+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2011-1-30 14:31 18901 قېتىم كۆرۈلدى 33 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنى  ئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك.
2. ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولۇش پۇزىتسىيسىدە بولۇشىڭىز كېرەك. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز، ئاتالغۇلاردا لۇغەتنى ئاساس قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىز بىلگەنچە باشقىلار چۈشەنمەيدىغان قالايمىقان سۆز ياسىماسلىقىڭىز، يېڭى ئاتالغۇ ياسىماقچى بولسىڭىز تىلشۇناسلاردىن، شۇ دېتالنىڭ كەسىپ ئىگىلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.
3. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
4. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
5. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
6. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت، پىلانىتلار لۇغىتى.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)

بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئايرىم تىل بولىقى تەمىنلەيدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى dat, ini بولىدۇ. مەسلەن: Kmplayer, Photoshop....
ئىككىنچى تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئايرىم تىل ھۆججىتى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجرا بولدىغان ئاساسى ھۆججىتنى(EXE, DLL ھۆججەتلىرىنى) ئېچىپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەھرىرلەش دېتاللىرى خېلى كۆپ، يۇنىكودنى قوللايدىغان، نىسبەتەن ئومۇملاشقان دېتال PASSOLO.
PASSOLO دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىنتىل مۇنبىرىدىكى مۇڭلان دىگەن يىگىت خېلى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ دەرسلىك ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنى چۈشەندۈرمەيمەن.
دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن ھەپلىشىپ باققانلىرىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى PASSOLO ئارقىلىق ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئىجرا بولمايدۇ.
شۇڭا، مەن PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان، تىل تۈرىگە ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلغان (PASSOLO دا ئۇيغۇر تىلى يوق. ئەرەپچە دېگەن تۈر ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز) Sisulizer دېگەن يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Edius,Premiere Pro نى دەل مۇشۇ Sisulizer ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان.


Sisulizer نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

Sisulizer 2010 نى توردىن چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، ئاكتىپلاپ تەييار قىلغاندىن كېيىن ئىجرا قىلدۇرۇپ File تىزىملىكىدىن New نى باسساق يېڭىدىن بىر قۇرۇلۇش قۇرۇلدۇ. (ئاكتىپلانمىسا يېڭىدىن قۇرۇش دېگەن تۈر كۈرۈنمەيدۇ، ئاكتىپلاش نومۇرنى تاپالمىساڭلار ئىنكاس يېزىڭلار مەن ئەۋەتىپ بېرىمەن)


Select Soruce Type رامكىسىدىن بىرىنچى تۈر Localze a File or Files نى تاللاپ، Next كۇنۇپكىسنى باسىمىز.
Select File كۆزنىكىدىن بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان Exe ياكى Dll ھۆججىتىنى تاللايمىز.
Select File Format كۆزنىكىدىن ھۆججەتنىڭ فورماتىنى بەلگىلەيمىز. كۆپۈنچە ئەھۋالدا سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتىدە قويغىنىمىز ياخشىراق. بەزىدە سىستېما توغرا تاپالماي قالسا ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىمىز. يەنى ئۇ دېتالنىڭ قايسى پىروگىرامما تىلىدا تۈزۈلگەنلىكىنى دەپ بېرىمىز. مەسلەن: Vb, Vc, C++, Delphi دېگەندەك
Select Languages كۆزنىكىگە كەلگۈچە Next كۇنۇپكىسنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.  Select Languages كۆزنىكىدە مەنبە تىل ۋە نىشان تىلنى بەلگىلەيمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك



سول تەرەپتىن تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلنى تاللايمىز، مەسلەن: Uighur.  ئوڭ تەرەپتىن مەنبە تىلنى تاللايمىز ، مەسلەن: English, Chinese

ئاندىن Next كۇنۇپكىسنى باسساق تەھرىرلەش كۆزنىكى ئېچىلدۇ. بىز سول تەرەپتىكى بايلىق رامكىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان تۈرنى تاللاپ، مەسلەن Menu, String, Dialog دېگەنلەرنىڭ قايسسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق ماس تۈرنى تاللاپ، ئاساسى كۆزنەكتىنى Uighur سىتونىغا ئۇيغۇرچىسنى تەرجىمە قىلىپ يازساق بولىدۇ. Orginal سىتونىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان ئەسلىدىكى سۆزلەر كۆرۈندۇ


