+تېما يوللاش
1589728092 يوللانغان ۋاقتى:2016-11-5 08:52 9132 قېتىم كۆرۈلدى 115 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خوڭمى 4 رەسمىي ئېلان قىلىندى: باھاسى 699 يۈەندىن باشلىنىدۇ
ITئائىلىسى خەۋىرى ،نۇر تورى تەرجىمىسى

شىياۋمى شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، شىركەت باش لېدىرى لىن بىن شىياۋمىنىڭ بىۋاستە تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق 4-ئەۋلاد خوڭمى يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى،لىن بىن خوڭمى 4نىڭ مىڭ يۈەنلىك يانفون بازىرىغا قارىتىلغان بايراقدار دەرىجىلىك لايىھە تېخنىكىسى نامايەن قىلىنغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خوڭمى 4 يانفونىنىڭ گەۋدىسى پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان،2.5D ئەينەك سەپلەنگەن، بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. كامېرا چەمبىرىكى ۋە ئوتتۇرا رامكىسى CNC ئالماس بىلەن كېسىش ھۈنەر-سەنئىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان. يانفون ئارقا يۈزىگە فارفور قۇم پۈركۈش ھۈنەر-سەنئىتى ئىشلىتىلىپ،قول سېزىمى ياخشىلانغان. نانو دەرىجىسىدە قېلىپقا قۇيۇپ بېسىش تېخنىكىسىدا ياسالغان ئانتېننا ئىشلىتىلىپ، لايىھە تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئاق، ئالتۇن رەڭ ۋە قېنىق كۈل رەڭلىك نۇسخىلىرى بار.
ئاساسلىق سەپلىمىسىگە كەلسەك، خوڭمى 4 يانفونىنىڭ ئېكرانى بەش دىيۇم بولۇپ، پەرق ئېتىشچانلىقى 1080Pغا يېتىدۇ. بۇ يانفوننىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىغا سنەپدراگون 625 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ (ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا سنەپدراگون 430 ئىشلىتىلگەن)،3GB+32GBلىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى (ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا 2GB+16GBلىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن) سەپلەنگەن، MicroSD كارتىسى چۈشىدۇ،باتارېيە سىغىمى 4100mAh.
بۇ يانفونغا 13 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا ۋە بەش مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا ئورنىتىلغان، قوش كارتا ۋە بارلىق شەكىلدىكى 4G تورىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇندىن سىرىت، قوش چاستوتىلىق سىمسىز تور (WiFi) نى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. بارماق ئىزىنى تونۇش رايونى يانفون كەينى يۈزىگە جايلاشقان، ئىنفىرا قىزىل نۇر بىلەن كونترول قىلىش تېخنىكىسىمۇ قوشۇلغان.
خوڭمى 4 يانفونىغا MIUI8 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلانغان،ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 699 يۈەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 899 يۈەن
  تۆۋەندىكىسى بۇ يانفۇننىڭ سۈرەتلىرى ،ھۇزۇرلانغايسىزلەر .








ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن
ئەردەك ياشا

115ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
خەنجەر- ۋاقتى: 2016-11-5 10:40:16
شىياۋمىغا  قايلىغاندا    خوڭمى  تېلفۇنلارنىڭ  توكى بەكرەك  يىتىدىغاندەك  ھىس قىپ قالدىم جۇما  . . .
گىلەم
aplisin ۋاقتى: 2016-11-5 10:44:28
ئارقا تەرىپىدىكى چاقناش چىرىغى قاملاشمىغان يەرگە بىكىتىلىپ قاپتۇ ،كامىرا بىلەن بارماق سىنزورى ئارلىقىغا ئورنىتىلغان بولسا چىرايلىق چىقاتتى ،،،،شۇنداقتىمۇ خىلى يامان ئەمەس ئىشلەپتۇ ، بولۇپمۇ باھاسى مۇۋاپىق ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار ..ئوتتۇرا ھال ئىستىمال سەۋىيەدىكى دوسلارغا سىتۋىلىشقا ئەرزىيدىغان تىلفۇن ،
ئورۇندۇق
1933315008 ۋاقتى: 2016-11-5 10:44:33
ھەي! بىر ئاي ساقلىغان بولسام مۇشىنىلا ئالاركەنمەن! خوڭمى 3S ئىلىۋەپتىكەنمەن!
5-قەۋەت
uyunqibiz ۋاقتى: 2016-11-5 10:56:57
1933315008 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-5 10:44
ھەي! بىر ئاي ساقلىغان بولسام مۇشىنىلا ئالاركەنمەن! خوڭ ...

