+تېما يوللاش
mexel0785 يوللانغان ۋاقتى:2016-11-17 22:37 4307 قېتىم كۆرۈلدى 28 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

سالاھىيەت كىملىكىمىز ئەمدى لازىم بولامدۇ؟ 
قانچىلىك پۇل، قانچىلىك يۈز تېپىشىڭدىن قەتئىينەزەر، كىملىكىڭنى ئۇنۇتما، چۈنكى يولدا كىملىك تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

يۇقارقى بىر جۈملە ھازىرقى جەمئىيەتتە كىملىكىمىزنىڭ، يەنى سالاھىيەت كېنىشكىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى قىزىقارلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر كىملىك بولمىسا سىرتقا چىقىش، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پويىزلارغا ئولتۇرۇش، ياتاق ئېچىش دېگەنلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۆيگە قايتىشمۇ تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن. 

بىراق كۆچمە ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك ئىشلار بارغانسىرى قولايلاشتى. ھەتتا نەننىڭ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۈندىداردىكى ئېلېكترونلۇق كىملىك پەيدا بولدى. ساھەدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن،كىملىكنى ئۆيدە قويۇپ قويۇپ، تېلېفوننى ئېلىۋالسىلا بولىدىكەن. 

تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئېنتىرنېت پىلۇس ھەمكارلىق كەسپىي بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەننىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئىككى تەرەپ تېڭشۈننىڭ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدا، نەننىڭ شەھىرىدە كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئۈندىداردا 24 سائەت ئۇنتۇپ قالمايدىغان «ئېلېكترونلۇق كىملىك» تەسىس قىلدى. 

كەلگۈسىدە نەننىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى نەننىڭ مىكرو ساقچى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ۋە لۈچېڭ ساقچى- ئامما ئۇلىنىش ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، بۇ «ئېلېكترونلۇق كىملىك»نى كۆرسەتسىلا، مېھمانخانىغا تىزىملىتىش، مەيدان- سارايلاردا بېلەت تەكشۈرۈتۈش، ۋوگزال، ئايروپورتلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈتۈش قاتارلىقلارنى بىجىرەلەيدىكەن. 

بۇنىڭدىن بۇرۇن، تېڭشۈن شىركىتى شېنجېن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شېنجېندا ئۈندىداردا «ئېلېكترونلۇق كىملىك» يولغا قويغان بولۇپ، شېنجېندىكى ماشىنا ئىگىلىرى پراۋىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، بۇ ئېلېكترونلۇق پراۋىنى چىقارسىلا،جەرىمانىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدىغان بولغان. 
مۇنداق بىر گەپ بار، «قىلالمايدىغان ئىش يوق،ئويلىيالمايدىغان ئىش بار» دەپ. 20 يىل بۇرۇن،نەق پۇل ئىشلەتمەي ئاپتوبۇسقا چىقىشنى ئويلىيالامدۇق؟ ئون يىل بۇرۇن ئاپتوبۇس كارتىسى بىلەن تاللا بازىرىدا مال سېتىۋېلىشنى، يانفوندا توك،سۇ، گاز پۇلى تۆلەشنى ئويلىيالامدۇق؟ 

ساھەدىكى سولچىلارنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە بانكىلار يوقايدىكەن، بۇ سەل ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنمىسىمۇ، بىراق بۇ ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ھىچ بولمىغاندا، بانكىلارغا بېرىش قېتىم سانىمىز ئازىيىشى ئېنىقلا. چۈنكى بانكا كارتىمىزنى ئۈندىدار، ئالىپايغا ئۇلىۋەتسەكلا،ئاشخانىدا تاماق يېسەك، دۇكانلاردا مال سېتىۋالساق،ھاجەتخانىلاردا قەغەز ئالساق، توردىن بېلەت ئالساق،ئۈندىدارنىڭ پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق پۇل تۆلىسەكلا بولىدۇ، مائاشىمىزنى قولغا ئالمايلا توسالغۇسىز خەجلىيەلىسەك، يەنە بانكىدىن پۇل ئالغىلى بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالامدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا، يۇقارقى ئىشلار بېيجىڭ شەھىرىدە ئاساسەن ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. 


