاندا «ئىستېمال سوممىسى 500 يۈەنگە يەتسە 500 يۈەن سوۋغا قىلىنىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار ھەممە يەردە بار، كۆپلىگەن بانكا ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ جۇغلانما نومۇرىنى پۇل ئورنىدا خەجلىگىلىمۇ بولىدۇ، يېقىندىن بۇيان تور سودىسى قىلىۋاتقانلارمۇ «ئىستېمال قىلىڭ، پايدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ» دېگەن شوئار بىلەن نۇرغۇن خېرىدارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. 
بۇ خىل چەتئەلنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى دۆلەت ئىچىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم سودا ئورۇنلىرى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش قورالى قىلىپ ئىشلىتىلدى، مەسىلەن ۋەنجىيا سودا سېتىقى، تىنچ ئوكيان سودا تورى قاتارلىقلار. بۇلۇت چىقىمدانى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە تالاش-تارتىش بېسىقمىدى، بازار ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىدىن بەك گۇمانلاندى. 
مەسىلەن، خېشۈن تورى «خېشۈن مۇتەخەسسىسى»دە بەزىلەر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇلۇت چىقىمدانىنى 170 مەبلەغ ئالدامچىلىقى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، بىۋاسىتە ھالدا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ۋە توردا شاخلىتىپ سېتىش» بىلەن شۇغۇللانغان دەپ ئەيىبلىگەن. 
مۇخبىر خەلق بانكىسىنىڭ تور بېتىدىن دۆلىتىمىزدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش ئىجازەتنامىسى ئالغان 270 كارخانا ئورۇنلار تىزىملىكىدە يۈنفۇتوڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. خۇاڭ چيۇجىن بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:  بۇلۇت چىقىمدانى ھەق تۆلەش سۇپىسى ئەمەس، يىباۋ چىقىمدانى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەق تۆلەش سودىسى قىلىدۇ. 
خۇاڭ چيۇجىننىڭ قارىشىچە، بۇلۇت چىقىمدانى يېڭى بىر شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقىلارنىڭ بۇلۇت چىقىمدانىغا قارىتا گۇمانىنىڭ بولۇشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال بولۇپ، تېسلا توكنى كەشىپ قىلغاندا توك ئېقىمىنى قوللىغۇچى ھېسابلانغان ئېدىسونمۇ توك ئېقىمنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر پىلنىڭ توك سوقۇپ ئۆلۈپ كېتىشىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ كۆپچىلىكىنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان. 
ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ بۇلۇت چىقىمدانىغا قارىتا گۇمان قىلىدىغىنى «چىقىم قىلغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش» شەكلىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە «ھەمكارلاشقۇچى» قوبۇل قىلىش سودا شەكلىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 
يۈنفۇتوڭنىڭ تىجارەت شەكلىگە قارىتا گۇاڭدۇڭدىكى مەلۇم بىر ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى لى خېتىڭ ئادۋوكات مەخسۇس ماقالە يېزىپ تەھلىل قىلغان: بۇلۇت چىقىمدانىغا قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى ئستېمالچىلار، كارخانىچىلار، ھەمكارلاشقۇچىلار (ھەمكارلاشقۇچى ياكى ۋاكالەتچى) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ سودا جەريانىدا يېڭى بايلىق يارىتىلمايدۇ، سودىگەرلەرنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى بولسا ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن پايدىدۇر. خەتەرگە ئۇچراش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى ئىستېمالچىلاردۇر، بەلگىلىك مىقداردا قايتۇرۇلغان پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ، ۋە بايلىقىمۇ يوقاپ كەتمەيدۇ، ئەمما خەتەرگە ئۇچراش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى «ھەمكارلاشقۇچى»لاردۇر، ھەمكارلىشىش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ھەمكارلاشقۇچى «يېتەرلىك ھەق تۆلىگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچىنى بۇ سىستېمىغا باشلاپ كىرەلەمدۇ يوق، تۆلىگەن سوممىسى يېتەرلىك بولامدۇ يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق بولمىغان ئامىللاردۇر». 
