+تېما يوللاش
adljan5524 يوللانغان ۋاقتى:2017-7-11 21:02 2447 قېتىم كۆرۈلدى 14 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەن مۇشۇ ھەق تاپشۇرۇش دۇكىننى ئېچىۋاتقىلى 2 يىلدىن ئاشتى ، مەن مۇشۇ ئىككى يىلدا ھەقلىق ، ھەقسىز نۇرغۇن سېستىمىلارنى ئىشلىتىپ كۆردۈم .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەقلىق سېستىمىلاردىن ، بەيشىلىيەن «百事联»  ، ئالتۇن بۈركۈت «金鹰» , دىگەندەك سېستىمىلار بولدى . ھەقسىز سېستىمىلاردىن «新疆e缴费» ئويغۇرچە نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم . يەنە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن تەمىنلەپ بەرگەن «店家联盟» مۇشۇلار بولدى ،
يەنە كىلىپ ھەممە سېستىما 100% مۇكەممەل بولمايدۇ . ھەرقانداق سېستىمىنىڭ مەلۇم بىر يېتەرسىزلىكى بولىدۇ .
مەن مۇشۇنداق دۇكان ئاچىدغان خىيالى بار دۇسلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمەن .
1-سېستىمىغا پۇل يۆتكەش .
بۇ قارىماققا شۇنچىلىك ئاددى تۇيۇلىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر بانكا كارتىسى بولسىلا بولدىغۇ دەپ ئويلايدۇ ، ھەقىقەتەن شۇنداق ، لىكىن سىزگە قايسى بانكا ئەڭ يېقىن ، يەنە ئۇ بانكىنىڭ ئىش بىجىرىش كۈنلىرى قانداق ، يېزا ئامانەت بانكىسى بەك تولا دەم ئالىدۇ .
يەنە كىلىپ سىز ئالماقچى بولغان سېستىما سىزگە ئەڭ يېقىن بولغان بانكىنىڭ كارتىسىنى قوللامدۇ ؟ نۇرغۇن يېزىلاردا يېزا ئامانەت بانكىسى بار ، لىكىن سودا سانائەت ھەم يېزا ئېگىلىك بانكىسى يوق .
مەن شەھەر ئىچىدە دۇكان ئېچىپمۇ يېغلىۋىتەي دەپ قالغان يەرلىرىم بولغان .
2-سېستىمىنىڭ سىز قايسى ئىقتىدارىنى دەپ ئالىسىز .
ھازىر تېلفۇن پۇلى تۆلەيدىغان سېستىمىلار بەك كۆپىيىپ كەتتى ، باھاسى بەك ئەرزان ، لىكىن توك پۇلى قاچىلىغىلى بولمايدۇ . ھازىر شىنجاڭ ئىچىدە ئۇمۇملاشقان 3-تەرەپ توك پۇلى تاپشۇرۇشقا بولدىغان سېستىما «百事联» مۇشۇ شىركەت ئەڭ ئاۋال 3- تەرەپ توك ھەققى تاپشۇرۇش ۋاكالەتچىلىكىنى ئالدى . باشقا سېستىمىنى ساتقۇچىلار توك ھەققى تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشمىز دەيدۇ ، لىكىن قۇشۇپ بولالمايدۇ ، بەلكىم قۇشۇپمۇ قالا ، لىكىن قاچانلىققا ، سىزگە ھازىرچە لازىم ئەمەسمۇ ؟
3-سىز سېتىۋالماقچى بولغان سېستىما ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىكمۇ ؟
بۇ سۇئال بەزەن ئادەملەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قۇيىشى مۇمكىن ، لىكىن بۇ مەسىلىنى يەنىلا تىلغا ئالماي بولمايدۇ ، سىز سېتىۋىلىپ بىرەر مەسىللەر كىلىپ چىقىپ ، ئىقسادى زىيان بولسا كىم ئېگە بولىدۇ .
4- سېستىمىنىڭ پايدا نىسپىتى .
