+تېما يوللاش
koltekin يوللانغان ۋاقتى:2016-11-17 15:44 3159 قېتىم كۆرۈلدى 35 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
31-قەۋەت
taxqi ۋاقتى: 2016-11-21 11:11:43
koltekin يوللىغان ۋاقتى  2016-11-20 15:29
قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشىنى تەكشۈرۈش سۇپىسى  ...

پەقەت بىرلا ماشىنا تەكشۈر گىلى بۇلدىكەنغۇ خالىغان ماشىنىنى تەكشۈر گىلى بۇلىدىغان قىلساڭلار بۇلمامدۇ
32-قەۋەت
13565655535 ۋاقتى: 2016-11-26 01:45:49
رەھمەت ناھايىتى ياخشى قىلىپسىلەر.
33-قەۋەت
18699186701 ۋاقتى: 2016-12-9 23:03:17
كاتتا
34-قەۋەت
13565037347 ۋاقتى: 2016-12-17 18:02:28
koltekin يوللىغان ۋاقتى  2016-11-17 17:42
بىز باشقىلاردەك ئادام قۇشۇش ئۈچۈن يالغان ياۋداق نەرس ...

رەھمەت سىلەرگە
35-قەۋەت
تايچاق ۋاقتى: 2017-1-21 12:24:33
نەچچە كۈن بولدى ،،،،،ماشىنىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولمىدى
36-قەۋەت
koltekin ۋاقتى: 2017-8-24 19:13:55
بۈگۈنكى يادىمىزدا مۇددەتكە بۆلۈپ قەرزگە ماشىنا سېتىۋېلىش بىلەن ھەممە پۇلنى بىراقلا بېرىپ ماشىنا سېتىۋېلىشنىڭ پەرقى ۋە تەرتىپلىرى ھەققىدە قىسقىچە قىلىپ توختىلىمىز :

