+تېما يوللاش
adilxa يوللانغان ۋاقتى:2013-5-24 01:12 4914 قېتىم كۆرۈلدى 17 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ئالىپاي ھېساباتى يوقلۇق سەۋەبىدىن ئاقچاتۇللۇقلاشتا قىينىلىپ  ئۇيغۇرچە روم ياكى باشقا ئاقچىلىق ئەپلەرنى چۈشۈرەلمەيۋاتقان دوسلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بايقىدىم  .شۇڭا ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئۆزۈمنىڭ بىلدىغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم . خاتا كەتكەن يەرلەرنى ئۇستىلارنىڭ تۈزۈتۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەمىسە باشلاي ؛ ئالىپاي يەنى (支付宝) بولسا تورسودىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەم شۇنداقلا ئىشلىتىش ئاددىي بىخەتەر بولغان تور بانكا سېستىمىسى بولۇپ بۈگۈنكىدەك تور تەرەققى قىلۋاتقان ۋاقىتتا تور بانكىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگۈنۋېلىش ھەربىر كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن مۇھىم بىلىملەرنىڭ بىرسى.
1-قەدەم  :   ئاۋال ماۋۇ ئادىرىسقاwww.alipay.comكىر ىپ ھەقسىز تىزىملىتىش دىگەننى بېسىپ تىزىملىتىشنى باشلايسىز  . ھەقسىزتىزىملىتىش دىگەننى باسسىڭىز يەنەبىربەت ئېچىلدۇ رەسىمدىكىدەك بىرىنچى قۇرغا يانفۇن ياكى دائىم مۇقۇم ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادىرسىنى تولدۇرسىز بۇبەك مۇھىم جۇمۇ  ئىككىنچى قۇرغا تەستىق ھەرىپلىرىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملىسىڭىز ئېلخەت ئادىرسىڭىزغا بىر ئۇچۇر ئەۋەتىلدۇ بۇ چاغدا ئېلخەتنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك داۋاملاشتۇرۇشنى باسسىڭىز يەنەبىربەت ئالمىشىدۇ بۇنىڭدىن 1- تىزىملىتىپ كىرىش مەخپىي نۇمۇرى 2- تىزىملىتىپ كىرىش مەخپىي نۇمۇرى تەكرار 3- پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرى 4- پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرى تەكرار   دىققەت!دىققەت! دىققەت! تىزىملىتىپ كىرىش مەخپىي نۇمۇرى بىلەن پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرى ئوخشاش بولمىسۇن پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ ئامال بارمۇرەككەپراق سېلىڭ  تىزىملىتىپ كىرىش مەخپىي نۇمۇرى ئانچە مۇرەككەپ بوپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
5-بىخەتەرلىك سۇئالى تاللانمىسى 6- تاللىغان سۇئالىڭىزغا جاۋاب يېزىش (يەنى دادىڭىزنىڭ ئىسمى دىگەننى تاللىغان بولسىڭىز 6- ئورۇنغا دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى يازسىز) بۇ كېيىن مەخپىي نۇمۇرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەسقاتىدۇ.
7-ھەقىقى ئىسىم 8- كىملىك نۇمۇرى چۇقۇم توغرا بولسۇن  9- كەسپىڭىز   10- ئادىرىس 11- تەپسىلىي ئادرىس  
ئەڭ ئاخىرىدىكى 选填内容 دىگەننى بېسىپ كىملىكنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. تامام  ئالىپاي ھېساباتىغا تىزىملىتىش مۇشۇيەردە ئاخىرلىشىدۇ.
كۆرۈنگەن بەتتىن 进入支付宝نى بېسىپ ئالىپاي ھېساباتىڭىزغا كىرەلەيسىز ئەمدىكى ئىش ئالىپايغا قىممەت تۇللۇقلاشتا قالدى ھەراس باش رەسىمىڭىزنى تەڭشىۋېلىڭ  .