خوڭمى  3s  بىلەن   ئانچە   پەرىقلەنمەيدىكەنغۇ   بۇ   يانفۇن   سەپلىمە  جەھەتتە     باتارىيە   سىغىممۇ   ئوخشاشكە  
6-قەۋەت
aplisin ۋاقتى: 2016-11-5 11:07:54
مەنمۇ بىر ھەپتە بۇرۇن خۇڭمى 3s نىڭ ئالتۇن رەڭلىكنىڭ پىچچىتىدىن بىرنى 750 يۈەنگە ئالغان ، خۇڭمى 4كە قارىغاندا خۇڭمى 3s نىڭ كۆرۈنۈشى سىپتا ھەم چىرايلىق ئىكەن ، ئەڭ ياخشى يىرى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قىتىلغان ، ھازىر ئۇيغۇرچە ھالەتتە ئىشلىتۋاتىمەن ، لىكىن قايسى كۈنى بىرسىنىڭ قولىدا شىياۋمى 5 نى كۆرۈپ كۆزۈمگە باشقىچىلا چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى ، شۇڭا تۇيۇقسىز شىياۋمى 5 ئىلىش قارارىغا كەلدىم ، ھازىر قولۇمدىكى  ئالغىلى ھەپتە بولغان خۇڭمى  3s نى ئىشلىتىدىغانلار بولسا مۇۋاپىق باھادا سىتۋىتىمەن ،تىلفۇننى يېڭى پىچچەت ئالغان  بىر يىللىق سۈپەت كاپالىتى بار ،ئورنۇم قەشقەر شەھەر 13279841212
7-قەۋەت
sidikulla ۋاقتى: 2016-11-5 11:22:08
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇپ قالدى مەندە ئالما بەش بار ئىدى بۇيانپۇن تۈرمىدىن قاچامدۇ قاچمامدۇ بىلىدىغانلا جاۋاپ بەرسەڭلا
8-قەۋەت
18699820593 ۋاقتى: 2016-11-5 11:31:25
خۇڭمىي 3s مەن ئالاي قانچىگە ساتىدىغانلىقىنى دەڭە
9-قەۋەت
18699820593 ۋاقتى: 2016-11-5 11:32:49
aplisin يوللىغان ۋاقتى  2016-11-5 11:07
مەنمۇ بىر ھەپتە بۇرۇن خۇڭمى 3s نىڭ ئالتۇن رەڭلىكنىڭ پىچ ...

مەن ئالاي قانچىگە ساتسىز
10-قەۋەت
aplisin ۋاقتى: 2016-11-5 11:44:15
18699820593 يوللىغان ۋاقتى  2016-11-5 11:32
مەن ئالاي قانچىگە ساتسىز

650 يۈەن
11-قەۋەت
akpar520886 ۋاقتى: 2016-11-5 11:56:12
مەندە خۇئاڭ مېي نوتا3بار كىم ئالدۇ ،ئالغىلى 3ئاي بولدى
12-قەۋەت
okyar ۋاقتى: 2016-11-5 12:02:04
خوڭمى4a  مۇ چىقپتۇ سەپىلمىلىرنى چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار
13-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-11-5 13:14:22
يامان ئەمەستەك چىراي
14-قەۋەت
hatar005 ۋاقتى: 2016-11-5 13:19:23
قۇتلاننىڭمۇ مۇشۇنداق چىقارمىكى
15-قەۋەت
429099087 ۋاقتى: 2016-11-5 13:20:55
ساقلاپ تۇرۇپ قۇتلاننىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونىنى ئالمىسام خەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部