+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-7-17 10:39 2760 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش


خۇاۋېي Huawei
خۇاۋېينىڭ قۇرغۇچىسى، باش دىرېكتورى 任正非 (رېن جېڭ فېي) ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان. خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 1987-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ چاغلاردا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى بازىرىنى چەتئەللىكلەر مونۇپۇل قىلىۋالغان، جۇڭگودىكى ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا خۇاۋېي ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆزىگە شۇئار قىلغان. خۇاۋېينى قۇرغۇچىلار تامغا «心系中华,有所作为» دېگەن شۇئارنى چاپلىغان، بۇ سۆزدىن 华为 دېگەن ئىسىم شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا ئۈچۈن دېگەن مەنىدە. كېيىن شىركەت ئىچكى قىسىمىدا ئامېرىكىلىقلار بۇ ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن شۇڭا ئۆزگەرتىش كېرەك دەيدىغان قاراشلار بولغان. ئەمما ئامېرىكا خۇاۋېينى جازالاشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئىسىمنى ئۆزگەرتمەي ئامېرىكىلىقلارغا Huawei نى ئوقۇشنى ئۆگىتىشنى قارار قىلغان.



شىياۋمى MI
شىياۋمى Mobile Internet نىڭ قىسقارتىلمىسى. شىياۋمىنىڭ لىدىرى لېي جۈن شىياۋمىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى جىن شەن يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىدى. ئۇ كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ ئىستىقبالىنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن.
ئېنگىلىزچە Mobile Internet نىڭ مەنىسى كۆچمە ئىنتېرنېت دىگەنلىك. بۇنىڭ قىسقارتىلمىسى MI ؛ خەنزۇچە شىياۋمى دەپ ئوقۇيدۇ. (ئۇيغۇرچىغا خەت بويچە تەرجىمە قىلىۋالغان گۈرۈچ، تېرىق، كىچىك گۈرۈچ ... بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق)



vivo
vivo قەدىمكى لاتىن تىلىدىن كەلگەن. ئىمپېراتور قەيسەر زامانىسىدا پۇقرالار قەھرىمانلارغا ھۈرمەت بىلدۈرۈپ گۈللەرنى چېچىپ «ۋېيۋور» (帷幄尔) دەپ ئالقىش ياڭراتقان. vivo شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ۋېيۋو دەپ ئوقۇلىدۇ. قەھرىمان، غايىسىنى ئىزدەش دېگەندەك مەنىسى بار.



OPPO
OPPO گۇاڭدوڭ 欧珀 كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى ماركا. 欧珀 نىڭ ئوقۇلىشى 欧泊 يەنى ئوپال. ئوپال بىر خىل ياقۇت؛ ئىنتايىن گۈزەل، بىباھا كۆك ياقۇتنىڭ بىر خىلى. شۇڭا OPPO نى ماركا قىلغان. ئىنتايىن گۈزەل دېگەن مەنىدە.



MEIZU
مېيزۇ دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق يانفون كارخانىسى، گۇاڭدوڭ جۇخەي شەھرىگە جايلاشقان. مېيزۇ يانفوننىڭ لايھىسى نەپىس، لاتاپەتلىك.
مېيزۇ دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە ئېنىق خاتىرە يوق. ئەمما ، 2000-يىللىرى دەۋىر سۈرگەن داڭلىق ئويۇن 星际争霸 (يۇلتۇزلار ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش) دا 虫族、人族、魅族、神族 (قۇرتلار، ئىنسانلار، سېھرىگەرلەر، روھلار)  دەيدىغان ھەر خىل تائىپىلەر بار. مېيزۇ دېگەن ئىسىم شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان قاراشلار بار.
魅族 سېھرىي كۈچكە ئىگە، جەلپ قىلارلىق دېگەن مەنىدە. ئەمەلىيەتتىمۇ مېيزۇ يانفونلىرىنىڭ سىرتقى لايىھەسى ۋە فىلەيمى سىستېمىسى ھەقىقەتەن جەلپ قىلارلىق، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

10ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
yusupjan133 ۋاقتى: 2017-7-17 11:27:41
ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن دە
گىلەم
ablizmansur ۋاقتى: 2017-7-17 13:25:14
ياخشى تېما ئېلىپ كەپسىز قېرىندىشىم، يارايسىز!
ئورۇندۇق
hakisa ۋاقتى: 2017-7-17 15:49:32
خۇۋاۋېي  شاۋمى  ۋىۋو   قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ئۆزىگە لايىق قۇيۇلغاندەك بىلىندى بۇلۇپمۇ خۇۋاۋېي نىڭ
5-قەۋەت
بىلگار ۋاقتى: 2017-7-17 15:58:56
مېيزۇنىڭ ئورگان ئۇسلۇب بازىرىدىكى-  كىلاسسىك ئۇسلۇبى 主题 (قۇلۇپ يىشش خېتى ئۇيغۇرچە)
مېيزۇ ئىشلىتىۋاتقانلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ
6-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2017-7-17 18:32:53
ئوپپونى ئوپال دېسەك بولىدىكەندە.
7-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-18 10:41:24
مەن تېخى ئوپپو بىلەن ۋىۋونى بۇبۇگاۋ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەپ يۈرسەم ئۇنداق ئەمەسكەندە
8-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-18 10:44:58
دۆلىتىمىزنىڭ ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى،جۈملىدىن يانفون ياساش سانائىتى كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز،دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ دۇنيانىڭ ئالدى بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
9-قەۋەت
aLMaS31 ۋاقتى: 2017-7-18 15:43:00
nafritim يوللىغان ۋاقتى  2017-7-18 10:41
مەن تېخى ئوپپو بى ...

خاتالاشمىدىڭىز بۇلا بۇبۇگاۋنىڭ بالا شىركەتلىرى
10-قەۋەت
tanha52014 ۋاقتى: 2017-7-18 15:59:06
غەيرەت قىلىڭ ئاداش ماڭا تورئادىرسىنى ئەۋەتىپ بىرىڭلارچۇ ماڭا لازىم بولغان خاپا بولماي
11-قەۋەت
nafritim ۋاقتى: 2017-7-18 20:30:19
aLMaS31 يوللىغان ۋاقتى  2017-7-18 15:43
خاتالاشمىدىڭىز بۇلا بۇبۇگاۋنىڭ بالا شىركەتلىرى

ھە ئۇنداقتا پەرىزىم توغرىكەن،بۇرۇن بۇبۇگاۋنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىدى،ما تىمىنى كۆرۈپ بۇ ئىككىسىنى بۇبۇگاۋدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا شىركەت بولۇۋالدىمىكى دەپ قاپتىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部