+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-1-7 13:02 2458 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون زاۋۇتتىن چىقىدىغاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشىنى قوغداش دېتالى ئالدىن قاچىلىنىدۇ. دۆلىتىمىز مۇشۇ ھەقتە قانۇن-نىزام تۈزمەكچى. مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تەييارلىغان «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشنى قوغداش نىزامى ( قاراپ چىقىش نۇسخىسى )» نى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشنى قوغداش دېتالىنى ئالدىن قاچىلاش تەلەپ قىلىنغان.

«نىزام» دا ئاممىۋى تورغا چىقىش سورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشنى قوغداش يۇمشاق دېتالىنى قاچىلىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنلىرى زاۋۇتتىن چىققاندا ياكى سېتىشتىن ئىلگىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشنى قوغداش دېتالىنى قاچىلىشى ھەم كۆرىنەرلىك ئەسكەرتىش بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
يېقىندىن بېرى دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىشى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە %90.1 قۇرامىغان يەتمىگەن بالا ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىدىكەن. ئەمما، قۇرامىغان يەتمىگەنلەرنىڭ تور بوشلۇقىدىكى پائالىيىتى تىگىشلىك قوغداشقا ئېرىشمگەچكە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توردىكى زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق، قاتىللىق، تېرورلۇق ... مەزمۇندىكى ئۇچۇر، ئۈن-سىن، ئويۇننىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ %70 تىنىڭ جىنايەت سەۋەبى تور بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
«نىزام» دا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. تور ئويۇنى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى تېخنىكا تەدبىرى ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئويۇن ۋە ئويۇن ئىقتىدارنى چەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇدا ئويۇن ئويناش ۋاقتى ۋە كۈنلۈك ئويناش ۋاقتىغا چەكلىمە بېكىتىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەر كۈنى سائەت 0:00 دىن 8:00 گىچە تور ئويۇنى ئويناشنى چەكلەش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

مەنبەسى: 人民日报 دىن ئاساسى مەزمۇنى تەرجىمە قىلىندى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
umut吧 ۋاقتى: 2017-1-7 13:16:26
ياخشى   بولغدەك   دۆلىتىمىز دە  قانۇن تۇزۇملەر مۇكەممەللەشپ  بېرۋاتىدۇ   قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەربىر پۇقرالارنىڭ مەجبۇريىتى
گىلەم
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2017-1-7 13:20:05
بەكلا ياخشى  سېياسەتلا يولغا قۇيېلىۋاتىدۇ جۇمۇ
ئورۇندۇق
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2017-1-7 13:27:07
ئەمدى تېخى ،كاللىسى ئىشلىگىلى تۇردى ،ئەسلى بۇرۇنراق قىلىتتى بۇ ئىشنى
5-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-1-7 14:04:36
مۇشۇنداق قىلسا بولىدۇ زادى
6-قەۋەت
جەڭچى5 ۋاقتى: 2017-1-7 14:48:54
ناھايتى ياخشى بوپتۇ
7-قەۋەت
爱情心 ۋاقتى: 2017-1-7 15:28:25
ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ.تىزراق ئەمەلىلەشسە بولاتتى .
8-قەۋەت
umak003 ۋاقتى: 2017-1-7 15:40:33
ئەسلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تېلفۇن ئىشلەتمىسە ياخشى.……كىچىك قىزلارنىڭ قۇلىدىنمۇ سائەتلەپ تېلفۇن چۈشمەيدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ ھازىر.
9-قەۋەت
barhan88 ۋاقتى: 2017-1-7 16:28:47
ئقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دىتالى بالىلارنى قانداق ئ‍ۇسۇل ئ‍ارقىلىق قوغدايدۇ ؟ئ‍ىشلەتكۈچىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ ؟دىگەن مەسىلىنى ئ‍ويلاپ قالدىم .مىنىڭچە يۇقارقىلاردىنمۇ ئ‍ۈنۈملىك، ئ‍اسانراق بولىدىغىنى يەنىلا توردىكى شەھۋانىي ئ‍ۇچۇرلارنى چەكلەش،تازىلاش. توردىكى قانداق نەرسىلەر شەھۋانىيلىققا كىرىدىغىنىنى بەلگىلەش قىلىپىنى تېخىمۇ چېڭىتىش كىرەك .تور ئ‍ىلانلىرىدىكى يېرىم يالىڭاچ رەسىملەر،مەخسۇس شۇنداق رەسىملەرنى ئ‍ېلان قىلىدىغان توربەتلەر ، توربەتنى ئ‍ېچىپ بولغۇچە يانفونغا قاچىلاڭ دەپ چۈشكىلى تەييار بولۇپ تۇردىغان كىنو ئ‍ەپلىرى…دىگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك .چۈنكى ئ‍ۇنداق نەرسىلەر  چوڭلارغا ئ‍انچە تەسىر قىلمىغان بىلەن يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارغا بەك تەسىر كۆرسىتىپ ئ‍ۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. قىزىققاندىن كېيىن شۇنداق مەزمۇنلارنى توردىن ئ‍ىزدەش باسقۇچىغا كىرىدۇ بۇ ۋاقىتتا ئ‍ۇلارنى توسۇپ بولغىلى بولمايدۇ .شۇڭا دەيمەن ئ‍ۇ يانفونغا قاچىلايدىغان ئ‍ەپتىنمۇ مۇھىمى يەنىلا مەنبەسىنى  تازىلاش،چەكلەش.مەنبەسى يوقالمىغاندا باشقا نەرسە كار قىلىپ بولالمايدۇ. خۇددى تاۋۇزلۇقتا تاۋۇز بولسا ساتما قۇرۇپ باققان بىلەنمۇ ئ‍وغۇرلاشنى نىيەت قىلغانلار بىر ئ‍اماللار بىلەن ئ‍وغۇرلىغانغا ئ‍وخشاش.
10-قەۋەت
ablizmansur ۋاقتى: 2017-1-7 17:32:29
قوللايمەن
11-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2017-1-7 17:54:58
ئۇمۇ توغرا زادى
12-قەۋەت
hakkir8860 ۋاقتى: 2017-1-7 18:37:46
قوللايمەن      
13-قەۋەت
BALLI ۋاقتى: 2017-1-7 20:33:40
مەندەك شاۋ خەيزىلار ئۇچۇن ياخشى تىما بوپتۇ بۇ پىلاننى قوللايمەن
14-قەۋەت
alkizar520 ۋاقتى: 2017-1-7 21:18:45
ياخشى بوپتۇ
15-قەۋەت
ismayil9 ۋاقتى: 2017-1-8 01:44:06
ياخش بوپتۇ،
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部