+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-1-24 15:39 7058 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قىممەت يانفوننى سېتىۋېلىپ، تېلېفون ئۇرۇش بىلەن ئۈندىدار ئويناشتىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلمىسەك ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئەپچىل ئۇسۇللارنى بىلىۋالسىڭىز سىزگە كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

* كىرگۈزگەندىن يېنىۋېلىش
يانفوننى سىلكىسە باياتىن كىرگۈزگەن خەتتىن يېنىۋالغىلى (ئۆچۈرۋەتكىلى) بولىدۇ.

* AirDrop
AirDrop بولسا ISO قا 2013-يىلدىن باشلاپ قوشۇلغان ئىقتىدار. iPhone5 تىن بۇرۇنقى ئايفوندا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئاساسلىقى كۆپ ئالما ئۈسكۈنىسى ئارىسىدا ھۆججەت ھەمبەھرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھۆججەتنى سۆرەپ AirDrop تىكى دوستنىڭ باش رەسىمىگە قويسىلا ھۆججەت شۇ دوستقا يوللىنىدۇ.


* داۋاملىق بارىدىغان يەر
ئايفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش تەڭشىكىدە دائىم بارىدىغان يەر (常去地点) دەپ بىر ئىقتىدار بار. ئۇ سىز دائىم بارىدىغان يەرنى خاتىرىلىۋالىدۇ ۋە خەرىتىگە بەلگە قويىدۇ. سىزنىڭ ئائىلە ئادېرسىڭىز، خىزمەت ئورنىڭىز دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تەپسىلى خاتىرلەيدۇ. بۇغۇ ياخشى ئىقتىدار، ئەمما تاقىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۈندە كەينىڭىزگە بىرسى چۈشىۋالسا قانداق ھېسىياتتا بولىسىز؟



* تۆۋەن توك ھالىتى
سىرتقا چىققاندا يانفوننىڭ توكى تېز تۈگەيدۇ، زەرەتلەش شارائىتى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا يانفوننىڭ تۆۋەن توك ھالىتى (低电量模式) نى قوزغىتىپ قويسىڭىز، تورخەت قوبۇللاشنى توختايدۇ. ئارقا سۇپىدىكى ئەپ يېڭىلاش ۋە ئاپتوماتىك چۈشۈرۈش توختايدۇ. بەزى كۆرۈش ئۈنۈمى مەجبۇرى تاقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توك ئۇزۇنراق يېتىدۇ. تەڭشەش ئۇسۇلى: 设置——电池——低电量模式


* ھېسابلىغۇچ
ئايفوندىكى ھېسابلىغۇچتا كەينىگە قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى يوق. ئېكراننىڭ رەقەم بار يېرىدە ئوڭغا ياكى سولغا سىيرىسىڭىز قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.


* تاق قولدا مەشغۇلات قىلىش ھالىتى
ئالما 6 plus تىن باشلاپ تاق قولدا مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارىنى قوشقان. بۇ ئىقتىدارنى قوزغاتسا چوڭ ئېكرانغا نىسبەتەن بىر قولدا ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ. ئېچىش ئۇسۇلى: 通用——辅助功能——便捷访问


* App Store مەسىلىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
App Store نى ئىشلىتىۋاتقاندا بەزىدە ئەپ چۈشمەيدىغان ياكى App Store نىڭ بېتى يېڭىلانمايدىغان ئەھۋالغا ئۇچىرايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا App Store نىڭ ئاستىدىكى خالىغان تاللاش تۈرىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن 10 قېتىم چەكسە، App Store مەجبۇرى يېڭىلىنىپ، ئۇچىرىغان مەسىللەر ئوڭشىلىدۇ.


* ئايفونۇمنى تېپىش
بۇ ئىقتىدارنى دېمىسەكمۇ ئايفون ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىدارنىڭ بىرسى. ئايفونومنى تېپىش (查找我的iPhone) ئىقتىدارى قوزغىتىلسا، ئايفون يوقاپ كەتكەندە ياكى ئوغرى ئالغاندا ئىزدەپ تېپىشقا ھېچبولمىسا ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ. ئېچىش ئۇسۇلى: 设置——定位服务——开启查找我的iPhone

