+تېما يوللاش
begmurad يوللانغان ۋاقتى:2015-4-12 14:20 5292 قېتىم كۆرۈلدى 65 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-12 14:25  

بۇ يازما ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلرىم ئاساسىدا ماڭا ئوخشاش ۋپ يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقانلارغا ياردىمى بۇلۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە يىزىلدى.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار!  مەن گەپنى قىسقىلا قىلاي. ئەگەر سىزدە ۋپ بولسا سىستىمىسى 8.1 بولسا نەشىرىنى ھەرگىزمۇ يۇقىرى كۈتۈرمەڭ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ يىقىندا رايونىمىزدا 4-ئاينىڭ 11 -كۈنىدىكى ئىككىنچى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان يىڭىلاشقا بۇلىدىغان تىلفۇنلار قاتارىدا بولسا قەتئىي يىڭىلىماڭ.
مەن ئەسلى ئالدىرىماي يىڭىلاي دەپ ئويلىغان ئەمما تۈنۈگۈن ئالىپتىكى قېرىنداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ  ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىممۇ  ئىشقىلىپ كەچتە يىڭىلاپ باقماقچى بولدۇم. يىڭىلاش ئۈچۈن ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك windows insider نى قاچىلاشقا تۇغرا كەلدى. كەچ سائەت 10 غا يىقىن تىلفۇنۇمنى زاپاس توكقا چىتپ قۇيۇپ سىمسىىز تور بار جايغا قۇيۇپ قويدۇم ۋە يىڭىلاش بۇيرۇقىنى بەردىم. ئەتىگەندە يىڭىلانمىلارنى چۈشۈرۈپ بۇپتۇ. مەنمۇ دەرھاللا ئورنىتىش بۇيرۇقىنى بېرىۋەتتىم. بىر مۇنچە ۋاقىتتىن كىيىن ۋىندوۋس 10 ئاچقۇچىلار نەشىرىگە يىڭىلاندى . ۋىندوۋس 10 دا پەقەت 1008611 غا تىلفۇن قىلىپ بىقىپتىمەن ۋە ئۇلاردىن بىر دانە ئۇچۇرقۇبۇل قىپتىمەن. ئۆزىنىڭ 3 ج تورى ۋە ۋاي-فاي قەتئىي ئىشلىمدى. ھەممىمىز بىلىمىز ۋپ دا سىمسىز تور بولمىسا نىمە ئىش قىلىغىلى بۇلىدۇ. ھازىر ھىچكىممۇ تىلفۇن ئۇرۇش ۋە ئۇچۇر قۇبۇللاش ئۈچۈن چەكمە تىلفۇن تۇتمايدىغاندۇ؟ بۇلۇپمۇ ياشلار... بىر مۇنچە ھەپىلىشىپ ھىچ بىر قىزىقتۇرغىدەك يېرىنى تاپالمىدىم . نمىسىنى دەي ئىشقىلىپ مەيلى ئىچىدىكى ھەممە ماتىرىياللرىم يۇقاپ كەتسىمۇ مەيلى شۇ ئىپتىدائىي 8.0 گە قايتىپ كەلسىمۇ دەپ ئاخرى بىر يەردىن زاۋۇت ئەسلىگە ئەكىلىشممۇ ئىشقىلىپ بىر تەڭشەكنى تىپىپ بۇيرۇقنى بېرىپ مۇقىملاشتۇردۇم.  ئەمدى ھەممە ماتىرىيالىم يۇقاپ 8.0 قايتىدىغان بولدۇم دىسەم نەدىكىنى 8.0 مۇ ئەمەس، 8.1 مۇ ئەمەس، دەسلەپ يىڭىلانغان 10 مۇ ئەمەس  بىر نەرسە بۇلۇپ قالدى. ئەمدىلىكتە تىلفۇن قىلغىلىمۇ، تورغا چىققىلىمۇ بولمايدۇ. ئىكران يورۇيدۇ ئەمما باشلاش ئىكرانىغا كىرەلمەيدۇ. ئەپلەر تىزىملىكىدە س دىن باشلاپ 10 دانە ئەپ بار ئىكەن شۇ. ھەتتا تەڭشەككىمۇ كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى تورغا چىقىش دىگەنلەرغۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس . ھازىرچە شۇ مىكرو س د كارتا ئارقىلىق سىستېما يازسام بۇلىدىغان ئوخشايدۇ ئاندىرويىتتەك مۇمكىن بولسا.     مىنىڭ تىلفۇنۇم lumia520 مەن ھازىرچە سۆزلىشىش كارتىسىنى ئاندىرويىد تىلفۇنۇمغا سىلىپ شۇنى ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمەن. شۇڭا ۋپ ئىشلىتىۋاتقانلارغا تەۋسىيەرىم ھازىرقى ۋاقىتتا ۋىندۋوس سىستېمىلېرىنىڭ ئىچىدە مەيلى يانفۇننىڭ ياكى كومپىيوتىرنىڭ بولسۇن ئەڭ نوچىسى 8.1 ئىكەن. 8.1 ئىشلىتىۋاتقانلار ئالدىراپ نەشىرىنى كۈتۈرمەڭلار!!!!!!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

65ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
uzel ۋاقتى: 2015-4-12 15:04:03
ھەقىقەتەن پايدىلىق تىمىكەن كۆپ رەھمەت..
