+تېما يوللاش
ئىللىق1 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-3 18:56 1904 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن كومپىيۇتېرغا قزىقاتتىم . تېخى دىيارىمىزدا ئانچە ئۇمۇملاشمىغان شۇ ۋاقىتلاردا كومپىيوتىرنىڭ قانداق ئشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىناتتىم. كېيىنچە ئۇچىراشقانمۇ بولدۇم .ئەلۋەتتە ئۇيۇن ئويناش كەم ئەمەس.
چۈنكى ئۇيۇن ئويناش دىگەنلىك شۇ ئۇيۇننىڭ ماھىتىگە قىزىقىش دىگەنلىك . ئەڭ كەم بولغاندا مەن ئۈچۈن شۇنداق. كىنو كۈرۈشمۇ ناخشا ئاڭلاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. كىيىنچە كىنو دىگەنلىكنىڭ ئۈزى بىرقاتار سۈرەتلەرنى مەلۇم تىزلىكتە ئارىمۇ ئارقا يۈرۈشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە ئادەمدە ھەركەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. يەنە كىيىنچە ئۇيۇن دىگەنلىكنىڭ ئۈزىمۇ كىنو بىلەن ئوخشاش بىر ماھىيەتتە ئىكەنلىكنى چۈشەندىم. پەرقى پەقەت كىنونى كۈرىمىز، جەريانىغا كىرىشەلمەيمىز. ئۇيۇن بولسا بىز شۇ جەرياندا مائۇس كۇنۇپكىلار بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارالايمىز. كىيىنچە ئۈچ ئۆلچەملىك ئۇيۇنلار مەيدانغا كەلدى.
بىزگە بىرىدىغان تەسىرى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن بولدى. مانا ھازىر بولسا مەۋھۇم دۇنيا شەكلىدە سىزگەئۇيۇن جەريانىدا ئەمەلى ئىنكاسلار ئارقىلق سىزنى ئەمەلىيەت بىلەن ئۇيۇننڭ ئارلىقىدا تېخىمۇ يېقىن تۇيغۇغا ئىگە قىلىدىغان ئۇيۇنلار مەيدانغا كەلدى. مانا شۇ جەرياندا مەنمۇ شۇنداق بىرەر ئۇيۇن ياسىيالارمەنمۇ
دىگەن بىر ئوي پەيدا بولدى. دەسلپ فىلەش ئارقىلىق ئانچە مۇنچە ئىشلارنى قىلىپ باقتىم .لىكىن تۇلىمۇ قايىل بولمىدىم .ئارىدا پات پات ئۇيۇن ياساش توغرىسىدا تورلارنى ئاختۇرۇپ قۇيۇشنى توختاتمىدىم.
ئىككى يىل ئىلگىرى تۇيۇقىسز بىر دىتالغا دىققىتىم بۇرالدى ، بۇ دەل ئۇيۇن ياساش دىتالى unity ئىدى.
چۈنكى بۇ دىتال 2010-يىلى دەسلەپ نۇسخىسى بازارغا سېلىنىپ 2012.يىلى جوڭگوغا كىرگەن بولغاچقا تېخى ئانچە تۇنۇشلۇق ئەمەس، بىز ئۈچۈن تېخمۇ شۇنداق بولغاچقا مەن كىيىنرەك تۇنۇشقانمۇ بولدۇم، ئۈگەندىم . دەسلەپ بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارى بىلەن تۇنۇشۇپ خېلى قىززقتىم . مىنىڭ ئۇيۇن ياساپ بېقىش ئارزۇيۇمنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىگە كۈزۈم يەتتى . شۇ دىتال ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك مودىللارنى مۇھىت قىلىپ ، شۇ مۇھىتقا ئەكىردىم . شۇ قىزىقىش بىلەن رەسمى ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتتىم . بۇنىڭ ئۈچۈن java  بىلەن c# تىلى ئۈگەندىم . بىلىپ بىلمەي خېلى تۇنۇشۇپ پىشتىم. ئاخىرى مودىل ، ئاۋاز ، مۇزىكا قاتارلىقلار بولسا بىر ئۇيۇن ياساپ پۈتتۈرەلىگىدەك ھالغا كەلدىم. nuralidemo دەپ توردىن ئاختۇرسىڭىز مىنىڭ سىناق قىلىپ باققان ئۇيۇن ياساش جەريانىدىكى مەشغۇلاتىمنىڭ سىنىنى كۈرەلەيسىز.
