+تېما يوللاش
mexel0785 يوللانغان ۋاقتى:2017-1-3 10:32 2720 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ توردىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇسىلەر.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك: مەن ئۆتكەن يىلى ماشىنامغا 1600 يۈەنگە 凯立得 ماركىلىق dvd ئاپراتى بار بولغان gps يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان ئىدىم. بىر يىل ئەتراپىدا ئۈسكۈنىدىن خېلى ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم. يېقىندىن بېرى بىر قانچە مەسىلىگە يولۇقۇپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم.
بىرىنچىدىن: يىقىندىن بىرى dvdئاپراتىنڭ كۆزى كونىراپ قالدىمۇ دىسكا سالسام ئوقۇيالمايدۇ، بۇ ئاپراتقا كۆز ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ ياكى يېڭىدىن ئورنۇتۇش كىرەكمۇ؟
ئىككىنچىدىن: gpsئۈسكۈنىسىنڭ sdكارتىسىدىكى ھۆججەتلەر يۇيۇلۇپ كەتتىمۇقانداقgpsنى ئاچسام ئىزدەۋاتىدۇ دەپلا تۇرىدۇ،ئۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟
ئۈچىنچىدىن.بۇ ئاپپارات dvd،avشەكىلدىكى كىنو فىلىملەرنى قوللايدىكەن.لېكىنflvۋەباشقا فورماتتىكى كىنو فىلىملەرنى قويسام ئاۋازى بار، لېكىن سۈرەت يوق ھالەتتە ئوقۇيدۇ،بۇنى ئوڭشىغىلى بولامدۇ.
تۆتىنچىدىن.يەرلىك تىلۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرىدىغان بىرەر ئۈسكۈنە قوشۇپ يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرگىلى بولامدۇ.
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىنى سورايمەن.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن4 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
مەشئەل

27ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
تورچى ۋاقتى: 2017-1-3 12:28:59
بولسا مۇشۇنداق ئۈسكىنىگە قانداق سېستىما يازىمىز ئورتاقلىشىپ باققان بولساق
گىلەم
ئالپ520 ۋاقتى: 2017-1-3 12:22:54
دىسكىنى ئۇقىيالمىغىنى    قوزنىڭ كونىرغانلىقى !  gpsئىزدەۋاتدۇ دەم چىققان بولسا  سېستىمىسنى قايتا قاچىلتىڭ    يېڭى قويدۇغان ۋاقىتتا  gps سېستىمىسنى زاپاسلىۋالغان بولسىڭىز  ياخشى بۇلاتتى  يېڭىلاپ قاچلسىڭىز ئىشتامام  ئىدى
ئورۇندۇق
kara-burkut ۋاقتى: 2017-1-3 14:26:39
ئاندىرويىد سېستملىقنى ئورناتقان بولسىڭىزچۇ  بوپتۇ بۇمۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئويلىغىنىدۇ
5-قەۋەت
1314520 ۋاقتى: 2017-1-3 14:47:38
مىنىڭمۇ شۇنداقراق بوپقالدى....aviبىلەن dvd فورماتتىكىنىلا ئوقۇيدىكەن....بۇنىڭغا ئامال بارمۇ دوستلار....يەنە بىرەر نەرسە قويسام ئۈندەش بەلگىسىلىك خەنزۇچە خەت چىقىۋىلىپ باردۇ....دائىم چىقىۋالىدۇ  ،بۇ ئاپىراتقىمۇ قايتا سىستىما قاچىلىغىلى بولامدۇ....
