+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-4-19 14:52 4343 قېتىم كۆرۈلدى 51 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۈگۈن بېيجىڭدا شىياۋمىنىڭ يېڭى بايراقدار يانفونى 小米6 رەسمىي ئېلان قىلىندى.

شىياۋمى 6 گە 5.15 دىيۇملۇق 1080 ئېنىقلىقتىكى ئېكران ئىشلەتكەن، تۇرمۇشتىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. ئاق، قارا، كۆك ئۈچ خىل رەڭدە. يان رامكىسى داتلاشماس پولات، تۆت قىرى ئەگرى 3D  لىق ئەينەك.

سەپلىمىسى جەھەتتە: كۇۋالكوم سىنەپدراگون 835 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، Adreno 540 GPU ۋە 6GB لىق 64 بىتلىق LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 835 CPU ئىشلىتىلگەن يانفون. تىڭشىغۇچ تۆشۈكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.



شىياۋمى 6 نىڭ ئېكرانى كۆك نۇرنى ئازايتىپ، كۆز قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە. كەسپى دەلىللەشتىن ئۆتكەن.



شىياۋمى پەقەت ئېكران جەھەتتىنلا 102 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن.


قوش ئانتېنا ئىشلىتىلىپ، wifi قوبۇل قىلىش، يوللاش سۈرئىتى، سىگنالى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.



باتارىيەسى 3350mah ، سىستېمىسى بىلەن ماسلىشىپ توكى تېخىمۇ ئۇزاق يېتىدىغان قىلىنغان.


4g+تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممە تورىنى قوللايدۇ.


شىياۋمى 6 نىڭ NFC ئۆزىكى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلانغان. 36 بانكىنى قوللايدۇ. ئۈندىدار چىقىمدانى، ئەلى چىقىمدانىدا بارماق ئىزىدا چىقىم قىلىشنى قوللايدۇ.


ئىككى ھەسسە ئوپتېكىلىق فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قوش كامېرا سەپلەنگەن. ھەر بىرسىنىڭ ئېنىقلىقى 12 مىليون پىكسېل. تارتقان رەسىم تېخىمۇ سۈزۈك، تېخىمۇ ئېنىق. تۆت ئوقلۇق تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان.



شىياۋمى 6 نىڭ باھاسى 2499 يۈەندىن باشلىنىدۇ. 64GB سىغىمدىكىسى 2499 يۈەن، 128GB سىغىملىقى 2899 يۈەن، چاقچۇق گەۋدىلىك ئالىي نەشىرىنىڭ 128GB سىغىملىقى 2999 يۈەن.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى بازارغا سېلىنىدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن22 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

51ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
elbilge ۋاقتى: 2017-4-21 03:01:37
مەن خوڭمى نوت 4 ئىشلىتىۋاتىمەن، بارماقنى كەينىدىن تونۇيدىغان يېرى بەك قولايلىقتى ، نەدە ئالدىدىن قىلسا قولايلىق بولىدۇ؟ مەن قايتا قايتا سىناپ باقتىم ئىنكاسىڭلارنى ئوقۇپ ، يەنىلا كەينى قولايلىقكەن …
ئالدىن زاكاس قىلىپ قويدۇم مى ئالتىدىن بىرنى
گىلەم
dostak ۋاقتى: 2017-4-19 15:02:58
خىلى  راۋىرۇستەك قىلىدۇ، لىكىن 3Dلىق ئەينەك دىگەن گەپنى تازا چۈشىنەلمىدىم، بۇ دىگىنى ئەگرى ئېكرانلىق دىگىنىمۇ ياكى باشقا گەپمىدۇ .
يەنە تىڭشىغۇچ تۆشىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا ئالما يانفۇنىغا ئوخشاش زەرەتلەش ئىغىزىدىن موزىكا تىڭشاشقا توغرا كىلىدۇ، ئۇنۇڭدا سەل قۇلايسىز بوپ قالامدۇ قانداق؟
ئورۇندۇق
dostak ۋاقتى: 2017-4-19 15:05:16
ھە راس، باھاسى ۋە تېل بولاقلىرى، يەنە مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقساق بولاتتى.
5-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-19 15:05:24
مېنىڭ دائىم ئويلايدىغىنىم زەرەتلەش تۆشۈكىنى يۇمىلاق شەكىلدە قىلغىلى بولماسمۇ؟ مۇشۇنداق بولغاندا سىپتا ھەم چىرايلىق چىقىدىكەن.
6-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-19 15:07:51
ماۋۇ 4 جى تورنى ئېچىۋەتسە نېمە بولۇپ كېتەر ھە!تېلېفونغۇ پېچەت نوچى ئەمما ، لېكىن تور ئاستا بولۇپ قالسا يەنە ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن
7-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-4-19 15:08:10
ۋېي كاساپەت ، دەھشەت چىقىپتىغۇ!  باھاسى قانچىدۇ ،  ھەقىچان باھاسى ئەرزان چىقىدۇ  .   تىلفۇن ئالماشتۇرۇپقالسام يەنىلا شاۋمىنى تاللايمەن .    红米3s  تىلفۇن ھازىرمۇ ئىنتايىن نورمال ئىشلەۋاتىدۇ ، ئاپپاراتى پەچەت  باتارىيەسىغۇ گەپ كەتمەيدۇ.  بارماق سېنزور مۇشۇنداق تىز ، ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىل بولۇپ قاپتۇ. كېيىنكى تاللىشىم يەنىلا  شاۋمى تىلفۇنلىرى . ( قۇتلان ياخشى چىقىپقالسىلا ئەلۋەتتە قۇتلاننى تاللايمەن )
8-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-4-19 15:20:05
مانا مانا،ئالىپتىكى باللارمۇ چاققان بوپ كىتىپتۇ،مەنمۇ ئېلان قىلىش مۇراسىمىنى كۆرىۋاتىمەن،رەھمەت
9-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2017-4-19 15:21:07
ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئاخىرسىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتىمىز باشقا سەپلىمىسى باھاسى بازارغا چىقىش ۋاقتى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى بىلسەك تولىمۇ ياخشى بولاتتى
10-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-4-19 15:35:10
ھەممە ئىلان تۇلۇق ئەمما يەنلا پۇلى  كەمدەك قىلدۇ بۇ خەۋەرنىڭ
11-قەۋەت
kapsiz121 ۋاقتى: 2017-4-19 16:05:03
تېزراق بازارغا سېلىنسا ئىشلتىپ باققان دوسلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلىساق بۇلتى
12-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2017-4-19 16:15:22
32g - 16g نۇسخىدىكىلىرىمۇ چىقسا 2000 غىچە
بولغان ئارلىقتا ئىشلەتسەك بولار ئىدى
13-قەۋەت
1589728092 ۋاقتى: 2017-4-19 16:21:01
4.ئاينىڭ28. كۈنى بازارغا سېلىنىدىكەن.
14-قەۋەت
kusanbiz88 ۋاقتى: 2017-4-19 16:24:51
ھەي باللا تىمىنى تۇلۇق ئۇقۇمايلا ئىنكاس يازىدىكەنسىلە ، باھاسى ،بازارغا سېلىنىش ۋاقتى تۇرمامدۇ ،

باھا سۆز

تەپسىلى ئۇقۇماي سۇراپ يۈرىيدۇ ھە بۇرادەر  ۋاقتى: 2017-4-22 16:43
15-قەۋەت
padiqi000 ۋاقتى: 2017-4-19 16:34:17
قالتىس ئىشلەپتۇ لىكىن شەكلى يەنىلام بۇرۇنقى شاۋمى 5 5s لەگە ئوخشاش تېخىما كوركەم ئىشلىگەن بوسا  تالاشتۇرۇپ ساتامىكى يەنە ھەقاچان
16-قەۋەت
1357104490 ۋاقتى: 2017-4-19 16:35:20
زەرەتلەش تۈشۈكىنى  يۇمىلاق  قىۋەتسە  تىلفۇننىڭ  نىپىزلىكىگە  دەخلىسى  بوپ  قالامدىكى  دەيمە   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部