مەن شىرىن چۈش سەھىپىسىگە تىزىملىتىپ unity دىتالنى دىيارىمىزغا رەسمى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان. ئەپسۇس تىزىملىتالمىدىم . كېيىنچە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئەمەلىيەتكە يېقىنراق تېخنىكا ئۈگۈنىش مەقسىتىدە ئىزلىنىپ مىكرو كونتىروللىغۇچ بىلەن تۇنۇشۇشقا باشلىدىم .51 كونتىروللىغۇچنىڭ c تىلىدىكى بىر نەچچە كودىنى كۈرۈپ ئۈگىنپ كىتەلەيدىغانلىقىغا كۈزۈم يەتتى . ئۈگۈنۈسكە باشلىدىم. مەن كومپىيوتىر بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ شۇ مەزگىلگىچە كومپىيوتىرنىڭ پەقەت 0 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا ساننى تۇنۇيدىغانلىقىنى بىلەتتىم . ئەمما ئۇنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلمەيتىم . مانا ھازىر بىلسەم 0 دىگەنلىك توك يوق دىگەنلىك ئىكەن. 1 دىگەنىلىك توك بار دىگەنىلك ئىكەن . زاغرا تىلدىكى ئوت سىم ۋە نۆل سىم.
كومپىيۇتېرنىڭ ئۈزى بىر توك يۇلى تاختىسى . سىز شۇ قوزغۇتۇش كۇنۇپكىسىنى باستىڭىز مەركىزى بىرتەرپ قىلغۇچقا توك بېرىپ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈزىدىكى توك يۇلى ئارقىلىق باشقا ئۇلانما ئۈسكۈنىلەرگە ئۇلىنىدۇ. خۇددى سىز بىر تال چىراق ياققانغا ئوخشاش.
داۋامى بار...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
jastar + 30 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش11 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن22 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ئىللىق1 ۋاقتى: 2017-5-3 23:34:45
مەن بۇيەردە كومپىيوتىرنڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە بىلگىنىمچە چۈشەنجە بەرمەكچىمەن . بىز بايا چىراق يېقىش
توغرىسىدا توختالدۇق.چىراق يېقىشنى بەلكىم ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ دەيمەن ،يەنى ئوت سىم بىلەن نۆل سىم ئارلىقىغا بىرتال چىراق قۇيۇپ توك ئۆتكۈزسەك چىراق يانىدۇ.يەنە بىر مىسال بىز ھەممىمىز بىلىمىز ھەم ئىشلىتپ كۆرگەن .توكلۇق موتسىكلىتلارنىڭ توك ساندۇقى. بەزىدە بۇ توك ساندۇقلار قۇرۇقدىلىپ قېلىپ
بىز توكسىكىلتلارنى ئىشتىپ مېڭشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ چاغدىكى تو ساندۇق قۇرۇق بۇلىدۇ.بىز نىمە ئۈچۈن بۇنى سۆزلەيمىز .مەقسەت مۇنداق .ئەگەر سىز بۇ قۇرۇق توك ساندۇقلىرىنى بىربىرگە ئۇلاپ توك مەنبەسىگە چاتسىڭىز توك قاچىلىنىدۇ،ھەر سەككىز دانا توك ساندۇقىنى بىر قىلىپ ئۇلاپ توك قاچىلانغان ھالەتنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.
