+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-13 11:52 3616 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوننىڭ ھەممىسىدە «زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇش (恢复出厂设置) دەپ بىر تۈر بار. بەزىلەر يانفون ئازراق ئاستىلاپ قالسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرساق يېڭى يانفوندەك تېزلىشىدۇ دەپ قاراپ پات-پات زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇپ تۇرىدۇ. راست شۇنداقمۇ؟
يانفوننى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرۇشنىڭ مۇنداق ئىككى رولى بار.
1. يانفوننىڭ ئۆزىڭىز تەڭشىگەن بارلىق تەڭشەكلىرىنى زاۋۇت ئەسىلدىكى تەڭشىكىگە قايتۇردۇ.
2. ساقلىغۇچقا ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەتكۈچى قاچىلىغان بارلىق ھۆججەت، ئەپلەرنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.





دېمەك، خاتا تەڭشەش ياكى ئەپ، ھۆججەتلەرنى بەك كۆپ قاچىلاپ يانفون ئېغىرلىشىۋالسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرسىڭىز يانفون ھەقىقەتەن راۋانلىشىدۇ. ئەمما باشقا سەۋەبتىن بولۇپمۇ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبتىن ئېغىرلىشىۋالسا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسىڭىزمۇ كۆپ پايدىسى يوق.






نىمكەش يانفون سېتىۋالغاندا ياكى يانفوننى پاكىز تازىلاپ، توردىن، ئۈندىداردىن ساقلىنىپ قالغان نامەلۇم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ ئۆچۈرۋەتكەن ھۆججەتلەرنى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوندا تەڭشەكنىڭ (设置) ئىچىدە بار.

ئايفوندا "通用”-“还原”-“抹掉所有内容和设置”-"抹掉 iPhone” نى باسسا زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش5 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

13ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
KLB1908520 ۋاقتى: 2017-7-13 12:18:29
ياخشى تىمىكەن
گىلەم
askar0000 ۋاقتى: 2017-7-13 13:03:12
زاۋۇتى ئەسلىگە قايتۇرىغان تېلېفون ئىچدىكى نەرسلەر ئەسلىگە كىلىش نىسبىتى قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۇرمەكچىتىم
ئورۇندۇق
qaynam ۋاقتى: 2017-7-13 13:28:15
يانفۇننىڭ چۈەنماسىنى ئۆزگەرتىدىغان دىتال بولسا تەمىن ئەتسەڭلار

باھا سۆز

WTF
线刷宝  ۋاقتى: 2017-8-12 11:41
5-قەۋەت
yupurga ۋاقتى: 2017-7-13 13:30:53
بۇ تىمىنى يوللىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !
تۆنۆگۈن تېخى مۇشۇ مەسىلە توغۇرلۇق مەسلىھەت سۇراپ يۈرگەنتىم ، بۈگۈن مانا ھەل بولدى .
ئەمدىكى سۇئالىم قانداق ئۇسۇل بىلەن قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ؟
6-قەۋەت
anwar425 ۋاقتى: 2017-7-13 13:41:48
بەك ياخشى تىما بوپتۇ ، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرساق ئۆزىمىز چۈشۈرگەن ھەممە ئەپلەر يۇيۇلۇپ كىتەمدۇ ؟
زاپاسلاشنى قانداق زاپاسلاپ قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز  ؟
مەن شۇ تەرىپىنى تازا چۆشىنەلمىدىم ،شۇ تەرەپتىن تەجرىبەم يۇق ئىدى  
7-قەۋەت
17797917961 ۋاقتى: 2017-7-13 14:22:35
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورغۇم كەلدى، مۇشۇ قايسى سىستىما قۇلاي يېقىشلىق ھەم بىخەتەر نەچچە ۋاقىتتىن ئاندروئىدنى ئاددى دەپ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان، كۆپلىگەن قىتىم ناچار ئەپلەرنىڭ چۈپ قېلىشى ۋە شۇ ئەپ سەۋەنلىك تېلېفون پۇلۇمنىڭ ئوغۇرلىنىشى يۈز بەردى شۇڭا ئاندروئىدتىن زىرىكتىم باشقا سىستىمىلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرەمدۇ، شۇڭا دوسلاردىن  ios, windows, blackberry  دىن قايسى ياخشى شۇنىڭغا مەسلىھەت سوراي دىگەن
8-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-13 16:43:11
anwar425 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-13 13:41
بەك ياخشى تىما بو ...

زاپاسلاشنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزغا قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاپ قالىدۇ.  بۇنداق بولغانلا كىيىن كىيىن ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باسسىڭىز زاپاسلاپ قويغان ئەپلەر زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشتىن ئاۋالقىدەك چىقىدۇ.   يەنى بىر ئويۇننى ئويناپ  سىز ئۇنى زاپاسلاپ قويۇپ ، يانفۇنىڭىزنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ بولۇپ . ئەسلىگە قايتۇرۇۋېتىپ بولۇپ ئوينىسىڭىز بۇرۇن ئويناپ كەلگەن يەردىن چىقىدۇ.  بۇنداق بولۇش ئۈچۈن يانفۇننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندا زاپاسلىغان زاپاس ھۆججىتى ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى كىرەك.
9-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2017-7-13 16:49:50
17797917961 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-13 14:22
تىمىغا مۇناسىۋە& ...

Ios  مۇ بولۇپ قويىدۇ.   لېكىن windows phone  مەغلۇپ بولدى دەپ ئېلان قىلىنغىنى ئىسىمدە .  مەنمۇ  لۇمىيا 925 دىن بىرنى ئىشلىتىپ باققان سېستىما بەكلا راۋان لېكىن بەزە  ئىشلاردا ئاندىروئىد  ياكى ئايفوندەك  ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ.   بۆلجۈرگەن يانفۇنىنى  ئىشلىتىپ باقماپتىمەن  مۇشۇ  يانفۇن توغرىسىدا بىرەر تېما  يوللانماپتىغۇ مىنىڭمۇ چۈشىنىپ باققۇم بار ئىدى  بۇ يانفۇننى .   يەنە بىرگە 8848. يانفۇنى قانداقتۇ  تاۋباۋدىن كۆرۈپ باقساممۇ باھاسى بەكلا قىممەت ئىكەن.
10-قەۋەت
1473232480 ۋاقتى: 2017-7-13 18:48:33
بىلىۋالدىم
11-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-14 03:27:04
يانفۇنۇم بەك قىتۋىلىپ  سىستېما  يازدۇرغانتىم.  لىكىن سىتېما  يازدۇرغاندىن بۇيان  توكقا  چاتساملا مەخپى نۇمۇرى ئېچىلىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. توكتىن ئىلۋەتسەملا  يەنە مەخپى نۇمۇر چۈشۈپ قالىدۇ.  يانفۇنۇمنى بىرسى توكقا چاتسىلا نۇرمال ئىشلىتەلەيدۇ.  توكقا چاتسىمۇ مەخپى نۇمۇر ئېچىلمايدىغان قىلىشنىڭ ئامالى بولسا دەپ بىرىڭلا
12-قەۋەت
newstar ۋاقتى: 2017-7-14 10:33:34

قۇلاق تىچراق ئۆتسۇن دېسە ios بىلەن Android بولىدۇ. WindowsPhone سېستېمىسىمۇ بۇلۇپ قالاتتى، ئەمما تېلفون كارتىسى مەجبۇرى توختىتىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىپ قالىدىكەن. سەۋەبىنى مەنمۇ ئېنىق ئۇقمىدىم. Blackberry مۇ ئوخشاش كارتىنى توختىتىلىپ قويۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا يەنىلا قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ . ios بىلەن Android . قالغان ئىككىسى ئاۋارىچىلىق.
13-قەۋەت
xamal3668 ۋاقتى: 2017-9-7 06:04:10
يانفۇننى زاۋۇت ئەسلى ھالىتىگەئەكەلسەك،شۇبۇرۇنقى سېستىما قاچلىنامدۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部