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش22 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

33ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
tolunay ۋاقتى: 2011-2-5 15:34:44
مەن بۇ دېتالنى توردىن ئىزدەپ تاپتىم كوپىنچىسى خەنۇزچە ئىكەن uyghu سىز تەۋسىيە قىلغاندەك دېتالنى ئۇچرىتالمىدىم
گىلەم
tolunay ۋاقتى: 2011-2-5 15:36:27
بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسى بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز مانا ساپ ئۇيغۇر يېزىغىدىكى تور دىسكىسى بىلەن مەن تەمىنلەي بوشلۇقنى  www.tolunay.info
ئورۇندۇق
alip ۋاقتى: 2011-2-5 15:42:47
ئۇ دېتال شۇ خەنزۇچە. ئۇيغۇرچىسى يوق.
5-قەۋەت
tolunay ۋاقتى: 2011-2-5 15:50:05
سىز ئىككىنچى رەسىمدە uyghu دىگەن بىر يەرنى تاللاپ كورسىتىپ قويۇپسىز بىراق مەن چۇشۇرگەن دېتالدا ئۇ يېرنى كورمىدىم شۇڭا دىگەن ئىدىم ئۇيغۇرچىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىمەن بىراق سىز كورسەتكەندەك ئۇنداق كورۇنۇشلەرنى ئۇچرىتالمىدىم كورسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت ئۇستاز
6-قەۋەت
zeper ۋاقتى: 2011-2-15 22:37:43
بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسنى تەمىنلىسڭىز بوپتىكەن.
7-قەۋەت
zeper ۋاقتى: 2011-2-15 22:41:08
ئاكتىپلاش نومۇرىنىمۇ بىللە يوللاپ بەرگەن بولسڭىز
8-قەۋەت
ablikim ۋاقتى: 2011-2-16 23:00:25
بىر يەرنى ئەسكەرتكىم كىلىپ.......،«تىل»سۆزىنى ئىنگىلىزچە language دەيدۇ،g دىن بىرسى قۇشۇلۇپ
قالدىمۇ قانداق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-2-16 23:01  

9-قەۋەت
ئاشىق ۋاقتى: 2011-3-7 12:43:36
10-قەۋەت
Koresh ۋاقتى: 2011-3-27 22:02:26
ئالىپكا سوراپ باقسام . تەرجىمە قىلىدىغان دىتالنى سوۆرەپلا ئەكىرىپ قويساق بولامدۇ .ياكى باشتا دىتالنى پارچىلاپ ئاندىن تىل بولىقىنى ئايرىم بىريەرگە چىقىرىۋېلىپ سىزدىگەن بۇ دىتال ئارقىلىق تەرجىمىنى داۋاملاشتۇرامدۇق؟
11-قەۋەت
937045001 ۋاقتى: 2011-4-11 15:04:16
دوسلار  ماڭا ياردەم   كىلساڭلار  نوكىيا   6234  نى  ئۇيغۇرچە   كىلىش  توغرىسىدا  مەسلىھەت بەرسەڭلەر      ئالاقىلىشىش   چچ   نۇمۇرۇم   937045001    354525869     351978004    ىەت ساندۇقۇم      wapatori@163.com

باھا سۆز

ئاۋال ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگىنىۋالامسىز،ئاندىن nokiaرىڭىزنى ئۇيغۇرچىلاشت  ۋاقتى: 2011-11-24 23:24
12-قەۋەت
hortekin ۋاقتى: 2011-4-13 15:50:11
نى مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقاي دىگەن ئدىم،  بىراق يۇقىردىكى دىتالنى ئىشلەتسەم ،بولمايدۇ دەپ خەت چىقۋالدى يول كۆرسەتكەن بولساڭلار!رەھمەت  gtalk
13-قەۋەت
ablikim8726 ۋاقتى: 2011-5-18 21:08:32
XPياساپ باقاسىچۇ
14-قەۋەت
almas801 ۋاقتى: 2011-6-2 01:09:31
بو لىدىكەن تەرجىمە قىلىش ئاسەنكەن
15-قەۋەت
yantag ۋاقتى: 2011-6-22 17:53:51
http://www.verycd.com/topics/2829417/   تۇلۇق كۆپ تىللىق نوسقىسىنى چۇشۈرۈڭ.
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部