ئەمدى بىز ئاساسى تىمغا كىلىمىز . كومپىيوتىرنىڭ ھەرخىل ئۈزەكلىرى دەل ئەنە شۇنداق توك ساندۇقلىرىنى بىربىرگە ئۇلاشتىن تۈزۈلگەن .مانا بۇ ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرىنىڭ قۇرۇلما تۈزىلىشى.ئەمما بۇ توك ساندۇقلىرى ئىنتايىن كىچىك. بىز بۇيەردە بىر تال قۇم دانچىنسىنى بىر دانە توك ساندۇقى ئورنىدا مىسالغا ئالىمىز.چۈنكى ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداقراق دىسەكمۇ تامامەن خاتا بولمايدۇ. يەنى قۇم دانچىلىرىنىڭ
ئاساسلىق تەركىبى سىلتىسى ئىلمىنتىدىن ئىبارەت. قۇم دانچىلىرنى يۇقىرى تىمپۇراتۇرادا تازلىساق ساپلىقى
بىرقەدەر يۇقىرى سىلتىسى دانچىلىرغا ئىرىشىمىز. سىلتىسى دانچىلىرىنڭ ئاتومىنى چىقىرىۋەتسەك ئىلىكتىر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغان توك ئۈتكۈزگۈچكە ئىرىشىمىز .يەنى بىز كۆپ ئاڭلايدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دىگەن ئەنە شۇ . بىز بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئششاق ئۇششاق پارچىلايمىز
شۇنداق قىلساق بىز بايا تىلغا ئالغان مىكرو توك ساندۇقلىرى پۈتكەن بۇلىدۇ . بىز بۇ توك ساندۇقلىرىنى
ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بۇيىنچە ھەرخىل ھەر ياڭزا قىلىپ بىربىرگە ئۇلايمىز . بۇنڭ بىلەن بۇ بۇ توك ساندۇقلىرىدىن توك ئۆتكەندە ھەرخىل ئىقتىدارلارغا ئىگە بۇلىدۇ . مەسلەن بەزىلىرى ھىسابلاش ئىقىتىدارىغا .ئىگە بولغان مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ. بەزىلىرى مەخسۇس ساقلىغۇچ. بۇيەردە ساقلغۇچلارنى چۈشۈنۈش بىر قەدەر ئاسان .خۇددى بايا ئېيتقان توكسىكىلتىلارنىڭ توك ساندۇقىغا ئوپئوخشاش ساندۇق خالاس. ئەمدى بىز بۇ توك ساندۇقلىرىنى قانداق قىلىپ ھىسابلاش ئىقتىداشىغا ئىگە قىلىمىز؟ بىز يەنە بىر مىسال ئالايلى.



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
jastar + 15

باھا خاتىرىسى

گىلەم
rozi2320 ۋاقتى: 2017-5-3 20:26:17
داۋامىنى قاچان يازىسىز
ئورۇندۇق
kadrla ۋاقتى: 2017-5-3 20:38:34
sizxundak  kilip  uyun  yasigan  boldigizmu
5-قەۋەت
ئۇچقۇن` ۋاقتى: 2017-5-3 21:00:42
قالتىس يېزىپسىز،داۋامىنى كۈتىمىز
6-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-5-3 21:07:02
قايىل بولدۇم
7-قەۋەت
hawaska ۋاقتى: 2017-5-3 21:29:51
خىلى قىزقىپ قالدىم ماڭا ئازرا تەسىر قىلۋاتىدۇ
8-قەۋەت
kasam776 ۋاقتى: 2017-5-3 21:39:46
قالتىس بەك ياخشى چىقىپتۇ
9-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2017-5-3 21:53:26
ئاخىرىنى    تەقەزالىق ئىلكىدە كۈتۈدىغان بولدۇم ،.
10-قەۋەت
mhd ۋاقتى: 2017-5-3 22:37:38
چۈشۈنىشلىك تېما بۇپتۇ ، ئاخىرىنى ساقلايمىز
11-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-5-3 22:51:44
ئاخىرنى تىزرەك يېزىڭ مەنمۇ ئوتتەك قىززىقاتتىم مۇشۇ كومپىيوتېر دىگەن تۇمۇرگە لىكىن تەقدىر نىسىپ قىلمىدى باشقا ئىشلار بىلەن ھازىر بۇرۇن Vbدا خېلى نەرسىلەرنى ئۇگۇنۇپ  ئۇزۇمگە بەك ھەۋەس قىلاتتىم ،ئارزۇ باشقا تەغدىر باشقا بۇلۇپ قالدى
12-قەۋەت
Muhajir31 ۋاقتى: 2017-5-3 22:57:56
ياخشى تېما بوپتۇ، داۋامىنى تىزرەك يازاسىز
13-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2017-5-3 23:24:38
ياخشى يېزىپسىز ،داۋاملىق يېزىڭ ،ساقلايمىز .