ئادەم پايدا ئالارمەنمىكىن دېمىسە دۇكان ئېچىپ نىمە قىلىدۇ ، شوڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدا نىسپىتىنى ياخشىراق سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشىنى ئەسكەرتىمەن .
يەنە كەم قالغان يەرلىرى بولسا ئېغىر كۆرمەي تۇلۇقلىۋىتەرسىلەر . مەنمۇ دىققەت قىلىپ تۇرمەن .
ياخشىراق تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشايلى .
مىنى قۇشۇڭ دەپ خەت قالدۇرۇپ قويدىغانلار ئىنكاس قالدۇرماڭلار .. بۇ تېمىنى سىزنى چچ ياكى ئۇندىدارغا قۇشۇپ پاراڭلاشقىلى يازمىدىم . ھەرقانداق گەپ بولسا مۇنبەر يۈزىدە دىيىشەيلى . باشقىلارمۇ بىلىۋالسۇن .
بۇلار بولسا مىنىڭ شەخسى ئويلىغانلىرىم ، ھىچقانداق سېستىما ھەم شىركەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .
بۇ تېمىنى قالايمىقان كۈچۈرۈپ ، ئۆزگەرتىپ يوللاشقا بولمايدۇ .
ھۆرمەت قىلارسىز
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

14ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
叶城老大 ۋاقتى: 2017-7-16 01:32:53
مەن مۇ  توك تىلفۇن پۇلى تولەش دۇكىنى ئاچىمەن ،
بىزگ توك ئدراسدىن پۇل تولەيدغان نەرسە بەرگەندە بىر توك كارتىسغا قانچە پۇل قاچلشىڭزدىن قەتئىي نەزەر 4مو بىردۇ ،ئايدا 10-20قتىم قاچلسىڭز ھەر قتمغا 4مو دىن بىردۇ دەپ بەرگەن بز پۇل بىردكەن دەپ ھەق ئالماي قاچلغان لكىن پۇل بەمدى 1يىلدىن ئاشتى شۇڭا 1يۈەن ھەق ئىلپ پۇل قاچلاۋاتمىز ،پۇل تاپشۇرۇش سىستمدا
تىلگىراف نىڭ پايدىسى ياخشى 100يۈەنگە 1.3يۈەن ،بىرلەشمە كوچمە گە 9-7فۇڭ پايدا قالدۇ ،
لكىن تلفۇن كارتىسغا پۇل قاچلەپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ ،
شۇ قاچلغان پۇلمزنىڭ ئىزى چىقسا خوش بولمز پايدا قالمايدۇ،
يا بىرەسنىڭ كارتسغا خاتا قاچلنىپ كتدۇ 10-20كوي ،يا بىر ئش بولدۇ ،شۇنىڭ بىر ئاي 10-20مىڭ كوي قاچلاپ تاپقان پايدا دىن ئايرلىمىز،
ئەسلى بزدەك پۇل قاچلايدغانلارنىڭ ھەممسى دۇكاننى تاقاپ پۇل قاچلمايمىز دەپ بازارنى كاساتلاشتۇرساق بەلكىم پايدسنى ئۈستۈرۈپ بىرشى مۇمكىنتى ،
تىلفۇنغا پۇل قاچلتدغانلارنىڭ گپىى چوڭ تخىى پۇل تز كرىمسە تخىى تىزاق سەپ بەمسەك تخىى بزگە سالغان 10كوي پۇلدىن 1كوي پايدا قالدغاندەك ،1مو مۇ پايدا قالمايدغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ،
تلفۇن پۇلى قاچلغاندىن كوڭچاڭ سۈيى ساتقان ياخشى 7مولۇق سۇنى 1كويغا سىتپ 3مو پايدا ئالمىز ،
تلفۇنغا 100كوي قاچلاپ 3تال كوڭچاڭ سۈينىڭ پايدسىنى ئالمىز ،
تەۋسىيىلەش
rewayat353 ۋاقتى: 2017-7-12 11:36:57
مۇشۇ مىڭراۋان دەيدىغانغا يىقىن كەلمەڭلار . ئىككى يىل بولدى تويغازدىغۇ؟
تۆر
ablatjan0997 ۋاقتى: 2017-7-11 23:28:31
رەھمەت دوستۇم ، مۇشۇ توغرىلىق ناھايىتى ياخشى چۈشەنچە بېرىپسىزبولسا مۇشۇ توك پۇلى تۆلەيدىغان سىستېمىنى تېلېفوندا تۆلىگىلى بولدىغان 1 سىستېمىنى تەۋسىيە قىلىڭلارناھايىتى چۈشىنىشلىك ، ياخشى ماقالە يېزىپسىز.
