+تېما يوللاش
ۋېلى زىرەككەك يوللانغان ۋاقتى:2016-8-20 17:58 5865 قېتىم كۆرۈلدى 83 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
     ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار ياخشىمۇ سىلەر ئابدۇۋەلى قەشقەرىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام !
مەقسەتكە كەلسەك مەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ «بىللە ئۆگىنەيلى !»سەھىپىسى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزۈم بىلگەن بىرقىسىم دەرسلىكلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن .بۇ دەرسلەردىن پۇل ئېلىنمايدۇ (يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتسەكلا كۇپايە،قالغىنى ئىگىسى ئۆزى بىرەر).بۇنىڭدا دەسلەپتە ئۆتۈشنى پىلانلىغان دەرسلەر بولسا تۆۋەندىكىچە(ئەمەلىيەت ھەم نەزەرىيە) :
1.ئاساسىي تاختا رېمونت قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىش
2.ئېكران رېمونت قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىش
3.كۆرسەتكۈچ كارتا ،قاتتىق دىسكا رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىش .
4.تېلېفون رېمونت قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىش
5.سىستېما ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش (ئايرىم-ئايرىم) .
قالغان دەرسلەرنى سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار بويىچە مەن بىلسەملا چوقۇم ئۆتۈش ئارزۇيۇم بار .دەرس ھەپتىدە بىر يوللىنىدۇ ،ئەستايىدىل ئۆگەنگەن ئادەم سانى 300 دىن ئېشىپ قالسا 5كۈندە بىر سائەت ئۆتىلىدۇ (خىزمەت ئالدىراش ئەمەسمۇ شۇڭا...) .دەرستە خاتا كەتكەن ۋە كەم قالغان يەرلەر بولسا كەڭ دوستلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ۋە كەم يەرلىرىنى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ تولۇقلاپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .دەرسلىكلەرنى مېنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئاساستا خالىغان تورغا ياكى سالونغا چىقارساڭلار بولۇۋېرىدۇ .ھە راست مەن رېمونتچىلىق كەسپىدە بولمىغاچ ئادەتتە ئەمەلىي مەشغۇلاتنى خەنزۇچە سىنلاردىن ئىلىشقا مەجبۇرمەن ،ئىمكان بولسا قەشقەردىكى رېمونتچى ئۇستاملار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە ئۇلارنىڭ بۇ دەرسلىكتىكى ئەمەلىيەتنى ئۆز قولى بىلەن قىلىپ ئۇيغۇرچە سىنلىق دەرسنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .مىنىڭ كوت-كوت نومۇرۇم :727374402
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئاساسىي تاختا رېمونت قىلىشنى پىششىق ئۆگىنىش
1-باب ئاساسىي تاختا توغرىسىدا دەسلەپكى ساۋات

بۇ بابتا ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلار :
1.ئاساسىي تاختىنى تۈرگە ئايرىش
2.ئاساسىي تاختا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسلىق دېتاللىرى  
3.ئاساسىي تاختا ئۈستىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنگلىزچە بەلگىلەر توغرىسىدا
4.ئاساسىي تاختا توك يوللىرى
ئاساسىي تاختا كومپيۇتېردىكى ئەڭ چوڭ بولغان توك يولى تاختىسى بولۇپ بارلىق زاپچاسلار ئادەتتە ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مۇكەممەل بولغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزۈپ كومپيۇتېرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .ئاساسىي تاختا ئادەتتە ئىنگلىزچە Mainboard’ياكى‘Motherboard دەپ ئاتىلىدۇ .ئاساسىي تاختىنىڭ قاتتىق دېتال چېتىش ئېغىزى تۆت يەردە بولۇپ ئۇلار :1.ئاساسىي تاختا ئۇلاش ئېغىزى 2.كېڭەيتىلگەن ئوقۇر 3.cpuئوقۇرى 4.ئىچكى ساقلىغۇچ ئوقۇرىدىن ئىبارەت (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك).

