+تېما يوللاش
alptegin يوللانغان ۋاقتى:2015-2-19 14:34 7945 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مۇندىن تۆت-بەش يىل بۇرۇن ئاغامنىڭ ئاغىنىسى بىر ئۈسكۈنىنى تەۋسىيە قىلغىنى ئېسىمدە. ئۇ ئۈسكۈنە بولسا سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان سىمسىز تور مەخپىي نومۇرىنى يېشىش سىستېمىسى ئىدى. تاۋباۋدىن ئۇ ئۈسكۈنىنى 270نەچچە سومغا ئەكەلدۈردۈق، ھەمدە باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئوغرىلىقچە يېشىپ ئىشلەتتۇق. ئۇ مەزگىللەردە بۇنداق ئىشلارنى بىلىدىغانلار ئاز بولغاچقا بىر ئىككى يىلغىچە خاتىرجەم يېشىپ ئىشلىتىۋەردۇق. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خەقلەر مۇرەككەپ پاروللارنى سالىدىغان، تولا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ كەتتى. توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇنىڭ پارول يېشىش يادروسى بولسا ”تەييار پاروللار ئامبىرى“ ئىكەنتۇق. دىيارىمىزدىكىلەر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغاچقا پاروللارغا ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرچە باشقا سۆزلۈكلەر قېتىلغاچقا يېشىش قىيىنلىشىپ باردى. شۇل ۋەج بىلەن بۇ ئۈسكۈنىنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا توغرا كەلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئون، شۇنداقلا نەچچە يۈز مىگابيت ئېقىم مىقدارى يېتىشمەيدىغان بولۇپ، Wifiدىن ئىبارەت چەكسىز تور ئېقىمىنى ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ كەتتى. لېكىن سىرتلارغا چىققاندا Wifi رىمىز ئۆيدە قالىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئەقىللىك(ياخشى تەرەپكە ئىشلىتىشكە ئاجىز ئەقىللىقلار) پىروگراممېرلارنىڭ تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئاۋۋالقىدەك كومپيۇتېردا Wifi پارولىنى يېشىدىغانىنى تېلېفون ئەپ دېتالى قىلىپ چىقىشى بىلەن تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. ئەمدى مەن تۆۋەندە بۇ ئەپنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپىنى شەرھىيلىگەيمەن.
1- ئەپ ئىجرا بولۇش مۇھىتى: Android, iOS,WP
2-سىغىمى نەچچە مىگابايتتىن 40 نەچچە مىگابايتقىچە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تېلېفونىمىزغا قاچىلاپ ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىشىش كارتىمىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق شۇ ئەپنى تارقاتقان تەرەپنىڭ ساندانىدىن پارول ئامبىرىغا ئۇلىنىش يولى بىلەن سىز يەشمەكچى بولغان Wifi نومۇرۇرىنى يېشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ جەريانى ئىزچىل تېلېفونىڭىز بىلەن ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ساندانى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دەلىللەش جەريانى بىلەن بولىدۇ. مەن بۇنى ئاددىي رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
1-باسقۇچ: سىز يەشمەكچى بولغان Wi-fi نومۇرىنى تېلېفونىڭىزغا قاچىلىغان Wi-fi پارولى يېشىش دېتالى ئارقىلىق يېشىشكە بۇيرۇق بەردىڭىز. بۇ جەرياندا تېلېفونىڭىز، يېشىلمەكچى بولغان Wi-fi ۋە Wi-fi پارولى يېشىش ئەپى ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە مەخپىي نومۇرلار ئامبىرىدىن بار بولغان پاروللارنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچقا بەزىدە نەچچە سېكۇنت بەزىدە نەچچە مىنۇت كېتىدىكەن. تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ مەخپىي نومۇرنى يېشەلىدى، سىز ھەقسىز تورغا ئېرىشكىنىڭىزگە خۇشال، ئاۋۇ ئەپنى ياسىغانلار سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىكى ئۆزىگە كېرەكلىك بارلىق سىرلىرىڭىز ۋە ماتېرىياللىرىنى ئوغۇرلىۋالغىنىغا خۇش. قانداق ئوغۇرلىدىكى دەپ قالىسىز بەلكىم…


2-باسقۇچ: چوڭ كۆرسەتكۈچلۈك بەلگىدە ئىپادىلەنگىنى بولسا سىز مەخپىي نومۇرنى يېشىشكە بۇيرۇق بېرىۋاتقان مەزگىلدە سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان تور سودىسى پارولى، ھەرخىل ئالاقىلىشىش ئەپلىرىڭىز، تېلېفون ئالاقە دەپتىرىڭىزدىكى نومۇرلار ۋە كىملىكى، مۇڭداشقۇلاردىكى پاراڭ خاتىرىلىرىڭىز… دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاۋۇ ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ دىكى مەلۇم بىر بۆلەككە كۆچۈرۈپ ماڭىدۇ. لېكىن بۇنى بۇنداق ئوغرىلىسا سىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ سەرپ بولغان ئېقىم مىقدارىدىن بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بۇلار ئۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىراقلا ئوغرىلىشى ناتايىن. ئەمما Wi-fi مەخپىي نومۇرى يېشىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمتېرىگە يۆتكىسىچۇ؟ بۇنى بىلەلمەيسىز! چۈنكى ئۇ ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات.