گىلەم
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-7-12 00:53:43
ئادەتتە توك پۇلى قاچىلايدىغان دۇكانلار  100 يۈەنگە بىر يۈەن ئالىدۇ ،   مۇشۇ 1 كويدىن باشقا پايدا ئالالامدۇ ؟   يەنى سىستىمدىن پۇل قاچىلاپ بەرگەن دۇكاندارلارغا پۇل بىرەمدۇ .
ئورۇندۇق
سەرخىل ۋاقتى: 2017-7-12 00:58:29
توك پۇلىسى تۈلىگىلى بۇلىدىغان  سېستىمىلار بولسا بەيشىلىيەن، قولاي جەمبىرىكى،مىڭراۋان ، ئالتۇن بۈركۈت دىگەندەك سېستىمىلار بار
بۇلارنىڭ ۋەكالەتچىلىكىنى ئۆمۈرلۈك سېتىۋالىدىغانلىرىمۇ بار، يىللىقىنى سېتىۋالىدىغانلىرىمۇ بار، بەزىلىرىگە كۈندە ھەق تۇتىۋالىدىغانلىرى بار.
بۇ توك پۇلى تۈلەيدىغان ئىشنىڭ پايدا نىسپىتى بەكلا تۈۋەن، سىز بىر توك كارتىسىغا ئايدا قانچە قېتم پۇل قاچىلاڭ سىزگە ئايرىلىدىغان پايدىسى ئارانلا 0.4 يۈەن يەنى تۆت موچەن، سىز خېرىداردىن تۆلىگەن پۇلدىن باشقا قۇشۇپ ھەق ئالسىڭىز بەزى خېرىدارلار رازى بۇلىدۇ، بەزىلىرى رازى بولماي توك شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىپ ئەرىز قىلىدۇ، ئەرىز قىلسا سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنى تاقاپ قۇيىدۇ ياكى سېستىما سېتىپ بەرگەن شىركەت سىزنىڭ سېستىمىڭىزنى تاقىۋىتىدۇ.
مەن بۇنداق دۇكان ئاچمايمەن، مىنىڭ دۇكىنىمغا كومپىيوتىرسىنى تەڭشەتكىلى كىلىدۇ، مەن شۇ خېرىدارلىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىم خالاس.
5-قەۋەت
adljan5524 ۋاقتى: 2017-7-12 11:06:08
ئادەتتە توك پۇلى ھەم تېلفۇن پۇلى قاچىلىسا 1 يۈەن مۇلازىمەت ھەققى ئالىدۇ . ئەمدى توك كارتىسىغا قانداق پايدا بىرىدۇ دىگەندە : بىر تال توك كارتىسى بىر ip ھىساپلىنىدۇ .  بىر تال ip گە بىر ئايدا قانچە قېتىم پۇل قاچىلىشىدىن ھەم قانچە پۇل قاچىلىشىدىن قەتتى بىرىدىغان پايدىسى 0.45 يۈەن . دېمەكچى بولغىنىم ، بىر تال توك كارتىسىغا بىر ئايدا 10 يۈەن قاچىلىسىمۇ ئوخشاش 0.45 يۈەن ، بىر ئايدا 100 قېتىم 1000 يۈەن قاچىلسىمۇ ئوخشاش 0.45 يۈەن . مەن توك كارتىسىنىڭ مۇشۇ يىرىنى ياقتۇرمايمەن . يەنە كىلىپ شىركەت تەرەپ ئارتۇق ھەق ئېلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ . ئەگەر مۇلازىمەت ھەققى ئالماي 0.45 يۈەندىن تېپىپ ئولتۇرمەن دىسىڭىز ئەڭ ياخشى ئاۋال مىلىيۇنىر بۇلۇڭ . شۇنداق بولسا پۇللىرىڭىزنى خاتىرجەم ھالدا خەجلەپ تۈگىتىسىز . پۇل تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن .
ئەمدى توك كارتىسىغا تېلفۇندا پۇل قاچىلاش مەسىلىسى .
مەن بۇنى تېمامدا تىلغا ئالماپتىمەن . تېلفۇندا توك كارتىسىغا پۇل قاچلىغىلى بولامدۇ ؟  بولىدۇ .
قانداق قاچىلايمەن ؟ . ھەر بىر توك كارتىسىنى يېڭىدىن بەرگەندە توك كارتىسىنىڭ كەينىدە بىر قاتار نۇمۇرلار بولىدۇ ، لىكىن ھىچكىم دىققەت قىلمايدۇ . ھەم ئىشلىتىش جەرياندا بۇ نۇمۇرلار ئۈچۈپ كېتىدۇ . دەل مۇشۇ نۇمۇرلار توك كارتىسىنىڭ ip نۇمۇرى بولىدۇ . توك كارتىسىغا تېلفۇندا پۇل قاچىلىغاندا دەل مۇشۇ ip دىن پايدىلىنىمىز ، مۇشۇ ip نى كىرگۈزۈپ پۇل قاچىلىساق كارتىغا چۈشىدۇ .
ئۇنداقتا قاچان كارتىغا پۇل چۈشىدۇ ؟ . بۇنداق پۇل قاچىلىغاندا تەخمىنەن 24 سائەتتىن كىيىن چۈشۈشى مۇمكىن . بەلكىم پۇل چۈشمەسلىكىمۇ مۇمكىن . چۈنكى توك شىركىتى بۇخىل دىتاللارنى تازا بەك قوللىمايۋاتىدۇ .
ip نۇمۇر كارتىدىن ئۈچۈپ كەتتى ، قانداق تاپالايمەن ؟ . بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بەيشىلىيەن توك بازىرىغا بېرىپ توك كارتىڭىزغا پۇل قاچىلىسىڭىز تالون چىقىتىپ بىرىدۇ ، دەل شۇ تالوندا توك كارتىڭىزنىڭ ip نۇمۇرى بولىدۇ . ياكى پۇل قاچىلىغىلى كىرگەندە سىز شۇ نۇمۇرنى يېزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ip نۇمۇرنى يېزىپ پۇل قاچلىدىم ، مەندىن پۇلنى تۇتۇپ بولدى ، لىكىن كارتىغا چۈشمەپتۇ ، قانداق قىلىمەن ؟ . بۇنداق ئەھۋال ip نۇمۇرنى يېزىپ پۇل قاچىلىغاندا كۆپ ئۈچىرايدۇ . بۇنداق بولسا قورقۇپ كەتمەي ، ئاپتۇماتلىك توك پۇلى قاچىلاش ئاپىراتدا پۇل قاچىلىسىڭىز ، تېلفۇندا قاچىلىغان پۇلىڭىز بىلەن قۇشۇلۇپ كىرىدۇ .
مەن تېلفۇندا توك كارتىسىغا پۇل قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن .