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇلۇت چىقىمدانىغا ھەمكارلاشقۇچى بولۇش ھەققى 50 مىڭدىن 5 مىليونغىچە بولۇپ، تۇنجى قارارلىق ھەمكارلاشقۇچى: 10 نەپەر 5 مىليون يۈەن تاپشۇرغان «مەملىكەت دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچى»، 5 نەپەر بىر مىليون تاپشۇرغان «ئۆلكە دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچى»، 4 نەپەر 300 مىڭ تاپشۇرغان «شەھەر دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچى» ۋە 3 نەپەر 50 مىڭ يۈەن تاپشۇرغان «ناھىيە دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچى» بولىدۇ، توپلانغان ئومۇمىي سومما  56 مىليون 350 مىڭ  يۈەن بولىدۇ. 
«بىخەتەر ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن»مۇ؟   
يۈنفۇتوڭ ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە بۇلۇت ئەزالىرىغا گۈزەل بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، 2025-يىلىغا بارغىچە 1000 كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمىنى 10 مىلياردقا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ كىرىمىنى 100 مىلياردقا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، 1000 نەپەر ھەمكارلاشقۇچىنىڭ كىرىمىنى 100 مىليوندىن ئاشۇرىدۇ، 10 مىڭ ئەزانىڭ كىرىمىنى 10 مىليوندىن ئاشۇرىدۇ، 10 مىليون ئەزانىڭ كىرىمىنى بىر مىليوندىن ئاشۇرىدۇ. 
ھېسابلاپ كۆرگەندە، يۇقىرىدا دېيىلگەن «خىيالى مەنزىرە» رېئاللىققا ئايلىنىپ قالسا، كەلگۈسى 10 يىلدا يۈنفۇتوڭ «ياردەم قىلىپ» ياراتقان بايلىق قىممىتى 211  تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. يۈنفۇتوڭ %5-%3 بويىچە باشقۇرۇش ھەققى ئالسا 2025-يىلىغا بارغاندا يۈنفۇتوڭنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى 6 تىرىليون 330 مىليارد يۈەندىن 10 تىرىليون 560 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. 
بۇ تېخى ئۇلار توپلىغان تىرىليون دەرىجىلىك چۆكمە مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈشتىن كەلگەن پايدىسىنى ۋە باشقا پايدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. 
يۈنفۇتوڭ يەنە بۇلۇت چىقىمدانى ئاساسىدا «يۈنشاڭباۋ»نى بازارغا سالغان، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن شەكىلدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئۆي مۈلۈك، ماشىنا قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇلۇت چىقىمدانى ھەرقانداق ساھەگە باغلىنالايدىغان بولۇپ، چېكى يوق ئىكەن. 
خۇاڭ چيۇجىن مۇنداق دەيدۇ: «يۈنفۇتوڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يەتتە شىركەت قۇردى، ئاخىرى باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئۆي مۈلۈكنى مىسالغا ئالساق، نۇرغۇن ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى يۈنفۇتوڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى، بۇرۇن باشقىلار بىزنى ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى دەپ قارايتتى، ھازىر بولسا بىزنى ھەقىقىي ياردەم قىلغۇچى دەپ قارايدىغان بولدى».  
خۇاڭ چيۇجىن بۇلۇت چىقىمدانىنى باشقا چىقىمدانلارغا، مەسىلەن تېڭشۈن سەيفۇتوڭ، ئەلى چىقىمدانى (جىفۇباۋ)، ئۈندىدار چىقىمدانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنى «چەكلىك دائىرىدە ئېچىۋېتىلگەن»،  بۇلۇت چىقىمدانىنىڭ چېكى يوق دەيدۇ. يەنە ئۇنىڭ جىفۇباۋ بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم پەرقى «چىقىم تولۇق قايتۇرۇلىدۇ». ئۇ ئېتىراپ قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىستېمال چىقىمى تولۇق قايتۇرۇش شەكلى ئۈندىدار، جىفۇباۋغا ئوخشاش تېخى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى، بۇ بىر رىقابەت ھېسابلىنىدۇ.»
خۇلاسىلىگەندە، تېخىچە ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش ئىجازەتنامىسى يوق «بۇلۇت چىقىمدانى»نىڭ ئىشلىرى داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولىۋېرەرمۇ؟«بىخەتەر ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن» تىجارەت شەكلى قانچىلىك داۋاملىشار؟ بۇنىڭغا بازار ۋە مۇناسىۋەتلىك نازارەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىر نېمە دەيدۇ. 
دىققەت قىلىشىمىزغا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، شېنجىن شەھەرلىك نەنشەن رايونى بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئورنى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى يۈنفۇتوڭنى «بىنورمال تىجارەت قىلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن، سەۋەبى بولسا «تىزىملاتقان ئادرېس ۋە تىجارەت دائىرىسىدىن ئالاقىلاشقىلى بولمىغان».
  