قىممەت تۇللۇقلاش ئۈچۈن چۇقۇم بانكا كارتىڭىزنىڭ توربانكاكەسپىنى ئاچتۇرسىز  بانكا خادىمى پۈتۈن رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرپ  سىزگەبىرتال يۈدىم (پۇل يۆتكەش ياردەمچىسى)  بىرىدۇ .مۇشۇ نەرسەئارقىلىق خالىغان تورباركومپىيۇتېردا يۈدىمنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسنى قاچىلاپ نورمال تۇنۇتسىڭىزلا توردا پۇل يۆتكىيەلەيسىز.  
توربانكا كەسپىنى ئاچتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ ؟يۈدىمنى نورمال تۇنۇتۇپ بولغانسىز ؟ ئەمدى ئالىپايغا قىممەت تۇللۇقلاشنى باشلايلى .مىنىڭ ئىشلەتكىنىم يېزائىگىلىك بانكاكارتىسى  لىكىن باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ چوڭ پەرق يوق .
ئالىپاي ھساباتىنىڭ بېتىگەقارىسىڭىز 充值   يەنى قىممەت تۇللۇقلاش دىگەن كۆزنەكنى كۆرۈسىز باسسىڭىز  نۇرغۇن بانكىنىڭ بەلگىلىرى چىقىدۇ ئوبدانراق قاراڭ 快键支付 گۇرۇپپىلىرىدىكى بانكىنى تاللىمايسىز  网上银行 گۇرۇپپىسىدىكى بانكىلاردىن ئۆزىڭىز كەسىپ ئاچقان بانكىنى تاللايسىز  ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىز تۇللۇقلىماقچى  بولغان سوممىنى كىرگۈزۈدىغان ئورۇن چىقىدۇ تۇللۇقلىماقچى بولغان پۇل سانىنى كىرگۈزۈپ مەسلەن (100ياكى 200 دىگەندەك )  同意دىگەن خەتنىڭ ئالدىغا بەلگە قۇيۋېتىپ 确认开通并充值نى باسسىڭىز بانكىنىڭ پۇل يۆتكەش سۇپىسىغا كىرىدۇ مەن باشقا بانكىنىڭ كارتىسىدا پۇل يۆتكەپ باقمىغاچقا يېزائىگلىكنىڭكىنى مىسال قىلاي مىنىڭچە باشقىلىرىمۇ بەك پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ  
پۇل يۆتكەش سۇپىسنىڭ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىچە   يۈدىمنىڭ قوزغاتقۇچلىرى نورمال قاچىلنىپ توغراچېتىلغان بولسا ئاۋۇ رامكىدا يۈدىمنىڭ نۇمۇرى كۆرۈندۇ   كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىز  يەنەبىر بەت ئالمىشىدۇ بۇچاغدا بايقى رامكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى باسسىڭىز مۇشۇيۈدىمگەباغلانغان بانكاكارتىسىنىڭ نۇمۇرى كۆرۈندۇ
شۇنى تاللاپ توربانكا كەسپىنى بىجىرگەندە ئورناتقان مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ كىيىنكى قەدەمنى باسسسىڭىز يەنەبىر مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈدىغان ئورۇن چىقىدۇ  بۇيەرگە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغاندا ئىشلىتىدىغان مەخپىي نۇمۇرنى مائۇس ئارقىلىق كىرگۈزىسىز ئاندىن كېيىنكى قەدەمنى باسسىڭىز يەنە ئالدىنقى قېتىمقى مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزگەن كۆزنەك چىقىدۇ بۇيەرگە ئالدىنقى قېتىم سالغان توربانكا ھېساباتىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملىسىڭىزيۈدىم (يەنى  پۇل يۆتكەش ياردەمچىسى) لىپىلداپ يانىدۇ سىز يۈدىمنىڭ ئۈستىدىكى ok كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كىرگۈزگەن مەخپىي نۇمۇرلاردا خاتالىق بولمىسىلا ئالىپاي ھېساباتىڭىزغا پۇل يۆتكەلدى دىگەن گەپ.  تامام
