+تېما يوللاش
barhan88 يوللانغان ۋاقتى:2016-4-30 00:01 4486 قېتىم كۆرۈلدى 26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5.1 كۈنى ئۈچۈن ئېتىبارلىق پائالىيەت يولغا قويۇپتۇ. 5.1يۈەنگە 500MB ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ تەلەي سىناش شەكلىدىكى پائالىيەت بولۇپ ئاۋال ئۈستىدىكى 1G ياكى 500MB دىگەندىن بىرنى تاللاپ تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئاستىدىكى ئۈچ تال تۇخۇمدىن بىرنى تاللاپ چاقىمىز،شۇنىڭدىن قانچە يۈەن باھا چىقسا ئېقىم مىقدارى شۇ باھا بويىچە بولىدۇ. 500MB نىڭ باھاسى 5.1 ، 10.2 ،15يۈەن بولۇپ ئادەتتە 5.1 يۈەن چىقىدىكەن. 1Gنىڭ باھاسى 10.51 ، 15.1 ، 25.1 يۈەن بولۇپ نەچچە قېتىم سىنىسام 25يۈەن باھا چىقىۋالدى. ئەگەر باھا يۇقىرى چىقىۋالسا پۇلنى تۆلىمەي بەتنى يېڭىلىۋىتىپ قايتا سىنىساق بولىدىكەن.

ئېقىمنى سېتىۋىلىش ۋاقتى : 4-ئاينىڭ29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچە سائەت 12گىچە.
ئىشلىتىش مۇددىتى : 5-ئاينىڭ1-كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G, 3G ئابۇنتلىرىلا قاتنىشالايدۇ.
بىر نومۇر بىلەن بىر تۈرنى بىر قېتىملا سېتىۋىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر سېتىۋىلىش مەغلۇب بولسا پۇل ئىككى كۈندە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا : ئېقىم مىقدارىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاۋال يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى ئېقىمنى ئىشلىتىپ بولغاندا ئاندىن بۇ قېتىملىق ئېقىم مىقدارى ئىشلەيدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا يەنە 5-ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى تېلېگراف كۈنى پائالىيىدە 10 يۈەنگە 3G ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە.
تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئۈندىداردا ئېچىپ قاتنىشىڭ. ياكى ئۈندىداردا  新疆联通卓越100 سالۇنىنى قوشۇپ 5.1دىگەن تەۋسىيە ئۇچۇرىغا كىرىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ سالۇندا يەنە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.  تىلى ئۇيغۇرچە.


http://weixin.xj169.com/Home/activity51/1231/1#rd
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

26ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-30 00:08:14
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 00:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5.1 كۈن ...

رەسىمى

Screenshot_2016-04-29-20-30-26.png (72.74 KB, چۈشۈرۈش سانى: 19)

Screenshot_2016-04-29-20-30-26.png
گىلەم
yigana240 ۋاقتى: 2016-4-30 02:53:21
تىلگىرافنىڭ يوقمىكەن
ئورۇندۇق
forever_ms ۋاقتى: 2016-4-30 03:21:59
ئادىرىسنى كۆچۈرگىلى بولمىغاندىكىن ، بىۋاستە باسسا ئۇلىنىدىغان قىلىپ قويساڭلارمۇ بوپتىكەن . بىر بىردىن بېسىپ بولغۇچە دەيمىنا

ياخشى ئىشكەن ، رەھمەت سىزگە
5-قەۋەت
KAWSAR@ ۋاقتى: 2016-4-30 04:46:14
مىنىڭ كارتامدا   10كويغا 1.5Gتورنى خالىغان ۋاقىتتا ئالغىلى  بولىدۇ   ئشلىتىش ۋاقتى 6ئاي .    لىيەنتوڭ  كارتا
6-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2016-4-30 08:34:15
KAWSAR@ يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 04:46
مىنىڭ كارتامدا   10كويغا 1.5Gتورنى خالىغان ۋاقىتتا ئالغىل ...