بۇ تەرجىمە ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بۇ ئادرىستىن كۆرسىڭىز بولىدۇ : 
http://tech.163.com/16/1120/16/C6B2FS1E00097U7R.html

مەنبەسى:نۇر تورى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

11ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ansar630 ۋاقتى: 2017-5-10 10:52:22
ھەقىقەتنى قوللايدىغان ئادەم يوق . ساختىنىڭ قېشىدا پوقنىڭ ئەتراپىدىكى چىۋىن كەبى ....
گىلەم
0102 ۋاقتى: 2017-5-10 11:54:57
مۇھىم گەپ ، خەق مەبلەغ چىقىرىپ ياسايدۇ ، ھەممىنى قايتۇرسا دىرىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ ، خەق پۇل تاپىمەن دەپ دۆتلىشىپ كىتىپ بارامدۇ ،  زىيان تاتمايدىغان سودىنى ئاڭلاپلا پۇل چىقىردىكەن
ئورۇندۇق
akbulut ۋاقتى: 2017-5-10 11:56:39
مىنىڭ قارىشىمچە، يۈنجىفۇنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ. گەرچە ھازىر بۇ سۇپىنىڭ دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك. خەۋپ خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش گەرچە جاھاندارچىلىقنىڭ بىر يولى بولسىمۇ، بۇ ھەرگىز قارىغولارچە تەۋەككۈل قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىستىمالچى بۇ سۇپىدا ئەڭ بىخەتەر ھالەتتە بولىدۇ، ساتقۇچى ئەڭ كۆپ خەتەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇشۇ بويىچە ماڭسا، بازار ھەقىقەتەن جانلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۈندىدار توپلىرىدا ھەرخىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، ساتقۇچىنىڭ يۈكى ئىستىمالچىغىمۇ ئارتىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنى يۈنجىفۇنىڭ قائىدىسى بەلگىلىمىگەن. بەلكى ساتقۇچىلار ئۆزى قائىدە قىلىپ تۇرغۇزىۋالغان. دىمەك، يۈنجىفۇدا بىر يۇۋۇق كۆرۈلدى دىگەن گەپ، يۈنجىفۇ ھەم بۇ يۇچۇقنى ئەتمەكچىمۇ ئەمەستەك. يەنە باشقا يۇچۇقلارنىڭ بار يوقلىقىغا ھازىرچە بىر نىم دىگىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولسا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ. مۇكەممەل بوپ كەتمىسىمۇ، خېلى ئىشەنچلىك قۇرۇلمىسى، تۈزۈلمىسى بولغاندا، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇ. بولمىسا بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت ۋە باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئانناڭنى دەپ تىللاپ قالىدىغان گەپ شۇ. پايدا بەمىسە قانداق قىلالايتتۇق. شۇڭا ئويلايمەنكى، سودىنى ھامىنى باشقا بىر ئۇسول چارىلەر بىلەن قىلالايمىز. پايدىمۇ ئالالايمىز، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزمۇ، خەقنىمۇ يەمچۈك چىشلىتىپ، خەقنىڭ دېپىغا جىن بولۇپ ئۇسۇل ئوينىمايمىز. شەخسى قارىشىم، قايىل بولمىغانلار ئۆزۈڭلا بىلگەننى قىلساڭلا بولىدۇ
5-قەۋەت
13379759077 ۋاقتى: 2017-5-10 14:55:26
تۈلكە ئاكاڭ ئاچتا ،
ئۈچ كۈن قىلمىدى ناشتا .
بىر بالاسى بولمىسا ،
قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا .
6-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2017-5-10 17:42:16
مەن نورمال ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋاتىمەن.
7-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2017-5-10 23:28:15
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-10 23:31  

تونىسىڭىز دەپ قويۇڭ،
ئىملاسىنى جايلاپ توغرا يازالمىغان ئادەم تىخى نۇر تورى، باشقا نۇرغۇن تاراتقۇلارنى يالغانچىغا چىقىرىپتۇ...