ئەمدىكى مەسلە باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا قانداق پۇل ئۇرۇپ بىرىش ؟ ئالىپاي باش بېتىگە كىرسىڭىز سىز تۇللۇقلىغان پۇل كۆرۈندۇ رەسىمدىكىدەك بەتنىڭ سول تەرىپىدىكى 我的应用  تىزىملىكىنىڭ 1- قۇردىكىسى يەنى 转账付款 نى باسسڭىز يەنەبىربەت ئېچىلدۇ رەسىمدىكىدەك كۆرسىتىلگەن ئورۇننى باسسىڭىز يېڭى بەت ئالمىشىدۇ  رەسىمدىكىدەك 1 1  
1- كۆزنەككە پۇل تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ ھېسابات ئادىرسىنى 2- كۆزنەككە پۇل سانىنى 3- كۆزنەككە قانداق يازسا بولىدۇ 4-كۆزنەككە تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ كېيىنكى قەدەمنى باسسڭىز يېڭى بەت ئېچىلدۇ  بۇنىڭدىن ئاستىغىراق قارىسىڭىز تەستىق ھەرىپىنى كىرگۈزۈدىغان كۆزنەك بار تەستىق ھەرىپىنى توغراكىرگۈزۈپ 确认信息并付款 نى باسسڭىز بەت ئالمىشىپ  ئالىپاينىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرىنى كىرگۈزۈدىغان ئورۇن چىقىدۇ  دەرسىمىزنىڭ بېشىدا توختالغان ئالىپايغا تىزىملىتىپ كىرىش ۋە پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرى ئېسىڭىزدە بادۇھە ! ھە شۇيەردە ئورناتقان پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملىسىڭىز قارشى تەرەپكە مۇۋاپىقىيەتلىك پۇل  ئۇرۇپ بەردىڭىز دىگەن گەپ دەرسلىك مۇشۇيەردە تۈگدى چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ  كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇم 18040701839 يەنە بىرسى 754167989  قۇلۇمدىن كېلىشچە ياردەمدە بولىمەن چالا قالغان يەرلەرنى مۇنبەردىكى ئۇستازلار تۇللۇقلىۋېتەرسىلەر

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
بالاساغۇن + 50 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش24 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن3 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
تور دۇكىنىمىز dawer.taobao.com

17ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
507625464 ۋاقتى: 2013-12-24 18:34:17
مانا ھەممىسى بۇ يەردە، ئالپايغا قانداق تىزىملىتىش ، قانداق كارتا باغلاش، قايسى ئۇسۇلدا پۇل يۆتكەش
http://tawarim.com/index.php?act=article&ac_id=2
تۆر
tvman ۋاقتى: 2013-5-24 11:04:15
ئەجەپ ياخشى بولدى . ئەمدى مەنمۇ ئاقچىلىق نەرسىلەرنى سىتىۋالالايدىغان بولدۇم . مىنىڭ كارتاممۇ يېزا ئېگىلىك بانكىسىنىڭكىتى ئەمدى ھەركەتنى باشلىۋىتەي ... رەھمەت جاپا چىكىپسىز
گىلەم
پالگان ۋاقتى: 2013-5-24 12:02:45
رەخمەت ھە ، مەنمۇ بىرنى تىزىملىتالماي تۇراتتىم ، ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز来自: Android客户端
ئورۇندۇق
acer1 ۋاقتى: 2013-5-24 15:31:00
مەنمۇ  تىزىملىتالماي تۇراتتىم ، ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز
5-قەۋەت
uqkun77 ۋاقتى: 2013-5-24 20:45:56
تىما ناھايتى تەپسىلى يىزىلىپتۇ.
مەن ھەممە تور بانكىلىرىغا تىزىملىتىپ بولغان لىكىن paypal غا پۇل يۆتكەپ سىناپ باقاي دىسەم پەقەت قىلالمىدىم، ئەگەر بۇ جەھەتتە بىلىمىڭىز بولسا ئايىمىغايسىز.