ئۇ پالىيەتنىمۇ كىلەر ئايدىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ دىگەندەك گەپلەر بۇلىۋاتىدۇ ھازىر! راسمۇ يالغان ئىنىق بىلمەيمەن! ئىشقىلىپ مەن زاپاس 3 قىتىم ئېچىۋالدىم.بىر نەچچە ئاي ئىشلىتىشكە يىتىدۇ! سىزمۇ ئامالبار جىقراق ئېچىۋىلىڭ! پالىيەتنى تۇيۇقسىز تۇختاتسىمۇ ھىچنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ!
7-قەۋەت
raxim0997 ۋاقتى: 2016-4-30 10:30:55
10يۈەنگە1.5گ تور ئالدىغان پائالىيەت ھازىرچە ئاخرلاشمايدۇ
8-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-4-30 10:50:26
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 00:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5.1 كۈن ...

مەن قايتا قايتا سىنساممۇ 10 يۈۋەن دەپلا چىقىۋاتىدۇ 500 مىگالىقى 1 جىلىقى 15،يۈۋەن چىقىۋاتىدۇ 5 يۈۋەن دەپ چىقمىدى
9-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-4-30 11:00:20
بۇ 10يۇەنگە 1.5گ تور ئاچىدىغان پائالىيەت  راس كىيىنكى ئايدىن باشلاپ توختىتىلامدىكەن  ،  ئوووو ، ئۇنداق بولسا جىقراق سىتۋاسام بولامدۇ نىمە.....
10-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-30 11:02:40
مۇساجان2 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 10:50
مەن قايتا قايتا سىنساممۇ 10 يۈۋەن دەپلا چىقىۋاتىدۇ 500 م ...

مەن 1Gئالاي دىگەن ، ئەمما 25.1 يۈەندىن ئۆزگەرمىدى. 500MB نى  تېما يوللاشتىن بۇرۇن نەچچچە سىناپ بېقىپ 5.1 چىققاندىن كېيىن يوللىغانتىم. ھازىرمۇ 5.1 يۈەن چىقتى.

Screenshot_2016-04-30-09-02-12.png (68.74 KB, چۈشۈرۈش سانى: 11)

Screenshot_2016-04-30-09-02-12.png
11-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2016-4-30 11:16:12
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 11:02
مەن 1Gئالاي دىگەن ، ئەمما 25.1 يۈەندىن ئۆزگەرمىدى. 500MB نى  ...

ئاداش بۇ ئۈندىدر بوممىسا  سىتۋاغىلى بول مامدا  , مەن ئۈندىدر ئاچمايتتىم ، كارتاممۇ  4g كارتا ئىدى سىتۋاغىلى بولماسما
12-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-30 11:28:24
1314520 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 11:16
ئاداش بۇ ئۈندىدر بوممىسا  سىتۋاغىلى بول مامدا  , مەن ئۈ ...

ئاۋۇ ئادرېس تور كۆرگۈدە ئېچىلىدىكەن ئەمما ئۈندىدار ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىڭ دەپ ئەسكەرتىش چىقىپ ئېقىمنى ئالغىلى بولمايدىكەن. پۇلنى ئۈندىداردا تۆلەيدىغان بولغاندىكىن شۇنداق بولىشى مۇمكىن.  پائالىيەت چۈشەندۈرلىشىدە پەقەت 2G, 3G ئابۇنتلىرىلا قاتنىشالايدۇ دەپتۇ. 4G بولمايدىكەن.
13-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2016-4-30 11:43:17
ئۈندىدارنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن 5يۈەنگە 300mb نىشانلىق ئېقىم مىقدارىمۇ بارئىكەن.