چۈشەنمىگەن يەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار
7-قەۋەت
askar0000 ۋاقتى: 2017-7-12 12:51:18

تېلېفوندا توك كارتىسغا پۇل قاچىلىسا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   askar0000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-7-12 13:03  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تېلېفون قاچىلىسا قەشقەر تەۋەسدە بولماسلىقى مومكىن مەن توك ئىشلىرنىڭ ئوزى چىقاغان ئەپ دىتالدا پۇل تولگەن پۇل بانكا كارتامدىن چىقىپ كەتتى توك يۇرىمىدى  ئاندىن توك كارتىسىنى ئىلىپ شەخىسلەرنىڭ يىنىغا بىرىپ دەپ باقسام كارتنى دوكاجىغا سىلىپ قايتا قاچلاش دىگەن يەرنى بىسىپ قاچلاپ بەردى پۇل تولمىدىم شەخسلەرگە بۇ بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن
8-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-7-12 13:34:22
ئەڭ ياخشىسى  تىلفۇندىكى دىتالدا پۇل قاچىلمىغان ياخشى  مەن شۇنداق قىلىپ  كارتىغا پۇل چۈشمەي   كىيىن  شۇ باھانە بىلەن  توك كارتىسى  ئۈلۈپتۇ
9-قەۋەت
oylan2315 ۋاقتى: 2017-7-12 22:53:15
مەن تاللا بازىرى ئاچقان خىيالىمدا تىلفۇن پۇل تۆلەش توك پۇلى قاچىلاش كەسىپلىرنىمۇ يولغا قويماقچىتىم پايدىسى نىمانچە ئاز بۇ يەردە بۇ خىل مۇلازىمەت بولۇپمۇ توك پۇلى تۆلەش كەسپى ھەممە تاللا بازىردا باردەكلە نەچچە پۇل قاچىلاشتىن قەتئى نەزەر مۇلازىمەت ھەققى بىر كوي ئالدۇ ،دىھقانلارغا نىسپەتەن توك پونكىتىغا بېرىپ ئاپتۇماتىك ئاپىراتتا پۇل تۆلەش بەكلا قولايسىز يېنىمدىكى دۇكاندار بەيشىلىيەننى ئىشلىتەتتى ئۇنى كىيىن غەيۋىگە تىللاپ ئەمدى قولاي چەمنىرەكنى ئىشلىتۋاتىدۇ بۇ ئىشنىڭ پايدا نىسپەتلىرنى پەقەت تەپسىلى ئۇقالمىدىمغۇ
10-قەۋەت
adljan5524 ۋاقتى: 2017-7-13 13:15:42
مەن سىزگە بەيشىلىيەننىڭ پايدا نىسپىتىنى تەپسىلى دەپ بىرەي .
توكنىڭ پايدا نىسپىتى دەپ بولدۇم . ئۈستىدىكى ئىنكاستىن كۈرۈڭ
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش پايدا نىسپىتى : 100 يۈەنگە 1 يۈەن ، يەنى 1% پايدا ئايرىيدۇ
كۆچمە خەۋەرلىشىش پايدا نىسپىتى : 100 يۈەنگە 0.9 يۈەن ، يەنى 0.9% پايدا ئايرىيدۇ
تېلگىراف پايدا نىسپىتى : 100 يۈەنگە 1 يۈەن ، يەنى 1% پايدا ئايرىيدۇ .
تۈمۈر يولنىڭ پايدا نىسپىتىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، مەنمۇ ئېنىق سۈرۈشتە قىلىپ باقمىغان .
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەمىنلىگەن 店家联盟 سېستىمىنىڭ پايدا نىسپىتى 1.2% بولىدۇ . يەنى 100 يۈەنگە 1.2 يۈەن ئايرىپ بىرىدۇ . پەقەت بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسىغا شۇنداق . چۈنكى ئۇ مەخسۇس بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ سېستىمىسى ئەمەسمۇ .
ئىش قىلىپ بۇ ئىشنىڭ پايدا نىسپىتى بەك تۆۋەن . مەن دۇكان ئېچىپ بىر ئايدا شىركەتتىن ئۇرۇپ بەرگەن پايدىسى 200 يۈەن بۇلۇپ قالغان يەرلىرىمۇ بار . تېخى دۇكاننىڭ يىللىى ئىجارسى 9000 يۈەن . شوڭا بۇنداق دۇكان ئاچىدىغان ئادەم قۇشۇمچە باشقا ئىش قىلمىسا جېننى باقالمايدۇ .
