+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:7 كۈن بۇرۇن 2639 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندا داڭلىق پەن-تېخنىكا تاراتقۇسى  Android Authority  «‏‏2017-يىللىق ئەڭ ياخشى ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون» نى ئونۋېرسال باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر بېلەت تاشلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم خۇاۋېي، يىجىيا قاتارلىق دۆلىتىمىز يانفونلىرىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگەن. دۆلىتىمىز يانفونلىرى خەلقئاراغا يۈرۈش قىلىپلا قالماي، چەتئەللىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاپ باھالاشتا سامسۇڭ Note 8 ئەڭ يۇقىرى نومۇرىغا ئېرىشكەن. يەنى %25 بېلەتكە ئېرىشكەن. سامسۇڭ Note 8 كە كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6.3 دىيۇملۇق 1440* 2960 ئېنىقلىقتىكى QHD ئېكران سەپلەنگەن. ئىچكى ساقلىغۇچى 6GB، سىغىمى 64/128/256GB


一加5T يانفونى %19 بېلەت بىلەن ئىككىنجى بولغان. كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. بۇ يانفوننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئىگىللىشى يۇقىرى ئەمەس، ئەمما خەلقئارا بازاردا تەسىر كۈچى كۈچلۈك.


Google Pixel 2 XL يانفونى %18 بېلەت بىلەن ئۈچۈنجى بولغان. كۇۋالكوم 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6.0 دىيۇملۇق pOLED ئېكران سەپلەنگەن.


خۇاۋېي Mate 10 Pro يانفونى %11 بېلەت بىلەن تۆتىنجى بولغان. بۇ يانفونغا خۇاۋېي شىركىتى ئۆزى ياسىغان بوبرا كېيىك 970 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 6 دىيۇملۇق 1080p ئېكران سەپلەنگەن.




لىيەنشىياڭ moto z2 force يانفونى %2 بېلەت بىلەن 10-بولغان.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

12ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
反对过分的 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
يەنىلا سامسۇڭ نوچىدە
گىلەم
2117825634 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
شىياۋمى يانفونى يوقكەنغۇ؟
ئورۇندۇق
PAROL77 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مېيزۇ E2 ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلانى دەۋەتسەڭلا بىرنى ئالاي دىگەن
5-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
يىجيا بوش ئەمەس.
6-قەۋەت
سانغۇن ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
مۇشۇ سىنەپدىراگون ، كۋالكوم ، چوڭ قۇرۇقلۇق … دىگەندەك ئوقۇملارغا چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار .
7-قەۋەت
RRR-3 ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن
يىجا 5t نىڭ سەپلىمىسى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرىكەن ، ھازىرقى vivo x20،  ئوپپو r11S تىن خېلىلا ياخشىدەك بىلىندى ماڭا ، كىيىنكى قېتىم مۇشۇ ماركىدىكى يانفۇندىن بىرنى ئالمىسام خەپ …… ھې ھې ھې
8-قەۋەت
بۈركۈت11 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
سانغۇن يوللىغان ۋاقتى  2018-1-7 21:33
مۇشۇ سىنەپدىراگون ، كۋالكوم ، چوڭ قۇرۇقلۇق … دىگەندەك  ...

كۇۋالكۇم دىگىنى ئامرىكىدىكى ئۈزەك ئىشلەيدىغان زاۋۇت ( شىركەت )  سنەپدراگون دىگەن شۇ شىركەت ئىشلىگەن cpu نىڭ ئاتىلىشى 高通 晓龙 دىگەن خەنزۇچە ئاتىلىشى ، ھازىرقى ئاندرويد ئۈزەكلىرى ئىچىدە ، كۇۋالكۇمنىڭ سنەپدراگۇن ئۈزىكى سامسۇڭنىڭ  Exynos تىپلىق ئۈزىكى ۋە خۇاۋىينىڭ بوبرا كىيىك ئۈزىكىدىن ئىبارەت ئۈچ كۈچلۈك ئۈزەك بار ، ئەمدى كۇۋالكۇمنىڭ سىنەپدراگون ئۈزىكىگە كەلسەك ، ئۇمۇ كۈچلۈك cpu بايراقدار ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك يانفۇنلارغا سەپلىنىدۇ ، ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇق دىگەن مەسلىگە كەلسەك ، دۆلتىمىز نۇسخى تۆت خىل چىقىدۇ يەنى بىزنىڭ ئاۋمىن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە رايۇنىمىزنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىككى خىل ، يەنە تەيۋەن نۇسخىمۇ ئايرىم ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق دۆلتىمىز تەۋەلىكى چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخى دەيدۇ ،  مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم باشقىلار قانداق چۈشەندىكىن  ھى ھى ، بەلكىم ئەمدى ئازراق بولسىمۇ چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن،،،  ھە راس دوسلا سىنەپدراگون 820 ئۇنچە ياخشىمۇ ئەمەسمۇ قانداق،،،
9-قەۋەت
电脑爱好者 ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن
بۈركۈت11 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-8 03:49
كۇۋالكۇم دىگىنى ئامرىكىدىكى ئۈزەك ئىشلەيدىغان زاۋۇت  ...

ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز قېرىندىشىم، تەيۋەننەڭ لىيەنفاكېنىڭ ئۆزەكلىرىمۇ بار، ئىلگىرى بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن(p20-p25-p30تىپلقق ئۆزەكلەر)، پۇلى ئەرزان، ئىقتىدارى يامان ئەمەس ئېدى، ھازىر بۇ ئۆزەكنى پەقەت مېيزۇ شىركىتىلا ئىشىلتىدىغۇ دەيمەن،  سىنەپدارىن، 820تىپلىق ئۆزەك ياخشى، لېكىن توك سەرپىياتى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغاچ، بۇ خىل ئۈزەك سەپلەنگەن تېلفۇنلارنىڭ توكى ئانچە ياخشى يەتمەيدۇ،
10-قەۋەت
subat118 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
يىجا 5t  ئاق رەڭلىك نۇسقىسىدىن بىرنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن قاتتىق پۇل يىغىۋاتىمەن ، ئېقى بەك چىرايلىق چوڭ سۈپەت كۆرنۈپ كەتتى ، يەنە شاۋلۇڭ 835نىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش ، &  hellip;  نېمىدىگەن پەيزى ھە !
11-قەۋەت
oylan2008 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
لېشى شىركىتىنىڭ يانفون كەسپى ۋەيران بولدىمۇ يا جان تالىشۋاتامدۇ ،مىش مىش گەپلەگە قارسام لېشىنىڭ شىركىتىمۇ ۋەيران بوپتىمىش مەلۇم كەسىپبىلەن شىركەت ئايرىمدۇ
12-قەۋەت
2635210282 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن
دۆلىتىمىزنىڭ  پەن تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتىدۇ جۇمۇ،
13-قەۋەت
ئۇستا ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن
一加5tئىشلىپ باققەنلا تەسىراتىڭلارنى يېزىپ باقساڭلار بولۇپتىكەن 128گىگابايتلىقتىن  بىرنى سېتىۋالاي دېگەنتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部