+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-3-19 12:38 5191 قېتىم كۆرۈلدى 49 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بەزىدە ئىشلىتىۋاتقان يانفوننى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ساتماقچى بولساق قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالىمىز.
ئۈندىدارنىڭ نىمكەش يانفونغا باھا قويۇش، سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بار. شۇ يەردىن يانفونىڭلارنى باھالىتىپ باقساڭلار، قويغان باھاسىنى مۇۋاپىق دەپ قارىساڭلار سېتىۋەتسەڭلار بولىدىكەن. مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك:
ئۈندىدارنىڭ 【钱包】 (ھەميان)- 【手机充值】 (يانفونغا قىممەت تولۇقلاش) نى بېسىپ، ئەڭ ئاستىدىكى 【更多服务】 (تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت) نى باسىمىز.


ئۇ يەردىن 【手机回收】 نى بېسىپ، ئاندىن 【我要卖手机】 (يانفون ساتىمەن) كۇنۇپكىسىنى باسساق 【微回收】 كۆزنىكىگە كىردىكەنمىز.


شۇ يەردىن يانفونىڭىزنىڭ ماركىسى، تىپى، رېمۇنىت قىلىنىش ئەھۋالى، رەڭگى، سىغىمى، ئېكران، ۋايفاي ... دېگەندەك قاتتىق دېتاللىرىدا مەسىلە بار يوقلۇقىنى بىر-بىرلەپ، ھەقىقىي تاللاپ بەرسىڭىز يانفونىڭىزنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن.


باھاسىغا رازى بولسىڭىز ئالاقىلىشىش ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ يوللىسىڭىز سېتىۋەتكىلى بولىدىكەن (شىنجاڭ رايۇنىدا بولامدۇ-بولمامدۇ سىناپ باقمىدىم).
بۇ ئارقىلىق يانفونىڭىزنى 微回收 سۇپىسىدا ساتمىسىڭىزمۇ باشقىلارغا سېتىشقا باھاسىغا نىسبەتەن كۆڭلىڭىزدە سان تۇرغۇزۋالسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟


سىناق قىلىپ باقساق ئالتۇن رەڭلىك  iPhone 6s قا 1887 يۈەن، قارا رەڭلىك iPhone 5 قا 416 يۈەن، ئالتۇن رەڭلىك شىياۋمى 5 ، 64 گېگابايتلىق نۇسخسىغا 1200 يۈەن باھا قويدى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش14 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

49ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
1965389971 ۋاقتى: 2017-3-19 13:08:26
قانداق سېتۋالغىلىبولدىغاندۇ