بۇ ئىقتىدار ئېچىلغاندىن كېيىن يانفون يۈتۈپ كەتسە ياكى ئوغرى ئالسا كومپىيۇتېردا ياكى باشقا يانفوندا www.icloud.com غا چىقىپ ئالما ID رىڭىزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئايفون ئىشلەتكەندە ID ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ID ئىشلەتمىسىڭىز ئادەتتىكى بەشيۈز يۈەنلىك يانفوندىن پەرقى قالمايدۇ. ID نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي ئايفون ئىشلىتىدىغان خېلى كۆپ ئادەمنى ئۇچىراتتىم.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش18 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-1-24 15:49:00
بىزنىڭ شىنجاڭدا ئالمىنى ئىقتىدارغا دەپ ئەمەس باشقىلىغا كۆسىتىشكە  سۆلەتۋازلىققا ئىشىلتىدىغانلا جىق شۇڭا ئايدى نىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي بىر تال چ چ ئۈندىدارلىرى يۇيۇلۇپ كەتسە رىمۇنىتچىغا پۇل بىرىپ قاچىلىتىدۇ
گىلەم
KONA ۋاقتى: 2017-1-24 15:51:53
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز ،رەھمەت ،،مەن بىلىدىغان ئايفون ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ id ئىشلەتمەيدىغانلا ھەقىقىتەن جىق،،،
ئورۇندۇق
ablizmansur ۋاقتى: 2017-1-24 16:20:58
بۆرەwolf يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 15:49
بىزنىڭ شىنجاڭدا ئالمىنى ئىقتىدارغا دەپ ئەمەس باشقىلىغ ...

قوللايمەن
5-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-1-24 16:31:29
باللا ios10.2  نەشىرنى مەجبۇرىي ھالدا 10.1 گە چۈشۈردىغان ئۇسۇل  بارمۇ ؟ بالدۇراق چۈشۈرۋالسام ابوپتىكەن  ھازىر  تاقىۋىتىپتۇ . 10.2 تۈرمىدىن قىچېشقا خىلى بار  ئوخشايدۇ .
6-قەۋەت
umut吧 ۋاقتى: 2017-1-24 16:39:48
بۇمۇ بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم ئىكەن  رەھمەت
7-قەۋەت
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2017-1-24 18:06:12
بۆرەwolf يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 15:49
بىزنىڭ شىنجاڭدا ئالمىنى ئىقتىدارغا دەپ ئەمەس باشقىلىغ ...

بىر ئ‍اغىنەمگە شاۋمى 4ئ‍ېلىڭلار دىسەم ، ياق ئ‍ايفون 4ئ‍الىمەن دەپ چىرىقىنىمۇ يدندۇرۇشنى ئ‍ۇقماي ئ‍ىشىلتىپ يۈرىيدۇيۈرىيدۇ
8-قەۋەت
بۆرەwolf ۋاقتى: 2017-1-24 18:37:13
sadda(boy)006 يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 18:06
بىر ئ‍اغىنەمگە شاۋمى 4ئ‍ېلىڭلار دىسەم ، ياق ئ‍ايفون 4ئ ...

ئاخسا تۇرىدۇ دەيمە ماندا خەقنىڭ ئالدىدا
9-قەۋەت
پەخرىم110 ۋاقتى: 2017-1-24 18:54:23
كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم ناھايتى ياخشى تىما ئەپ كەپسىز ....  مۇھىم ئىقتىدارلارنى بىلىۋالدىم ..
10-قەۋەت
Veskiy ۋاقتى: 2017-1-24 21:11:47
ياخشى بىلىمكەن
11-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-1-24 23:21:47
كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى دەپ بەرسەڭلا بارماق سەزمەس بوپ قالدى ئالـما ئالتە پىلۇس 9.3نەشىر  (تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى)


12-قەۋەت
subihi0998 ۋاقتى: 2017-1-24 23:22:34
بۆرەwolf يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 15:49
بىزنىڭ شىنجاڭدا ئالمىنى ئىقتىدارغا دەپ ئەمەس باشقىلىغ ...

كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز دوستۇم
13-قەۋەت
0998alxah ۋاقتى: 2017-1-24 23:26:22
近原所有设置。 بۇ يەردىن قايتۇرۇپ باقتىم ئامال بولـمىدى

14-قەۋەت
arsak ۋاقتى: 2017-1-25 00:03:11
0998alxah يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 23:21
كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى دەپ ب ...

بۇ بىر بولسا سېستىمىنىڭ ئىشى يەنە بىر بولسا بارماق كۇنۇپكىسىنىڭ سىم يۇلى ئۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىشى لىكىن ئامال بار سېستما قاچىلماڭ 5س تى يقىرسىنىغا بارماق تۇنمايدىغان ھالاتتە سېستىما قاچىلىسىڭىز تىلاۇنى كىسەك قىلسىز زاۋۇت ھالىتگە قەيتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ بولمىسا رىمنۇتچىغا كورسىتىپ بېقىڭ لىكىن سېستىما قاچىلماڭ
15-قەۋەت
قايناق ۋاقتى: 2017-1-25 00:08:20
0998alxah يوللىغان ۋاقتى  2017-1-24 23:26
近原所有设置。 بۇ يەردىن قايتۇرۇپ باقتىم ئامال بولـمىدى

...

بارماق تۇنۇيدىغان يىرى بۇزلۇپتۇ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇڭ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部