ئالدى بىلەن بىز ماشىنىنى سېتىۋالغان ھەممە پۇلنى باشتا بىراقلا بېرىپ  ماشىنا سېتىلىشنى چۈشىنىپ باقايلى .
ھەممە پۇلنى ماشىنا سېتىۋالغان بىراقلا بېرىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇيلايدىغىنى بولسا ، قەرز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋېلىشنىڭ شەرتى بەك كۆپ ، يەنە نۇرغۇن ئۆسۈم چىقىدۇ ، ھەممە پۇلنى باشتا بەرسەك ئارتۇقچە شەرتلەر ۋە مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر يوق ، ئۆسۈم تۆلەش ھاجەتسىز ،ئەرزان توختايدۇ دەپ ئويلاپ ،ئاخىرىدا تۇرمۇشتا ئاۋايلاپ قىسىپ  خىراجەت قىلىپ يىغقان پۇلىغا سېتىۋالىدۇ . قىممەترەك ياخشى ماشىنىلارنى سىتىۋالاي دېسە يېنىدىكى نەق  پۇل يەتمەيدۇ ، شۇڭا ئات تاپقىچە ئېشەك مىن دەيدىغانلار ۋە قەرز قىلىشنى خالىمايدىغانلار نەق پۇلغا سېتىۋالىدۇ .
لېكىن ھازىر ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئادىتى ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولۇپ ، نۇرغۇن ئادەملەر قەرز ئېلىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى تاللاشقا باشلىدى ،ئاپتوموبىل كارخانچىلىرىمۇ  پايدىلىق پۇل -مۇئامىلە سىياسىتى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى . يەنە بەزى كىشىلەر يېنىدىكى نەق پۇلغا باشقا تىجارەت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىپ ماشىنا قەرزىنى پۇل تېپىپ قايتۇرىدۇ .
ئەمدى مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز قىلىپ ماشىنا سېتىلىشنى چۈشىنىپ باقايلى .
بۇ مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز قىلىپماشىناسېتىۋىلىپ  ئىشلەتسىڭىز پۇلنى ئالدىن غەجلىگەن بولىسىز، يېنىڭىزدا كۆپ پۇل بولمىسىمۇ ياخشى ماشىنىلارنى سېتىۋالالايسىز .
مۇددەتكە بۆلۈپ قەرزگە ماشىنا سىتىلىۋىلىش ئۈچۈن،  بانكىغا ئاپتوموبىل قەرزى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلتىماسى، ئىناۋەت تەكشۈرۈش جەدۋىلى ،كىملىك  قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ، رەسمىيەت ھەققى قاتارلىقلارنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ ، كىيىن بانكا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالايدۇ، كېپىللىك توختىمى ، قەرز پۇلى توختىمى قاتارلىقلار.ئۇنىڭدىن كىيىن ئالدىن پىرسەنت بۇيىچە ماشىنىنىڭ پۇلىنى تاپشۇردۇ (ھازىر بەزى شىركەتلەر ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىمۇ قەرز قىلىدۇ) ھەم قەرز قايتۇرىدىغان بانكا كارتا نومۇرى ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرىدۇ .
100 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىنى مىسال قىلساق ، ئالدىن 30% سەنت تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ ،يۇقىرىدا دېگەندەك بەزى شىركەتلەر بۇ پۇلنىمۇ قەرز قىلىدۇ، ئالدىن رەسمىيەت ھەققىنى تۆلەپلە ئېلىپ كىتەلەيسىز دېگەن گەپ .بارلىق ھەقلەر تاپشۇرلۇپ بولغاندىن كىين بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە سىز قەرز قىلىپ سېتىۋالغان ماشىنىغا پۈتۈن تۇلۇق سۇغۇرتا سېتىۋالىسىز، كىيىن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاز كىنىشكىسى ،سودا سۇغۇرتىسى قوشۇمچە نۇسخىسى ، باكىنىڭ رەنە، ئاندىن نومۇر تاختىسى بېجىرىش ئۈچۈن 500 يۈەن ، جى پى ئېس ئورنىتىش ئۈچۈن  بىر ئىككى مىڭ سوم تاپشۇرسىڭىز  ھەممە ئىشلار تۈگەپ بانكا قەرزى بىر ئىككى كۈندىلا چۈشىدى ، بەزى چاغدا شۇ كۈندىلا چۈشىدۇ شۇنىڭ بىلەن ماشىنا سىزنىڭ بولىدۇ، ئاندىن ھەر ئايدا بېكىتىپ بەرگەن ۋاقىت ئىچىدە پۇلنى ئۇرۇپ تۇرىسىز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە جى پى ئېس ماشىنىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ماشىنا نەدە بولسا شۇ يەردە ئاپتوماتىك قۇلىپلىنىدۇ ، ئاندىن يا پۇلنى تاپشۇرسىڭىز ماشىنىنى بىرىدۇ ياكى بەزىلەر ماشىنىنى ئېلىپ كېتىدۇ ، ئاندىن سوتقىمۇ چۈشۈشىڭىز مۇمكىن .
ئاپتوموبىل قولىڭىزغا تەگكەندە خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، ماشىنا سىزنىڭ بولىدۇ ، ئەمما ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ھەرئايلىق قايتۇرىدىغان قەرزى بولىدۇ ، ئۈ يىللىق قەرز بۇيىچە تۆۋەن ھېسابلىغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىنى ھەر ئايدا 2100 يۈەن ئەتراپىدا قايتۇرىسىز، 2100+36=117100 بولىدۇ .(بۇ تۆۋەن ھىسابلىغىنى، بەزى شىركەتلىنىڭ يۇقىرى چىقىدۇ ).
بۇ يەنە بىر ھېسابتا ياخشى ئىش يۇقىرىدا بىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئادەتتىكىدەك ماشىنىلارنى ھەيدىگۈسى كەلمەي قىممەت ياخشى ماشىنىلارنى قەرز قىلىپ سېتىۋېلىپ ياكى يۈز ئابرۇي قوغلىشىپ سىتىۋالدىغانلار يوق ئەمەس . بۇ يۇقىرىقىدەك قەرز قىلىپ ماشىنا ستىۋالدىغانلارغا ماس كېلىدۇ .
لېكىن قەرز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋىلىشتىمۇ نۇرغۇن تۇزاقلار بار ، بەزى قارانىيەت  كىشىلەر ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ  ئۆزىگە كېلىدىغان كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن سىزگە ئالمىسىمۇ بولىدىغان بەزى سۇغۇرتىلارنى مەجبۇرىي تاڭىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى ھېسابلايدۇ ،ئۇنى بۇنى باھانە قىلىپ سىزدىن بىرمۇنچە پۇللارنى يۇلىۋالىدۇ .
يېقىندا يەنە بەزى ئىشلار ئەتراپىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ ، مەسىلەن 100 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىلارنى سېتىۋالسىڭىز 50 مىڭ يۈەن تاپشۇرسىڭىز شىركەت 50 مىڭ يۈەننى تۆلەيدۇ ، كىيىن يەنە 50 مىڭ يۈەن پۇلىڭىز قايتىدۇ دېگەندەك ،بۇنداقلارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەك ، بىر دەردى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا دەپ ، پەردە ئارقىسىدا زور قىلتاق يوشۇرۇنغان . ئەقىللىكرەك بۇلۇڭلار قېرىنداشلار ، ئالدامچىلىقنىڭ بىرىنچى ۋاسىتىسى سىزگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى دەستەك قىلىدۇ ، بولمىساكىم ئالدىنىدۇ .
123
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部