14-قەۋەت
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-5-4 00:27:38
مەن بىر ئۇيۇنخۇمار بولخاچقا بەكلا قىزىقىۋاتىمەن جۇمۇ  
15-قەۋەت
ئىللىق1 ۋاقتى: 2017-5-4 00:38:06
بىز يەنە شۇنى بىلىمىز .تۈمۈر توك ئۆتكۈزىدۇ .ياغاچ توك ئۆتكۈزمەيدۇ.بىز ئىككى تال تۈمۈرنىڭ ئارىسىغا بىر تال ياغاچ پارچىسىنى قۇيۇپ بىر تەرەپتىن تۈمۈرگە توك ئۆتكۈزسەك ئوتتىرىدا ياغاچ بولغانلىقتىن يەنە بىر تەرەپكە توك ئۆتمەيدۇ.ئەمما ئوتتىردىكى ياغاچ پارچىسنى تۈمۈر پارچىسىغا ئالماشتۇرۇپ توك ئۆتكۈزسەك ھەممىسى تۈمۈر پارچىسى بولغاچقا توك ئۈتىدۇ.بۇنىڭدىن بىريۈز ئەللىك يىللار ئىلگىرى بىل تەجرىبىخانىسدا مانا شۇنداق بىر تەجرىبە ئشلەندى.شۇندق قىلىپ ئۈچ قۇتۇبلۇق بىر ئۈسكۈنە مەيدانغا كەلدى. يەنى ئىككى تەرىپىتوك ئۆتكۈزۈشچان ماتىريالدىن ئوتتىرى ئك ئۆتكۈزمەس ماتىريالدىن ياسالغان ئەسۋاب.بىز ئەگەر ئىككى دانە شۇنداق ماتىريالنى بىر بىرگە ئۇلىساق لازىم بولغاندا توك ئۆتمەس قىلىپ ئۇلاپ چىقالايمىز.يەنە لازىم بولغاندا توك ئۈتىدىغان قىلىپ ئۇلاپ چىقالايمىز.مەسلەن بىز بەش مىنۇت توك ئۆتمەس ھالەتتە ئۇلاپ تۇرۇپ باشقا قىلىدىغان تەييارلىقلارنى قىلىب بۇلۇپ ئاندىن توك ئۈتىدىغان قىلىپ ئۇلىساق بەش مىنۇتتىن كىيىن توك ئۈتىدىغان ھەلەتتە بولغانلىقتىن كىيىنكى توك مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىب بارساق بۇلىدۇ .مەشغۇلاتلىرىمىز پۈتكەندىن كىيىن يەنە توك ئۆتمەس ھالەتتە قىلىپ ئۇلاپ قويساق كەينىگە ئۇلانغان ئۈسكۈنلەر توك ئۆتمىگەنلىكىتىن ئىشلەشتىن توختايدۇ.بىز بايا ئېيتقان قۇم دانچىلىرىدىن تۈزۈلگەن توك ساندۇقلىرىنىڭ بىرگە ئاتومىنى قۇيۇپ قويساق توك ئۆتكەندە ئاتوم ئىلىكتىر نىڭ سۇقۇلىشى نەتىجىسدە يەنە بىر ئاتوم ماددىسى يوق قۇرۇق ساندۇققا يۆتكىلىدۇ.بىز ئەلۋەتت ئاتوم ماددىلىرنىڭ ئورنىدا باشقا مادىدىلارنى ئەشۇ قۇم ساندۇقلىرىمىزغا قاچىلاپ ئىشلىتىمىز.بۇنىڭ بىلەن توك ئۆتكەندە ئۈزۈلۈپ ئۇلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىرخىل توك يۇلىغا ئىگە بولىمىز . لازىم بولغاندا بىز بۇ توك يۇلىغا توك ئۆتكۈزسەك كەيندىكى توك يۇلىدا ئۆزگىرىش ھاسل قىلالايمىز.ئەمدى ئارلىقتىكى بۇ توك يوللىرىنى ئۈزۈپ ئۇلاش ئىشلىرىنى زادى كىم قانداق قىلىدۇ؟ ئادام ۋە ھايۋانلار يۈرەكنىڭ سۇقۇشى بىلەن ھەرقايسى ئەزلارغا قان يۇگۈرۈپ ،قان ئارقىلىق ئىنىرگىيگە ئىگە بۇلۇپ ھەركەت قىلىدۇ ،بىز ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرىگە تەرتىپىلىك بىر ئىنىرگىيە يوللساق بىز شۇ تەرتىپ شۇ ئىنىرگيە بىلەن شۇ ئىلىكتىر ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەر بىر قەدەم ھەربىر ھەركىتنى كونتىرول قىلالايمىز، ئەمدى بۇ ئىنىرگيە بۇ تەرتىپنى قانداق قىلىپ ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرىگە يوللايمىز؟ ئىرگىيە ئىلىكتىر ئنىرگيىسدىن كىلىدۇ . بەلكىم كۈپىنچلار بىلىشى مۇمكىن . ماگىنىت مەيدانىدىن بىز بىر پارچە توك ئۆتكۈزگۈچنى ئۆتكۈزسەك .ماگىنىت مەيداننىڭ كۈچى بىلەن توك ئۆتكۈزگۈچ ماتىريالنىڭ ئىلىكىترونلىرى ھەركەتكە كىلىپ بىر يۈلنىشىتە ھەركەت قىلىدۇ.مانا بۇ ئىلىكىتر ئىنىرگيىسدىن ئىبارەت،بىز بۇ توك ئۆتكۈزگۈچنىڭ ھەركەت يۈلنىشىنى ئۆزگەرتسەك قارشى يۈلنىشتكى بىر ئىلىكتىر ئىنىرگىيسىگە ئىگە بۇلىمىز .بىز بۇ جەرياننى تەرتىپلىك تەكرارلىساق ئوڭ تەتۈر يۈلنىشىتكى ئىلىكتىر ئىنىرگيىسگە ئىرىشىمىز .مانا بۇ دەل بىز تۇرمۇشتا ئىشلىتىدغان ئىلىكتىر ئىنىرگىيسى .220 ۋولىت 50گىرتىس. 50گىرتس دىگىنىمىز دەل ئەشۇ ئىلىكتىريۈنلىشىنىڭ ئۆزگۈرۈش قېتىم سانىنىڭ قىممەت ئىپادىسى . ئەگەر بىزگە توك يوللاپ بەرگەن ئىلىكتىر ئىستانسىسىنڭ ماتورى بەلگلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاينلىشى قېتىم سانىنى ئاشۇرسا 50 گىرتىستىن يۇقىرى بولغان تەۋرەنمە ھالتتىكى ئىلكىتىر ئىنىرگيىسىنى بىزگە يوللاپ بىرىدۇ.دىگەن گەپ.ئەگەر ماتورنىڭ ئايلنىش قېتم سانى ئازلاپ كەتسە 50گىرتىستىن تۈۋەن بولغان چاستوتىلىق ئىلىكتىر ئىنرگيسىنى بىزگە يوللاپ بىرىدۇ . .ئەگەر بىز ئۈزىمىزنىڭ توك يولىغا ئەنە شۇنداق بىر چاستوتا كونتىروللىغۇچن ،يەنى تەۋرنىشنى كونتىروللايدغان ئۈسكۈنىدىن بىرنى ئۇلىساق ئۈزمىزنڭ توك يۇلىنى ئەشۇ ئۈسكۈنىنىڭ تەۋرىنش قېتىم سانغا ئاساسەن كونتىرول قىلالايمىز.
ئادرېسى:/forum.php?mod=viewthread&tid=51287
مەنبەسى:ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى-/

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
jastar + 15

باھا خاتىرىسى

123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部