6-قەۋەت
love永远 ۋاقتى: 2017-1-3 14:50:09
مىنىڭچە سىتىۋالغان يەگە ئاپىرىڭ
7-قەۋەت
saidiya ۋاقتى: 2017-1-3 14:55:38
مەن بىردانە ماشىنىنىڭ ئالدى ئارقىنى سۈرئەتكە ئالىدىغان ۋەgps ئىقتىدارى بار ئىلىكتىرۇنلۇق ئاپشاركىسىمۇ بارىدىن بىرنى ئالغان ئىدىم،ئاندىروئىد سىستىمىلىق بولغاچقا قوزغىلىشقا ئون سىكۇنىتتىن كۆپرەك ۋاقىت كىتىدىكەن،خوشنىلىرىمغا ئاندىو ئىد ئەمەس تىن بىرنى سالدۇرغان ئۇمىنىڭكىدقن ئەرزان راق ئىقتىدارمۇ مىنىڭكىدەك ئەمەس ئەمما بىريىرى قوزغۇلۇشقا 2سىكۇنىت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدىكەن،مەن ئاندىروئىد سىستىمىلىقىنى ئالغىنىمغا بىرئاز پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.
8-قەۋەت
Aじè ۋاقتى: 2017-1-3 14:55:52
ئاندرويد  سېستىمىلىقنى ئالغان بولسىڭىز  يېڭىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزبولىدۇ...ئۆتكەن يىلى ئالغان بولسىڭىز مېنىڭچە ئاندرويد سېستىمىلىقمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم ، چۈنكى ئالدىنقى يىلى ئومۇملىشىپ بولغان يېڭىنى ئالغان بولسىڭىزلا....سۈرەت يوق ئاۋاز بارنى  تەڭشىگىلى بولىدۇ...يەرلىك تېلىۋېزىيە قانالدى كۆرىدىغان ئەپ چۈشۈرىسىز، ئەمما كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم تورغا ئۇلىشىڭىز كېرەك
9-قەۋەت
iltebir107 ۋاقتى: 2017-1-3 16:53:08
مېنىڭ 2016 -يىل 7ئايدا سېتىۋالغان تىدا ماشىنامدا  carplay  سېستىمىسى  بار ئىدى. ئايفۇن بىلەن بەك ياخشى ماسلىشىدۇ. ئېكراننىڭ ئازراق كىچىكىلكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مەن بۇنىڭدىن بەكلا رازى. بۇنىڭدىن كېيىن    يېڭى چىققان ماشىنلاردا مۇشۇ سېستىما بۇلىدىكەن . ھازىر خېلى كۆپ ماشىنا ماركىللىرى ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.ھازىر بار بولغان ماشىنا ماركىللىرى بولسا :نىسسان ،خۇندا،تويوتا،مىتسوبېشى،ۋولكىس ۋاگىن،كىيا،خىيۇنداي،فورد،سۇبارۇ،سۇزۇكى،چەۋرولىت،بىك ،تۇلپار،روڭۋى ،جىلى ،دىخاۋ.....200دىن كۆپرەك ماشىنا ماركىسى بۇ سېستىمىنى قوللاندى.
10-قەۋەت
alizafar ۋاقتى: 2017-1-3 17:33:23
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئادەتتە dvdئاپپاراتلىرىنىڭ كۈزىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ ، مەخسۇس رىمونىتخانىلىرىغا ئاپارسىڭىز بولىدۇ، ئىككىنچى سوئالىڭىزغا ، خەرىتە يۇيىلىپ كەتكەن بولسا ، ئۈزىڭىز قىلالمىسىڭىز ، خەنزۇچىنى بىلسىڭىز 淘宝تورىدىكى تېخنىكلارغا يىراقتىن كونتورۇل قىلغۇزۇپ قاچىلاتسىڭىز بولىدۇ. ئۈچىنچى سوئالىڭىزغا ، سىزنىڭ dvdئاپپاراتىڭىز كونا نۇسخىدىكى ئىكەن ، ئادەتتە كۆپ خىل ئاپپاراتلار mp4 فورماتىنى قوللايدۇ ، چۈشەندۈرۈش قەغىزىدە قايسى فورماتلارنى قوللايدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ ياكى كىنونىڭ فورماتىنى mp4گە ئۆزگەرتىڭ . تۆتىنچى سوئالىڭىزغا ، مەن 淘宝تورىدا كۆرگەن ئىككى يۈز يۈەن ئەتراپىدىغۇ دەيمەن ، dvdئاپپاراتىڭىزنىڭ تېلىۋىزور دىگەن تاللاش بولسا ، 淘宝تورىغا 车载cmmbدەپ ئىزدەتسىڭىز چىقىدۇ ، بۇ مەخسۇس ماشىنىلارنىڭ تېلىۋىزور قۇتىسى ، جاۋاپلىرىم سىزگە ياردەم قىلالىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
11-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-1-3 21:05:53
مېنىڭ ماشنامنىڭمۇ يول باشلاش سېستىمىسى ئورناتقىلى 2ئايچە بولدى ئاندىرويىد سېستىمىلىق نەچچە خىل ئۇسۇلدىكى سۈرەتلك فىلىملەرنى قۇيۇپ باقتىم ئۇقۇۋاتدۇ قوزغىلىشقا كەلسەك ئۇنداق ئاستا ئەمەسقۇ  مەنمۇ ئەڭ ئىلغار تىپتىكى دەپ 2000يۈەنگە ئورناتقۇزدۇم  行车记录بىلەن بىر رۇتاش چىققىنى ئىكەن  يەرلىك قاناللارنى كۈرۈشكە كەلسەك ماشنىنىڭ تۈپىسگە تىلۋىزىيە تارتىدىغان ئۈسكىنە قويساق  داۋخاڭنىڭ كەينىگە ئۇلاش ئېغىزى بارئىكەن سىمنى چېتىپ قويساق چىقىۋىردىكەن ئۇنىڭغا تېلۋىزىيە قۇتۇسى تورنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن  ماڭا ئۇنداق قىلىش زۈرۈر بولمىغانكىن ئۇلاتمىدىم
12-قەۋەت
mexel0785 ۋاقتى: 2017-1-3 21:07:50
love永远 يوللىغان ۋاقتى  2017-1-3 14:50
مىنىڭچە سىتىۋالغان يەگە ئاپىرىڭ

سىتىۋالغان يەرگە ئاپىراي دىسەم ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى
13-قەۋەت
kara-burkut ۋاقتى: 2017-1-3 21:11:12
ماشىنىنىڭ زاۋۇت پېتى كەلگەن收音机  رادىئو ،ناخشا قويغۇچ نى يول باشلاش سېستىمىسى ئورنىتىش سەۋەبىدىن ئېلىۋەتكەن ئېھتىياجى بارلار بولسا مۇۋاپىق باھاداسېتىلدۇ  لازىم دىگەنلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلەشسا بولىدۇ  بۇنداق دىسەم مېنى ئىنكاس ئارقىلىق ئېلان يوللاپتۇ دەپ قالماڭلار  بۇ تېمىدا دىيىلگنى ماشنا توغرىسىدا بولغاچقا  ئېھتىياجى بارلار بولسا پايدىلىنىپ قالسۇن دەپ يوللىشىم
14-قەۋەت
mexel0785 ۋاقتى: 2017-1-3 21:11:32
saidiya يوللىغان ۋاقتى  2017-1-3 14:55
مەن بىردانە ماشىنىنىڭ ئالدى ئارقىنى سۈرئەتكە ئالىدىغا ...

ئاندىرويىد سېستىمىلىقنى ئالغانغا ھەرگىز پۇشايمان قىلماڭ،ئىچىلىشى بىر ئاز ئاستا بولسىمۇ ئاندىرويىدنىڭ ئىقتىدارى باشقىچە،
15-قەۋەت
mexel0785 ۋاقتى: 2017-1-3 21:14:52
Aじè يوللىغان ۋاقتى  2017-1-3 14:55
ئاندرويد  سېستىمىلىقنى ئالغان بولسىڭىز  يېڭىدىن بىرنى  ...

ئەپسۇس مىنىڭ ئالغىنىم ئاندىرويىد سېستىمىلىق ئەمەس ئىدى ،ئۇ ۋاقىتلاردا ئاندىروئىد سىستېمىسى ئوموملىشىپ بولغان بولسىمۇ، مەن ئالدىراپ ئاپ قويۇپتىكەنمەن.ئاندىروئىد سىستېمىلىقنى ئالمىغانغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部