يەنە بىلمىگەن يەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ .
11-قەۋەت
ئوغلان132 ۋاقتى: 2017-7-13 14:24:19
دىمەك بۇ سېستىمىلاردا  پۇل تاپقىلى بولمايدۇ  ،دۇكان ئاچقان ئادەم بۇنى قوشۇمچە قىلپ خېرىدار كۆپەيتىش ئۈچۈن قىلسا بولا  ،ئەممابانكىغا قاتراپ پۇل سېلىپ  سېستىمىغا پۇل يۆتكەپ  چىققان   پايدا  تايىنلىق،تېخى دوست  بۇرادەرلەر تېلفۇنۇمغا پۇل قاچىلاپقويۇڭلا  ھېلى  بېرەي دەپ تېلفۇن قىلسا قاچلاپ قويۇپ ئۇنى دىگىلى بولمىغان ،ئىشقىلىپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ
12-قەۋەت
A_R_S_L_A_N ۋاقتى: 2017-7-14 09:46:09
كوڭلۇمدىكى گەپ بوپتۇ مانا مىنڭمۇ دۇكىنم بار تىلفۇن ساتىدىغان ،قۇشۇمچە تىلفۇنلارغا پۇل قاچىلايدىغان ،پايدا يۇق دىسەك يالغان بوپ قالىدۇ ،پايدا بار ئەمما توۋەن شۇ قۇشۇمچە ھەق ئالساق تىخى بولمىغان ،بىرە قىتىم خاتا پۇل ئىلىپ قالساق ياكى خاتا پۇل قاچلاپ قالساق ياكى سىتىما نۇرمال بولماي قىلىپ 10 يۇەن پۇل كىرمىسە خىردار بەكلا خاپا بوپ كىتىدۇ ،خىردارنىڭ ئورنىدا بىز بولساقمۇ شۇنداق بولشىمىز مۇمكىن دۇكانغا خىردار كۇپەيتىمەن دىمىسەم قەتتى قىلماستىم دەپمەن قۇشۇمچە پۇل قاچىلايدىغان ئىشلارنى مىڭراۋانى ئىشلەتكەن پايدا پۇلنى ۋاقتىدا ئايرىپ بەرمەيدىكەن نەچچە ئىنكاس قىلىدىم بولمىدى،ئەمما باشقا يىرى بوپ قۇيىدۇ
13-قەۋەت
.ئالماس. ۋاقتى: 2017-7-15 15:13:19
بولسا مەنمۇ مۇشۇنداق دۇكان ئاچاي دىگەن، رەسىمگە تارتىدىغان تىلفۇن رىمنۇت قىلىدىغان.تىلفۇن سايمانلىرىمى ساتىدىغان . يەنە قىممەت تۇلۇقلايدىغان دۇكان ئاچاي دىگەن كوچمە خەۋەرلىششىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەققى قانچە پۇلدۇ
15-قەۋەت
HakkerBoy ۋاقتى: 2017-8-10 15:33:35
A_R_S_L_A_N يوللىغان ۋاقتى  2017-7-14 09:46
كوڭلۇمدىكى گەپ بوپتۇ مانا مىنڭمۇ دۇكىنم بار تىلفۇن سات ...

  مەنمۇ مىڭراۋان سىستىمىسى ئىشلىتەتتىم،3ئاي بولدى تاپاۋەت پۇلىنى سىلىپ بەرمىدى كىييىن ئەڭ بىشىدىكى بىر ئايلىق پۇلىنى سىلىپ بەرگەنتى خاتا بوپ قالدىمۇ دىسەم بارلىق تاپاۋەتلەرنى 1 پىرسەنتكە چۈشۈرۋەتتۇق دەيدۇ.
شۇڭا سوراپ باقسام سىلىنىڭكىمۇنىمۇ چۈشۈرۋەتتىمۇ؟ھەم 3ئايلىق تاۋاپەت پۇلىڭلار  يىغىلدىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部