+تېما يوللاش
تېڭشۈن تورى 5-ئىيۇل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2017-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شياۋمى بىلەن نوكىيا سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئۇزۇن يىل كۈچكە ئىگە بولىدىغان پاتېنت ئىجازەت كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ كۆچمە تورنىڭ ئۆلچىمىدە زۆرۈر بولغان پاتېنت جەھەتتە گىرەلەشمە ھوقۇق بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىملىق سودىدا شىياۋمى يەنە نوكىيانىڭ قىسمەن پاتېنت بايلىقىنى سېتىۋالدى.
نوكىيانىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى راجىۋ سۇرى (Rajeev Suri) مۇنداق دېدى: «شىياۋمى دۇنيادىكى ئىلغار يانفون ياساش كارخانىسىنىڭ بىرى، بۇ قېتىم شىياۋمى بىلەن كېلىشىم تۈزەلىگەنلىكىمىزدىن چەكسىز خۇشالمىز، بىز شياۋمىدەك بۇنداق خەلقئارالاشقان پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ نوكىيا ھوقۇق بەرگەن كارخانىلار ئائىلىسىگە كىرىشىنى قارشى ئېلىپلا قالماي، ئۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىستىراتېگىيەلىك تۈرلەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
شۇ كۈنى ئىمزالانغان سودا ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، نوكىيا ئىنتېرنېت مۇلازىمەت كارخانىسى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئېھتىياجلىق يۇقىرى ئىقتىدار تۆۋەن قۇۋۋەتلىك تور ئۇل مۇئەسسەسە ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نوكىيا بىلەن شىياۋمى ھەمكارلىشىپ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئارا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش تېخنىكىسى، نوكىيا يېڭىدىن ئېلان قىلغان FP4 تور بىر تەرەپ قىلغۇچ ئاساسىدىكى IP روتېر تېخنىكىسى ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى تورىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ يەنە IOT ،VR ،AR ۋە AI قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشى مۇمكىن.

بۈگۈنگە قەدەر شياۋمى دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى. شياۋمى ئەقلىيفودىن باشقا، يەنە دۇنياغا داڭلىق IoT كارخانىسى بولۇپ، شياۋمى IoT سۇپىسى ئاساسىدىكى تورغا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىشى 60 مىليون دانىدىن ئېشىپ، كۈندىلىك ئاكتىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانىمۇ سەككىز مىليوندىن ئاشتى.
شياۋمى شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈن مۇنداق دېدى: «شياۋمى شىركىتى دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن بەھرىمان قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم نوكىيا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن بەكلا ھاياجانلاندۇق. شياۋمى خەلقئارادىكى پەن-تېخنىكا سەركىلىرى بىلەن ئىمكانىيەتلىك ئۇزۇن مەزگىللىك ھامكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئىنتىلىدۇ. نوكىيا يۇقىرى ئىقتىدارلىق كەڭ كۆلەملىك تور جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، يەنە تېخى ئىنتايىن كۈچلۈك يۇمشاق دېتال ئىشلەش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق شياۋمى شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى شياۋمى مەستانىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

21ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
ablizmansur ۋاقتى: 2017-7-5 23:35:49
بايام نۇر تورىدا كۆرگەنتىم، بىردەمدە ئالىپقا چىقىپ بوپتۇ!

گىلەم
XaTuR007 ۋاقتى: 2017-7-6 01:01:35
دوسلار مۇشۇ  شاۋمىنىڭ Miui 9سېستىمىغا قاچان يېڭلىنىدىغانلىقى توغرۇسىدا خەۋەر بارمۇ
ئورۇندۇق
زومىگەر ۋاقتى: 2017-7-6 02:08:34
نوكىيا سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىققاندەك بولدىدە
5-قەۋەت
opa ۋاقتى: 2017-7-6 07:46:27
ھەمكارلاشقىنى  ياخشى  بوپتۇ  
6-قەۋەت
13xahruh ۋاقتى: 2017-7-6 09:11:43
ياخشىغۇ
7-قەۋەت
kibar ۋاقتى: 2017-7-6 12:23:18
ياخشى باشلنىش
8-قەۋەت
kilimat ۋاقتى: 2017-7-6 12:24:17
XaTuR007 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-6 01:01
دوسلار مۇشۇ  شاۋم ...


http://www.miui.com/thread-8895635-1-1.html
9-قەۋەت
تادان ۋاقتى: 2017-7-6 12:51:26
شۇنىڭ بىلەن شىياۋمىنىڭ تېلفونلىرى تىخىمۇ ياخشىلىنىپ كىتىشى مۇمكىن، نوكىيا تېلفون ساھەسىدە باشلامچى بولۇپ ئۇزۇن دەۋىر سۇرگەن نۇرغۇن پاتىنتى بار، شىياۋمى بۇ پاتىنىتلارغا ئىرىشسە  تىخىمۇ سۇپەتلىك تېلفۇنلارنى ياساپ بازار ئىگەللىشى مۇمكىن. نوكىيامۇ بۇنىڭدىن خىلى كۆپ پاتىنىت ئۆتۇنۇپ بىرىش ھەققىگە ئىرىشىدۇ ئەلۋەتتە....
10-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-6 13:21:55
شىياۋمى شىركىتى ئوپپو بىلەن ۋىۋودەك ئىلانغا تايىنىپ نام چىقىرىشنى خالىمايدۇ،ئەمەلىي تېخنىكىسى ئارقىلىق بازار ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ،بۇ قېتىم ياڭاق چاقالايدىغان نوكىيا بىلەن ھەمكارلاشقىنى تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ
11-قەۋەت
appchi ۋاقتى: 2017-7-6 15:10:05
ۋاھ   ھەجەپ  ياخشى ، غەيرەت قىل شىياۋمى
12-قەۋەت
دۇردان ۋاقتى: 2017-7-6 15:21:37
ئوغۇل بالىدەك گەپ قىپسىز  قوللايمەن
13-قەۋەت
15599989860 ۋاقتى: 2017-7-6 16:16:34
nafritim يوللىغان ۋاقتى  2017-7-6 13:21
شىياۋمى شىركىتى  ...

شۇ شۇ  دىگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا
14-قەۋەت
1473232480 ۋاقتى: 2017-7-6 17:10:37
ياخشى  بوپتۇ  دۆلىتىمىز  يانفۇنلىرىمۇ  ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى  جارى قىلدۇرالايدۇ
15-قەۋەت
qeqnus ۋاقتى: 2017-7-6 20:28:40
شىياۋمى ئالماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ ؟
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部