+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-6-12 23:21 2184 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
جوبىس دەۋرىدىن ھازىرغىچە iPhone تەرەققىي قىلىپ 8-ئەۋلادقا كەلدى. بۇ جەرياندا سىرتقى لايىھەسى، چوڭلۇقى، ئىقتىدارى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرى بويچە قىسمەن ئۆزگىرىپ، بازارغا ماسلاشتى ياكى باشقا يانفونلاردىن مۇئەييەن ئۆرنەك ئالدى. ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئايفوننى قوش كارتا قىلىش ھەققىدىكى شۇنچە كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماي ھازىرغىچە، ئايفوننى قوش كارتا چۈشىدىغان قىلمىدى. شۇڭا نۇرغۇن ئالما ئىشلەتكۈچىلىرى ئىككى ئايفون كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.



«ئايفون 6 قوش كارتىلىق بولىدىكەن» ، «ئايفون 7 قوش كارتا قوللايدىكەن» دېگەندەك پەرەزلەر شۇ يانفون چىقىشنىڭ ئالدىدا خېلى قىزىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. ئەمدى «ئايفون 8 قوش كارتا قوللايدۇ»، «ئالما مەخسۇس جۇڭگو ئۈچۈن قوش كارتىلىق يانفون ئىشلىمەكچى» دېگەندەك خەۋەر، پەرەزلەر يېرىم يىلدىن بېرى تورنى ئەگىپ يۈرۈيدۇ، ئايفون 8 راست قوش كارتا قوللامدۇ قالغىنى ئالما شىركىتىگە ئامانەت. ئالمىنىڭ تۆشۈكىنى كۈزدە سانايلى.



ئۇنداقتا ئالما نېمىشقا ئايفوننى قوش كارتىلىق قىلمايدۇ؟
1. ئالما بارلىق مەھسۇلاتلىرىدا ئاددىي، يېنىك بولۇشنى ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ.
ئايفونغا قوش كارتا چۈشىدىغان قىلسا بىر كارتىغا قارىغاندا مەلۇم ئورۇننى كۆپ ئىگىللەيدۇ. (بۇ سەۋەب تازا چەك باسمىدىمۇ ھە؛ ئايفوندىن نېپىز، يېنىك قوش كارتىلىق يانفون جېق گەپقۇ)
2. قوش كارتىلىق يانفون تاق كارتىلىققا قارىغان توكنى كۆپ خورىتىدۇ.
تاق كارتىلىق iPhone6 نىڭ توكىنى بىر كۈن يەتكۈزەلمەيۋاتقاندا قوش كارتىلىق قىلىپ قويسا ئىككى سائەتتە بىر توكقا تىقىدىغان كۈنگە قالىمىز.
3. قوش كارتا، قوش تورلۇق قىلسا ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئايفون قوش كارتىنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئىككى ئايفون سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلار خېلى بار. قوش كارتىلىق قىلسا يەنە بىر ئايفونغا ئېھتىياج چۈشمەي، سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى بۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ.



4. قوش كارتا، قوش تورلۇق يانفونغا ئاساسەن جۇڭگودىكىلەر ئېھتىياجلىق. دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل 4G ئۆلچىمى بار. ئەمما ئامېرىكا، ياۋرۇپادا بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەممىسى CDMA2000 ۋە WCDMA دىن ئىبارەت ئىككى خىل تور ئۆلچىمىنى ئىشلىتىدۇ. تۆت شىركەتنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر-بىرسىنىڭ كارتىسنى يەكلەيدىغان ئىش يوق. دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتى ئوتتۇرسىدا تور ئۆلچىمى ئوخشىمىغاندىن باشقا يەنە سۆزلىشىش ھەققى، تور ئېقىمى ھەققى ئېلىشتا پەرق چوڭ، دۆلەت ئىچىدە ئۆز-ئارا تېلېفون قىلسىمۇ ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى دەپ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پۇل ئېلىشى بار تېخى. بىر خەۋەرلىشىش شىركىتى مەلۇم پائالىيەت قىلىپ، يەنە بىر خەۋەرلىشىشنىڭ SIM كارتىسنى ئەكىلىپ ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ناتوغرا رىقابەتلىرىمۇ بار. شۇڭا جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە قوش كارتىلىق ئايفونغا ئاساسەن ئېھتىياج يوق.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن11 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

9ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
穿越火线 ۋاقتى: 2017-6-12 23:50:40
بىر كارتا ئىشلەتسىمۇ  بۇلىدىغۇ   ،  بىردىن ئارتۇغى ئارتۇقچە
گىلەم
hakisa ۋاقتى: 2017-6-13 00:41:25
ئۇزۇن دىن بىرى مەندە ھەرخىل پەرەزلەر بار ئىدى لىكىن ماۋۇ گەپنىڭ جېنى باردەك قىلىدۇ  خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدە رىقابەت كۈچلۈك بولسا مىنىڭچە ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن  
ئورۇندۇق
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-6-13 07:29:49
قوش كارتىلىق تېفۇنىغا  ئېھتىياجلىق قىلىپ قويدىغىنى مۇشۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىكەن بىرسى بىرخىل چىقىردىكەن ھەپتە ئۆتسە يەنە بىرسى باشتىكىدىن ئىرزان چىقىردىكەن
5-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-6-13 08:40:15
شىركەتلەردە  رىقابەت  بۇلسا  بىزگە  پايدا  
6-قەۋەت
叶城老大 ۋاقتى: 2017-6-13 16:10:33
ئۇنداقتا چەتئەلدە ئاساسلىق بىرلەشمە تورى بىلەن  تىلگىراف تورنى ئشلتدىكەندە ،
شۇلار ئەقللىقكەن ،يىدوڭ تورى تور ئەمەس ،
7-قەۋەت
يالغۇز@ ۋاقتى: 2017-6-13 19:07:22
مەنچە بولسا ھە مانا كەلدى دەپلا قوش كارتىلىق قىلىۋەتسە بۇلاتتى بەزىدە ھەقىقەتەن لازىم بۇلىدۇ ،دولتىمىزىكى كارخانىلار ھەل قىلىپ كەتكەن توك ئىشىنى ئۇلارمۇ ھەل قىلىپ كىتەلەدى . ئۇلارغۇ بىز تاش سانىساق ،شىغىلنىڭ سانىنى چىقىرىپ بۇلا .
8-قەۋەت
Xirali77 ۋاقتى: 2017-6-14 20:53:10
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ سالدىم تورداشلار  ئەيدىدىكى نۇمۇر لانى قانداق يۇيمىز خاپا بولماي دەئامال تېپىپ بەرسەڭلا بوپتىكە
9-قەۋەت
yarsiz ۋاقتى: 2017-6-14 22:15:27
خەۋەرلىشىش شېركەتلىرى  رىقابەتلەشكىنى ياخشى   ئىككى قاغا گۆش تالاشسا ئوۋچىغا پايدا ئەمەسمۇ
10-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-6-17 13:57:31
يانچۇقدا  پۇلنىڭ  يوقلىقىدا ،  باغانسىرى  چىرايلىق  چىقۋاتدۇ  ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرۈپ بۇ كاساپەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部