گىلەم
丨★丶__Dar ۋاقتى: 2017-3-19 13:11:35
خېلى نورمال باھا قويامدۇ نېمە؟ مەن قولۇمدىكى iPhone 6s نى باھالاتسام 1807 يۈەن باھا قويدى، ئۆتكەندە تېلېفوننى ساتماقچى بولۇپ جۇڭسەنگە ئاپارساممۇ 1800باھا قويغان تېلېفونچىلار، ھازىر يەنە شۇ يەرگە ماڭدىم تېلېفوننى ساتقىلى، 1800گە ساتسام مۇۋاپىق بولغىدەك.
ئورۇندۇق
xamxar1234 ۋاقتى: 2017-3-19 13:14:37
مەن خۇڭمى نوتې3   نى باھالاتسام 32جىلىقنى 280كويغا چىقتى ئەڭ يۇقۇرسى
5-قەۋەت
yasenjan0903 ۋاقتى: 2017-3-19 13:16:46
بولغۇدەكقۇ ئەمسە
6-قەۋەت
قايناق ۋاقتى: 2017-3-19 13:36:57
مەن قولۇمدىكى خۇڭمى نوتى 1 يانفۇنۇمنى باھالاتسام 111 يۈەن چىقتى
7-قەۋەت
PAROL77 ۋاقتى: 2017-3-19 13:38:32
ئاقماس نەرسىكەن 30كۇي 55كۇي دەپ مىيزۇ 3s نى 30كۇي دەيدا باتارىيەسىنى بىرەمدۇ دىمەي
8-قەۋەت
~~~~爱~~~~ ۋاقتى: 2017-3-19 13:38:49
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار مەندە 小米2s تىن بىرسى باتتى 8.2稳定本 نەشىرى ئاخشام شەخسى مەخپىيەتلىك دەيدىغان يەرگە ھەپىلەشكەنتىم ،ئېكراندا بىر سىزىق خەنزۇچە خەت چىقىۋالدى تەڭشەككىمۇ كىرمەيدۇ سىزىقلىق قۇلۇپ كىرگۈزۈڭ دەپلا چىقىۋالدى قۇلۇپنى توغرا كىرگۈزسەممۇ ئېچىلمىدى قانداق قىلسام ئوڭشىلا
9-قەۋەت
kusanbiz88 ۋاقتى: 2017-3-19 13:55:49
مىنىڭ ئوپپوr9sقا 1820يۈەن باھا قويدى مەنمۇ 2000مىڭغا ساتاي دىسەم ئالمىغان 1500قىلىپ 1800كەسە ساتسام بولغۇدەك
10-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2017-3-19 14:23:27
بولغىدەك مىنىڭ قولۇمدىكى تىلىپۇننى تىلىپۇنچى تونۇشۇم تۇرقىنى 700 كويغا بەرگەنتى 64گ ئاق رەڭلىك قىپىمۇ ئىچىلمىغان كەن ئەمما شۇ ئەيدى بارىكەن تۇق تىلىپينۇمنى 920 باھالىدى شۇنىڭغا قارىغاندا پايدا چىققۇدەك لىكىن زە ئەيدىسىنى ئاچقىلى بولسا ياخشى بولاتتى ماڭاساتقاندائەيدى سالسام مىنىڭ ئەيدىرىم چۈشكەنتى نەشىركۆتەرسەم باشقا ئەيدى چىقتى رىمۇنىتتى باللارنى 30 سومغا روم يىزىپ بەرگەنتى ھازىر زاۋۇت ھالىتىگىمۇ كەلمەيدۇ ئەيدى سالغىلىمۇ بولماسلا بولدى توردىن سىم بۇرۇپ قويدۇم ئۆزەم بىر سىسىتىمايىزىپ ئوڭشاپ باقايمىكى
11-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 2017-3-19 14:42:29
مېيزۇنى  بىرمىگە  ھىسابلىمايكە  ئۇ  ،  mx5  نى  30  كوي  دەيدا  
12-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-3-19 14:46:28
kusanbiz88 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-19 13:55
مىنىڭ ئوپپوr9sقا 1820يۈەن باھا قويدى مەنمۇ 2000مىڭغا ساتاي  ...

قوياڭلا  ئاداشلا  تېخى تۆنۈگۈن  قېپىدىن  چىقارغان oppo r9sقا  قويغان باھاسى  ماۋۇ ،نان يىمەسنىڭ،364كۈنلۈك سۈپەت كاپالىتى تۇرما

Screenshot_2017-03-19-14-44-53-47.png (118.36 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

Screenshot_2017-03-19-14-44-53-47.png
13-قەۋەت
1787820405 ۋاقتى: 2017-3-19 15:06:28
مېنىڭ شىياۋمى 4c يانفونۇمغا قويغان ئەڭ يۇقىرى باھاسى546 كوي بولدى . ئاق رەڭ 32گ ئىدى.
14-قەۋەت
1933315008 ۋاقتى: 2017-3-19 15:09:50
燕山灰狼 يوللىغان ۋاقتى  2017-3-19 14:46
قوياڭلا  ئاداشلا  تېخى تۆنۈگۈن  قېپىدىن  چىقارغان oppo r9s ...

ۋايفايغا ئۇلانمايدۇ، ئېكرانى نورمال ئىشلىمەيدۇ دەپ تاللاپ قۇيۇپسىزغۇ؟
15-قەۋەت
OKYAQi ۋاقتى: 2017-3-19 15:11:05
ئىككىنچى قول ۋە يېڭى تىلفۇنلارنىڭ ھەركۈنى يېڭى باھاسىنى يوللايدىغان ئۈندادار سالون ياكى تىجارەتچى باللار بارمۇ؟  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部