+تېما يوللاش
selqut يوللانغان ۋاقتى:2017-9-7 15:11 1654 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

جۇڭگو ئاخبارات تورى 6-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مائارىپ مىنىستىرلىكى مالىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جيەنجۈن 6-سېنتەبىر مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەكتەپ قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن توردا قەرز بېرىدىغان ھەرقانداق تارماقنىڭ ئىستۇدېنتلارغا قەرز بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئىستۇدېنتلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرزى تۈرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاۋ جيەنجۈن قاتارلىقلار مەملىكەتلىك 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار يۇقىرى ئىستېمالى سەۋەبلىك مەكتەپ قەرزى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلۈۋالدى. مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئىستېمال ئۇسۇلى ۋە ھازىر مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ-يوق؟

جاۋ جيەنجۈن: «ئىستۇدېنتلار نېمە ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قەرز ئالىدۇ؟ چۈنكى ئاتالمىش تور سۇپىلىرى ساختا تەشۋىقات قىلىپ، قەرز ئېلىشنىڭ ئاسانلىقى ھەمدە كېتىدىغان چىقىمنىڭ ئازلىقىنى ئېيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە بىلىمى كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدىنىپ قەرز ئالىدۇ. ئۆسۈمى زىيادە يۇقىرى بولغانلىقتىن قەرز سوممىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇپ بولالمىغۇدەك ھالغا كېلىدۇ» دېدى.
جاۋ جيەنجۈن يەنە: «2016-يىلىدىن بۇيان مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى، بولۇپمۇ بانكا نازارەتچىلىك بىرلەشمىسى، ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بىر نەچچە ئورۇن بىرلىشىپ نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىش ھەمدە ھۆججەت چۈشۈرۈش ئارقىلىق مەكتەپ قەرزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ بېشى ۋە ئالدىنقى يېرىم يىلىدا مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ تارقاتقان مەكتەپ قەرزىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ھۆججىتىدە مەكتەپ قەرزىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلەپ ھەرقانداق تور قەرزى بېرىش تارمىقىنىڭ ئىستۇدېنتلارغا قەرز بەرسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىستۇدېنتلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى ئىستۇدېنتلارغا قارىتىلغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەت قەرزى تۈرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىقلاردىمۇ مۇشۇ كەسپ يولغا قويۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىنىستىرلىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل تەربىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئېڭىنى يۇقىرىلىتىش، خاراكتېرى ياخشى بولمىغان مەكتەپ قەرزى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

3ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-9-7 21:43:27
جىفۇباۋنىڭ خۇابىرىدى دەرىجە ئۆستۈرۈپ پۇلنى كۆپىيتىپ ئىلىپ خەجلەۋەرسە بولدۇ
قەرىزگە
گىلەم
1330076792 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
ئىستۇدېنتلارنىڭ قەرز بېجىرىشى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت ئىكەن مەن توردىن ئۇلارنىڭ بەزىسنىڭ.قەرز بېجىرىش ئۈچۈنھەر خىل ئۇسۇللارقوللىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.
ئورۇندۇق
mingyil2013 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ سېياسىتىگە مەن ئەڭ بەك ئاۋاز قوشىمەن. بىچارە شۈمتەكلەر جىم ئوقىسا بولمامدۇ مودا قوغلۇشۇپ ئاخىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى نەچچىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部