+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2017-5-22 10:19 3605 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي، شىياۋمى ماركىلىرى دۆلەت ئىچىدە تونۇلغاندىن سىرىت، خەلقئارادىمۇ بازار تېپىپ، جۇڭگولۇقلار پەخىرلىندىغان ماركىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە باشقا يانفونلارمۇ خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن:
شىياۋمى، جىنلى، vivo ھىندىستاندا بازار تاپتى.
OPPO شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا باش كۆتۈردى.
خۇاۋېي 170 تىن كۆپ دۆلەت ۋە رايونىدا سېتىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيەلەردە ئىپادىسى ياخشى. ياۋرۇپادىكى بۇ بەش دۆلەتتە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرۋاتىدۇ.
ئەمما ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگونىڭ ياخشى يانفونى يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسسى ئەمەس. ئامېرىكىلىقلار ياختۇردىغان جۇڭگونىڭ يانفونى بولسا +1 يىجىيا (OnePlus)

يىجىيا يانفوننىڭ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىكى ئەسلى ئاندرويد سىستېمىسىغا يېقىنلىشىدۇ، كۆپ خىل سىستېما يېزىشنى قوللايدۇ. باھاسى ئوخشاش سەپلىملىك باشقا يانفونلاردىن تۆۋەن. شۇڭا چەتئەلدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.
ئامېرىكىدىكى داڭلىق پەن تېخنىكا تور بېتى The Verge يىجىيا يانفونغا باھا بېرىپ «سېتىۋېلىشىڭىزغا ئەڭ ئەرزىيدىغان يانفون» دېگەن ۋە يىجىيا 3T يانفونىغا 8.8 نومۇر بەرگەن. بۇ جۇڭگو يانفونىنىڭ ئامېرىكىدا ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نومۇرى.
«فوربېس» مۇنداق باھالىغان، «ئەگەر سىز يانفون ئېلىشنى ئويلىشىپ ئىككىلىنىۋاتقان بولسىڭىز ئۇ ئەڭ ياخشى تاللاش»


يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى بولغان يىجىيا 5 كە كۇۋالكوم 835 تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 5.5 دىيۇم 2560x1440 ئېنىقلىقتىكى ئېكران، قوش كامېرا سەپلىندىغان بولۇپ، شىياۋمى 6 نىڭ رىقابەتچىسى بولالايدۇ.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش4 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن5 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

16ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-5-22 10:44:30
شۇ شۇ،بۇلار ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ،ئەڭ چوڭ ئۈچىنجى تەرەپ رومى ياسايدىغانcyanogenبىلەن ھەمكارلاشقان ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپلىمىسە يۇقىرى باھاسى مۇۋاپىق ،رراسلا نوچى تېلىفۇن بۇ
گىلەم
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-5-22 10:45:37
سىرتقى شەكلى ھەقىقەتەن سەل سەتىرەك لىكىن ،باشقا جايلىرى بوپ قويىدۇ
ئورۇندۇق
hotan09032 ۋاقتى: 2017-5-22 11:02:20
ئىلىمىز يانفۇنلىرى بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھازىر چەتنىڭ يانفۇنلىرىغا ئىھتىراجىمىز قاممىدى خۇاۋېي ۋىۋو مېيزۇ شاۋمىلا بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھازىر
5-قەۋەت
ئۇيغۇرr ۋاقتى: 2017-5-22 11:27:00
قۇتلان تىلفۇنلىرنىچۇ ، ئىشلەتكەنلە يوقما .  ،،،
6-قەۋەت
RIXTA0998 ۋاقتى: 2017-5-22 11:52:51
مەن يەنلا  oppoنى ياختۇرمەن دىسە
7-قەۋەت
omar55 ۋاقتى: 2017-5-22 12:01:38
مۇشۇ تىلفۇنننىڭ ئېكرانى قانداق چىقا
8-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-5-22 12:36:29
RIXTA0998 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-22 11:52
مەن يەنلا  oppoنى ياختۇرمەن دىسە

شۇ ھەممە ئادەم ئۈزى ئىشلەتكەننى  ياختۇردۇ  ھەم ماختايدۇ  ئۈزىگە يارغىنى  ئەڭ نوچى
9-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-5-22 13:35:53
مۇشۇ  تېلفۇننىڭ  شەكلى  سەتمۇ  قانداق
10-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-5-22 13:39:57
سەپلىمىسى ياخشىكەن ،   ئەمما  ھازىر   سەپلىمىگىلا  ئەمەس ، يانفۇننىڭ شەكلىمۇ  مۇھىم

Screenshot_2017-05-22-11-39-48-98.png (79.36 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

Screenshot_2017-05-22-11-39-48-98.png
11-قەۋەت
qaq ۋاقتى: 2017-5-22 14:39:01
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-22 14:40  

كۆپ خىل سىستىما يىزىشنى قوللايدۇ دەپتۇ يەنى ، ئاندىروئىددىن باشقا ئالما قاتارلىق سىستېمىلارنى يازسىمۇ ئىشلەۋېرەمدۇ.
12-قەۋەت
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-5-22 14:44:37
ئالمىنىڭ  سېستىمىسىنى ئالمىدىن  باشقا  ھىچقايسى تېلفۇنغا  قاچىلغىلى  بولمايدۇ،  قاچىلغىلى بۇلىدىغان بولسا  ئالما  بىر  يەردە  قالىدۇ، 50%ئىشلەتكۈچى  ئالمىنىڭ سېستىمىسىنى دەپ  ئىشلىتىدۇ،
13-قەۋەت
对你的眼里_我 ۋاقتى: 2017-5-22 14:59:40
qaq يوللىغان ۋاقتى  2017-5-22 14:39
كۆپ خىل سىستىما يىزىشنى قوللايدۇ دەپتۇ يەنى ، ئاندىروئ ...

ئۇ دىگىنى شۇ ھەرخىل ئۈچىنجى تەرەپ رومى جىق دىگەن گەپ،刷机王子دەپ چىرايلىق نامى بار بۇ تېلىفۇننىڭ
14-قەۋەت
arkar ۋاقتى: 2017-5-22 19:12:46
对你的眼里_我 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-22 14:59
ئۇ دىگىنى شۇ ھەرخىل ئۈچىنجى تەرەپ رومى جىق دىگەن گەپ، ...

一加5tقاچان تارقىتىلىدىكەن
15-قەۋەت
foxtpdf ۋاقتى: 2017-5-22 19:38:44
قۇتلاننى ئىشلەتكەنلە يوقكەن ھە ھېچكىم مەن ئىشلىتىمەن دېمەپتۇ  
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部