بىز يەنىمۇ دادىلراق ئويلىساق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە،كىملىكلا ئەمەس ھەتتا بانكا كارتىسى، ئاپتوبۇس كارتىسى، دوختۇرخانا كارتىسى، سۇغۇرتا، كاپالەت كارتىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يانفون نومۇرىنى ئاساس قىلغان كىملىك بىردىنبىر نومۇرى ۋە ئۈندىدار ئارقىلىقلا بىجىرىشكە بولامدۇ؟ ياكى كىملىك كارتىسى بىلەن بانكا كارتىسى، پراۋا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى دېگەندەك كارتىلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈلۈشى مۇمكىنمۇ؟ يانفونىمىزدىكى بىر ئىككىلىك كود بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز،كارتىلىرىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟


يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ھەمدە ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمىنىڭ يەنىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىنىشى بىلەن،تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشى تەبئىيلا. نۇرغۇن كىشىلەر «ئۈندىدار كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلىۋالدى، ئائىلىلەرنى بۇزدى، ياشلارنى يولدىن چىقاردى»، دەپ ئاغرىنىشىدۇ، بانكا كارتىسىغا باغلىسا پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قىزىل بولاققا خەجلىۋىتىدىغاندەك قورقۇشىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە،ئۈندىدار بولمىسىمۇ، يامان ئىشلار ئوخشاشلا يۈز بېرىۋېرىدۇ، مەسىلە بىزنىڭ ئۈندىدارنى قانداق ئىشلىتىشىمىزدە. 

ئىككى ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا، ئادەت بويىچە بەك جىقمۇ نەق پۇل سېلىۋالماپتىكەنمەن، يول بويىدىكى بىر دۇكاندا شۇنچىلىك نەپىس ئىشلەنگەن قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرۈپ، دەرھال سېتىۋالماقچى بولدۇم، بىراق يانچۇقۇمدىكى نەق پۇل يەتمىدى، دۇكانداردىن ئۈندىداردا تۆلەشنى ئېيتسام،قەتئىيلا ئۇنىمىدى. قولىدا يانفون بار، ئۈندىدار ئويناۋاتىدۇ، بىراق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۇرمۇشىمىزنى، ئۇنىڭ سودىسىنى قولايلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتاتتى، نەچچە يۈز مېتىر نېرىدا ئاپتوبانكا بارلىقىنى دەپ بەردى. بىراق بۇ سەنئەت بۇيۇمىنى سېتىۋېلىشتىن رايىم يانغان ئىدى. 


يېڭى تېخنىكا تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتمەكتە، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئەمەلىيەتتە نامراتلارنىڭ باي بولۇشىدىكى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامغا چىقىشىدىكى يېڭى بىر قېتىملىق پۇرسەت. بىراق بىز شۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ماڭالامدۇق؟ ياكى پاسسىپلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كىچىك چەمبىرىكىمىزگە سولىۋالامدۇق؟ 


مەنبە: ئۇيغۇرچە تور- تاراتقۇ




ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن1 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
مەشئەل

28ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
KONA ۋاقتى: 2016-11-17 22:58:17
ئىسىل يازما بوپتۇ ،ھەقىقىتەن توغرا پىكىر قوللايمەن
گىلەم
muhammad008 ۋاقتى: 2016-11-17 23:08:02
مەنمۇ قوللايمەن
ئورۇندۇق
18129165626 ۋاقتى: 2016-11-17 23:20:35
ئويلاپ باقسام ، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ ئىشمۇ ۋۇجۇتقا كىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى مومكىن ، ئىسىل  ، مەنمۇ قوللايمەن !
5-قەۋەت
alim. ۋاقتى: 2016-11-17 23:23:46
ياخشى تىما    رەھمەت  ھە
6-قەۋەت
ھەسەلچى ۋاقتى: 2016-11-17 23:49:51
بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولسىمۇ بولىدىكەنتۇق ، بارمىقىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندىكىن .
7-قەۋەت
ئ‍ۆگەن ۋاقتى: 2016-11-18 00:38:55
بۇنى مەنمۇ قوللايمەن
8-قەۋەت
Bahadir9 ۋاقتى: 2016-11-18 00:58:37
توك تۈگىسە سەل ئاۋارىچىلىك بولغۇدەك…لىكىن ئېلىكترونلۇق كىملىك بەكلا قولايكەن.
9-قەۋەت
بۇگۇن ۋاقتى: 2016-11-18 09:11:58
ياخشى تىما ئىكەن شىنجاڭغا نەچچىلەك ۋاقىت كىتە كىلىشكە
10-قەۋەت
(tan:ha:boy)? ۋاقتى: 2016-11-18 10:20:58
ھەسەلچى يوللىغان ۋاقتى  2016-11-17 23:49
بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولس ...