ئەمدى بۇ دېتالنى يەنە ئىشلەتكۈڭىز كەلدىمۇ؟ باشقىلار سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى خالىغانچە ئوغرىلىسا، كېيىنچە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىزنى ئاۋارىچىلىككە قويسا ماقۇل دەمسىز؟ يەنە تېخى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ئەپنى ئۇزاققىچە يۇيىۋەتمەيمىز، باشقا Wi-fi مەخپىي نومۇرىنى يېشىشكە ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ. ئەمما ئۇ قاچىلاقلىقلا بولىدىكەن سىزنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىڭىز ئاشكارىلانغىنى ئاشكارىلانغان. بولۇپمۇ بانكا ھېسابات مەخپىي نومۇرىڭىز. ئۇلارنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىمۇ سىزنىڭ ئاشۇ بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزدۇر.
ئۇشبۇ يازمىنى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا يازغان بولغاچقا بەزى جايلاردا خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر. تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە يەنە شۇ: ئالپبەگ تور تۇرايى
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش13 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن1

21ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
كۆلەڭگە يەتتە ۋاقتى: 2015-2-19 14:58:38
ئوۋ ...   دىقەت قىلساق بولغىدەك ئەمدى.
گىلەم
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2015-2-19 15:03:28
مەنمۇ بۇرۇن ئىچكىرىدە شۇنداق قىلاتتىم ، لىكىن تېلىفۇنۇمدا باشقىلار ئۇغۇرلىگۈدەك نەرسىلەرنى ساقلىمايتتىم .
ئورۇندۇق
subat786 ۋاقتى: 2015-2-19 15:08:34
پايدىسىدىن زىينى كۆپ دەڭلا...
ئۈزىمىزنىڭكىمۇ ئاۋايلاپ ئىشلەتسەك يىتىپمۇ قالىدۇ.
5-قەۋەت
xamxar2009 ۋاقتى: 2015-2-19 15:39:49
ئەسسالامۇئەلەيكۇم يەنە ئاتالمىش پۇل تىپىش دىتاللىرغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ،
6-قەۋەت
xamxar2009 ۋاقتى: 2015-2-19 15:43:18
يەنە بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان چىچى ئۈندىدار  دىگەندەك ئەپلەرنىڭمۇ يانچۇقى تۈشۈكمىكىن دەيمەن،
7-قەۋەت
xamxar2009 ۋاقتى: 2015-2-19 15:45:51
شۇڭا بىز تىلفۇندا ساقلاشقا تىگشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى ساقلىمايلى ،بۇلۇپمۇ پاراڭلاشقاندا گەپ سۆزگە دىققەت قىلشىمىز لازىم،
8-قەۋەت
ئىزچى 9 ۋاقتى: 2015-2-19 18:26:04
ئۆزەڭنى چىڭ تۇت خوشناڭنى ئوغرى تۇتما
9-قەۋەت
tudajimamat ۋاقتى: 2015-2-19 18:40:18
مېنىڭچە  ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ تېلېفۇندا  تورغا ئۇلىنىدىغان  دىتاللام بولىدىكەن  ، چ چ   ئۈندىدار   ..........قاتارلىق  سىزنىڭ  مەخپىيەتلىكىڭىز  ئانچە مەخپى بولمايدۇ ،  بولۇپمۇ  ئاندىروئىد  سىستىمىسىدا  ،  بۇ  جەھەتتە ئالما  بىخەتەررەك  ، چۈنكى  ئالمىنىڭ ھەر بىر   يۇمشاق دىتالغا بولغان  ........  قاتتىق بولۇپ   ھازىر  تىخىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ
10-قەۋەت
-isyankar- ۋاقتى: 2015-2-19 18:57:09
tudajimamat يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 18:40
مېنىڭچە  ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ تېلېفۇندا  تورغا ئۇلىنىدىغان ...

مۇنۇ خەۋەرنى تىلىۋىزىيەدە كۆرمىگەندەك قىلىسىز ، ئۇيغۇرچە قاناللاردىمۇ قويغان بولمىسا 苹果公司承认ios系统有后门 可获私人信息  ( خەۋەرنىڭ ئادىرسىنى چاپلاپ قوياي دىسەم يا تور ئادىرىس چاپلىغىلى بولمايدىكەن ما توربەتكە ) .
مىنىڭ نەزىرىمدە ھېچقانداق بىر ئۈسكىنە بخەتەر ئەمەس
11-قەۋەت
alihan3 ۋاقتى: 2015-2-19 19:48:52
ھە مۇنداق ئىكەن دە
12-قەۋەت
surgun ۋاقتى: 2015-2-19 20:20:12
ئەجەپ چۆچىتۋەتتىڭىز غۇ!  مەن ئۇ دىتالنى  دائىم ئىشلىتەتتىم.  يائاللاھ
13-قەۋەت
tayir117 ۋاقتى: 2015-2-19 21:23:49
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
14-قەۋەت
ئەكبەر09 ۋاقتى: 2015-2-19 23:23:05
دىققەت قىلساق بوغۇدەك
15-قەۋەت
ئەكبەر09 ۋاقتى: 2015-2-19 23:24:20
دىققەت قىلساق بوغۇدەك
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部