1-1 ئاساسىي تاختا رېمونت قىلىشنىڭ ئۈچ باسقۇچى :
ئاساسىي تاختا رېمونت قىلىش تېخنىكا جەمشىت بىر خىل بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان تېخنىكا ئەگەر ياخشى ئۆگىنىلسە ياخشى بازار ئورنىنى ئىگىلەپلا قالماي يەنە توك يولى پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىۋالغىلى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە جانلىق ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاساسىي تاختا رېمونت قىلىش تېخنىكا ئۆگىنىش تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
1.باسقۇچ :
ئاساسىي تاختىنى تونۇيالايدىغان ۋە ئالاھىدىلىكى ۋە پارامېتىرى بويىچە تۈرگە ئارىيالايدىغان بولۇش .
ئاساسىي تاختىنى رېمونت قىلىشتا ئىشلىتىدىغان قۇراللار مولتىمېتىر توك داغمال ، موچىن ، ئەتۋىركە , ئوسسىللوگراف ۋە بىر قىسىم كونا ئاساسىي تاختا قاتارلىق ئەسۋابلار تولۇق بولۇشى كېرەك .شارائىتى يار بەرگەنلەر ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغار بولغان دولقۇن كۆرسەتكۈچ چاستوتا كۆرسەتكۈچ قاتارلىق بىرقەدەر ئىلغار سايمانلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ .ئاساسىي تاختىنى رېمونت قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاساسىي تاختىدىكى كاشىلىلارنى ۋە شۇ كاشىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ياكى قاتتىق دېتالنى تاپالايدىغان بولۇشى كېرەك ھەمدە شۇ قاتتىق دېتالنى تونۇيدىغان ۋە ئالماشتۇرالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك .ئېلېكتىر سىغىمى ، ئېلېكتر قارشىلىقى , ئۆزەك پلاستىنكا , ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا . توسمىلىق توك يولى قاتارلىقلارنى ئۆلچىيەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى بىلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .كونا ئاساسىي تاختىلاردىكى ساق بولغان قاتتىق دېتاللارغا بەلگە قويۇپ قويۇپ كىيىن شۇ قاتتىق دېتالنى قايتا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .
ئاساسىي تاختىنى رېمونت قىلىشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قورالى مولتىمېتىرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلەپ ، مولتىمېتىرنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
2.باسقۇچ:
ئاساسىي تاختىدىكى توك يولى خەرىتىلىرىنى پىششىق بىلەلىشى ۋە توكنىڭ كىرىش چىقىش يوللىرى قاتتىق دېتالنىڭ پارامېتىرلىرىنى بىلىشى كېرەك ھەمدە ئاساسىي تاختىنى خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىپ يېتىپ توك يوللىرىدىكى كاشىلىلارغا دىياگنوز قويالايدىغان بولۇشى كېرەك .
كۆپ ئۇچرايدىغان CMOS ۋە BIOS توك يوللىرى تۈزۈلۈشىنى چۈشىنەلەيدىغان كاشىلىلارنى تەكشۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .
كۇنۇپكا تاختىسى ئىگىلەپ مائۇس ئۇلاش ئېغىزى توك يولى ئېغىزى قاتارلىقلارنىڭ كاشىلىسىنى تەكشۈرەلەيدىغان ۋە ئوڭشىيالايدىغان بولۇشى كېرەك .
ئۈچىنچى باسقۇچ :
ئاساسىي تاختىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پىششىق ئىگىلەپ ئاساسىي تاختىنىڭ پارامېتىرى توك بېسىمى ئاساسى تاختىدىكى سىگنال قاتارلىقلارنى پىششىق بىلەلەيدىغان ۋە ئۆلچىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .ئاساسىي تاختىنىڭ ئادەتتىكى كاشىلىلىرىنى تىز سۈرئەتتە بىلەلەيدىغان ۋە تىز سۈرئەتتە ئوڭشىيالايدىغان بولۇشى كېرەك .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
ئوغلان132 + 3 مەن قوللايمەن
tohti887 + 2 مەن قوللايمەن مەنمۇ ق.