5يۇەنلىك 300مىگابايىت ئۇندىدار دۆلەت ئىچى نىشانلىق ئېقىم مىقدار بوغچىسى ئېقىم مىقدار ئېشىپ كەتكەن قىسمى MB/ يۇەن 0.3(مېگابايىت) ئۈندىدار تېرمىنالى ئىچىدە شەكىللەنگەن تور ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۇندىدارئىچىدە باشقا تور ئادرىسلارنى چېكىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن تور ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،مۇشۇ ئايدا ئىجرا بولىدۇسەمىمىي ئەسكەرتىش :نىشانلىق ئېقىم مىقدار چۇشەندۈرىشى1 ئۇندىدار نىشانلىق ئېقىم مىقدا ر بوغچسى ئۈندىدار تېرمىنالى ئىچىدە شەكىللەنگەن تور ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇندىدا ر .ئېقىم مىقدا ر ئىشلىتىش دا ئىرىسى: خەتلىك ئۇچۇر يوللاپ قوبۇل قىلىش ،ئاۋازقىل ئۇچۇر ،رەسىم ۋىدېئو ئۇچۇرى (دوستلار چەمبىرىكىدىكى ۋىدېئو ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دوستلار چەمبىرىكى ،يېقىن ئەتراپتىكى ئادەملەرنى قوشۇش قاتارلىق ئىقتىدا ر (سەمىمىي ئەسكەرتىش: نىشانلىق ئېقىم مىقدار سىرتقى .ئۇلانما تور.ئادرىسى ياكى ئۇندىداردىن باشقا توربېتىگە ئاتلاپ شەكىللەنگەن تور .ئېقىم مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،يۇرۇشلۇك مۇلازىمەت ئېقىم مىقدار ىدىن سەرىپ بولىدۇ؛ ئۇندىدار تۈرلۈك ئاممىۋى توپ سۇپىسى بىرىنجى بېتى نىشانلىق ئېقىم مىقدا ر .ئىچىدە ھېسابلىنىدۇ لىكىن ئۇندىدا ئاممىۋى توپدىكى ئەسەر مەزمۇنى ، تەۋسىيە قىلغان مەزمۇنلار نى كۆرسىڭىز ئورتاقلاشسىڭىز نىشانلىق ئېقىم مىقدا ر سىرتىدا ھېسابلىنىدۇ).2. ئۇندىدار ئويۇن مەركىزىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئويۇن: (天天连萌)تېيەن تېيەن لېيەنمېڭ، (天天爱消除)تېيەن تېيەن ئەي شىياۋچۇ، (天天酷跑)تېيەن تېيەن كۇپاۋ ، (天天飞车)تېيەن تېيەن فېيچې، (节奏大师)جېيزو داشى، (欢乐麻将)خوەنلې ماجاڭ ،(飞机大战)فېيجى داجەن ،(全民飞机大战)چۇەنمىڭ فېيجى داجەن ،(雷霆战机)لېيتىڭ جەنجى قاتارلىق ئۇيۇنلار نىشانلىق ئېقىم مقىدار ئىچىدە ھېسابلىنىپ باشقا ئۇيۇنلار نىشانلىق ئېقىم مىقدار سىرتىدا ھېسابلىنىدۇ؛ (سەمىمىي ئەسكەرتىش :1.مۇناسىۋەتلىك تېر مىنالى چۈشۇرۇش جەريانىدا ئايرىم ئېقىم مىقدار شەكىللىنىدۇ. 2. ئۇندىدار ئويۇنى ئوينىغاندا ئۈندىدار دوستى ياكى QQ دوستى ئەھۋالىغا قارتا تاللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ئەگەر QQ دوستلار بىلەن ئويۇن ئوينىغاندا 300MB ئېقىم مىقدار ئىچىدە كىرمەيدۇ ئايرىم ھەق ھېسابلىنىدۇ.
14-قەۋەت
adiljan3359 ۋاقتى: 2016-4-30 12:01:03
بۇ كەسىپنى پەقەت ئۈندىداردا پۇل تۈلەپ ئاچقىلى بولىدىكەن ئۇنۇڭدىن باشقىسى بولمايدىكەن
15-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-4-30 12:20:26
barhan88 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-30 11:02
مەن 1Gئالاي دىگەن ، ئەمما 25.1 يۈەندىن ئۆزگەرمىدى. 500MB نى  ...

مانا مۇشۇنداق چىقىۋاتىدۇ

(167.77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 4)

12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部