گىلەم
alihan3 ۋاقتى: 2015-4-12 15:24:45
ۋاي رەھمەت    تاس قاپتىمەن دىسە ئۇكامىنىڭكىنى كۈتەرگىلى دىسە  ئۇكامغا ئەمدى ئۇيۇنىڭنى ئوينا   دىسەم بولغىدەك
ئورۇندۇق
ئاخېرقى_ ۋاقتى: 2015-4-12 15:36:34
مىنىڭ 920 ئېدى سىمسىز تور دىگەنلەر نورمالغۇ،  لېكىن 8.1 GDR2  ياخشىكەن ،ھەممىسى نورمال ،تەڭشەك تېزىملىكلىرى شۇنداق ئەپلىك ئورۇنلاشتۇرېلىپتۇ.يېڭېلىغۇسى بارلار GDR2 گە كۆتۈرۈپ شۇنىلا ئىشلەتسە بولغىدەك.
10 دېكى ماڭا يارىغان يېڭىلىقلار؛
10نىڭ كونۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇرچە كېرگۈزگۈچ قېتىلىپتۇ ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە كېرگۈزگىلى بولىدىكەن
قايتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسسا ئەپلەر چىكىنمەي ئارقا سەپتە قالىدىكەن
5-قەۋەت
adelbay ۋاقتى: 2015-4-12 15:46:05
چاتاق بوپتىغۇ ئەمدى !؟
6-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2015-4-12 15:52:24
ھەممە تېلېفوندا سىز دېگەندەكمۇ بولۇپ كەتمەس. مېنىڭ تېلېفونۇم لۇمىيا 1520. مەن تۈنۈگۈن 10غا كۆتۈرگەن. ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. bugمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. پۈتۈنلەي يېڭى تەڭشەك رايۇنى، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختا، باشلاش ئىكرانى تەگلىكى، تېلېفون ئۇرۇش قورالى... قاتارلىق قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان جايلار كۆپكەن. مەن تېلېفوننىڭ تورىدا تورغا چىقالماي (wifi دا نورمال چىققان)، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرساممۇ يەنە تورغا چىقالماي، شۇ سەۋەبتىن 8.1گە چۈشۈپ، ئاندىن 8.1نىڭ gdr2 گە يېڭىلىۋالدىم.