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش23 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن19 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ۋېلى زىرەككەك

83ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-21 20:03:37
داۋامى :
1-2-2 ئاساسىي تاختىنى قۇرۇلمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىش
ئاساسىي تاختىنى قۇرۇلمىسى بىلەن تۈرگە ئايرىغاندا AT تاختا ،ATXۋەATX Micro ھەم NLX تاختا قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
1.AT تاختا
AT تاختا چوڭ كىچىكلىكى مۇقىم تاختا بولۇپ چوڭ كىچىكلىكى in x 12in13 (in1تەخمىنەن 2.54سانتىمېتىرغا تەڭ)بولۇپ 1995-يىلى تارقىتىلغان ئۇ ئاساسىي تاختا ئۇلاش ئېغىزلىرى ئارقىمۇ-ئارقا بولۇپ ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى يوق ئىدى .كىيىن بۇ ئاساسىي تاختا بازار تەرىپىدىن شاللاندى .

2.ATXۋەATX Micro :
ATXۋەATX Micro ئىنتىل شىركىتى ئىشلەپ چىققان ئاساسىي تاختىلار بولۇپ ،ATX بولسا AT Extend قىسقارتىلمىسى بولۇپ چوڭ-كىچىكلىكى تەخمىنەن in x 9.6in12 كېلىدۇ .ATXبولسا ATنى ئۆزگەرتىپ ئايرىم-ئايرىم قاتتىق دېتاللارنى ئورنىتىشتىن ئۆزگىرىپ كېلىپ چىققان .ھەتتا بەزى ئارقىمۇ-ئارقا چېتىلغان قاتتىق دېتاللىرىنى پەقەت 90 گىرادۇس بۇراپ قويغان ،ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ ئاساسىي تاختىغا يەنە مائۇس كۇنۇپكا ئۇلايدىغان ئايرىم ئېغىز بېكىتىلگەن ،ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى بېكىتىلگەن قۇراشتۇرمىلىلىرى بۇرۇنقىدەك مۇرەككەپ سەت بولۇشتىن سىپتا پاكىز قىلىپ لاھىيەلەنگەن ھەم ھازىرقىدەك تۈزۈلۈشى ئاددىي پاكىز بولغان ئاساسىي ئاپپارات ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالغان .Micro ATX تاختا بولسا ATX مىكرو نۇسخىسى چوڭ-كىچىكلىكى in x 9.6in9.6

3.NLX تاختا
NLX بولسا Now Low Profile Extensionنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ مەنىسى يېڭى تىپتىكى كىچىكلىتىلگەن داڭلىق كومپيۇتېرغا ئىشلىتىدىغان ئاساسىي تاختا دېگەن مەنىدە .بۇ ئاساسىي تاختىنىڭ ھەممىسىگە I/O ئۇلاش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن .تاختا كارتا ۋە توك مەنبەسى بىر يەرگىلا جۇغلانغان يەنە تېخى PCI ئوقۇرمۇ بار .قاتتىق ۋە يۇمشاق دىسكا ئۇلاش ئېغىزى بار .ئالاھادىلىكى بولسا بۇنداق ئاساسىي تاختا ئىشلەتكەن كومپيۇتېرلارنىڭ ئاساسىي ئاپپاراتى باشقىلاردىن خىلىلا كىچىك چىقاتتى ھەمدە بۇ ئاساسىي تاختىنى چۇۋۇپ-قۇراشتۇرۇشمۇ ناھايىتى ئاددىي ئىدى .NLX تاختا بولسا ئادەتتە ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېرلارغىلا سەپلىنەتتى .
تەۋسىيىلەش
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-27 12:40:34
داۋامى :
1-3-2CPU ئوقۇرى
CPU ئوقۇرى بولسا ئاساسىي تاختا ئۈستىدىكى ئەڭ مۇھىم ئوقۇر ھېسابلىنىدۇ ،CPU ئادەتتە ئاساسىي تاختىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلىشىدۇ .ئۇ نۇرغۇن تۆشۈكچىلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ .CPU ئوقۇرى ئادەتتە CPUغا ماس بولىدۇ ،بۇرۇنقى مودا بولغان  CPU ئوقۇرلىرى بولسا intel شىركىتىنىڭ 775LGA CPU ئوقۇرىدۇر .CPUنىڭ تۈرلىرى بولسا775LGA،Socket 478،Socket 775،Socket 754،Socket 939،Socket 940،Socket 603،Socket 604،Socket A...قاتارلىقلار .

