+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-12-26 17:00 2644 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۈندىداردىن بانكا كارتىسىغا ئاغدۇرغان پۇل جۇغلانمىسى 1000 يۈەندىن ئاشسا %0.1 بويچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىۋالىدۇ. ئازراق پۇل چىقارغاندا بۇ پۇل ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن بىلەن، داۋملىق سودا قىلىدىغان، ئۈندىداردا پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەت ھەققى ئاز پۇل ئەمەس.
ئالىپايدىن بانكا كارتىسىغا يۆتكىگەن پۇل جۇغلانمىسى 20000 يۈەنگە يەتمىسە مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرى ئالىپايدا قىزىل بولاق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ نۇرغۇن ئادەمنى ئالىپاي ئىشلىتىشكە تارتىپ كەتتى. شۇنىڭ بېسىمىدىنمۇ ئەيتاۋۇ ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن ئۈندىدارنىڭ يېڭى نەشىرىگە بىر ئىقتىدار قوشۇلدى. يەنى ھەقسىز پۇل چىقىرۋېلىش ئىقتىدارى.
بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىلتىماس قىلدىكەنمىز. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن ئۈندىدار ئىگە تەرەپتىن بىزگە پۇل ئېلىش ئىككىلىك كودىنى بېسىپ ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. شۇ كود ئارقىلىق قۇبۇل قىلغان پۇلنى بانكا كارتىسىغا چىقارساق مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدىكەن. ھەقسىز پۇل ئېلىش چېكى ھەر يىلدا بىر مىليون يۈەن، بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەن. بىر يىلدا بىر مىليون يۈەن خەجلىشىڭىزگە يېتىدىغاندۇ؟

مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدىغان ئىككىلىك كودنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى
ئۈندىداردىكى 钱包 نى بېىسىپ، ئاندىن  收付款 نى، ئاندىن 二维码收款 باسسىڭىز تۆۋەندىكى ھالەتكە كېلىدۇ. شۇ يەردىن ئوڭ ئۈستۈنكى بۈرجەكتىكى ئۈچ چېكىتنى چەكسىڭىز ئاستى تەرەپتىن مۇشۇ رەسىمدىكىدەك تىزىملىك چىقىدۇ.



بۇ يەردىن (申请收款码(提现免费 دېگەن خەتنى باسىسىز.



ئاندىن يۇقارقى رەسىمدىكى 立即申请 نى باسسىڭىز ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.





تاپشۇرۋېلىش ئادېرسىڭىزنى، تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، 3.8 يۈەن تۆلەپ جەزملەشتۈرۋەتسىڭىز، مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا ئىككىلىك كودنى بېسىپ سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش10 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ئالبىنى ۋاقتى: 2017-12-26 17:18:32
سىزنىڭ ئىشلىتۋاتقىنىڭىز ئۈندىدارنىڭ قايسى نەشىرى، مېنىڭ 6.6.0، لىكىن سىز دىگەن 申请收款码(免费体现)دىگەن يەر چىقمىدى
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-12-26 17:34:49
ئەمدى ئۈندىدارمۇ دوراپتۇدە بۇ ئېقتىدارنى، مەنغۇ ئادەتتە كىرىم چىقىم ئېشلىردا كۆپىرەك ئالىپباينى ئېشىلتىمەن، بۇمۇ بۇپتۇ ئۈندىدار كۈندىن _كۈنگە  مۇكەممەلىشىۋاتىدۇ.
ئورۇندۇق
Ego_amare ۋاقتى: 2017-12-26 17:54:32
مەنمۇ ئىزدىسەم چىقمىغان،توردىن سۈرۈشتۈرسەم ،بۇ سىزنىڭ ئىككىلىك كود ئارقىلىق كىرىم چىقىم قىلىش چاستوتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن دەيدۇ،شۇ ئىككىلىك كود ئارقىلىق كىرىم چىقىم قىلىپ تۇرىدىغانلارنىڭ ئۈندىدارىدا چىقىدىغان چېغىۋا
5-قەۋەت
ئۆتكور ۋاقتى: 2017-12-26 18:00:48
مىنىڭكىدە سىز يۇللىغاندەك چىقمىدى،
6-قەۋەت
abduxkur0998 ۋاقتى: 2017-12-26 18:07:53
ياخشى تىما بوپتۇ ياخشى تىمىللىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
7-قەۋەت
XOHBOOWAY ۋاقتى: 2017-12-26 18:09:33
مىنىڭمۇ چىقمىدى ،ئاساسەن پۇلنى ئۇندىداردىن يۆتكەيتىم بولمىسا،بۇ نىمىش تۇ
8-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 2017-12-26 19:09:42
ئەمدى ئۇنچىلىك  پايدىنى  شىركەتكە بەرمىسەك  ئۇلار قانداق پۇل تاپىدۇ ،ئۇلار ئاساسلىقى مۇشۇنداق  رەسمىيەت ھەققى ھەم ئۈسۈم  ئارقىلىق كىرىم قىلدىغان تۇرسا،
9-قەۋەت
suydung ۋاقتى: 2017-12-26 21:10:02
ئالداراپ كەتمەڭلا  بەلكىم ھازىر سىناق قىلۋاتقان بولىشى مۇمكىم6.6.1 نەشىر دە چىقىشى مۇمكىن
10-قەۋەت
سەھرا@ ۋاقتى: 2017-12-26 21:52:40
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2017-12-26 19:09
ئەمدى ئۇنچىلىك  پ ...

كىم دەيدۇ ئۇلار ئۇنداق ئازغنە راسميەت ھەققگە قەراپ ئۇلتامايدۇ بۇممسا تڭشۈندكلە ئاچ قالدۇ ئۇنچلك رەسميەت ھەققى ھچقانچە ئەمەس  تڭشۈنگە نسبەتەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部