سىزچە ئۇلار ساراڭمىدۇ؟ بىكاردىنلا بىكارغا سىزنىڭ خەجلىۋەتكەن پۇللىرىڭىزنى سىزگە بىرىدىغانغا؟
ئۇلارنىڭ تىخىچە بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق ئاساسى يوقكەن،

تەلىيېڭىز باركەن، سىزگە ئامەت تىلەيمەن
8-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2017-5-10 23:57:59
بۇ باشىقىلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق پۇل تىپىش تاكتىكىسى،
سىز تۆلىگەن پۇل سىزگە قايتقۇچە ،    چوڭ  سودىلارغا ئىقسادنى جۇغلاپ مەبلەغ سالىدۇ ،    شۇنىڭ بىلەن پايدا ھەسسىلنىپ شىركەتكە قالىدۇ،   سىزگە قايتۇردىغان پۇل بۇ پايدنىڭ ئالدىدا   ھىچ گەپ ئەمەس،   
9-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2017-5-11 06:47:57
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2017-5-10 23:57
بۇ باشىقىلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق پۇل تىپىش تاكتىكىسى،
سى ...

توغرا دەيسىز بمىنىڭ پۇللۇرۇم نورمال قايتىۋاتىدۇ قايىتمىسىمۇ ماڭا زىيانيوق  پايدىلانغانلا پايدىلانسۇن ئىشەنچ قىلالمىغانلا ئىشلەتمىسۇن بەزىلە سالونىدا ئادەم كۆپەيتىدىغانغا مۇشتاق نەسىلەنى يازىۋىردىكەن
10-قەۋەت
vivo–x9 ۋاقتى: 2017-5-11 14:16:55
بۇ ئىنىقلەم  بىر  تەرەپ  زىيان  تاتدىغان  بىر تەرەپ  پايدا  ئالدىغان  نۇرمالسىز  بىر  ئىش  مەنئ قۇلىمايمەن  ،  ئەينى  ۋاقتتا مەن  ئۇقمايلام  ئىككى  تىلفۇن  سىتىپ  زىيان  چىققان ،
11-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2017-5-13 10:13:59
نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بار، ئاددىيسى جەمىيەت تەرققىي قىلىپ ئۇچۇر-ئالاقە، پەن - تىخنىكا ئۇچقانداق تەرققىي قىلماقتا. ئەمما ئالما شىركىتى ھىچقاچان بىكارغا تىلفۇن تارقاتمىدى، تىلگىراف شىركەتلېرىمۇ ھەقسىز تور تارقاتمىدى ئەكسىچە بىر تال ئايفون 5000كوي، بىر ئايلىق كەڭ بەلباغ تورى 99 كوي . ئەگەر بىر دىھقان تەرەقىيات تەڭ ماڭماقچى بولسا تاماقمۇ يىمەي، كىيىم كىيمەي، توي قىلماي ياكى مەكتەپتە ئۇقىماي ، داۋالا نماي ئىشلەشكە تۇغرا كىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىلا جەمىيەت تەرەقىياتى دىگەن نىمىلىكىنى بىلگەنسىز؟ رىقابەت ئىدىيە رىقابىتى جەمىيەت تەېققىي قىلسا سىزنى ياتقۇزۇپ قۇيۇپ باقامۇ ؟
12-قەۋەت
abdusalam0030 ۋاقتى: 2017-7-12 23:10:51
مېنىڭ پۇلۇممۇ  نۇرمال  قايتىۋاتىدۇ     قايتمىسا  مەيلى  مەن  خەجلەپ  بۇلغان، پۇلغۇ  ئۇ   ھېچ كىمگە  زىيان  يۇق  بۇ  چىقىمداندا  قارىسىغا    ئىش  قىلماڭلار  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部