Socket A.jpg (65.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

Socket A.jpg
ئورۇندۇق
تۈمۈر139 ۋاقتى: 2016-8-20 18:13:50
دەرېسنى نەدە سۆزلەيسىز
5-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:17:27
تور تورلاردا
6-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:21:35
باشقا يەردىكى رېمونتچى ئۇستاملار ئۆزى مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەمىليەتنى سىنغا ئىلىپ يوللاپ بەرسە ،ئۇمۇ بولىدۇ .بىر تەرەپتىن دۇككىنىڭلار تەشۋىق بولىدۇ بىر تەرەپتىن ئاخىرەتتە ئەجرىڭلانىڭ جاۋابىنى كۆرىسىلەر
7-قەۋەت
abdulla002 ۋاقتى: 2016-8-20 18:25:40
ياخشى بوپتۇ قوللايمىز ، مېنىڭمۇ بۇجەھەتتە ئازراق بىلىمىم بار ، خالىسىڭىز ئورتاقلىشايلى
8-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:27:00
abdulla002 يوللىغان ۋاقتى  2016-8-20 16:25
ياخشى بوپتۇ قوللايمىز ، مېنىڭمۇ بۇجەھەتتە ئازراق بىلى ...


ئەلۋەتتە بولىدۇ ،قارشى ئالىمەن !
9-قەۋەت
muratim ۋاقتى: 2016-8-20 18:36:20
ئىسىل  ئىسىل   بەك ياخشى گەپ بوپتۇ، بولسا بۇندىن كىيىن تاشلىۋەتمەي ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرىشېڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
10-قەۋەت
moemin ۋاقتى: 2016-8-20 18:38:48
بەك ياخشى بۇلۇپتۇ مەنمۇ قاتنىشاي اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم

11-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:38:48
muratim يوللىغان ۋاقتى  2016-8-20 16:36
ئىسىل  ئىسىل   بەك ياخشى گەپ بوپتۇ، بولسا بۇندىن كىيىن ت ...

تاشلىۋەتمەيمەن !كىيىنكى دەرستە ئاساسىي تاختىلارنى تۈرگە ئايرىش توغرىسدا سۆزلەيمەن .
12-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:40:24
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىمتاھانمۇ ئىلىش كىرەك ،ئەمما قانداق ئىمتاھان ئىلىش كىرەك بۇ توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار !
13-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 18:42:44
كىيىنكى دەرستىن باشلاپ دەرسنىڭ نىگىزلىك يىرى سۆزلىنىدۇ ،شۇڭا خاتىرە دەپتەرگە خاتىرلەش بىلەن ئەمىلىي مەشىققە سەل قارىماڭلار !
14-قەۋەت
شىرىزات ۋاقتى: 2016-8-20 20:16:23
توپتىن بىرنى قۇرىسىڭىز كىرسەك بۇلىتى كوت كوتقا كىرەي دىسەم سۇئال سوراپ تۇرۋالدىڭىز
15-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-8-20 20:26:27
شىرىزات يوللىغان ۋاقتى  2016-8-20 18:16
توپتىن بىرنى قۇرىسىڭىز كىرسەك بۇلىتى كوت كوتقا كىرەي د ...

ئادەم 300 سىن ئاشسۇن
16-قەۋەت
Guide_Me ۋاقتى: 2016-8-20 20:28:20
مەنمۇ قوللايمەن ھەم قىززىقىمەن
17-قەۋەت
xukur218 ۋاقتى: 2016-8-20 20:41:53
مېنىڭمۇ قاتناشقۇم بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部