ئەسلى شۇنداق بولسا بۇلدىكەن جۇمۇ لېكىن بۇمۇ ياخشى بولغىنى
11-قەۋەت
yahya007 ۋاقتى: 2016-11-18 12:07:47
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yahya007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-11-18 12:09  

سالاھىتىمىزنى بارماق ئىزى بىلەن دەلىللىگەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى !
12-قەۋەت
misken ۋاقتى: 2016-11-18 12:31:23
ئىلكتىرونلۇق كىملىكنىڭ قولالىق بولىشىغۇ قولايلىق ناۋادا تىلفون يۇتۇپ كەتسىچۇ  ھازىربىخەتەرلىكى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ئالما تىلفونىڭمۇ قۇلۇپنى ئىچۋىتىپ بارسا ،بىخەتەرلىك مەسىلسىنىمۇ ئويلاشمىساق بولماس
13-قەۋەت
dostak ۋاقتى: 2016-11-18 13:52:59
ھەسەلچى يوللىغان ۋاقتى  2016-11-17 23:49
بارماق ئىزىمىمىز بىلەن سالاھىيتىمىز دەلىللەنگەن بولس ...

ما گەپكە دەھشەت كۈلۈپتىمەن . مەنچە بولسىمۇ بارماق ئىزى ، كۆزنىڭ رەڭدار پەردىسى قاتارلىقلار بىلەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش ، ھىساۋات قىلىش ، پىراۋا ، بانكا كارتىس ، سۇغۇرتا ، ،،،،،،،،  ئىشقىلىپ بىزگە تەۋە بولغانلىكى نەرسىلەرنى ئاشۇ ئۇنتۇلۇپ قالغىلى بولمايدىغان ، چىنلىقى چىقىپ تۇردىغان ، ساپ ئۆزىمىزنىڭ ئەزالىرغا باغلىساق ياخشى بولاتتى ، ئۈندىدارغا باغلاشمۇ ياخشى ئىش ، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ ئۈندىدارىمىز بار يانفۇننى ئوغرىغا بىرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ ، ياكى مەلۇم سەۋەپلە تۈپەيلى ئۈندىدارىمىز تاقىلىپ قالىدىغان ئىشلار بوپ قالسا ، مىنىڭ رەسمىيەتلىرىم ئوغرى ئالغان تېلفۇندىكى ئۈندىدارغا باغلانغان ياكى ماۋۇ تاقىلىپ قالغان ئۈندىدارغا باغلانغان دەپ ، مىشىلداپ ئولتۇرمىزمۇ ؟ نىمىشقا ئوغرى ئالالمايدىغان ، تاقىلىپ قالمايدىغان ، ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان ، يەرشارى بويۇنچە بىرىن - بىر ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشاپ قالمايدىغان بارماق ئىزىمىز ياكى كۆز رەڭدار پەردىمىزنى ئىشلەتمەيمىز ؟
14-قەۋەت
tursun1994 ۋاقتى: 2016-11-18 15:00:41
تىڭشۈنمۇ   زاماغا   ماسلىشپتۇ   مانا  ھى  ھى  
15-قەۋەت
tanha214 ۋاقتى: 2016-11-18 15:09:12
ئۇغۇ ئادەتتىكى ئىشكەن، بىزنىڭ ناھىيىدىكى شۇنچىۋالا ئالتۇن دۇكانلىردىمۇ نەق پۇل ئىشلىتىپ يۈرۈيدىكەن، ئۈندىدار ئالپاي دىگەندەكلەرنىغۇ ئەسلى ئىشلىتەلمەيدىكەن، كۆپىنچىلىرىدە كارتا سۈرۈش ماشىنىسىمۇ يوقكەن، زاماننىڭ ئارقىدا قالغانلار شۇلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم، چوڭ سودا قىلدىغانلار نەق پۇل ئوبروت قىلغىلى تۇرسا كىچىك تاۋارلار قاچانلىققا شۇندا تەرەققى قىلاكى تاڭ
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部