7-قەۋەت
bengbash ۋاقتى: 2015-4-12 15:54:47
تېما ئىگىسى، كومپيۇتېرغا windows phone recovery tool نى قاچىلاپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟
8-قەۋەت
希望_(ئەكب ۋاقتى: 2015-4-12 16:14:58
مەندە نوكىيا 1320دىن بىرسى باتى ئۆتكەندە مۇشۇ تور بەتتىن ۋىندوۋىس ئونغا كۆتۈرۈش تىمىسىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە قېتىلىپتۇ دەپ خوش بولۇپ كۆتۈرگەن ، بىراق ئانچۇ مۇنچە قېتىۋلىدىغان بولىۋالغان ، بىرھەپتە بۇرۇن زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغان ، بەك ئەپسۇس قايتۇرغاندىن كىيىن ھەممە جايلىرى نۇرمال ئەمما 接入点错误دەپ چىقىپ پەقەت تورغا چىقالمايۋاتىمەن ، قايتا لايىھەلەپ ساقلىسام 接入点نىڭ ئىچىدىكى سانسىپىرلار ساقلانمايۋاتىدۇ ، ماتىريال كۆردۇم ھەل بولمىدى ، ئاخىرى ۋىندوۋىس 8.1نەشرىگە ياندۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ قايتۇرۇش دىتالىنى لومپىيوتىرغا قاچىلاپ بۇيرۇق بەردىم سىغىمى 1.72جى ئىكەن ، بۇغۇ مەيلى تور سۈرئىتىم بىر مىگابايىت ، ئەمما بۇدىتال بەك ئىشەككەن ، دەسلەپتە باشلىغاندا چۈشۈرۈش سۈرئىتى بەك تىز ئەمما كىيىنچە بارابارا ئاستىلاپ توختاپ قالىدۇ ، نەچچە قېتىم قايتا باشلىسام يەنە شۇنداق ، زىركىپ ساتاي دىگەن يەرگە كەلدىم ، بىراق يەنىلا چىدىماي بۇ ياردەمنى سىلەردىن سوراۋاتىمەن ، ئۇستازلار قانداق قىلسام بولا
9-قەۋەت
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2015-4-12 16:38:44
خاتىرجەم بولۇڭ،
Nokia Care Suite بىلەن يانفۇنىڭىزنى ئەسلىگە ئەكىلىۋالايسىز!
بۇ پەقەت سىزدىكى تىپتىلا كۆرۈلگەن مەسىلە!
بۇ بارلىق تىپلاردا ئوخشاش شۇ مەسىلىنىڭ كۆرىلىدىغىنىنى بىلدۈرمەيدۇ!
10-قەۋەت
begmurad ۋاقتى: 2015-4-12 17:05:38
مەن ھازىر ئاندىرويىدقا wp نىڭ ئاندىرويىد نۇسخا ئەپلېرىنى قاچىلۋاتىمەن . ئەمما بەزىلېرىنى قاچىلانمايۋاتىدۇ. مەسلەن ؛ micoach , heredrive  。 قاچىلانغانچە قاچىلاپ باقاي.
11-قەۋەت
ئەزىزى ۋاقتى: 2015-4-12 17:16:04
دوسلار مىنىڭ نوكىيا 1520 ئىدى پەقەت تىلفۇن ئۇرسام مىيەنتى يۇقرى ئاۋاز چىقىۋالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ناھايىتتى نورمال ھازىرچە. ۋپ10 دا ئۆزگۈرۈش جىقكەن مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ ۋپ 10  دا يېزىۋاتىمەن
12-قەۋەت
samsak0997 ۋاقتى: 2015-4-12 17:26:25
希望_(ئەكب يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 16:14
مەندە نوكىيا 1320دىن بىرسى باتى ئۆتكەندە مۇشۇ تور بەتتىن ...

ئۇ تورىڭىزدىكى  مەسىلە  مەن  ئەتىگەن 8.1  سېستىمىنى  2سائەت ئچىدە  كومپىيۇتۇرغا  چۈشۈرۋالدىم  1320نى  ئەمدى  ۋپ10غا  كۇتۇرۋاتىمەن  4    5  قېتىم  چۈشۈرۈپ  قاچىلاپ  قىلۋاتىدۇ  تىلپۇنۇم  ۋپ 10دا  ېچىلدىغانغا  ئاز  قالدىغۇ  دەيمەن
13-قەۋەت
1735 ۋاقتى: 2015-4-12 17:27:15
ئاپلا ،چاتاق بولدى،مىنىڭ تېلفۇنۇممۇ نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ،525 ئىدى،قايتىدىن سېستىما يازغىلى بولارمۇ؟
14-قەۋەت
tayir ۋاقتى: 2015-4-12 17:27:41
مەنمۇ 10 غا كۆتىرۈۋالدىم 1520 ئىدى. ناھايتى نۇرمال .
15-قەۋەت
samsak0997 ۋاقتى: 2015-4-12 17:28:50
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2015-4-12 17:05
مەن ھازىر ئاندىرويىدقا wp نىڭ ئاندىرويىد نۇسخا ئەپلېرى ...

بۇرادەر  دىمەكچى   بوغىنڭىزنى  چۇشەنمىدىم  بۇ  قانداق گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部