+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-8-25 13:29 1513 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 116 يىل بولدى. ھەر يىلى مۇكاپات ئۈچۈن مىليون دوللاردىن تارقىتىۋەرسە بۇنچىۋالا كۆپ پۇل نەدىن كەلگەن؟ نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟
نوبېلنىڭ Bofors دەپ بىر شىركىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەت 350 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئىلگىرى ئاساسلىقى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغان. نوبېل بۇ شىركەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش يۈنىلىشىنى ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزگەرتكەن. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ شىركەتنىڭ كۆپلىگەن مەھسۇلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرگە ھوقۇق بىرىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئارمىيەدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.  



نوبېل 355 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا قاتارلىق بەش چوڭ قىتئە، 20 نەچچە دۆلەتتە 100 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە زاۋۇت قۇرۇپ، غايەت زور بايلىق توپلىغان.
ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە پۇلنىڭ كۆپ قىسمى 31 مىليون شېۋىتسىيە فىرانكىنى فوند قىلىپ، ھەر يىللىق ئۆسۈمىنى بەشكە بۆلۈپ، فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تېنچلىق مۇكاپاتى (نوبېل مۇكاپاتى) قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بۇ ساھەدىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئادەملەرنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغان.
1968-يىلى شىۋىتسىيە دۆلەتلىك بانكىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نوبېل فوندىغا زور سوممىدا پۇل ئىئانە قىلىپ، «نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى» نى قوشقان.
نوبېل داڭلىق خېمىيە ئالىمى، ئۇ نىترو گلىتسېرىن (پارتىلاتقۇچ)نى كەشىپ قىلغان. شۇ سەۋەبتىن سۈنئىي ئېلمېنت Nobelium غا نوبېلنىڭ نامى بېرىلگەن.
ھازىرغىچە دۆلىتىمىزدىن مويەن ۋە تۇ يو يو دىن ئىبارەت ئىككى كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2014-يىل مويەن ئېرىشكەن نوبېل مۇكاپاتنىڭ سوممىسى 7 مىليون يۈەن.



ئەسلىدە فوند باشقۇرۇش كومېتىتى نوبېلنىڭ پۇللىرىنى ئىزچىل مەبلەغ سالغان. نۆۋەتتە تارقىتىلغان مۇكاپات سوممىسى دەسلەپتە باشلانغان مۇكاپات سوممىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. 1953-يىلى بۇ فوندتىن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قالغان. پاي چېكى، يەر-زىمىن قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ، 2011-يىلغا كەلگەندە نوبېل فوندى 2 مىليارد 860 مىليون فىرانىكقا يەتكەن. خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىسا 19 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە تەڭ بولىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن2 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

8ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-25 13:57:23
ھازىر تارقىتىلۋاتقان نوبىل مۇكاپات سوممىسى شۇ ئادەمنىڭ شىۋېتسارىيە بانكىسىدىكى پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن كەلگەن ، شۇڭا نوبىل مۇكاپاتى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ .
گىلەم
ئاتەش11 ۋاقتى: 2017-8-25 15:00:41
ھە بۇمۇ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن
ئورۇندۇق
978832 ۋاقتى: 2017-8-25 18:26:21
aslima998 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 13:57
ھازىر تارقىتىلۋاتقان نوبىل مۇكاپات سوممىسى شۇ ئادەمنى ...

بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ  دەپ  بېرىشچە  نوبىل  مۇكاپاتى ماتىماتىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارغا  بېرىلمەيدۇ  دەيدۇ  نېمىشقا دەپ  سورىساق  
نوبىل  ئەپەندىنىڭ  سۆيگۈنى ماتىماتىكا ساھاسىدىكى بىر  ئەرباپ  تارتىۋاپتىكەنتۇق
5-قەۋەت
كىيىك ۋاقتى: 2017-8-25 23:31:24
مەن مويەننىڭ 41پو ناملىق روماننى ئوقۋاتمەن،ھازىر يېرىملاشتى،بۇ يازغۇچنىڭ ئالاھىدە قەلەم ماھىرتى يازغان رومان ئەسەرلىردىن چىقىپ تۇردىكەن
6-قەۋەت
زومىگەر ۋاقتى: 2017-8-26 07:30:32
978832 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 18:26
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

ھەي مۇشۇمۇ سەۋەپ بولدىما ئەمدى ، سۆيگۈنىنى تاتىۋالغان شۇ بىر ئادەمنىڭ جازاسىنى  ئۆمۈر بۇيى باشقىلا تۈلەپ يۈرمەس ، يەنە كىلپ شۇنچە كۆپ پۇلنى نوبىل قىپ باشقىلارغا ئىئاننە قىلغان كەڭ قۇرساق ئادەم بۇنداق شەخسىيەتچىلىك كۈزى كىچىكلىك قىپ يۈرمەس
7-قەۋەت
飞机 ۋاقتى: 2017-8-26 08:34:58
978832 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 18:26
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

بىزگىمۇ شۇنداق دەپ بەرگەن
8-قەۋەت
kusanbiz88 ۋاقتى: 2017-8-26 11:29:51
ماتىماتىكا كۈندە ئۆزگەرمىكەندىكىن بەرمىسىمۇ بۇلىدۇ ،
9-قەۋەت
aslima998 ۋاقتى: 2017-8-27 19:33:46
978832 يوللىغان ۋاقتى  2017-8-25 18:26
بىزنىڭ مۇئەللىم ...

مۇئەللىم سىزگە چاقۋاق قىپ دەپ قويۇپتۇ . ھەر قانداق ساھە ماتىماتكىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ھەم ماتىماتكا ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدۇ . نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرېشكەن ئالىملارنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇپ باقسىڭىز ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسى ماتىماتىكا ئالىمى . مەسلەن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئىينىشتيىن دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ھەم شۇنداقلا ماتىماتىكا ئالىمى . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ مىنىڭچە ماتىماتىكىغا نوبىل مۇكاپاتى بىرېشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部