ئەسلىدە قىززىقىپلا تىزىملىتىپ  قويغان ئىدىم لىكىن ئالدىنقى يىلى Win8 نى سىتىۋالغاندا بەك قىينىلىپ ئاخىرى باشقىلاردىن قىممەت ئالدىم.
6-قەۋەت
marhulan621 ۋاقتى: 2013-5-27 01:24:43
بەك ياخشى بوپتۇ . قايسى كۈنى روم ئالاي دىسەم ئاقچام يوق بەك قىينالغان ئىدىم.
7-قەۋەت
abdull35 ۋاقتى: 2013-6-15 13:04:50
ياخشىى تىما رەىمەت
8-قەۋەت
13309954400 ۋاقتى: 2013-7-3 17:31:22
يۇدىم بولمىسابولمامدا
9-قەۋەت
adilxa ۋاقتى: 2013-7-4 01:07:57
13309954400 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-3 17:31
يۇدىم بولمىسابولمامدا

ياق بولمايدۇ
10-قەۋەت
eysajan ۋاقتى: 2013-7-21 19:54:17
ئاللاھ ئىگەم قولىڭىز غا دەت بەرمىسۇن.. رەھمەت سىز گە
11-قەۋەت
alshah ۋاقتى: 2013-12-24 01:14:06
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم. مەن سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتەتتىم، ئالىپايغا پۇل قاچىلىغاندا يۈدىم نى چاتمىساممۇ باسساملا قاچىلىنىپ كېتىىدۇ. بانكىغا بېېىپ سۈرۈشتۈرسەم بەكلا مۈجمەل جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن يا تور بانكامغا كۆپ پۇل ساقلىيالمايمەن، يا كارتامغا كۆپ پۇل ساقلىيالمايمەن. بۇ نورمال ئىشمۇ ياكى....
12-قەۋەت
adilxa ۋاقتى: 2013-12-24 01:34:50
نورمال ئەھۋال بانكا كارتىڭىزبىلەن ئالىپاي ھېساباتىڭىز بىۋاستەباغلىۋېتىلگەن ئەھۋالدا يۈدىم بولمىسىمۇنورمال پۇل چىقىم قىلغىلى بولىدۇ بۇنى باغلاش ئۈچۈن ئالىپايىنىڭ بىخەتەرلىك قىستۇرمىسنى قاچىلاپ (مەخسۇس مۇشۇئىقتىدارغائىشلەيدىغان قىستۇرمىسى)بولغاندىن كېيىن تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزدىغان كۆزنەك بار تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز سىزگەبىرتەستى نۇمۇرى ئەۋەتىدۇ كەلگەن نۇمۇرنى تىگىشلىك جايغاكىرگۈزۈپ مۇقۇملىۋەتسىڭىزكارتابىلەن ئالىپاي بىۋاستە باغلىندۇ يۈدىم بومىسىمۇنورمال پۇل چىقىم قىلالايسىزقارىغانداسىز بۇئىقتدارنى ئېچىپ بوپسىز ئەنسىرمەڭ بۇتخىمۇ قولايلىق بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ تېلفۇندا ئالىپاي ئاچىدىغان ئىش بولسا سىزما قۇلۇپىنى پۇختىراق سېلىڭ چۈنكى تېلفۇن نۇسقىسىدا ئالىپاي ئېچىلسىلا پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نۇمۇرىنى سالمىسىمۇ بىۋاستەكارتىدىن پۇل چىقىم قىلۋېتىدۇ تېلفۇن دىگەننى باللىرىمىز ئەل-ئاغىينىىرىمىز ئالمايدۇ دەپ ئېيتالمايمز بىلىپ بىلمەي پۇل چىقىم قىلمايدىغان يەگەقىلۋەتمىسۇن مۇشۇيەرگەدىققەت قىلسىڭىز باشقايەرلىرى بىخەتەردىيىشكەبولىدۇ .
13-قەۋەت
aslap_sini ۋاقتى: 2013-12-24 17:47:01
قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن
15-قەۋەت
trkn ۋاقتى: 2014-3-4 20:00:35
رەھمەت دۇسلار مەن پەقەت قىلالمايۋاتىمەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部