+تېما يوللاش


كىشىلەر يان تېلېفون سېتىۋالغاندىن كېيىن، جىجىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاسراش چاپلىقى چاپلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يان تېلېفونغا ئاسراش چاپلىقى چاپلىغاندا، كۆزنى ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ.
كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يان تېلېفون پىليۇنكىلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار بولسا، ئېلېكتىرونلۇق ئېكراننىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن ھەم مۇنداق پىليۇنكىدا يورۇقلۇقنى سۇندۇرۇش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن. بولۇپمۇ پىليۇنكىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغاندا خەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن. بۇنداق پىليۇنكىنى ئىشلەتكەندە، كۆزدىكى كىرپىكسىمان مۇسكۇل باشتىن – ئاخىر جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ، كىرىستال تەنچە بىر قەدەر يۇقىرى ھالەتتىكى كۆپىنكىلىق ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز ناھايىتى ئاسانلا زىيادە تەڭشىلىشى تۈپەيلىدىن چارچاپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك شەكىللىنىدۇ ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان يان تېلېفون پىليۇنكىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى پىليۇنكىنىڭ يۈزىدە سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ، خەت ۋە سۈرەتلەرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆز يەنىلا جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىپ، ئاسانلا چارچاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ماتېرىيالىنىڭ سۈركىلىشكە چىدامچانلىقى كۆپ ياخشىلاندى، يان تېلېفونغا پىليۇنكا چاپلاپ ئاسراشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى قالمىدى. يان تېلېفونغا ئاسراش پىليۇنكىسى ئىشلىتىش توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. پولات ئەينەكلىك پىليۇنكا ئىشلىتىش
ئادەتتىكى پىلاستىك پىليۇنكىلارغا سېلىشتۇرغاندا، پولات پىليۇنكا ماتېرىيالىنىڭ يورۇقلۇق ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، جىجىلىپ كېتىشكە چىدامچانلىقى يۇقىرى، بارماق ئىزى ۋە ماي دېغىغا چىدامچانلىقى ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2.  ئاسراش پىليۇنكىسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش
ئەگەر يان تېلېفون پىليۇنكىسىدا جىجىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا كۆپۈكچىلىرى پەيدا بولۇپ قالغان يان تېلېفون پىليۇنكىسى تېلېفوننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، مۇنداق ۋاقىتتىمۇ پىليۇنكىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

3. ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەش
يان تېلېفونغا پىليۇنكا چاپلىغاندىن كېيىن ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئەڭ ياخشىسى تېلېفوننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆز كۆزىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسىگە ماس كېلىدىغان ھالەتكە تەڭشەش كېرەك.

4. قاراڭغۇ مۇھىتتا ئېلېكتىرونلۇق ئېكران كۆرمەسلىك
ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئامال بار كۈن نۇرى يېتەرلىك بولمىغان مۇھىتتا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئاز ئىشلىتىش، بولۇپمۇ كەچتە چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يان تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك. يان تېلېفون ئويناش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشقاندا ئەڭ ياخشىسى كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش، پات–پات كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
http://uy.ts.cn/life/content/2017-07/24/content_610402.htm?lang=
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
پەن-تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتكۈسى .

7ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
1357104490 ۋاقتى: 2017-7-27 21:18:31
مىنىڭمۇ كۈزۈمنىڭ كۈزۈش قۇۋۋىتى  ئاجىزلاپ كىتىپتۇ  ،  5.3 چىققان ئۆتكەن يىل  ،  بۇ يىل 5.1 چىقتى
گىلەم
tayir117 ۋاقتى: 2017-7-24 19:43:56
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئورۇندۇق
akbulut ۋاقتى: 2017-7-24 23:58:32
تىلىفۇننىڭ ئېكرانىغا چاپاق چاپلايلى ياكى چاپلىمايلى، ئۇزۇن تىكىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى زىيانلىق. گەپ تىلىفۇندىن قانداق پايدىلىنىشتا
5-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-7-25 13:13:23
تەڭرىتاغ تورنىڭ يانفۇن ئەپ تىرمىنالى چۈشمەيدىكەن يا،بولسا ئادىرسنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن
6-قەۋەت
ئەرچىن520 ۋاقتى: 2017-7-25 16:03:51
مىنىڭمۇ   كۈرۈش قۇۋىتىم  تۆۋەنلەپ كەتتى   كۇرۇش قۇۋىتىمنى تەكشۇرتكىلى بارسام  ئاسىتىدىن  باشلاپ سانىغاندا  4-قۇرنى  قەتتىلا  كۇرەلمەيمەن  قارا چىكىت كۇرۇندۇ     ھەممىسى  مۇشۇ  يانفۇننىڭ  كاساپىتى  
7-قەۋەت
oyqan1 ۋاقتى: 2017-7-26 16:34:24
ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆزۈم چارچىغاندەك بوپ قالدىغۇ ئەمدى .
8-قەۋەت
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-29 07:38:03
بەزى تېلفۇنلارنىڭ  ئالغان چاغدىلا ئاشۇنداق  ئېكران ئاسراش چاپلىقى بىلەن بىللە چىقىدىدىكەن. ئۇمۇ زىيانلىقمىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部